ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3589 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابلەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-17 23:12
مەن ئەسلى ئارىلاشماي دېگەن، لېكىن داۋاملىق ئوتتۇرىدا تۇرۇۋېلىپ قۇلاقنى يوپۇرۋېلىشمۇ نورمال ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.
بېشىدىكى ئىككى يېرىم قۇر سۆزىڭىز تولىمۇ توغرا، ئەگەر ھەر بىر مەستانە سىزگە ئوخشاش ئاشۇ خىل ساغلام پىسخىكىدا بولالىسا قالتىس ئىش بولاتتى.
ئەمما، كەينىگە كېلىپلا ئالدىدىكى سۆزلىرىڭىزنى ئىنكار قىپسىز. يەنى مۇنبەردىكى ھازىرقى ئەڭ زور خاتالىق يەنە كۆرۈلۈپتۇ، نېمە خاتالىق دېمەمسىز؟ مۇنبەردە باش سۈرىتىنىڭ ئاستىدا قايسى كۇلۇبنىڭ مېدالى ۋە ئىسىمى بولسا ئاشۇ كۇلۇب خۇددى شۇ كىشىنىڭكىدەكلا، باشقا كۇلۇبتىكىلەرنىڭ ئاشۇ كۇلۇبقا قاراشقا ھەددى يوقتەكلا، ئاشۇ مەستانىلەر خۇددى ئاشۇ كۇلۇبنىڭ ئەزالىق كىنىشكىسىنى بېجىرىپ پاي قاتقاندەك، ئىككى مەيدان مۇسابىقە خەۋىرىنى كۆرۈپ قويسا خۇددى ئاشۇ كوماندىنى ھەممىدىن بەلەن بىلىدىغاندەك، پەقەت شۇلارنىڭ ئاشۇ كۇلۇب ھەققىدە سۆز قىلىش ئەركىنلىكى باردەك... ۋەھاكازالار.
بىر كۇلۇبنىڭ مەستانىسى مەن دەپ قويسىلا باشقا كۇلۇبنى بىلمەيدىغان ۋە باشقا كۇلۇبنىڭ مۇنازىرىسىگە قاتناشسا بولمايدىغان ئىش يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن خېلى دىققەت قىلدىم، مادرىدچىلاردىنمۇ راۋۇرۇسلاردىن پەقەت ساناقلىق مەستانىلەر بار، (بېرنابۇ، ئەلبارىس، تەقدىرىم، ئەبرار، بۇغدا قاتارلىق) يەنە بىرقانچە كىشىنىڭ مادرىد ھەققىدىكى بىلىمى يامان ئەمەس ئىكەن، ئەمما قالغان خېلى كۆپچىلىكىنىڭ سەۋىيەسى سىز دېگەندەك مادرىدنىڭ بارلىق تەھلىللىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتىدىغان يەردە ئەمەس ... ئەكسىچە، باشقا كۇلۇب مەستانىلىرىدىن مادرىدنى راۋۇس ياخشى بىلىدىغانلار، تەھلىللىرى جانلىقلارمۇ ئاز ئەمەس... شەخسەن، مەن، بوۋاي، نىھال، مالدىنى، ۋىروس قاتارلىق مىلانچىلارنىڭ مىلاننىڭ مېدالىنى ئاسقانلىقىمىز ھەرگىزمۇ مىلاندىن باشقىلارنى بىلمەيدىغانلىقىمىزنىڭ، باشقا كوماندىلارنىڭ خەۋەر، تەھلىللىرىگە ئارىلاشماسلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بوۋاي توختىماي دېگۈدەك مادرىدنىڭ تەھلىل، خەۋەرلىرىنى يوللايدۇ، ئۇ مادرىدچى بولمىغاندىكىن بۇ خىل "قانۇنسىز" ھەرىكىتىنى توختىشى كېرەكمۇ؟؟؟
قايسى كۇلۇبنى ياخشى كۆرۈش، قايسى كۇلۇب ھەققىدە پاكىتلىق سۆلەش، مۇنازىرە قىلىش ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى، قائىدىسىزلىك قىلسا چەكلەنسە بولىدۇ، بولمىسا ھېچكىمنىڭ بۇ ھوقۇققا قىلچىلىك ئارىلىشىدىغان تېرىقچىلىك ھوقۇقى يوق!!! |
|