ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5423 |
تۆھپىسى: سەر |
|
داۋىس يوللىغان ۋاقتى 2015-4-16 11:01
شەخسەن مەن مۇنبەردە بىر قسىم ئاكا -ئىنىلىرىمدەك بىلىمل ...
مەستانىچىلىكتە ئۇرۇش جىدەلدىن خالى بولغۇلى بولمايدۇ. مەنمۇ سىللىگە ئوخشاش جىدەل يېنىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىمەن. جىدەلنىڭ نەتىجىسىنى ئەتىسى ئۇنىڭ بۇنىڭدىن سوراپ بىلىمەن . ھەر خىيال ھەر نىيەتتىكى 15 مىڭ ئادەمنى مەۋھۇم دۇنيادا بىر نىيەتكە ئەكىلىمەن دىيىش ئالتە تاغنىڭ كەينىدىكى گەپ ، ھازىرقى شارائىتتا ئۇرۇشسا تىللاشسا چەكلەپ قويسىلا بولدىغان گەپ ئۇنىڭدى باشقا ئالاھىدە جازالاش ئۇسسۇلىمۇ يوق ؟ ھەم ئۆزلىرى ئېيىتقاندەك بۇنداق تېمىلار بەكلا كۆپ يېزىلدى. ئۈنىمى بولۇش ئەمەس ئەكسىچە جىدەل تېخىمۇ ئاۋۇپ كەتتى.
توغرا ئېيىتىلا تورمۇش سەۋەبىدىن ھازىر تېما يېزۋاتقانلارمۇ توختاپ قېلىشى مۇمكىن . شۇڭا ھازىر بۇ يەردە ئۇششاق گەپنى قىلماي ياش نوتىلارنى ئازراق يېتەكلەپ رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنبەرنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇل سالساق ياخشى بولاتتى . مەسىلەن ھەمرا دىگەن بالا دائىملا تېلىفۇندا تېما يازىدۇ .ھازرىغۇچە كومپىيوتىردا تېما يېزىپ باقماپتۇ ، سىللە بىزمۇ تېلىفۇندا ئىنكاس يېزىشنى بەكلا ئاۋارچىلىق دەپ بىلىمىز يۇ شۇ بالا زېرىكمەي تېلىفۇندا نادىر تېما بولغۇدەك تېمىدىن 3/4 نى پۈتتۈرۈپتۇ . شۇ ئەھۋالدا يەنە شۇ بالنىڭ تېمىسغا كىرىپ تېمىدىكى ئىسىملار خاتا بوپ قاپتۇ ، ئىملا خاتالىقى باركەن دەپ قۇسۇر تاپقانلار بار .... بىزگە مۇنبەرگە ھازىر لازىمى شۇنداق ياش نوتىلار تۇرسا ئەجىبا ئۇلارنى چىققان جايىدا ئۇجۇقتۇرۋېتىش كېرەكمىدۇ. دەپ قالدىم ... بولسا شۇنداق باللارنى كىچىككىنە رىغبەتلەندۈرۈپ مۇكاپاتلاپ قويساق ئالەمچە خوش بوپ كىتىدىكەن ..... ھەي سىللىگە دەۋالدىم ھە قورساق كۆپىگىنى ... ھى ھى ھى
|
|