ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4898 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-16 02:18
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ كەچلىكىگە خەيرىلىك تىلەيمەن!
مۇنبىرىمىزدە ئەزالىق تارىخى ئۇزۇنراق، ھەتتا ئىزچىل سىرتتىن زىيارەت قىلىپ كېلىۋاتقان ھەر قانداق ئادەم مۇنبەر يۈزىدە مېنى ئاساسەن بىلىدۇ، ئازىراق بولسىمۇ چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن. راسىت گەپنى قىلسام شۇ تاپتا بۇ يازمامنى قانداق باشلاپ قانداق ئاياقلاشتۇرۇشنى بىلمەي تۇرۇپتىمەن. شۇنداقتىمۇ بارماقلىرىمنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا بىردەم تېز، بىردەم تۇرۇپ-تۇرۇپ توختاپ ئۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزىلىۋاتقان قۇرلارغا ھەر كىم خالىغان ئاساستا نەزەر كۆزۈڭلارنى ئاغدۇرىشىڭلارنى سورايمەن!
شۇ تاپتا ھەممىڭلار بۇ تېما نېمە ۋەجىدىن يېزىلغاندۇ دېگەن ئويغا كېلىپ قېلىۋاتىسىلەر ھەقىچان؟ بەلكىم مەن مۇشۇ تېما ئارقىلىق ئۇزۇندىن بېرى مۇنبەردە ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇشۇم مۇمكىن. بەلكىم ئۆز ھېسىياتمنى نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەزالىرىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-خىيالىرىغا ۋەكىل قىلىپ تۇرۇپ بايان قىلىپ چىقىشىممۇ مۇمكىن. بەلكىم مۇشۇ يازمامنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ئارقىلىق ھەر كىمنىڭ كاللىسىغا ئوخشىمىغان ئويلىنىشلارنى ئېلىپ كېلىشىممۇ مۇمكىن، يەنە بەلكىم مۇشۇ يازمام ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنۇمنى، ھۆرمىتىمنى خۈنۈكلەشتۈرۋېلىشىممۇ مۇمكىن... ئەمما مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بولالماي قالدىم، شۇنداقتىمۇ يەنىلا بايان ئەيلىمەي بولمىدى.
بۇنىڭدىن 8 يىل ئىلگىرى ھەر بىرسىمىزگە ئوخشاش پۇتبولغا بولغان يۈكسەك ئىشتىياقنىڭ تۈرىتكىسىدە پۇتبول بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز بولغان جاپالىق خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئىچىدە ياشاۋاتقان بېكەت باشلىقى نىجات ئەپەندى نۇرغۇنلىغان ۋاقتىنى، زېھنىنى ۋە ئىقتىسادىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە مۇشۇ مۇنبەرنى قۇرۇپ چىقتى. قۇرغاندىمۇ قانداقتۇر ئۆزىگە ئىقتىسادىي مەنپەتنى ياكى نام-ئاتاققا ئىگە بولۇشنى كۆزلەپ ئەمەس، بەلكى ياش پەرقى، مىجەز-خارەكتىرى ۋە ھەتتا ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي شارائىتى قاتارلىق تەرەپلەردىن مۇئەييەن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان سانسىزلىغان ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدا كەم بولىۋاتقان، مەنىۋى ئېھتىياجىمىزنى قامدىيالايدىغان، يەنى مەنىۋى ئېھتىياجىمىزدىكى پەقەت پۇتبولدىن ھوزۇر ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا ھەر تۈرلۈك پۇتبول مۇسابىقىلىرى توغۇرلۇق ئىلمىي مۇلاھىزە ئېلىپ بارىدىغان، ھەر كىم ئۆز قورسىقىدىكى پۇتبول بىلىملىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان بىر ئىلمىي سورۇن ھازىرلاشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. مۇنبەر قۇرۇلماستا نۇرغۇنلىرىمىز ئۆز يېزىقىمىزدىكى مۇشۇنداق بىر پۇتبول مۇنبىرىنىڭ تور دۇنياسىدا تېزراق روياپقا كېلىشىنى تەققازارلىق بىلەن كۈتمىگەنمىدۇق؟ گەرچە مەھۋۇم دۇنيا ئىچىدە بولسىمۇ ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە ئوخشاش يۈرىكىدە پۇتبول ئوتى لاۋۇلداپ تۇرىدىغان ھەر قايسى يۇرىت، ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر مەستانىلەر بىلەن ئورتاق قىزىقىش ئۈستىگە دوسىتلۇق ئورنىتىشنى ئويلاپ كەلمىگەنمىدۇق؟ ...
بۇ يەردە مېنىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنگىچە كەلگەن ئاز كەم 8 يىللىق تارىخىنى قايتىدىن ئېسىڭلارغا سېلىش ئويۇم يوق. مۇنبىرىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى، ئەسلىدە شەيئىلەرنىڭ نىسپىي تەرەققىيات نەزىرىيسى بويىچە ئېيتقاندىمۇ ھەر قانداق بىر شەيئى باشتىن كەچۈرگەن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى تەرەققىياتمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ زورىيدۇ، كەمتۈكلۈكمۇ تولۇقلىنىپ ماڭىدۇ، تەرەققىيات ئاخىرقى چەككە يەتكەندە بولسا يوقىلىدۇ. ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئانىنىڭ قورسىقىدىن زېمىنغا چۈشكەندىن باشلاپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ چوڭىيىدۇ، ئەقىل كىرىدۇ، نۇرغۇنلىغان تەجىربە-ساۋاقلارنى ئۆزىگە توپلاپ قوراللىنىدۇ، مۇئەييەن باسقۇچقا كەلگەندە بولسا ئوخشاشلا يوقىلىدۇ. ھەتتا مۇنبىرىمىزنىمۇ بىر مەھۋۇم شەيئي بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقارقىدەك جەريانلارنى باشتىن كەچۈرمەيدۇ دەپ ئېيتالمايمىز. لېكىن بۇ نەچچە ئونمىڭلىغان، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ پۇتبولخۇمار قەلىپنى ئۆزىگە رام قىلغان ئاممىۋىي سورۇنىمىز تېخى ئەمدىلەتتىن تايتاڭلاپ مېڭىپ يۈرگەندە تەرەققىياتى توختاپ يوقىلىش ئۈچۈن زاۋاللىققا يۈز تۇتىۋاتقانمىدۇ؟
ھازىرقى مۇنبىرىمىزنىڭ ھالىتىنى كۆز ئالدىڭلارغا ئەكىلىپ بېقىڭلار. ئاددىيسى نۆۋەتتە رونالدو ۋە مېسسى، مادىرىد ۋە بارسىلونادىن ئىبارەت ئىككى شەخىس ۋە ئىككى كوللىكتىپ ئوتتۇرسىدىكى كۈچلۈك رىقابەت ھۆكۈمىرانلىقى پۇتبول دۇنياسىدا ئەۋىجىگە چىققان بولسا، مۇنبىرىمىزدە رونالدو مەستانىلىرى بىلەن مېسسى مەستانىلىرى ۋە مادىرىد مەستانىلىرى بىلەن بارسىلونا مەستانىلىرى ئوتتۇرسىدا ئىككى قۇتۇپلىشىش، ئۆز-ئارا بىر-بىرنى يەۋەتكۈدەك دەرىجىدە ئۆچمەنلىك تۇتۇپ، خەق توپنى ياۋروپادىكى چىملىق مەيدانلىرىدا تېپىپ «جەڭ» قىلسا، بىزلەرنىڭ بۇ مەھۋۇم دۇنيادا كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق تۈكۈرۈك جېڭى قىلىپ، ئۆز-ئارا مەزھەپ ئايرىشىپ ئىتتىپاقسىزلىقىمىزنى نامايەن قىلىشمىز ئەڭ ئەۋجىگە چىقتى. يەنە ئويلاپ بېقىڭلار، دۇنيادا ئاشۇ ئىككى شەخىس، ئاشۇ ئىككى كوماندىدىن باشقا توپچى ۋە كوماندا يوقمۇ؟ مۇنبىرىمىزدە بۇ ئىككى توپچى ۋە بۇ ئىككى كوماندىدىن باشقا توپچى ۋە كوماندىلارنى ياقتۇردىغانلار يوقمۇ؟ بۇ مۇنبەر يالغۇزلا ئاشۇ ئىككى شەخىس ۋە ئاشۇ ئىككى كوللىكتىپنىڭ مەستانىلىرىنىڭلا ماكانىمۇ؟
ھەممىمىز ئويلاپ يېتەلەيمىزكى، مۇنبەر بۇنداق زور ئىتتىپاقسىزلىق ھالىتىنى ئېلىپ يۈرسە ئاقىۋەتتە ياخشى نەتىنجە كېلىپ چىقمايدۇ، ھېچكىممۇ قىلچىلىك پايدا-مەنپەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئېسىل مىجەزلىك، ئەخلاقلىق، تىرىشچان ئەزالىرىمىزنىڭ مۇنبەردىن يىراقلىشىشى، يوقلىشىغا ئوخشاشلا مۇنبەردە ئۆزىدىكى ئوتتەك ئىشتىياقنىڭ كۈچىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي ھېلىھەممۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، مۇنبىرىمىز ئۈچۈن ئەزىز سانىلىدىغان ساناقلىق ئەزالىرىمىزنىڭمۇ يوقىلىش سۈرىتى تېزلىشىدۇ، مۇنبەردىن ئايرىلىش سانى كۆپىيىدۇ، نەتىنجىدە ئەينى يىللىرىدىكى بىر كۈن كىرمىسەك بىر كۈن تماق يېمەي ئاچ قالغاندەك ھېسىياتقا ئەكىلىپ قويىدىغان تورچىلىق ساھەسىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر پۇتبول مۇنبىرى چۆلدەرەپ، ئۈستىدە تىلغا ئالغاندىكىدەك زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش شەكىللىنىدۇ، ھەتتا يوقىلىپمۇ كېتىدۇ.
ئەمسە ھەممىمىز ئۆزىمىزگە سوئال قويايلى، بىزلەرنىڭ ئاشۇ ئىسمىمۇ ئېغىزىمىزغا تولۇق كەلمەيدىغان، بىز ئۇيغۇر توپ مەستانىلىرى بىلەن قىلچىمۇ قانداشلىق، دىنداشلىق، يۇرىتداشلىق، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىز بولمىغان ناسارلار ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنىڭ زىتىغا، غورۇرىغا تېگىپ، ئىتتىپاقسىزلىشىپ كېتىشىمىزنىڭ نېمە زۆرۈرىيتى بار؟ مەقسەت نېمە؟ مۇشۇ بىزدىكى پۇتبول قىزغىنلىقىمۇ؟ مۇشۇ بىزدىكى مۇنبەر قىزغىنلىقىمۇ؟
مېنىڭ كۆڭلىمگە قاتتىق تەگكىنى يالغۇز بۇلار ئەمەس، سۆزلىسەم گەپ تېشىلىپ چىقىۋېرىدىغان ئوخشايدۇ.
دۆلەتتە قانۇن بار، جەمئىيەتتە تۈزۈم بار. ئاددىيسى مۇنبەردىكى ھەممىمىز ھېچبولمىسا بىر كۈن بولسىمۇ مەكتەپ تەربىيسىگە ئىگە بولۇپ باققانلاردىن، بىز ئوقىغان ھەم ئوقىۋاتقان سىنىپتىمۇ باشلىق بار. ئەگەر ئادەم ئاڭلىق بولسا، ھەممە ئادەمنىڭ ئوي-خىيالى، ئىدىيسى ئوپمۇ-ئوخشاش بولسا، بۇ جاھاندا ئادەملەر بىر-بىرىنى باشقۇرىشىنىڭ، كونتىرول قىلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ھەممە ئىش ئۆز قېلىپىدا تەرتىپلىك، ئوڭۇشلۇق يۈرىشمەمدۇ؟
جاھان ۋە ئادەملەر شۇنداق يارىتىلمىغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن پەرىقلەر كېلىپ چىققان، شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇنلىغان ئادەملەر توپىدىن ھاسىل قىلىنغان مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى مۇنبىرىمىزدىمۇ تۈزۈم، بەلگىلىمە ئوتتۇرغا چىققان، يەنە ئۇنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈش، تەرتىپلىك ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن ئارىمىزدىن باشقۇرغۇچىلار سايلىنىپ چىقىلغان. شۇ باشقۇرغۇچىلار بولمىسا ھەر قانداق بىرسىڭلار بۇ مۇنبەردە تېما كۆرەلەمسىلەر؟ توغرا، لۈكچەكلەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقىسىز تېما يوللىيالايسىلەر، سىلەر يوللىغاننى باشقىلار كۆرەلەيدۇ، ئەمما لۈكچەكلىكتىن تۆۋەن دەرىجىدىكى ئەزالار يەنىلا شۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ قولى ئارقىلىق تېماڭلارنى مۇنبەردە ئاندىن روياپقا كەلتۈرەلەيسىلەر. لېكىن لۈكچەكلەرمۇ يەنىلا شۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ قولى ئارقىلىق پەيدا بولغان. مۇنبەردە باشقۇرغۇچى بولمىسىمۇ بولامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە. بۇنداق قايناپ قېلىشىمدىكى سەۋەپ، يېقىندىن بۇيان مۇنبەردە يەنە باشقۇرغۇچىلارغا بولغان نارازىلىق، قارشىلىش، ئۇلارنى چەتكە قېقىش ھەتتا توپلىشۋېلىپ زەربە بېرىشتەك ناچار ئىستىللار ئۇلغىيىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە چاۋاك ھەرگىز بىر قولدىن چىققان ئەمەس، مۇشۇ مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلارمۇ ھەر بىرسىمىزگە ئوخشاش ئورتاق ئىشتىياق تۈپەيلى مۇنبەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان رېئال ئادەم بولغانلىقتىن مەلۇم كەمچىلىك، خاتالىقلاردىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە، ئۇلارمۇ ئۆزىگە خاس تونۇش، خاس كۆز قاراش بىلەن پۇتبولغا مەستانە بولغانلاردۇر، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان، ھوزۇر ھېس قىلىدىغان ئامراق توپچىسى، ئامراق كوماندىسى بولۇشى مۇمكىن، ئاشۇندا ئامراقلىقنىڭ نەتىنجىسىدە ئۇلاردىمۇ ھەممە ئادەمدە ئورتاق مەۋجۇت بولىدىغان تەبىئىي ئېغىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداق تۇرۇقلۇق «باشقۇرغۇچى بولغاندىكىن ئانداق بولمامدۇ، مۇنداق بولمامدۇ» دەپ ئالاھىدە تەلەپ قويۇپ ئۇلارنى تار ئىسكەنجە ئىچىگە ئېلىۋالساق مۇۋاپىق بولارمۇ؟ ئەجىبا ئۇلارنى تېما تەستىقلاش، تېما تەھرىرلەشتىن باشقا ھېچقانداق تېما-ئىنكاسلارغا ئىزىنى تەككۈزمەي، مۇنبەر ئۈچۈن، مۇنبەرنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن خاس «ئەلا مۇلازىمەتچى» قىلۋېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ ...
باشقۇرغۇچىلار بۇ مۇنبەردە زادى نېمىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ؟ ئىلگىرى باشقۇرغۇچىلار بۇ مۇنبەردە تىرىشچانلىقى، مىجەز-خارەكتىر جەھەتتىكى ئوچۇق-يورۇقلىقى ئارقىلىق ياخشى مۇنبەر كەيپىياتى بەرپا قىلىشتا باشلامچى بولۇپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەتتى، يېڭى ئەزالارنى رىغبەتلەندۈرۈش، بىلمىگەننى ئۆگىتىش ئارقىلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ يېڭى ئەزالارنىڭمۇ يېتىشىپ چىقىپ مۇنبەر ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان، باشقىلارغا مەنىۋىي جەھەتتىن زوق بېغىشلايدىغان ئېسىل روھقا ئىگە بولغىنىنى كۆرگىنىدە ئىپتىخارلىناتتى، چەكسىز خۇشاللىققا ئېرىشەتتى. ھازىرقى مۇنبەردە بولسا باشقۇرغۇچىلار يەنىلا بۇرۇنقى ئىزىنى بويلاپ مۇنبەردە ئىناق، قىزغىن كەيپىيات بەرپا قىلىش ئۈچۈن جاپالىق كۈچ بەرمەكتە، يېڭى ئەزالارغا يەنىلا بۇرۇندىن تارتىپ تۇتقان يولى بويىچە ئۈلگە، باشلامچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە. لېكىن ئېرىشكەنلىرى بولسا تولىراق ھالدا باشقىلار تەرىپىدىن ئاغىرىنىش، تىل-دەشنام ئاڭلاش ھەتتا ياخشى كۆڭلىگە ئېغىر زەربە بېرىش بولۇپ كەلمەكتە. مېنىڭچە بۇ ئىشلارغا مۇنبەردىكى ھەر قانداق بىر باشقۇرغۇچى پات-پات يولۇقۇپ تۇرىدۇ. ئەمدى، نىجات چوڭام ھېچكىمنى ئۆزىچىلا باشقۇرغۇچى قىلىپ سايلاپ قويغىنى يوق، مۇنبەردىكى بېكەت باشلىقىدىن باشقا بارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم مەزگىل سىناقتىن ئۆتۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، باشقۇرغۇچىلىققا سايلاشقا زۆرۈر كەلگەندە ئادىللىق پىرىنسىپى بويىچە نامزاتلارغا بېلەت تاشلاپ سايلاش ئارقىلىق ئاندىن ۋۇجۇدقا كەلگەن. كۆپچىلىكنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۇلاردىن يارامسىزلىرىنى يەنە ھەر ۋاقىت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا تامامەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ھەقىقەتەن پىكىر بولسا، باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىدى دەپ قارالسا ھەر كىم ئۆز-ئالدىغا پىكرىمىزنى ئوتتۇرغا قويساق، بولمىسا مۇنبەرنىڭ تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلغان ئاساستا باشقۇرغۇچىلارغا بويسۇنۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ ھەممىمىز ئىناق ئۆتسەك.... ...
بەك كەچ بولۇپ كەتكەنلىكتىن ۋە بىر كۈنلۈك جاپالىق خىزمەتنىڭ خېلى بەكلا چارچىتىپ قويۇشى شۇنداقلا يەنە كەيپىيات ئامىلى سەۋەپلىك بىر مۇنچە سۆزلىدىميۇ، كۆڭلىمدە ئويلىغانلىرىمنى تولۇق، دادىل ئوتتۇرغا قويالمىغان ۋە گەپ-سۆزلەر باغلاشمىغان، چۈشىنىكسىز سۆزلەپ قويغان بولۇشۇم مۇمكىن، توغرا چۈشىنشىڭلارنى سورايمەن! مېنىڭچە نۇرغۇنلار ئۈچۈن بۇ بىر قىلچە ئەھمىيتى يوق تېما، شۇنداقتىمۇ ئۆز كۆڭلۈمنىڭ تىۋىشلىرىغا بويسۇنغان ئاساستا ئۆتكۈر بولمىغان قەلىمىم بىلەن مۇشۇلارنى ئوتتۇرغا قويۇشنى لايىق كۆرۈپ قالدىم. ئىنكاسلىرىڭلارغا نېمە دەپ قالدۇرساڭلار مەيلى، مەقسىتىم پەقەت بىرلا، يەنى مۇنبەر ئۈچۈن!
|
|