elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
ئىگىسى: bughraoghli

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ ۋە تۇنجى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-9-11 11:27:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 01:13
سۇئالنى سوراش تەس ئەمەس، جاۋاب بېرىش قىيىن. سىز سۇئال ...

سۇئالنى سوراش تەس ئەمەس، جاۋاب بېرىش قىيىن. سىز سۇئالدىن بىرنى سوراپ قويۇپ، ئارقىدىن ئۇنىڭغا يېتەرلىك جاۋابقا ئېرىشمەي تۇرۇپلا يەنە يوغان، چۈشىنىكسىز، بىمەنە سوئالدىن بىرنى تاشلىسىڭىز، باشقىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەي تۇرۇپ ئۆزىڭىزلا سۇئال سورىسىڭىز، يەنە كېلىپ سىز ئاشۇ نەرسىلەر توغرىسىدا ھېچقانداق ئىزدەنمەي تۇرۇپلا سۇئال قويسىڭىز توغرا بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، پۇتبولدا نۇرغۇن نەرسىنىڭ نوقۇل، ئېنىق جاۋابى بولمايدۇ، سىز ماتېرىيال كۆرۈشىڭىز، ئىزدىنىشىڭىز كېرەك. بىر كىشىدىن سۇئال سوراپ قويۇپ، جاۋابىغا ھېچقانداق ئىنكاس يوق، يەنە ئۆزىنىڭ بىلگىنى بويىچە ئىش قىلىش ئادەم چالغانلىق ياكى كىچىك بالىلىق بولمىسا نېمە؟ مۇنازىرە قىلىدىغان ئادەم قارشى تەرەپنىڭ ھەربىر سوئالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ھەر بىر تال سۆزىگىچە ئىنچىكە ئويلىنىپ، ئۆزىنىڭ سۆزىگە پاكىت تېپىپ، ئاندىن ئۇنى ياقىلايدىغان گەپ. سىز سۇئاللا سوراپ، مەن ئۇنىڭغا نەچچە يەردىن ماتېرىيال كۆرۈپ، ئىزدىنىپ جاۋاب بەرسەم بۇ بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپى بولامدۇ ياكى مۇنازىرىمۇ؟؟؟

بۇلدۇ ئەمدى سۇئال سۇرماي . سىزنىڭ ۋە يەن باشقىلارنىڭ  ئۇنى  خەلقارالىق مۇسابىقە دىگىنىگە ئۈزەمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدۇم ، مىنىڭ سىزنى قايىل قىلىش ۋەزىپەم يوق ، سىزنىڭمۇ  شۇ . سىزنى بەك ئاۋارە قىلغان ئوخشايمەن ، بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت كۆز قارشىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى تۇپەيلى سۇئال سۇرلىپ قالدى .


سىز ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى نېمىشقا كەسپىي بىرلەشمە ئەمەس دېگەن سوئالىڭىزنى مەندىن ئەمەس، ھازىرقى جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى سەي جېڭخۇادىن سورىشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇنى مەن بەلگىلىيەلمەيمەن، ئۇلار ب دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىنى ئىشتىن سىرتقى مۇسابىقە، دەپ بېكىتكەن. يەنە كېلىپ مەن سىزگە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە ئەمەس دەپ ئۇچۇر بەردىم، سىز بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، سەۋەبىنى ئۆزىڭىز ئىزدىنىشىڭىز كېرەك، ھەممە نەرسىنى مۇنازىرىلىشىۋاتقان ئادىمىدىن سورىغاننى تۇنجى كۆردۈم. سىزمۇ مۇشۇ ھەقتە نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈپ، نەچچە كۈن ئىزدىنىڭ، شۇ چاغدا بىلىسىز جاۋاب بېرىشنىڭ ئېغىر كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى.

ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنى كەسپى بىرلەشمە دىمەيمىز دىگەننى تۇنجى سىزدىن ئاڭلىشىم باشقا ھەرقانداق كىتاپ ياكى خەۋەرلەردەبۇ توغۇرسىدا ئۇچۇركۇرۇپ باقمىدىم .  كەچۇرسىز مەن سىز دىگەن ئاۋۇ بەسەينى تېپىپ ئىنىق سۇراپ كىلەي ياكى بىلدىغان بىرەسى بولسا دەپ بىرە ...........
ئىشچى-خىزمەتچىلەربىلەن بولغان مۇسابقىنى خەلقارالىق  مۇسابىقە دەيدىغان قانداق لوگىىكا ئەمدى. (بۇ سۇئال ئەمەس ، ھەيران قىلىش )


يەنە بىرى، سىز بېشىدا ئاغزى - ئاغزىڭىزغا تەگمەي، ئاتۇشتىكى مۇسابىقە توغرىلىق دەتالاش كۆپ دەۋەتاتتىڭىز، ئاخىرى بارلىق پاكىتىنى ئۆزىڭىز ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، سىز دېگەن دەتالاش قايسى؟؟؟ كىملەرنىڭ دەتالىشىشى ئۇ؟؟؟ (بۇ سۇئاللىرىمغا جاۋاب تەلەپ قىلىمەن، ھەممە سۇئالىمدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشىڭىزگە رۇخسەت يوق).

دە-تالاش بۇلۋاتقىنى  مۇشۇنداق سىزبىلەن مەندەك . بەزىلەر بۇ نەتىجىنى بەڭ چوڭ نەتىجە بىلىدۇ ، ماڭا ئوخشاشلار بۇ دىگەن پەقەت ئادەتتىكى بىر مۇسابىقە دەپ  بىلدۇ .


يەنە بىرى، نەچچە يىل مەشىق قىلغان ئادەملەر بىلەن ئىشىچى - خىزمەتچىلەر مۇسابىقىلەشسە بۇنى خەلقئارالىق مۇسابىقە دېمەيمىز دەپسىز، بۇ نەنىڭ لوگىكىسى. ئالدىنقى يىلى تايلاند ئىشتىن سىرتقى ئادەملىرى قوشۇلۇپ قالغان كوماندىسى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق كەسپىي ماھىرلىرىنى 5:1 يېڭىۋالدى، ئۇ خەلقئارالىق مۇسابىقە ئەمەسمۇ؟ يەنە بىرى، تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا جەبىلتارىق كوماندىسى ئىككىلا كەسپىي ماھىرى بىلەن ئۇزۇن يىل مەشىق قىلغان، ياۋروپادا خېلى داڭلىق بولغان پولشا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، پولشا جەبىلتارىق يېڭى قۇرۇلۇپتۇ، كەسپىي ماھىرى ئازكەن، ئىشتىن سىرتقى  كوماندىكەن دەپ ئويلىماي 7 توپ كىرگۈزدى، بۇمۇ خەلقئارالىق مۇسابىقە ئەمەسمۇ؟ دېمەك، سىزنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ سەۋىيەسىنى مۇسابىقىنىڭ خاراكتېرىغا باغلىشىڭىز قەتئىي بولمىدى. دېمەك، 2002 - يىلىدىكى بىرازىلىيەنىڭ پۇتبولدا ئەمدىلاتىن باش كۆتۈرۈۋاتقان دۆلىتىمىزنى يېڭىۋېلىشىنىمۇ مۇسابىقىنىڭ خاراكتېرىدىن كۆرىدىكەنمىزدە. يەنە ئويلاڭ، مەيلى دىن تارقاتسۇن مەيلى ئاخبارات ئوغرىلىسۇن، شۇ ۋاقىتتا قەشقەردە كونسۇلخانا بولغان، ھازىر ئۈرۈمچىدىمۇ بىرەر كونسۇلخانا يوق، يەنى بۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىڭ (گەپنى بۇنىڭدىن ئوچۇق دېگىلى بولماس). يەنە كېلىپ مۇسابىقىلەشكەنلەر ئۆزىنى قانداقتۇر ئاشپەز، پوپ، مايلامچىلار ۋەكىلى ئەمەس، بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىغان. ئېكساقلىق پۇتبولچىلار تېخىمۇ شۇنداق، بولمىسا باشقا كونسۇلخانىدىكىلەرنى نازارەتچى قىلىپ، مۇسابىقىنىڭ ئاي، كۈنىنى بېكىتىپ، مەلۇم نەرسىنى دوغا قوياتتىمۇ؟؟ تېخى كەسپىي پۇتبولچىلار بارلىققا كەلمىگەن، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەر تۈزۈك ئۆتكۈزۈلمەيدىغان شۇ دەۋرگە نىسبەتەن دۆلىتىمىزدىكى پۇتبول نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان رايوننىڭ خەلقئارادىكى ئىككى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئاقىۋىتىنى بىلمەمدىغاندۇ؟بولۇپمۇ مىسسىيونېرلاردەك روھ بىلەن ھەپىلىشىدىغانلا

مانا بۇ يەردە ئىتراپ قىلىش مەسىلىسى تۇغۇلىدۇ  . تايلانىتنىڭ كوماندىسى  لىكىن بۇنى ھەممە تايلاند كوماندىسى دەپ بىلىدۇ . بۇنى  ئۆزلىكىدىن  تەشكىلەنگەن كۇنسۇلخانا كوماندىسى ۋە ياكى  داۋاش ئەترىتىنىڭ كوماندىسى بىلەن سېلىشتۇرغىنىڭىزنى يەنە بىر قىتىم ھەيران قالاي ،سىزنىڭچە ئەنگىليە تەرەپ ،شېۋىتسارىيە تەرەپ  ئاشۇ كوماندىنى بىزنىڭ ۋەكىللىك كوماندا دەپ بىلمەمدۇ ؟ (بۇ سائانىڭمۇ جاۋابىنى ئزۈم بىرەي . جاۋابى مۇمكىن ئەمەس )
سىزنىڭ بىزنىڭ ئاشۇ ئىكساق كوماندىسىنى بىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دىگىنىڭىز توغرا، لىكىن ئۇلار قايسى كوماندا ،كىملەر بىلەن ئوينىدى ، سىزچەئاشۇ كونسۇلخانىڭ ئىشچى -خىزمەتچىللىرى ، پۇتبولنىڭ ماكانى بولغان  ئەنگىليە دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلامدۇ؟( بۇنى .ئۈزۇمدىن سۇردۇم ، جاۋابىم مۇمكىن ئەمەس ) بۇنىڭدىكى ئەنگىليەگە ، شىۋىتسارىيەگە ۋەكىل  قىلىپ قويغان پەقەت ئۈزىمىز  .
سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز بۇنى خەلقارا دەرىجىسىگە كۇتۇرۋالغىنىڭىزنى دەيمەن . بىزدە ئاشۇنداق ئازىراق بىر ئىشلارنى كۆپتۇرۇپ ئۈزىمىزنى خۇشال قىلدىغان ، باشقىلارنى يوققا چىقىرۋىتىشكە ئالدىرايدىغان ،  ئۈزىمىزنى ھەممىدىن قالتىس چاغلايدىغان ئىدىيىرىمىز باركەن ، شۇڭابۇنى نۇرغۇن  ئەدىب يازغۇچىللىرىمىزنىڭ قەلمى ئاستىدا بىزنىڭ پەخىرلىندىغان ھەم سىزگە ئوخشاش خەلقارالىق مۇسابىقە دەپ چۇشۇنىدىغان قىلىپ قۇيۋاتىدۇ . بۇ مۇسابىقىنىڭ ماھىيىتى  بولسا بىر تۇلپار ئاتنى تالىشىش .ئىكەنلىكى ئىنىق  بايان قىلىنغان ، كىيىن ئككى كۇنسۇلخانا يېڭىلىپ قالغاندىن كىيىن تۇلپار ئاتنى بەرمەي قېچىپ كەتكەن . شۇ چاغ مۇسابىقىنىڭ ئەمىليىتىدىن  بەكرەك  تۇلپارنى بەيمەي قىچىپ كەتكىنى نۇرغۇن جايلارغا پۇر كەتكەن ، كىيىنچە بۇ مۇسابقە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ۋاي ئىكساق كوماندىسى ئەنگىلىيە بىلەن شېۋىتسارىيەنى  يېڭىپتۇ دىگەنگە ئايلانغان . ھالا بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە خەلقارالىق مۇسابىقىگەئايلىنىپتۇ  . مەن  دىدىم بۇ نەتىجدىن خۇشال بولساق بۇلدۇ ، لىكىن بۇنى ئۇنداق بەك چوڭ بىلىپ كەتكۇدەك مۇسابىقە ئەمەس ھەم خەلقارالىق مۇسابىقە دىيىشكە بولمايدۇ . يەنە دەپ قۇياي  سىز  يەنەئۈزىڭىزنىڭ بىلگىنىنى دەيدىغان ئىش بولسا مەنمۇ ئۈزۇمنىڭ بىلگىنىنى دەيمەن.كۆز قارشىمىز ئوخشاش بولمىسا جايىدا توختاپ قالغىنىمىز ياخشى .


سىز غېنى ھاجىمنىڭ كۇلۇبىنى دېۋىدىڭىز، سىزنىڭ پۇتبول بىلىمىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن چەكلىك ئىكەنلىكىنى، سىزگە ياردەم قىلىشىمىز زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۆزىنىڭ يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كۇلۇب قۇرىغانلارنى سىز تازا كۆپ بىلمەيدىكەنسىز. قەشقەردە مۇختەر پازىل، ئۈرۈمچىدە ئەسقەر جادى "يىپەك يولى" كۇلۇبىنى قۇرغان. ئۇلارنىڭ كۇلۇبى قايسى كەسپىي مۇسابىقىنى ئوينىدى؟ ئۇلارنىڭ قولىدا قايسى كەسپىي توپچىلار بار؟ شىرخان؟ چوڭ كېرىماجىم؟ ئەنۋەر ھەسەن؟...باشقىنى مىسال ئالماي، سىز ھەممىدىن چوڭ بىلىدىغان رېئال مادرىدنى كۆز ئالدىڭىزغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى، كۇلۇب قاتلىمى، ئويناۋاتقان مۇسابىقىسنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەكىلىپ ئويلاڭ. ئەگەر رېئال مادرىد بىرەر مەيدانمۇ كەسپىي مۇسابىقە (ئۇزغۇنلۇق، بىرلەشمە دېگەندەك) ئوينىماي، مەشىقلا قىلىپ، رونالدو ئېلانغىلا چىقسا ئۇ پۇتبول كۇلۇبى بولامدۇ ياكى ئىشتىن سىرتقى ئويۇن قويۇش ئۆمىكى بولامدۇ؟؟؟  تاشئالمىمۇ دەل كەسپىي توپچىسىنىڭ ئاز بولۇشى، كەسپىي مۇسابىقە ئوينىماسلىقى ئەڭ مۇھىمى ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق مەبلىغى يوق، كۇلۇب قۇرۇشنى بىلمەيدىغان خەيتاڭ بىلەن بۇ بالىلارنى پەقەت مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشتۇرۋېلىشنى ئويلايدىغان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بىرلىشىپ ئوينىغان قىسقىچە ئويۇنىنىڭ مەھسۇلى. مۇھىمى، ئۇنىڭدا كەسپىيلىشىش، كەسىپلەشتۈرۈش دېگەن گەپ يوق، ئەڭ مۇھىمى ئوينىغىنى پەقەت ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمە،،،
ئاخىرقى سۇئالىڭىزغا كۈلۈپ كەتتىم!! تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى كەسپىي دوختۇر، كەسپىي سېستىراما؟؟؟  ئاخبارات كەسپىدە 60 بالا ئوقۇغانىدۇق، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئاخبارات ساھەسىگە كىرگەنلەر 10 غا بارمىدى، ھەممىمىز كەسپىي مۇخبىر بولۇشىمىز كېرەك ئىدىغۇ، قىزىق، خىزمەتكە چىققىلى ئىككى يىل بولدى، مەن تېخى مۇخبىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىدىم، چۈنكى كەسپىي مۇخبىرلىق كىنىشكىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش كېتىدىكەن.... مەكتەپنى پۈتكۈزسىلا كەسپىي پۇتبولچى بولىدىغان گەپ يوق، بولمىسا ھەممە ئادەم بالىسىنى ئاپىرىپ بەرمەمدۇ؟؟ كەسپىي كۇلۇب بىلەن توختامىلىشىپ، كەسپىي مۇسابىقىلەرگە قاتناشسا كەسپىي پۇتبولچى دەيمىز.... ئەكرەم، بارى، يەھيا، مىرئەخمەتلەردەك.... ئاخىرىقى گېېپىم: كاللىڭىزغا نېمە كەلسە شۇنى سوراۋەرمەي، ئالدىرىماي ماتېرىيال ئاختۇرۇڭ، ئىزدىنىڭ... "سورىغان ئۇزار" دېگەن گەپنى كىچىك بالىلارغىلا ئىشلىتىمىز، ئەمەلىيەتتە، ئادەم ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك...

مىنىڭ  سىزدىن نىمىشقا ب دەرىجە ئىشتىن سېرىتقى بىرلەشمە دەپ سۇرغان سۇئالىمنىڭ بۇ يەرگە نەق چۇشكىنىھىس قىلمىدىڭىزما ؟ ( بۇ سۇئال ئەمەس جۇمۇ ) جاۋابى مىنىڭ نەزىرىمدە  ( باشقىلارنىڭمۇ  شۇنداققۇ دەيمەن ) ب دەرىجىلىك بىرلەشمە كەسپى بىرلەشمە ھەم پۇتبولچىلىرىمۇ كەسپى پۇتبولچىلار دەپ بىلگىنىم

ئاخىرقى جاۋابىڭىزنى كۇرۇپ مەنمۇ كۇلۇپ كەتتىم ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-11 12:28:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 12:34  
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 11:27
سۇئالنى سوراش تەس ئەمەس، جاۋاب بېرىش قىيىن. سىز سۇئال ...


كۆز قارىشىمىز ئوخشىماي مەنمۇ سۇئال سورىدىم، سىز جاۋاب بەردىڭىزمۇ؟؟؟  باشتا ئىككىمىز تېخى دەتالاشنى باشلىماستىلا سىز "بۇ ھەقتە دەتالاش كۆپ" دېگەنتىڭىز، ئەمدى كېلىپ ئىككىمىزنىڭ دەتالىشىشى ئاساسلىق دەتالاش بولۇپ قالدى، قارىغاندا، ھەر ئىككىمىز دۆلەت دەرىجىلىك پۇتبول تارىخچىسى بوپتۇق دە! باشقىلار دەپلاقويماي، شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى، شۇ دەتالاش ھەققىدىكى نەرسىلەرنى ئېنىق دېمەمسىز، مەن ئەنگىليەنىڭ مەلۇم باش ۋەزىرى بىزنىڭ دۆلەت كوماندىمىز 20 - يىللاردا شىنجاڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋەتكەن دېگەن، بۇ ھەقتە ماتېرىيال كۆپ دەپلا قويسام، پاكىتنى دېمىسەممۇ بولىۋېرەمدۇ؟؟
سىز ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز بەسەيلەر دەپ، شۇ بەسەيلەر 90 يىل بۇرۇن توپنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتى، دۆلەت كوماندىسىمۇ چاغلىقتى، يەنە كېلىپ قىتئە ئاتلاپ مۇسابىقىلىشىش، باشقا دۆلەتنىڭ ئادملىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىش دېگەننى تېخىمۇ ئۇقمايتتى، شۇڭا خەلقئارا دېگەن گەپنى ئۆزىڭىزچە بەك چوڭ بىلىۋېلىپ، ئۇ گەپنى سىغدۇرالماي ئولتۇرسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. بىز يەنىلا مۇشۇ مۇنبەردە، ئۇيغۇر پۇتبول تارىخىدا شۇنى خەلقئارالىق يەنى رايون ئاتلىغان، ھەتتا قىتئە ئاتىلغان ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە دەيمىز، چۈنكى سىزنىڭ پاكىتىڭىز ھېچقانداق پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ، سىز ھەتتا شۇ ۋاقىتتا دۇنيادا قانچىلىك خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرنىڭ بولغىنىنى بىلمەي، ئىزدەنمەي، ئۆزىڭىزچە خەلقئارالىق مۇسابىقىگە شەرت قويۇپ يۈرىشىڭىز تولىمۇ ئەخمىقانىلىق بوپتۇ. سىز يەنە يېنىش - يېنىشلاپ ئىشتىن سىرت، ئۆزى تەشكىللەنگەن دەۋاتىسىز، 90 يىل بۇرۇنقى ھەقىقىي كەسىپلەشكەن، كەسپىي ماھىرلاردىن تەشكىللەنگەن كوماندىنى دەپ بېقىڭە؟؟؟ مەن سىزگە يوشۇرۇن مەنادا قەشقەردە كونسۇل بار دېگەن مەسىلىنى دېسەم سىز يەنە چۈشەنمەپسىز، ئەمدى گەپنى ئۇنىڭدىن ئوچۇق قىلغىلى بولماس.
   يەنە بىرى، سىزنىڭ جۇغراپىيە، تارىخ ۋە پۇتبول بىلىمىڭىزنىڭ بىرقەدەر يۈزەكى، تېيىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. ئەسلىدە سىزنىڭ بىرىنچى ئىنكاسىڭىزغا سوغۇق كۈلۈپ قويۇپلا، پەرۋەرنىڭ يولىنى تۇتساممۇ بولىدىكەن، مەن ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن، مۇنازىرە روھى بىلەن نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈپ، ھەتتا نۇر بەكرىنىڭ سۆزىدىن تارتىپ تولۇق تېپىپ بىر قېرىندىشىمغا ياردەم قىلماقچى بولغانىدىم. ئەپسۇس، ئاغزىدىن مۇنازىرە چۈشمەيدىغان سىزنىڭ مۇنازىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، پاكىت- دەلىلنىڭ نېمىنى بىلمەيدىغانلىقىڭىز مېنى ئەپسۇسلاندۇردى. بىلىپ قويۇڭ، ئېكساقلىقلارنىڭ ئۇتقىنى شېۋىتسارىيە ئەمەس، شېۋىتسىيە!!! بۇ ئىككى دۆلەتنى باشلانغۇچقا يېڭى كىرگەن بالىلار ياكى مەكتەپتە تازا ئوقۇمىغان،ھېچ بولمىغاندا پۇتبولنى تازا بىلمەيدىغانلار ئارىلاشتۇرۇپ قويسا ئازراق توغرا چۈشىنىمىز، ئەمما، ئىبرايىموۋىچتەك پۇتبولچىسى بار، ياۋروپادىكى كۈچلۈك كوماندا بولغان شېۋىتىسيەنى شېۋىتسارىيە دەپ ئارىلاشتۇرۇۋېتىش پۇتبول مۇنبىرىنىڭ ئىجادچان، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزاسى ۋە مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىسىنىڭ قەلىمىدە كۆرۈلسە ئۇچاغدا... ئۆزىڭىز ئويلىنىۋېلىڭ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-11 13:15:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خۇشخۇي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 13:16  
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 12:28
كۆز قارىشىمىز ئوخشىماي مەنمۇ سۇئال سورىدىم، سىز جاۋا ...


ئككىمىزگە ئوخشاش مۇشۇ مۇنبەردىمۇ ۋە باشقا پۇتبول مۇنبەرلىرىدىمۇ بۇرۇن بىرنەچچە قىتىم مۇشۇ توغۇرسىدا دە-تالاش بولغان ، ئەمدى ئككمىزگە كەپتۇ ، شۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق دە-تالاش قىلغان .شۇ چاغدا ،سىز بىلەن ھازىقىدەك دە-تالاش قىلدىغىنىمنى بىلگەن بولسام شۇ تمىنى ساقلاپ قويمامتىم . يەنە دىسەم يەنەشۇ  ئۈزىمىزنى شۇ چاغدا  دۆلەتكە ۋەكىلىك قىلدۇق دەپ قارسقمۇ ، باشقىلارنى مەجبۇرى باشقا دۆلەتلىك بۇلۇپ قالغىنىغىلا ئۇلارنى شۇ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلدۇ دىگەن بۇ بەكلا كۈلىلىك ئىش ، مەن يەنە دىسەم يەنە شۇ ، ئۇ مۇسابىقە پەقەت ئىكساق كوماندىسى ئۇتۇپتۇ دەپلا خۇشال بولساقلا كۇپايە ، لىكىن خەلقارالىق مۇسابىقە دەپ بەك چوڭ كۇرۇشكە بولمايدۇ .

  مىنىڭ پۇتبول بىلىمىم ئۈزىمگە يارشا ، بەك يۇقۇرى دەپ كەتمىدىم ، 90 يىل ئىلگىرى كەسپى  كوماندا قانداقلىقىنى بىلمەيمەن ، لىكىن بىزدىن نۇرغۇن يىل بۇرۇن پۇتبولنى چۇشەنگەن بىر دۆلەتنىڭ مۇنتىزىم بىر كوماندىسى بار دەپ ئويلايمەن ھەرگىزمۇ ، بىر كۇنسۇلغانىڭ ئىشچى-خىزمەتچسى پۇتبولنى بارلىققا كەلتۇرگەن دۆلەتنىڭ ۋەكىللىك كوماندىسى بۇلۇپ قالمايدۇ .

ئاخىرىدكى شىۋىتسارىيە دىگەننى قانداق گەپنى ئۈزۇم كىتاپقا قاراپلا يېزىۋىتىپتىمەن ، بەلكىم سىزمۇ ئۇقۇغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن .شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم  رايۇننىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى  مىجىت ناسىر ئاكىمىزنىڭ 2008-يىلى ئولمىپىك تەنەركەت مۇسابىقىسىدىن كىين بىر كىتاب يازغان ‹‹ بىزنىڭ ئەرمەتلىرىمىز›› دەپ شۇ كىتابتاشىۋىتسارىيە دەپ ئاپتۇ ، مەنمۇ بۇنى دىققەت قىلمايلا شۇنداق ئاپتىمەن ، ئۇ كىتاب ھازىرمۇ يىنىمدا بار ئىشەنمىسىڭىز رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتسەمۇ بۇلدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-11 13:31:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 13:15
ئككىمىزگە ئوخشاش مۇشۇ مۇنبەردىمۇ ۋە باشقا پۇتبول مۇن ...

شۇ ۋاقىتتا كەسپىي تەنھەرىكەتچىنىڭ بار يوقلىقىنى، مۇنتىزىم كوماندىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىگەندىن كېيىن سىز ئۇنىڭغا پەتىۋا بەرمەڭ، بىلگەن چېغىڭىزدا سۆزلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.... مۇنبەردىكى ئىككى تۆت تال دەتالاشنىمۇ ئىلمىي مۇنازىرىگە تارتىپ كىرىشىڭىز تېخىمۇ چوڭ خاتالىق، مەن تېخى نوپۇزلۇق ئالىملار تالاش تارتىش قىلغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. سىزنىڭچە بولغاندا مۇنبەردىكىلەر تالاش تارتىش قىلسىلا ئۇ چوڭ مەسىلە چوڭ دەتالاش بولىدىكەندە.
مىجىت ناسىرنىڭكىدىن باشقا ئەسەرلەرمۇ، ماتېرىياللار بار. ئاددىيسى ئەسەت سۇلايماننىڭ "ئۆزلۈك ۋە كىملىك" ناملىق ئەسىرىدىمۇ شېۋىتلارنىڭ قەشقەردىكى پائالىيىتى ھەتتا شېۋىتسارىيە بىلەن شېۋىتسىيەنى ئارىلاشتۇرىۋېتىشنىڭ خەلقىئارالىق ساۋاتسىزلىق ئىكەنلىكىمۇ قەيت قىلىنغان.  
  مۇنازىرىگە لازىمى زور مىقداردىكى ماتېرىيال بىلەن لوگىكا. گەپ ئېغىزدىن چىقسىلا ھېساب ئەمەس. سىز خاتالىقىڭىزنى بوينىڭىزغا ئالماي ئۇنى يەنە مىجىت ناسىرنىڭ ئەسىرىگە دۆڭگەۋاتىسىز. خاتالىقنى بايقىغانىكەنسىز سەمىمىيلىك بىلەن بوينىڭىزغا ئېلىشىڭىز ۋاجىپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-11 14:16:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 13:31
شۇ ۋاقىتتا كەسپىي تەنھەرىكەتچىنىڭ بار يوقلىقىنى، مۇن ...

شۇ چاغدا پۇتبول بارلىققا كەلگەن ئەنگىليىدە ھىچ قانداق دۆلەتكە ۋەكىلك قىلائىغان كوماندا يوقمىدۇ بۇنى ئاددى ئويلىسامۇ  كىمدىن سۇراق بار دەپ جاۋاب بىردۇ ھەرگىز يوق دىمەيدۇ ، بۇنى ئاددى كاللا بىلەن ئويلىساقمۇ بىلمىزغۇ بەك چوڭقۇر ئويلاپ كەتكۇدەك ئىش ئەمەس  . بۇ دىگەن ئەركىن جەميەت ئادەم  ئويلىغاننى ، توغرادەپ قارغاننى دەيدۇ ، مەنمۇ باشقىلارنىڭ مۇشۇ توغىرسىدىكى مۇنازىرسىنى كۇرۇپ شۇلارنىڭ دىگىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ دەۋاتمەن ، ، سىزمۇ شۇ كىتابتىن كۆرگەننى ئاڭلىغاننى . ماتىريال دىگەن نەرسىڭىزدىن ئۇقۇغاننى دەيدىغانسىز ؟نۇپۇزلۇق ئورۇن ، كىملەر دىگىنىڭىزنىڭ دىگىنى نىمە دىسە شۇلارنىڭ راسكەندە ؟ باشقىلارنىڭ دىگىنى ھىچنىمىگە ھىساب ئەمەسكەندە ، مەن دىسەم يانا شۇنى دەيمەن ئابلەتچان ئاتاقلىق ئالىملىرىڭىزنىڭ نىمە دىيشى بىلەن مىنىڭ قىلچە كارام يوق مىنىڭ ئۈزەمنىڭ كاللىسى ھەم ئاشۇ ، ئۇ كۇنسۇل كوماندىسى ھەرگىزمۇ ئەنگىليەگە بىلەن شېۋىتسىيەگە ۋەكىللىك قىلاملمايدۇ ، مۇسابىقىگە قارتا شۇنداق تۇنۇشۇم بار ،  ماڭا مىڭ ماتىريال كۆرسەتسىڭىزمۇ بايىقى دىگەن گىپىمنى توغىرا دەيمەن ، بىزنىڭ ئۈزىمىنى بەك چوڭ چاغلايدىغان باشقىلارنى يوققا چىقىرىشقا ئالدىرايدىغان ، ئۈزىمىزنىڭ كىچىكىنە قىلغان ئىشىنى تاغدەك تەسۋىرلەپ يازدىغان ئەدىبلىرىمىزنىڭ تۇپەيلى بۇ مۇسابىقە ئاشۇنداق چوڭ بىلىنىپ كەتكەن بولسا كىرەك بوپتۇ ئۇمۇ سىزنىڭ ۋەسىزدەك ئويلايدىغانلىرىنىڭ كۆز قارشى ، لىكىن مىنىڭ كۆز قارشىم يەنىلا بايقىدەك

ئا گەپنى مەن توغر دىدىم دىمىدىمغۇ . شۇ ئاشۇ كىتابنى ئۇقۇۋىتىپ شۇ كىتابتىكى خەت بۇيىنچىلا يېزىپ كىتىپتىمەن ، بۇ مەندىكى خاتالىق ، بۇنى مەن ئىنكار قىلمىدىمغۇ

ئەمدى مەن توختاپ قالاي ، يەنە دىسەم بايقى دىگىنىمنى دەيمەن  . ئۇ بىر قىتىملىق مۇسابىقە نەتىجىسىدىن خۇشال بولدۇم ، لىكىن ئەنگىليە بىلەن شىۋىتسىيەنى يەڭگەن دىگەنلارگە  ھە دەپلا قۇيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-11 14:35:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 14:16
شۇ چاغدا پۇتبول بارلىققا كەلگەن ئەنگىليىدە ھىچ قاندا ...

ھە دەپ قويىدىغان ئىشىڭىز بولسا نېمە قىلىتىڭىز مۇنازىرىلىشىمەن دەپ، بېشىدىلا ھە دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ!! سىز ئالىملارنىڭ گېپىنىمۇ نەزەرىڭىزگە ئىلمايدىغان ئادەم بولغاندىن كېيىن مېنىڭ يەكۈنۈمنىمۇ بەك ئىچىڭىزگە ئېلىپ كەتمىسىڭىز، پەرۋا قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ!!!
خاتالاشقانلىقىڭىزنى ئىنكار قىلسىڭىز ئەلۋەتتە بولمايدۇ، مېنىڭ دېگىنىم بوينىغا ئېلىشىڭىز كېرەك!!! ئىنكار قىلماسلىق كىچىك ئىش، بوينىغا ئېلىش چوڭ ئىش.
  يەنە بىرى ئۆزىنىڭكىنى ئالەمچە چوڭ بىلىدىغان تار مىللەتچىلكتىن مەنمۇ بىزار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-11 14:55:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 14:35
ھە دەپ قويىدىغان ئىشىڭىز بولسا نېمە قىلىتىڭىز مۇنازى ...

سىز شۇ ئالىملىرىڭىزنىڭ دىگىنىنى راس ئۇ ئەمىليەت ، لىكىن مۇنبەردىكى ياكى باشقا يەردىكىلەرنىڭ دىگىنىنى بۇ يەردە دىسە ئۇ ئۇ چوڭ خاتالاشقان بۇلدىكەنمىز ، ئۇقۇپ قۇيۇڭ سىز ئالملارنىڭ دىگىنى دىسىڭىز مەنمۇ ئۈزۇم مۇنازىرسىنى كۆرگەن مۇنبەرلەردىكى ئاشۇ ئالىملىرىڭىز بىلەن تەڭ كۇردىغان تورداشلارنىڭكىنى دىدىم . سىز پۇتبول توغىرسىدا ئالىملارنىڭ دىگىنىنى بەك چوڭ بىلدىكەنسىز مەنمۇ شۇ ئاشۇ مۇنبەرداشلارنىڭ دىگىنى ھەم ئۈزۇمنىڭ شۇنىڭغا قارتا توغرا دەپ قارغىنى چوڭ بىلىمەن شۇڭا ، ئەمدى ھە دەپ قويمىسام  بولمايدىغان يېرىگە چىقتى ، بولمىسا سىز دىگەن  نۇپۇزلۇق ، ئالىملارنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ قويماي


يەنە بىرى ئۆزىنىڭكىنى ئالەمچە چوڭ بىلىدىغان تار مىللەتچىلكتىن مەنمۇ بىزار.

ئاخىردىكى بۇسۆزلىرىڭىزگە ، يەنىلا ھە  دەپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم

ئككىمىز ئككى دۇنياكەنمىز ، سىز كىتابتىكىنى ئالىملارنىڭ يەنە نۇپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ دىگىنى دىگىنى ئۈزىڭىزگە سېڭدۇرىۋىرىڭ . مەنمۇ ئۈزۇمنىڭ دىگىنىنى ئاڭلىغىنىمنى ، ئۈزۇمگە توغرا دەپ قارغان ئىشىمنى قىلىپ تار مىللەتچىلىك ئىدىيەسىدە تۇرىۋىرەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-11 15:21:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 14:55
سىز شۇ ئالىملىرىڭىزنىڭ دىگىنىنى راس ئۇ ئەمىليەت ، لىك ...

سىزنىڭ ھۇشىڭىز جايىدىدۇ ھە؟ مەن ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭكىلا راست دەيدىغان تار مىللەتچىلىكتىن بىزار دەپ، سىزنىڭ قىسمەن گەپلىرىڭىزنى توغرا دەپ قاراۋاتسام سىز ئۆزىڭىزنىڭ كاچىتىغا ئۆزىڭىز ئۇرۇپ يۈرۈيسىزغۇ!! دېمەك، مەنلا دېگەن گەپ بولسا سىز شۇنىڭغا قارشى ئىكەنسىزدە!! گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىڭ. ۋاي بولدىلا، شۇ كاللىڭىز بويىچە مېڭىۋېرىڭ!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-11 15:37:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 15:21
سىزنىڭ ھۇشىڭىز جايىدىدۇ ھە؟ مەن ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭكى ...

بۇ يەردە يەنە بىر خاتالىق سادىر قىپتىمەن ‹‹ ئۆزىنىڭكىنى ›› دىگەن مۇنۇ خەتنى مەن ئۇزىىڭزنىڭكى دەپ ئۇقۇپ ، ئاۋۇ ئىنكاسنى يېزىپ ساپتىمەن

مەن سىزنىڭ دىگىنىڭىزگە نىمىشقا قارشى چىقاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-11 16:56:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا ئىككىسىنىڭ ئىنكاسلىرنى ئوقۇپ بولامماي ھىرىپ كەتتىميا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-13 00:06:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-9 21:19
ۋاي نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ بالا، مەن توپچى ئەمەس.... ئۇ چ ...

ماڭا ئوخشاش شاش ۋاقىتلىڭىز ئىكەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-2 15:12:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دەپ قالدىم .......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش