ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 268 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پۇتبول مۇنبىرىنى سىرىتتىن زىيارەت قىلۋاتقىلى ئىككى يىلدەك بولدى ،ئەسلى ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش ئۈچۈن مۇكەممەل تىما يازماقچى ئىدىم قورساقتا ئوماچ يوق ،شۇڭا ئەيىپكە بۇيرىماسسىلەر ،نەق گەپكە كەلسەك شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقنىڭ تارىخى توغىرسىدا مۇكەممەل يىزىلغان ئەسەرلەر ناھايتى ئاز ھەم يوق دىيەرلىك ،ئەمما مۇنبەرداشلارنىڭ بىلمىنى يىغساق تاما تاما كۆل بولۇپ بىر ئەسەر پۈتمىسىمۇ كىشى ئوقىسا دەسلەپكى چۈشەنچىسى شەككىلەنگىدەك تىما بولىدۇ ئەلۋەتتە …
شۇڭا مۇنبەرداشلار شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ ھەم تۇنجق تىمىدا مۇنازىدە قىلىشساق ئاندىن شۇ ئىنكاسلارنى يىغىپ بىر ئەسەر قىلىپ تىما يوللىساق دىگەن ئۈمۈددە ،ئاۋال مەن بىلگىنىمچە باشلاي ،
1. شىنجاڭدىكى تۇنجى كەسپىي پۇتبول كۇلۇپ ؟
2.شىنجاڭدىكى تۇنجى خەلقارالىق مۇسابىقە ؟
3.دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان تۇنجى شىنجاڭلىق كىم ؟
4.دۆلەت ئولۇمپىك كوماندىسىغا چاقىرتىلغان تۇنجى شىنجاڭلىق كىم ؟
5.جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئىرىشكەن تۇنجى شىنجاڭلىق كىم ؟
6.جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرىدا توپ ئۇرغان تۇنجى شىنجاڭلىق ؟
7.ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا توپ ئۇرغان تۇنجى شىنجاڭلىق ؟
…
يوقارقى سۇئاللارغا جاۋاب ئىزدەيمەن ، بۇنداق سۇئاللار ناھايتى كۆپ شۇڭا تورداشلار مۇشۇنداق سۇئاللارنى سوراپ ياكى ئۆز ئارا سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنازىرە قىلىشساق ،جاۋابلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلساق مۇكەممەل جاۋاب ياكى ئەسەلەرنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسى بولسا تىخى ياخشى ،
قىنى مەرھەمەت
|
|