ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2114 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-10 15:41
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 14:47
كۇلۇب بىلەن كوماندا ئىككىسى ئككى گەپ بولدى ،ئەمدى يەن ...
بۇرادەر، ئادەمنى ھەقىقەتەن چارچاتتىڭىز، مەن سىزگە ھەممىنى ئۆگىتىپ دەپ بېرىدىغان مۇئەللىمىڭىز ئەمەس، ياكى بۇ ھەقتە مەجبۇرىيىتىم يوق. سىز تېخى گەپنىڭ غېزى بىلەن ئۆردىكىنى ئايرىماي تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىڭىزدىن سۇئال سورىغاندەك سوراۋېرىدىغان گەپ يوق.
سىز مېنى چېلىۋاتامسىز ياكى راست كىچىكمۇ؟ نېمىدىگەن گەپ ئۇ كوماندا بىلەن كۇلۇب ئىككىسى ئىككى گەپ دېگەن؟ ھەرقانداق پۇتبول كۇلۇبى چوقۇم كوماندا، لېكىن ھەرقانداق كوماندىنى كۇلۇب دېيەلمەيمىز. گېرمانىيە كوماندىسى كوماندا لېكىن كۇلۇب ئەمەس. مۇشۇ ئەڭ ئاددى ساۋاتنىمۇ بىلمەمسىز؟؟
20- يىللاردىكى ئاشۇ مۇسابىقىنى خەلقىئارالىق مۇسابىقە دېيىشتىكى سەۋەب، مۇسابىقىنىڭ دۆلەت ئاتلىغان خاراكتېرغا ئىگە بولغانلىقى، ھەتتا ئۈچ دۆلەتنىڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈندۇر. مىسال: مەن ئامېرىكىدىكى بىر دوستۇمغا تېلېفون قىلدىم، ئۇ ئادەتتىكى بىر تازىلىق ئىشچىسى، لېكىن يەنىلا خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون قىلغان ھېسابلىنىمەن، تېلېفوننى ئوباماغا قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن خەلقئارالىق ئەمەس دەپ قارالمايدۇ.
سىزنىڭ كېيىنكى سۇئاللىرىڭىز تولىمۇ بىمەنە بولۇپ، نورمال پۇتبول مەستانىسى سورايدىغان سوئال ئەمەس.
مەندىنلا سۇئال سوراشقا ئالدىرماي، مېنىڭ سىزدىن سورىغانلىرىمغىمۇ قاراپ قويۇڭ. ئۆزىڭىزنىڭ پەرەزلىرىنى تىزىپ قويماي پاكىت سۆزلەڭ. |
|