elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
ئىگىسى: bughraoghli

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ ۋە تۇنجى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-9-10 18:09:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇقمايدىكەنمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-10 18:09:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-10 18:18:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-9 21:19
ۋاي نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ بالا، مەن توپچى ئەمەس.... ئۇ چ ...

ئەجدىرھا (بېلىق) يىللىقكەنسىز دە، مەن تېخى يېشىڭىزنى 30 لاردا بارمىكىن دەپ يۈرۈپتىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-10 18:20:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turk222 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 18:18
ئەجدىرھا (بېلىق) يىللىقكەنسىز دە، مەن تېخى يېشىڭىزنى 3 ...

تۇغۇلغان يىل،ئاي، كۈنۈم ئارخىۋىمدا تولۇق تۇرسا مۆچەلگە قارىغىنىڭىز ئاجايىپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-10 18:22:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turk222 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 18:18
ئەجدىرھا (بېلىق) يىللىقكەنسىز دە، مەن تېخى يېشىڭىزنى 3 ...

تۇغۇلغان يىل،ئاي، كۈنۈم ئارخىۋىمدا تولۇق تۇرسا مۆچەلگە قارىغىنىڭىز ئاجايىپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-10 18:34:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 18:22
تۇغۇلغان يىل،ئاي، كۈنۈم ئارخىۋىمدا تولۇق تۇرسا مۆچەل ...

ئارخىپىڭىزنى ئاختۇرۇپ باقماپتىمەن، ئەمما مۆچەل، يۇلتۇز تۈركۈمى دىگەنلەرنى يادقا بىلىمەن، ئەمدى قان تىپىڭىزنى بىلىۋالسام مىجەز-خارەكتىرىڭىزنى خېلى چۈشىنىۋالدىم دىگەن گەپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-10 19:49:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 10:15
1. بۇرادەر، گەپلىرىڭىزنى چۈشەنمەي قالدىمغۇ.. ھازىرقى ك ...

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-10 19:50:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 15:29
بۇرادەر، ئادەمنى ھەقىقەتەن چارچاتتىڭىز، مەن سىزگە ھە ...

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-10 20:53:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خۇشخۇي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-10 21:51  
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 15:29
بۇرادەر، ئادەمنى ھەقىقەتەن چارچاتتىڭىز، مەن سىزگە ھە ...


ئابلەتچان بۇ يەردە بىرسىمىزگە قۇپال گەپ قىلىش بولمىسۇن . مۇنازىرلىشىش بولسۇن ، سۇئال سۇراش باشقىلارنىڭ چۇشەنچىسىنى بىلىش ياكى ئۈزى بىلمىگەنى بىلىش ئۇچۇندۇر بۇنىڭدا سىزگە ھىچ قانداق ئغرچىلىق بولمايدۇغۇ .
چېلىش دىگەن قانداق گەپ ؟ كىچىكمۇ دىگەن قانداق گەپ . مەن بىرەسىنى چالمايمەن مۇنازىرگە مۇنازىرە نەزرىم بىلەن قارايمەن ، چاقچاققا چاقچاق نەزىرىم بىلەن ، مىنى كىچىكمۇ دىمەڭ مەندىن يوغان ئادەملەرمۇ مەنچىلىك پۇتبولنى  بىلمەيدۇ ، مەن سىزدىن ئككى ياش چوڭ مەنسىزچىلىك پۇتبولنى بىلمەيمەن

نەق گەپكە كەلسەك مەن سىزگە باشتىلا ئەمىن كوماندىسى توغىرسىدا دىدىم ، قەشقەرلىك غىنى ھاجى ئىمن 1998-يىلى بىر مىليۇن يۇئەن مەبلەغ سېلىپ قەشقەر1-ئوتتۇرامەكتەپكە ئككى قەۋەتلىك بىنادىن بىرنى سىلىپ  پۇتبول مەكتىپى قۇردى، ھەم 8 يىلدىن ئارتۇقراق پۇت تىرەپ تۇرغان كوماندا  ، بۇ كوماندا ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچىدە خىلى ياخشى تەسىلەرنى كۆرسەتتى . غىنى ھاجى ئىمىن ئاكىمىز بىر تىجارەتچى بۇ ئادەم قۇرغان كوماندا  ئۆز يىنىدىن پۇل چىقىرىپ قۇرغان بۇنى كۇلۇب دىسەك بۇلدۇ . شۇنداق بولغاندا تەڭىتاغ قاپلىنى شىنجاڭدىكى تۇنجى كۇلۇب ئەمەس .  يەنە شىنجاڭ ‹‹تەنتەربىيە لاتارىيىسى›› ‹‹تاشئالما ››پۇتبول كۇلۇبى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ  مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى پۇتبول كۇلۇب ، بۇلارمۇ ھىسابتا ھۆكمەت ئىگدارچىلىقى بولغىنى بىلەن يەنە بىر قىسىم مەبلەغ چىقارغۇچى ئورۇنلارمۇ بار ئۇلارنىڭ مەقسىدى ،مىنىڭ قارشىمچە پۇل تېپىش ، بۇنداق بومايدىكەن ئۇلار بىر مۇنچە پۇلنى بۇ كوماندىلارغا خەجلەپ قۇيۇپ ، پۇل تاپمىسا ، ئۇلارنىڭ بىشى ئېششىپ قالمىغاندۇ كوماندا قۇرۇپ


ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن ، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن . يېڭى زامان پۇتبول ھەرىكىتى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاتۇش ئېكساق ئارقىلىق شىنجاڭغا تارقىلىشقا باشلىغان . 1850-يىللىرى ، ئېكساق خەلقى يەرلىك ئۇسۇلدا قولدا ياسىلىپ ئىچىگە سامان ، لاتا تىقىلغان ، ھايۋان بوغۇساقلىرىغا يەل تولدۇرۇلغان توپلارنى ئويناشقا باشلىغان . ئوينىغۇچىلار 3 ، 5 ، 6 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ، قارىمۇقارشى ئوينايتتى . ۋاقتى 3 توپ ياكى 6 توپ كىرگۈچە ۋە ياكى زېرىككۈچە بولاتتى . ۋاراتا قەدەم ياكى تاپان ئارقىلىق ئۆلچىنەتتى .
1907-يىلى ، ئېكساق ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم كۆك گۈمبىزى يېنىغا سەككىز سىنىپ ، ياتاق ، ئاشخانا ، مۇنچا ۋە 40 ئوقۇغۇچىسى بار دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى سېلىندى . بۇ مەكتەپكە تۈركىيىدە ئوقۇپ كەلگەن مەسئۇد سەپئىرى ، تۇرسۇن ئەپەندى ، كامىل ئەپەندى قادىر ئەپەندى قاتارلىق سەككىز نەپەر زىيالى ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەندى . مەكتەپ يېنىغا ئۇزۇنلۇقى 75 مېتىر ، كەڭلىكى 50 مېتىر كېلىدىغان مەيدان ياسىلىپ ، ئۇنىڭغا كەڭلىكى 19 تاپان ، ئېگىزلىكى ئادەم نورمال سەكرىسە قولى يېتىدىغان قىلىپ ياغاچتىن ياسالغان ۋاراتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ( بۇ ھازىرمۇ << توپخانا >> دەپ ئاتىلىدۇ ) . ئەينى چاغدا ، بۇ مەكتەپتە رەسمىي زامانىۋىي تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىنىپ ، پۇتبول ، يېنىك ئاتلېتكا ۋە يەرلىك ئويۇنلار بىرلەشتۈرۈلۈپ دەرس ئۆتۈلدى ، ھەمدە 11 كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇلدى . مەرىپەتپەرۋەر بايلاردىن ھۈسەن مۇسابايوف ، باۋدۇن مۇسابايوفلار بۇ ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ، تۈركىيىدىن خىرۇمدىن تىكىلگەن توپلارنى كىرگۈزۈپ ، مەكتەپنى توپ بىلەن تەمىنلىدى . تۇرسۇن ئەپەندى ياشلار - ئۆسمۈرلەرنى تەشكىللەپ پۇتبول مەشقى ئېلىپ باردى . توپچىلارنىڭ ئورنىنى قەلئەچى ، بېك ، ياردەمچى بېك ، پورۋاسى دەپ ئاتىدى . 1920-يىلى تۇرسۇن ئەپەندى ، ئەنۋەر خەلپىتىم ، كېرىم قارى ، بېشىر ئاتاباي ، ئىبراھىم سەئىدى ، غوپۇر مۇھەممەد ھەسەن ، پەخىردىن ئەپەندى ، تۇرسۇن قارى ، ھاجى ئابلا ، ھەيدەر ئىدرىس ، رىشاد ھاجى ، سابىت مىرئەمەت ، مۇھەممەد تۆمۈر ، روزى مۇھەممەد نىياز ، قادىر روزى ، ناسىر مىرخېلىل ، ئابدۇراھمان يۈسۈپ ، ئابلەت مۇسا ، ئابلەت ناسىر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئېكساق پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدى . ئۇلار مەكتەپتە ، سۇ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئويۇن كۆرسىتىپ ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى .
1924-يىل 29-ماي كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، ئېكساق كوماندىسى مۇسابايوفنىڭ قەشقەردىكى ئىش بېجىرگۈچىسى ۋەلىخاننىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قەشقەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن قەشقەردە مۇسابىقىلەشتى . تاماشىبىنلار 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى ، مۇسابىقە 90 مىنۇت داۋاملاشتى . نەتىجىدە ، ئاتۇش ئېكساق كوماندىسى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئىنگلىزلارنى يەڭدى . شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ كوماندا قەشقەردە تۇرۇشلۇق شۋېتسىيە كونسۇلخانىسى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ، ئۇلارنى نۆلگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يەڭدى .
بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋە قاتناشقۇچىلاردىن تەرەققىيپەرۋەر تۇرسۇن ئەپەندى ۋە تەلئەت مۇسابايوفلار 1932- ۋە 1936-يىللىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنىپ ، 3 ئايدىن 6 ئايغىچە تۈرمىدە يېتىپ چىقتى . تۇرسۇن ئەپەندى 1936-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ دارىلمۇئەللىمىندە ئەپەندى بولۇپ ئىشلىدى ، 1937-يىل 11-ئايدا دوسكا ئالدىدا قولغا ئېلىنىپ ، جاللات شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە 51 يېشىدا ۋاپات بولدى . جاللات شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى ، تەنتەربىيە ئىشلىرىدىمۇ زور چېكىنىش بولدى . ئەنگىليە كۇنسۇلخانسىدسىكى ئىش-خىزمەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن بىر كوماندىنى ، نەچچە يىل تەربىلەنگەن كوماندا يەڭسە بۇنى خالقارالىق مۇسابىقە دەيمىزمۇ ئابلەتچان ، شېۋىتسىيەنىڭ كوماندا ئەمەس پەقەت ئۇلار شىنجاڭغا بۇلۇپمۇ قەشقەرگە خىرىستىيان دىننى تارقىتىش ئۇچۇن كىرگەنلەركەن ، بۇ ئككى كوماندا ھەرگىزمۇ ئككى دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ، شۇڭا بۇ مۇسابىقىدىن خۇشال بولساق بۇلدۇ لىكىن خەلقارالىق مۇسابىقە دىيىشىكە بولمايدۇ

ئاخىردا جۇڭگۇ ب بىرلەشمىسىنى كەسپى بىرلەشمە ئەمەس دىگەن گەپنى بۇگۇن ئاڭلىدىم ، نىمە ئۇچۇن كەسپى بىرلەشمە دىمەيمىز ؟  يەنە تاشئالمىدا كەسپى پۇتبولچىلار يوق دىيەرلىك دىگەن قانداق گەپ ، سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنى پۇتتۇرۇپ چىققانلار كەسپى پۇتبولچىلار ئەمەسما ؟

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-10 21:19:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 18:09
ئاۋۇ چوڭ دادامنىڭ مۈشۈكىنىڭ جاجىسىنى ئۆزۈم بەرمىسەم، ...

چاخ چاخ چوڭ ئا ناڭنىڭ ئەرمىكى بۇ يەرگە كىرۋاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-11 00:52:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىدىغانلارنىڭ جاۋاپ بەرگىنى ياخشى،بىز بىلمىگەندىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-11 01:13:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 09:42  
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 20:53
ئابلەتچان بۇ يەردە بىرسىمىزگە قۇپال گەپ قىلىش بولمىس ...


سۇئالنى سوراش تەس ئەمەس، جاۋاب بېرىش قىيىن. سىز سۇئالدىن بىرنى سوراپ قويۇپ، ئارقىدىن ئۇنىڭغا يېتەرلىك جاۋابقا ئېرىشمەي تۇرۇپلا يەنە يوغان، چۈشىنىكسىز، بىمەنە سوئالدىن بىرنى تاشلىسىڭىز، باشقىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەي تۇرۇپ ئۆزىڭىزلا سۇئال سورىسىڭىز، يەنە كېلىپ سىز ئاشۇ نەرسىلەر توغرىسىدا ھېچقانداق ئىزدەنمەي تۇرۇپلا سۇئال قويسىڭىز توغرا بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، پۇتبولدا نۇرغۇن نەرسىنىڭ نوقۇل، ئېنىق جاۋابى بولمايدۇ، سىز ماتېرىيال كۆرۈشىڭىز، ئىزدىنىشىڭىز كېرەك. بىر كىشىدىن سۇئال سوراپ قويۇپ، جاۋابىغا ھېچقانداق ئىنكاس يوق، يەنە ئۆزىنىڭ بىلگىنى بويىچە ئىش قىلىش ئادەم چالغانلىق ياكى كىچىك بالىلىق بولمىسا نېمە؟ مۇنازىرە قىلىدىغان ئادەم قارشى تەرەپنىڭ ھەربىر سوئالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ھەر بىر تال سۆزىگىچە ئىنچىكە ئويلىنىپ، ئۆزىنىڭ سۆزىگە پاكىت تېپىپ، ئاندىن ئۇنى ياقىلايدىغان گەپ. سىز سۇئاللا سوراپ، مەن ئۇنىڭغا نەچچە يەردىن ماتېرىيال كۆرۈپ، ئىزدىنىپ جاۋاب بەرسەم بۇ بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپى بولامدۇ ياكى مۇنازىرىمۇ؟؟؟
  سىز ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى نېمىشقا كەسپىي بىرلەشمە ئەمەس دېگەن سوئالىڭىزنى مەندىن ئەمەس، ھازىرقى جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى سەي جېڭخۇادىن سورىشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇنى مەن بەلگىلىيەلمەيمەن، ئۇلار ب دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىنى ئىشتىن سىرتقى مۇسابىقە، دەپ بېكىتكەن. يەنە كېلىپ مەن سىزگە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە ئەمەس دەپ ئۇچۇر بەردىم، سىز بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، سەۋەبىنى ئۆزىڭىز ئىزدىنىشىڭىز كېرەك، ھەممە نەرسىنى مۇنازىرىلىشىۋاتقان ئادىمىدىن سورىغاننى تۇنجى كۆردۈم. سىزمۇ مۇشۇ ھەقتە نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈپ، نەچچە كۈن ئىزدىنىڭ، شۇ چاغدا بىلىسىز جاۋاب بېرىشنىڭ ئېغىر كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى...
   يەنە بىرى، سىز بېشىدا ئاغزى - ئاغزىڭىزغا تەگمەي، ئاتۇشتىكى مۇسابىقە توغرىلىق دەتالاش كۆپ دەۋەتاتتىڭىز، ئاخىرى بارلىق پاكىتىنى ئۆزىڭىز ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، سىز دېگەن دەتالاش قايسى؟؟؟ كىملەرنىڭ دەتالىشىشى ئۇ؟؟؟ (بۇ سۇئاللىرىمغا جاۋاب تەلەپ قىلىمەن، ھەممە سۇئالىمدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشىڭىزگە رۇخسەت يوق).
   يەنە بىرى، نەچچە يىل مەشىق قىلغان ئادەملەر بىلەن ئىشىچى - خىزمەتچىلەر مۇسابىقىلەشسە بۇنى خەلقئارالىق مۇسابىقە دېمەيمىز دەپسىز، بۇ نەنىڭ لوگىكىسى. ئالدىنقى يىلى تايلاند ئىشتىن سىرتقى ئادەملىرى قوشۇلۇپ قالغان كوماندىسى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق كەسپىي ماھىرلىرىنى 5:1 يېڭىۋالدى، ئۇ خەلقئارالىق مۇسابىقە ئەمەسمۇ؟ يەنە بىرى، تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا جەبىلتارىق كوماندىسى ئىككىلا كەسپىي ماھىرى بىلەن ئۇزۇن يىل مەشىق قىلغان، ياۋروپادا خېلى داڭلىق بولغان پولشا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، پولشا جەبىلتارىق يېڭى قۇرۇلۇپتۇ، كەسپىي ماھىرى ئازكەن، ئىشتىن سىرتقى  كوماندىكەن دەپ ئويلىماي 7 توپ كىرگۈزدى، بۇمۇ خەلقئارالىق مۇسابىقە ئەمەسمۇ؟ دېمەك، سىزنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ سەۋىيەسىنى مۇسابىقىنىڭ خاراكتېرىغا باغلىشىڭىز قەتئىي بولمىدى. دېمەك، 2002 - يىلىدىكى بىرازىلىيەنىڭ پۇتبولدا ئەمدىلاتىن باش كۆتۈرۈۋاتقان دۆلىتىمىزنى يېڭىۋېلىشىنىمۇ مۇسابىقىنىڭ خاراكتېرىدىن كۆرىدىكەنمىزدە.
   مەن سىزگە يېنىش - يېنىشلاپ دېدىم. سىز ئۇ چاغدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى، پۇتبولنىڭ تارىخىنى، دۆلەت كوماندىسى ئۇقۇمىنى راۋۇرۇس دەڭسەپ، ئاندىن ھۆكۈم چىقىرىڭ. شۇ ۋاقىتتىكى خەلقئارالىق مۇسابىقىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ھازىرقى ئۆلچەمنى بىر يەرگە قويماڭ. 1924 - يىلى جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاران قۇرۇلغان، كوماندىمۇ شۇ يىلى ئاخىرىدا قۇرۇلغان، يەنى ئاتۇشتىكىدىنمۇ كېيىن قۇرۇلغان دېگەن گەپ. دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل جۇڭگو بويىچە ئەڭ كۈچلۈك  بولۇشى ۋە جۇڭگونىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن، ھازىرمۇ شۇنداققۇ!!!
   يەنە ئويلاڭ، مەيلى دىن تارقاتسۇن مەيلى ئاخبارات ئوغرىلىسۇن، شۇ ۋاقىتتا قەشقەردە كونسۇلخانا بولغان، ھازىر ئۈرۈمچىدىمۇ بىرەر كونسۇلخانا يوق، يەنى بۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىڭ (گەپنى بۇنىڭدىن ئوچۇق دېگىلى بولماس). يەنە كېلىپ مۇسابىقىلەشكەنلەر ئۆزىنى قانداقتۇر ئاشپەز، پوپ، مايلامچىلار ۋەكىلى ئەمەس، بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىغان. ئېكساقلىق پۇتبولچىلار تېخىمۇ شۇنداق، بولمىسا باشقا كونسۇلخانىدىكىلەرنى نازارەتچى قىلىپ، مۇسابىقىنىڭ ئاي، كۈنىنى بېكىتىپ، مەلۇم نەرسىنى دوغا قوياتتىمۇ؟؟ تېخى كەسپىي پۇتبولچىلار بارلىققا كەلمىگەن، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەر تۈزۈك ئۆتكۈزۈلمەيدىغان شۇ دەۋرگە نىسبەتەن دۆلىتىمىزدىكى پۇتبول نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان رايوننىڭ خەلقئارادىكى ئىككى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئاقىۋىتىنى بىلمەمدىغاندۇ؟بولۇپمۇ مىسسىيونېرلاردەك روھ بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار....
   سىز غېنى ھاجىمنىڭ كۇلۇبىنى دېۋىدىڭىز، سىزنىڭ پۇتبول بىلىمىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن چەكلىك ئىكەنلىكىنى، سىزگە ياردەم قىلىشىمىز زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۆزىنىڭ يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كۇلۇب قۇرىغانلارنى سىز تازا كۆپ بىلمەيدىكەنسىز. قەشقەردە مۇختەر پازىل، ئۈرۈمچىدە ئەسقەر جادى "يىپەك يولى" كۇلۇبىنى قۇرغان. ئۇلارنىڭ كۇلۇبى قايسى كەسپىي مۇسابىقىنى ئوينىدى؟ ئۇلارنىڭ قولىدا قايسى كەسپىي توپچىلار بار؟ شىرخان؟ چوڭ كېرىماجىم؟ ئەنۋەر ھەسەن؟...باشقىنى مىسال ئالماي، سىز ھەممىدىن چوڭ بىلىدىغان رېئال مادرىدنى كۆز ئالدىڭىزغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى، كۇلۇب قاتلىمى، ئويناۋاتقان مۇسابىقىسنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەكىلىپ ئويلاڭ. ئەگەر رېئال مادرىد بىرەر مەيدانمۇ كەسپىي مۇسابىقە (ئۇزغۇنلۇق، بىرلەشمە دېگەندەك) ئوينىماي، مەشىقلا قىلىپ، رونالدو ئېلانغىلا چىقسا ئۇ پۇتبول كۇلۇبى بولامدۇ ياكى ئىشتىن سىرتقى ئويۇن قويۇش ئۆمىكى بولامدۇ؟؟؟  تاشئالمىمۇ دەل كەسپىي توپچىسىنىڭ ئاز بولۇشى، كەسپىي مۇسابىقە ئوينىماسلىقى ئەڭ مۇھىمى ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق مەبلىغى يوق، كۇلۇب قۇرۇشنى بىلمەيدىغان خەيتاڭ بىلەن بۇ بالىلارنى پەقەت مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشتۇرۋېلىشنى ئويلايدىغان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بىرلىشىپ ئوينىغان قىسقىچە ئويۇنىنىڭ مەھسۇلى. مۇھىمى، ئۇنىڭدا كەسپىيلىشىش، كەسىپلەشتۈرۈش دېگەن گەپ يوق، ئەڭ مۇھىمى ئوينىغىنى پەقەت ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمە!!!
   ئاخىرقى سۇئالىڭىزغا كۈلۈپ كەتتىم!! تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى كەسپىي دوختۇر، كەسپىي سېستىراما؟؟؟  ئاخبارات كەسپىدە 60 بالا ئوقۇغانىدۇق، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئاخبارات ساھەسىگە كىرگەنلەر 10 غا بارمىدى، ھەممىمىز كەسپىي مۇخبىر بولۇشىمىز كېرەك ئىدىغۇ، قىزىق، خىزمەتكە چىققىلى ئىككى يىل بولدى، مەن تېخى مۇخبىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىدىم، چۈنكى كەسپىي مۇخبىرلىق كىنىشكىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش كېتىدىكەن.... مەكتەپنى پۈتكۈزسىلا كەسپىي پۇتبولچى بولىدىغان گەپ يوق، بولمىسا ھەممە ئادەم بالىسىنى ئاپىرىپ بەرمەمدۇ؟؟ كەسپىي كۇلۇب بىلەن توختامىلىشىپ، كەسپىي مۇسابىقىلەرگە قاتناشسا كەسپىي پۇتبولچى دەيمىز.... ئەكرەم، بارى، يەھيا، مىرئەخمەتلەردەك.... ئاخىرىقى گېېپىم: كاللىڭىزغا نېمە كەلسە شۇنى سوراۋەرمەي، ئالدىرىماي ماتېرىيال ئاختۇرۇڭ، ئىزدىنىڭ... "سورىغان ئۇزار" دېگەن گەپنى كىچىك بالىلارغىلا ئىشلىتىمىز، ئەمەلىيەتتە، ئادەم ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك...            
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش