پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
ئىگىسى: تانكىچاق

ئېنگلاندنى قانداق قىسمەتلەر كۈتىۋاتىدۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

27

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10911
يازمىسى: 27
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 53
تۆھپە: 100031
ۋاقتى: 27
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 00:55:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونى  نىمىشكا چەكلىنىدۇ

ئويۇن ئەمدى باشلاندى..!

666

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  783
يازمىسى: 12752
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 10074517
تۆھپە: 3485
ۋاقتى: 5708
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 00:59:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچىنى توغورلۇق يەنە دىسەم يەنە شۇ ...مەنچىنى بىر يارىماسكەن.
مەنسور شۇ 200مىليۇن پولنى ماۋۇ تاش ئالما كۇلۇبىغا مەبلەخ  سىلىپ بىردىغان بولسا  سىرگاي چىغىدا3يىلغا قالماي تاش ئالمىنى ئاسىيا چىمپىيونى قىلۋىتەلىگىدەك.
شەلىكلەرنىڭ ئۇزغانلىقتىكى گۇرۇپپا  ھالىنى دىمەيلام قوياي ئادەمنىڭ ئاچچغىنى كەلتۈرۈپ  بىرلەشمىنىمۇ  قوڭىنى يۈلەپ ئاران تۈگىتىپ تاس قالدى پۈتۈن شەلىك مەستانىلىرىنى مەيداندا  قان قوستۇرۋەتكىنى.
تىۋىزغا  گىپىنى يىگۈزەلمىگەن ۋاقتىدىن باشلاپ مەن بۇنى لەقۋاغىلام چىقىرۋەتكەن.
دۇنيا زارلانغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۈزگەرتكۈچىلەرگە مەنسۇپ..!

ئويۇن ئەمدى باشلاندى..!

666

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  783
يازمىسى: 12752
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 10074517
تۆھپە: 3485
ۋاقتى: 5708
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 01:21:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغىپ ئتىقاندا  تىمىغا كەلسەك ئىنگىلانىدنى ھازىر قانداق قىسمەتلەر كۈتىۋاتىدۇ تەغدىر ئۈزى بىلىدۇ.
خوچىسىن ئىنگىلانىدنىڭ يىڭى قەھىرمانى بولامدۇ  ياكى بۇمۇ ئىنگىلانىدقا ئامال قىلالمامدو بۇنىمۇ تەغىر ئۈزى بىلىدۇ.

ھازىر ياۋروپا لوڭقىسىغا ئاتلانغان ئىنگىلانىد  دۈلەت كوماندىسى تارىختا ئەڭ مۇشەققەتە  يولۇققان ۋاقتى.
كوزور ھۇجۇمچىىسى ئىككى مەيدان چەكلەندى. تىرنىر يىرىم يولدا  تاشلاپ قۇيۇپ  تامدىن ئارتىلىپ قاچتى.
موھىم توپچىلىرى كەينى كەينىلەپ يارلىنىپ  دۈلەت كوماندىسدىن چىكىنىپ چىقتى.

خوچىسىنىڭ كەلگىنىگە ئەمدى بىر  ئايچە بولدى.

ئىىشنىمەن ئىنگىلانىد دۈلەت كوماندىسى گۇرۇپپا موسابىقىسىنى ساق سالامەت تۈگىتتىۋالسا  شاللاش باسقوچىدا  چوقۇم مۈجىزە يارتىدۇ.
دۇنيا زارلانغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۈزگەرتكۈچىلەرگە مەنسۇپ..!

pazza inter amala

311

تېما

1

دوست

7141

جۇغلانما

مۇنبەر تۆھپىكارى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7982
يازمىسى: 7141
نادىر تېما: 14
ياۋرۇ: 10055988
تۆھپە: 322
ۋاقتى: 1252
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىنتىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 20:20:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنگىلاد پۇتبولچىلار جەمىيىتنىڭ تۈزۈمى شۇنچىلىك چىڭ بولغاچقا ؟! ئۇنى تۈزۈمى چىڭ دىمەيمىز،ئارتۇقچە ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىش،ئارىلىشىۋېلىش، خۇددى « ئەختەم كۈلمەيدۇ،كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ» دىگەندەك بىر ئەخمىقانە ئىشتۇر خالاس،سىلەر ئېنگىلاد پۇتبولچىلار جەمىيىتنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى تۈزۈمى چىڭ دەۋاتقىنىڭلار قىززىق.بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ئېنگىلاد پۇتبولچىلار جەمىيىتى بىلەن ئېنگىلاد دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىشى ئايرىم ئىش،ئېنگىلاد پۇتبولچىلار جەمىيىتى بىلەن ئېنگىلاد بىرلەشمىسىنىڭ ئىشى ئايرىم ئىش،ئىككى ئىشنى بىرلەشتۈرۈپ،يۇغۇرۇپ ئۇماچ قىلىۋاتقىنى ئېنگىلاد پۇتبولچىلار جەمىيىتى ۋە سىلەر.

تېررىنىڭ كىچىك فىردىنەدكە قارىتا ئېرقىي كەمسىتىش قىلغىنى ئېنىق،بۇ ھەممىمىزگە ئايان،ئەمما ئۇ دىگەن كۇلۇپ ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىش،ھەرگىزمۇ دۆلەت كوماندىسىغا چاپلىۋېلىشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە،تېررىنىڭ كاپىتانلىق ئورنىدىن ئېلىۋېتىشنى قارار قىلغاندا چوقۇم مەشقاۋۇلنىڭ ئاۋاز بېرىشىدىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ،چۈنكى مەشقاۋۇل كىمنىڭ كوماندىغا كاپىتان بولغاندا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىدۇ،ھازىرقى ئېنگىلاد دۆلەت كوماندىسىغا ئەڭ ماس كېلىدىغىنى يەنىلا شۇ تېررى،كاپىللو تېررىغا ئىشەنگەچكە ئۇنىڭ كاپىتان قىلغان،بىر دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلىنى قارىتىپ قويۇپ خالىغانچە كاپىتانلىقىنى ئېلىۋېتىش مەن تۇنجى كۆرگەن بىر باشباشتاقلىقتۇر.ئەجىبا شۇنچىلىك تەسىر دائىرىسى چوڭ بولغان ئېنگىلاد دۆلەت كوماندىسىدا تېررىنىڭ كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى ئېلىۋىتىدىكەن،ئەجىبا كۇلۇبتا بولسا ھەجەپ ئۇنى قوللايدىكەن ھەم قوللايدىكەنسىلىنا ؟! كۇلۇبتىمۇ ئۇنىڭ كاپىتانلىقىنى ئېلىۋەتسەڭلا بولمامدۇ ؟! ئىككىسىنى سېلىشتۇرسا ناھايىتى زىت بولغان مەنتىقىدىن بىرسى چىققۇدەك

كاپىللو بولسۇن ۋە ياكى باشقا مەشقاۋۇللار بولسۇن بۇنداق باشباشتاقلىق ئىشلارغا قەتئىي قاراپ تۇرالمايدۇ،بۇ دەل كاپىللوغا قىلغان بىر قېتىملىق ھاقارەت ۋە كۆزگە ئىلماسلىقتۇر خالاس،ھەرقانداق بىر كۇلۇبتا مەشقاۋۇل كوماندىنىڭ كاپىتانىنى بېكىتىدۇ ۋە ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ،ئۇنداق بولمىسا ئۇنىڭ شۇ كوماندىدا مەشقاۋۇل بولغىنىنىڭ نىمە پايدىسى ؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە كاپىللودەك قاتتىق قول مەشقاۋۇلغا بۇنداق ئىش ئەزەلدىن ماس كەلمەيدۇ،مىلان ۋە مادىرىدلاردا ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى ئىسپاتلىغان.توغرا كاپىللو مەشقاۋۇللۇق ساھەسىدە ئۇزۇن يىل تۇرغان،ئەمما ئۇ بۇنداق ئىشقا تۇنجى قېتىم ئۇچراپ بېقىشى،تۇنجى قېتىم ھاقارەتكە ئۇچرىشىشدۇر خالاس.كاپىللونىڭ بىر كوماندىدا گېپى ئۆتمىسە،ئۆتسىمۇ يۇقىرى تەرەپتىن باستۇرۇلسا ئۇنداقتا شۇ كوماندىدا يەنە تۇرغاننىڭ نىمە مەززىسى ؟! يەنە بىر گەپ : بىر مەشقاۋۇل چوقۇم ئۆزى ياختۇرىدىغان توپچىنى،ئۆزى ئىشەنگەن توپچىنى،شۇ كوماندىدا زور روھىي تۈۋرۈك بولالايدىغان توپچىنى تاللاپ كاپىتان قىلىدۇ،بۇ شەرتكە ئېنگىلاد كوماندىسىدا دەل تېررى چۈشىدۇ،ئەمما تاللاش ئىشلىرى كاپىللونىڭ كۆڭلىدىكىدەك چىقمىدى.

2006-يىلى لىپپى ئارام ئېلىش ئۈچۈن چېكىنگەن،ئەمىسە سىلەرچە نىمىگە دۆلەت كوماندىسى مەشقاۋۇللۇق ئورنىدىن چىكىنىپ چىقىدۇ ؟! باشقا سەۋەب بولغان بولسا ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى 2010-يىلى لىپپىنى قايسى يۈزى بىلەن چاقىرتىدۇ ؟! لىپپىمۇ تەكلىپنامىگە قوشۇلۇپ بارارمۇ ؟!

رۇنىي تەرسا بولامدۇ تەرسا بولمامدۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى،رۇنىنىڭ قارشى تەرەپ ئەزاسىنى كەينىدىن قەستەن تېپىشى بىۋاستە كاپىللو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەندە ؟! ھا ھا قدناق مەنتىقە بۇ ؟! 1-شەخىس كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالماي 2-شەخىسنى ئۆلتۈرسە 3-شەخىس بېرىپ تەنقىدكە ئۇچراپ جازالىنىدىغان قاغىشقا ئۇچرايدىغان ئىش بارما جاھاندا ؟! ئېنگىلادنىڭ كوزور توپچىسىنى كاپىللو قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە ئىتتىرۋەتمىدى،بەلكى ئاشۇ كاللىسىنىڭ تورمۇزى تۇتمايدىغان توپچى ئۆزىنى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە تاشلىدى.سىلەر كاپىللوغا ئۆچ،شۇڭلاشقا پۈتۈن گۇناھنى كاپىللوغا ئارتىسىلەر،ئەمما رۇنىغا قىلچىلىك گۇناھنى ئارتىپ قويمايسىلەر.بىلسەڭ كاپىللو دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن ئېنگىلادنى قاتتىق تۈزىدى،يەنە ئۇنتۇلۇپ قالماڭلار پاركنى ئارقا بەلگە قويۇپ دۆلەت كوماندىسىدا چاقنىتىپ بەرگەنمۇ شۇ كاپىللو، يەنە بىر گەپ 2010-يىلى كاپىللو جەنۇبىي ئافرىقىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىنمۇ ئېنگىلاد مەستانىللىرىنى ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ كەتكەن،ئەمما گۇرۇپپىدىن چىقالماي قالغان لىپىغا ئۆچ بولۇپ باقتىمۇ ؟! چۈنكى لېپپى ئۆز دۆلىتىنىڭ كوماندىسىنى يېتەكلىگەن،كاپىللو بولسا ئاغزى توختىمايدىغان ئاخباراتچىلار توپلاشقان ئېنگىلاد كوماندىسىنى يېتەكلىگەن.ئەمما ئۇلار كاپىللونىڭ ئېنگىلادقا ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلىرىنى،نەتىجىللىرىنى ئۇتنۇپ قالدى،2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا يەنە شۇ ئېنگىلاد مەغلۇب بولغاندىن كېيىنمۇ مەستانىلەر مەشقاۋۇلغا ھەممىنى ئارتقان،2002-يىلىمۇ شۇنداق بولغان،2004-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىمۇ شۇنداق بولغان !

تېلىفۇن ۋەقەسى ئىتالىيە دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىش،يەنە بىر قېتىم دەي سىرتتا يۈز بەرمىگەن،تېلىفۇن ۋەقەسى يۈز بېرىپ قېرى خوتۇنلار ب دىن ئا غا چىققۇچە بولغان ئارىقلىقلاردا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەسىلدىمۇ مەنچىىنى ۋە ئىنتېر ئىتالىيەدە بارتى،تاغقا ئاتالمىش يولۋاسلار قايتىپ كەلگەندىمۇ شۇ سىلەر ئاتىۋالغان مايمۇن ئىنتېر شۇ تاغدا بارتى،ئەجىبا ئاتالمىش يولۋاسلار يەنە 4 پەسىل مايمۇنلار تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىندىغۇ،چېلسىي ئالەم كېمىسى ئەمەس مەڭگۈ يېڭەلمىگۈدەك،ئۇكىمىز ناپولىلاردىن ياسىلىپ يۈرگەن كۈنۈڭلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە تېخى ئۇزۇن بولمىدى،ناپولىمۇ شۇ قوتا مارزاگلىنىڭ قولىدا ئىدى.....مەيلى سەن چېلسىنى قانچىلىك ئاقلىغىن چېلسىي يەنىلا شۇ ئېنگىلادنىڭ ئۆگەي بالىىسى،بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى بۇ تېخىمۇ ئىسپاتلاندى،بولۇپمۇ پۈتۈن ئېنگىلاد كۇلۇبلىرىنىڭ چېلسى كوماندىسنىڭ ئۇزغانلىقتا ئۇزغان بولۇشىنى ئۈمۈد قىلمىدى،ئۇلارنىڭ كېلەر پەسىللىك ئۇزغانلىققا قاتنىشالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلدى، بۇ ۋاقىتتا سەن قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭكىن ؟!

يىغىپ كەلسەك مەنچىنى سېنىڭ ئالدىڭدا بىر لەقۋا،ئەمما ئىنتېرلىقلار ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ،چۈنكى ئۇ ئىنتېرنى يېتەكلەپ خېلى زور شەرەپلەرنى قۇچقان،ئۇزغانلىقنى ئالالمىغان بىلەن،شۇنىمۇ ئېسىڭدە تۇتقىن،چېلسىمۇ نۇرغۇن مەشقاۋۇللارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇزغانلىقنى ئالالمىغان،ئاخىرى يەنە شۇ ئېنگىلادلىقلار ئۆچ كۆرىدىغان ئىتالىيەلىكنىڭ قولىدا ئالدىڭلار ( بۇ مېنىڭ دىماتتىئونى ئاقلاپ،ئىتالىيەلىكنىڭ چاپىنىدا تەرلىگەنلىكىم ئەمەس،بەلكى تېمىدىكى بەزى ئىشلارغا ئاساسەن يېزىلدى ) !!!! سېرگينىڭ قولىدىكى ئۇيغۇر ئەزىمەتلەر بىلەن چەتئەلدىكى ئۇ توپچىلارنى سېلىشتۇرۇش بىر ئەخمىقانىلىق،گەرچە ھازىرقى بىر قىسىم جەھەتلەردە توپچىللىرىمىز چەتئەل توپچىللىرىغا تەڭ كېلەلمىسىمۇ ئەمما مەن ھەر قاچان ئۇيغۇر توپچىللىرىنى ئەڭ يامىنى دەپ تەرىپلەيمەن،سېنىڭدەك ئۇ چەت ئەلنى شىنجاڭغا سېلىشتۇرۇش بىر ئەخمىقانىلىقتۇر !! يەنە مەن ئۆزۈمنىڭ قارىشىدا يەنە سەن ئۆزۈڭنىڭ قارىشىدا،كاللىدىن ئۆتمىگەن يەرلىرى بولسا دەيلى،بىلدۈرىمىز بىر بىرىمىزگە !!!
كېچە قاراڭغۇ ، ئاسمان چوقۇم كۆك !

ۋاقىت ھەممىنى ئۆ

248

تېما

6

دوست

5270

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  13
يازمىسى: 5270
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 2376238
تۆھپە: 1313
ۋاقتى: 4376
h
ھالەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە رىم لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 20:41:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كۇلۇپتا يۈز بەرگەن ئىشنى دۆلەت كوماندىسغا ئۇنداق كاپتانلىقتىن ئىلۋەتكىچە دۆلەت كوماندىسىدىن چىقىرۋەتسىلا بولمامتى ، ئىنگلاد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ قوققان گەپ تومۈر بىكتىن ئايرىلىپ قىلىشتىن  !!
10 يىـل ساقلىـدۇق ھىلـى ھـەم بىر قانـچە يىـل ساقلاشـقا تاقىـتىمىز بـار !!

ياق ياق ، تاش ئال

26

تېما

0

دوست

2130

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7964
يازمىسى: 2130
نادىر تېما: 4
ياۋرۇ: 9847591
تۆھپە: 185
ۋاقتى: 978
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 21:52:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىلارنى كۆرۈپ كۈلۈپ كېتىپتىمەن ، كاپىرو 2010-يىلى ئىنگىلاندنىڭ يۈزىگە ئۆچمەس داغ چۈشۈرۈپ قويۇپ كەتتى ؟  ئەينى ۋاقىتتىكى مۇسابىقە ئەھۋالىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن بىر جۈملە بوپتۇ ، ئىنگىلاندنىڭ يۈزىدىكى قارىنى ئۆزىنىڭ تەلىيىنىڭ كاجلىقىدىن (لامپارد ۋەقەسى كۆزدە تۇتۇلدى) كۆرگەن تۈزۈكمۇ ياكى ؟

لېدىنكاپنىڭ ئىنگىلاند كوماندىسىنى يېتەكلەشنى رەت قىلىشى بىلەن لىپىنىڭ ھەر بىر تېرىنىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارمىنى بولغان لوڭقىنى كۆتۈرۈپ بولۇپ ئارام ئېلىشىغا ئىشەنمىگەن كاللىنىڭ كاپىرونىڭ تېررى ۋەقەسى بىلەنلا كەتكىنىگە ئىشەنگىنىگە  كەمىنىنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ، ئەمىلىيەتتە ئىنگىلاند دۆلەت كوماندىسىدىكى زىددىيەت ئۇنداق بىز ئويلىغاندەك ئاددى ئەمەس .

بەرھەق ئىنگىلاندچى بولغان بولسام كاپىلونىڭ يېرىم يولدا كەتكىنىدىن مەنمۇ ئاچچىقلىناتتىم ، ئەمما ئۇ ئىنگىلاند كوماندىسىنى يېتەكلەپ تىللىغۇدەك ئىش قىپ باقمىدى ، ھېچ بولمىسا 40-50يىلنىڭ يازى ئىنگىلاندلىقلار تەڭلىشەلىسە دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتىدىغان  كوماندىلارنىمۇ ئۇتالايدىغان قىلغان . كىم كاپىرونى نەتىجە قوغلىشىدىغان تېرىنىر بولسۇن دەپتىكەن ، كاپىرونىڭ تاكتىكىسى ئاساسەن توپ كەتكۈزمەسلىكنى ئاساس قىلىدۇ ،شۇڭا جۇڭگوغا كەلسىمۇ ئىتالىيانچە مۇداپىئە ئوينايدىغىنى ئېنىق ، شۇڭا مۇسابىقىدە ئۇتسىمۇ مۇسابىقە جەريانى مەستانىلارنى رازى قىلالمىغاچ ئاھانەتكە قالىدۇ ، تۆت يىل مادىرىتنىڭ بوينىغا مىنىۋالغان بارسانى ساھىبخان مېھمان مۇناسىۋەتتە ھەسرەتتە قالدۇرۇپ لوڭقا ئېپ بەرسىمۇ كۆتىگە تېپىك يېيىشى تىپىك پاكىت .

ئىشقىلىپ كاپىرونىڭ كەتكىنىگە كەمىنە خوش ، نېمە قىلىدۇ ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىغا ماس كەلمەيدىغان كوماندىنى تۇتۇپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى مەنتەڭ قىلىپ . مىلانغا كەلسىكەن دەپ شۇنچە ئۈمىد قىپ كەتكەنتىم ئەينى ۋاقىتتا ، بۇنىڭ قەدرىنى بىزدەك ئاتالمىش ۋارتانىڭ ئالدىغا پويىز توختىتىپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدىغان مەستانىلەر بىلمىسە تىز يۈگىرەلىگەننى نوچى دەيدىغانلارنىڭ بىلىشى يوق گەپ .

ئىنگىلاندچىلارنىڭ مەنچىنىنى ياراتمايدىغىنىغا ھەيران ، ياۋروپانىڭ باھالاش تورلىرىنى ئاختۇرۇپ بېقىڭ ، ئەڭ يۇقۇرى نۇمۇر ئالغان 3تېرىنىرنىڭ ئۈچىنجىسى دەل شۇ مەنچىنى ،( 1-2-گۇ سۇنبۇل بىلەن مو ئاقباش) .  قارىسام ھەممىسى 200مىلىيون خەجلەپ ئاران لوڭقا ئالدى دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدىكەن ، ئەمىلىيەتتە ئارفاشىم شەھەرلىكلەرنى قولغا ئالغاندىن بېرى سالغان مەبلىغى 300مىلىيون فونستىرلىڭ ، ئۆزلىرى ئىنگىلاند بىرلەشمىسى ئۇنداق - بۇنداق بىرلەشمە ئەمەس ، سەۋىيىسى يۇقۇرى دەپ ماختىنىشىدىكەن ، 45يىلدىن بېرى بىرلەشمە لوڭقىسىغا يېقىن كېلەلمەي يۈرگەن ھېچقانداق بىر قېلىپى يوق قاياندا توپ بولسا شۇ تەرەپكە يۈگۈرىشىدىغان بىر كوماندىنى 300مىلىيون بىلەن چىمپىيون قىلىش بىر پۈتۈنلۈك سېستىمىغا ئىگە زەردار تۇرۇپ بىر لوڭقا ئۈچۈن 4يىلدا 500 مىلىيون خەجلىگەندىن مىڭ ئەۋزەل .
كۆتۈرەلمىسەڭ غــــــــــــــــــــــت قــــــــــــــــــــــس  !~~~~!

نۆۋەت ماڭا كەلدى !!

154

تېما

6

دوست

3417

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8330
يازمىسى: 3417
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 1023162
تۆھپە: 823
ۋاقتى: 1977
h
ھالەت

مانچىستىر لۈكچىكى 3 - لىك لوڭقىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 22:09:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2010 -يىللىق  مەغلۇبىيەتنىڭ   ئالدى  بىلەن   تۈپ  سەۋەبى  لەمپارىد  ۋەقەسى  ئەمەس  بەلكى   ئىۋۇ  گۇررۇپپىدىن  1-بۇلۇپ  چىقالمىغىنى   ئەڭ  چوڭ  خاتالىق  ، ئامىرىكا  بىلەن  بولغان  مۇسابىقىنى   گېلىن دىگەن  لەقۋادىن  كۆرسەكمۇ  ، نىمىشقا  سىلوۋىنىيەنى   ئۇتالمايدۇ  . شۇنى   ئۇتقان  بولسىمۇ  7   نۇمۇر بىلەن  گۇرۇپپىدىن  بىرنجى  بۇلۇپ  چىقاتتى  ، بۇ  چاغدا  گېرمانىيە  بىلەن   بالدۇر   ئۇچىرىشىپ  قالمايتتى   ،  كېيىنرەك   ئۇچىراشقان  تەقدىردىمۇ   گۇرۇپپىدىن  بىرنجى  بۇلۇپ  چىققان   ئېنگلانىد  كوماندىسى  ئالدىراپ  بوزەك  بولمايتتى  تانكىلارغا  ....

يەنە  بىر  گەپ  لىدىنكاپنىڭ   ئېنگلانىدنقا  مەشقاۋۇل بۇلۇشنى  رەت  قىلغانلىق  خەۋىرنى  مەن  تېخىچە   ئاڭلاپ  باقمدىم  ، توتىنھامنى   ئۇزغۇنلۇق   ئويناش   پۇرسىتىن  قۇرۇق  قويغان   مەشقاۋۇللۇق   ئورنى  ئاۋۇ   ،  بىر  ياخشى  كىتىپ  بارغان  توتىنھام  كوماندىسىنىڭ  نەتىجىسى  نىمىشقا   كاپىرو   تەخىتتىن  چۈشۈشىگە   ئەگىشىپ  چۈشۈپ  كەتتى  ، نىمىشقا  ؟ چۈنكى  لىدىنكاپ   بۇ  مەشقاۋۇللۇق   ئورنىغا  چىقىشنى   ئارزۇ  قىلىدۇ  ،   شەرەپ  ھېس  قىلدۇ  ، بۇ  ئىشلار  ئۇنىڭغا   تەسىر  قىلىپ  ، توتىنھامنىڭ  نەتجىسىگە  تەسىر  كۆرسەتتى  ...  خوچىسىن  تەختكە  چىققاندىن  كېيىن   توتىنھام   يەنە  بۇرۇنقى  ياخشى  ھالىتىگە  قايتىپ كەلدى  ،  پەسىلنىڭ  ئاخىرىدا  شاشلىشىپ  كەتتى  ، نىمىشقا  ؟  لىدىنكاپ  ئېنگلانىدنىڭ  مەشقاۋۇللۇق   ئورندىن  قۇرۇق قالغاندىكىن  ، پۈتۈن زېھنىنى  قايتا  باشتىن   توتىنھامغا   قاراتتى  ، بىراق  بۇ  ۋاقىتتا  كېچىكىپ قالدى  ....  سەۋەبى  مانا  مۇشۇنداق  ئاددى  ....  

رونى  مەسلىسىگە  كەلسەك  مەن  يەنىلا   مەسئۇلىيەتنىڭ  كۆپرەكىنى  كاپىرودىن  كۆرىمەن ، سەۋەبىنى   دەپ  بولغان ....

ۋاقىت ھەممىنى ئۆ

248

تېما

6

دوست

5270

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  13
يازمىسى: 5270
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 2376238
تۆھپە: 1313
ۋاقتى: 4376
h
ھالەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە رىم لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 22:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن بىرنجى بوپ چىقالمىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى ۋارتاردىن كۆرۈڭلار ، لىدىنكاپ رىسنىڭ نەتىجىسى ياخشى كىتىپ بىرۋاتقان ۋاقىتتا دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەكلىپنامىسىگە ئىتىبار بەرمىگىنى راس ، ئىتىبار بەرمگىننىڭ ئۆزىنى قانداق چۈشۈنىمىز قاچۇرغانلىق بولماي نىمە ، رىسنىڭ بەختىگە چىسلىنىڭ ئولتۇرۇپ قويۇشىنى كىم بىلگەن !!
10 يىـل ساقلىـدۇق ھىلـى ھـەم بىر قانـچە يىـل ساقلاشـقا تاقىـتىمىز بـار !!

ساقلاۋاتىمەن!!!!

153

تېما

2

دوست

2780

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8362
يازمىسى: 2780
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10034489
تۆھپە: 170
ۋاقتى: 1444
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش چىمپىيونلۇق لوڭقىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 00:04:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلانىد----خوچىسىن
خوچىسىننىڭ ئىنگىلانىدنىڭ تايىقىنى قولغا ئالغاندىن كىيىن نىمە بولىدىغىننى خۇدايىم بولىدۇ...
خوچىسىننىڭ لىۋىرپۇللۇقلارنى پىپادا ئەكىرگەندەك يارىلاندى ئۇ بولدى بۇ بولدى دەپ كوماندىغا ئەكىرىۋىلىشى نورمال ئىشما؟؟
ئىنگىلانىدنىڭ باشقا كوماندىلىرىدا مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلار ئازما؟؟

ئويۇن ئەمدى باشلاندى..!

666

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  783
يازمىسى: 12752
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 10074517
تۆھپە: 3485
ۋاقتى: 5708
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 02:29:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلىسى ئوزغانلىقنىڭ سەككىز كۈچلۈك ئايلانمىسىدا  تۇنجى مەيداندا  نابولىغا ئۇتتۇرغاندا ھەممىڭلار ئۈپۈر  تۈپۈر   بولۇپ  چىلىسىنى بولىشغا چۈشۈرۈپ نابولىغا  ئارىيانغا باردىغان ئايروپىلان بىلەتنى تەييار  قىلىپ بولغانتىڭلا،  ئاقىۋەت تەشۋىقاتىڭلار  تەتۈر  كىلىپ چىلىسى ئۇزغان بوپ كەتتى.
بۇ قىتىممۇ يەنە شۇ سىلەر ، ئوخشاش  كىشلەر، ئىنگىلانىد دۈلەت كوماندىسىغا  نىسپەتەن يەنە تەتۈر  تەشۋىقات  قىلۋاتسىلە....كۈڭلۈم بىر ئىشلارنى تۇيۋاتىدىغۇ مىنىڭ


ئىنگىلانىد  پوتبۇلچىلار جەمىيىتنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى كاپىرۇنى دۇنيا لوڭقىسىدىنلام كىيىنلام يۇتقان كۈرپىسىنى قولىغا  تۇتقۇزۇپ قۇيمىغانلىقى .
ئەگەر  ۋاقتىدا  شۇنداق قىلۋەتكەن بولسا  بۇ ئاقىۋەتلەرمۇ كىلپ  چىقمايتى.

كاپىرۇ ئىنگىلانىدنى ھاغچە موشەققەتكە  قويدى.ئىنگىلانىد كاپىرۇنى ئالىي مىھمان سۈپىتىدە ساياھەتكە تەكلىپ قىلمىدى.بەلكى دۈلەت كوماندىسىنى ياخشىراق نەتىجگە  ئىرىشتۈرەمدىكىن دەپ تەكلىپ قىلدى.
دۇنيا لوڭقىسىدا گىرمان بىلەن بولغان موسابىقىدە ئىنگىلانىد مەستانىلىرى قوبۇل قىلالمايدىغان نومۇسلۇق نەتىجىنى ئىلىپ كەلدى.[ئەمىليەتتە  تەڭ كىلەلمەيدىغان گىرمان ئەمەس ئۇ]
ئىنگىلانىد توپ مەستانىلىرى كاپىرۇغا   ئىشىنىپ ئۇنىڭغا يەنە  پۇرسەت بەردى.ئەمدى بولغاندا  ياۋروپا لوڭقىسى باشلىناي دەپ ئاز قالغاندا  كاپىرونىڭ تىررى ۋەقەسىنى بانا قىلىپ تۇيۇقسىزلا  قىچىپ كىتىشىنى ھەر قانداق ئىنگىلانىد توپ مەستانىسى  قوبۇل قىلالمايدۇ.
كەتكۈسى بار ئادەم يا باشتىلام كەتكەن بولسا ئىنگىلانىدلىقلار كاپىرونى ئۇنتۇپ  كىتەتتى.ھەم ئۇنىڭغا بولغان خاپىچىقلارنى كۈڭلىدىن چىقىرۋىەتتى.
ئەمدى تويوقسىز بونداق قىلسا  ئىنگىلانىدلىقلارنىڭ ئاۋۇ يۈرەك يارىسى ساقايماي تۇرۇپ بۇ ئىش تىخىمۇ ئىغىر كەلمەمدۇ.
ھەر كاللىدا ھەر خىيال.ئۈزەڭلارنى بىشدىن ئۈتكەن بولسا  بىلەتتىڭلا.
دۇنيا زارلانغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۈزگەرتكۈچىلەرگە مەنسۇپ..!

ئويۇن ئەمدى باشلاندى..!

666

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  783
يازمىسى: 12752
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 10074517
تۆھپە: 3485
ۋاقتى: 5708
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 02:37:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلۈپ  كىتىپتىمەن دەپ قويوشلىىرى بار تىخى.
چىلىسى نابولىغا 4توپ ئۇرۇپ شاللىۋەتكەندە مەنمۇ ئونىڭدىن بۇرۇن يازغان ئىنكاسىڭلارنى كۈرۈپ سەت كۈلگەن.
ئۈزەڭلارنىڭ ئاخىرىدا دىگەن گىپىڭلارغا ئىگە  بولالماي مەندىن قاچىقىنىڭلا پۈتۈن مۇنبەر ئەھلى گۇۋاھ.
ئۈزەمگە قارماي شىتلىڭ ئىتپىتمەن، پالازغا  يۈگىنىپ ھەپتە يىتىپمەن.

كونىلار  تولىمۇ توغرا ئىتقان ماقال تەمسىلكەن بۇ

كۈلكە دىگەنلەر بىزدەك ئىچ  ئىچىدىن كۈلگەنلەرگە  يارشىدۇ.كۇنىلارنىڭ يەنە بىر تەمسىلىمۇ بار تىخى .
كۈلەلمىسەڭ ھىجايما دەپ.
دۇنيا زارلانغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۈزگەرتكۈچىلەرگە مەنسۇپ..!

ئويۇن ئەمدى باشلاندى..!

666

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  783
يازمىسى: 12752
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 10074517
تۆھپە: 3485
ۋاقتى: 5708
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 02:53:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 67قەۋەتتىكى tottiدە2012-06-07 22:17يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن بىرنجى بوپ چىقالمىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى ۋارتاردىن كۆرۈڭلار ، لىدىنكاپ رىسنىڭ نەتىجىسى ياخشى كىتىپ بىرۋاتقان ۋاقىتتا دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەكلىپنامىسىگە ئىتىبار بەرمىگىنى راس ، ئىتىبار بەرمگىننىڭ ئۆزىنى قانداق چۈشۈنىمىز قاچۇرغانلىق بولماي نىمە ، رىسنىڭ بەختىگە چىسلىنىڭ ئولتۇرۇپ قويۇشىنى كىم بىلگەن !!
لىدىنكاپنىڭ ئىنگىلانىد دۈلەت كوماندىسىغا   شۇنداق تىرنىر بولغىسى باتتى.
لىكىن كۇلۇپ تەرەپ شۇنداقلام توتىنخام مەستانىلىرى لىدىنكاپنى قىلىپ قىلىشىقا توتىنخامنى بونداقلام تاشلاپ كىتىشكە  بولمايدىغانلىقىنى ئىيتىپ يالۋۇرۇپ تۇرۋالغاچقا لىدىنكاپ يەنىلام ۋىجىدانىغا ئىلىپ كۇلۇپتا قىلىشىنى تاللىدى.
ھەم لىدىنكاپ  توتىنخامغا كەلگەن ياقى ئەجىرىمۇ كۈپ. لىدىنكاپ  بەلكىم مۇشۇ يەرلىرىنى ئويلاپ قالغان بولىشى مومكىن.

ئاخىرىدا  ئىنگىلانىد پوتبۇلچىلار جەمىيىتمۇ لىدىنكاپنىڭ كۈزىگە  كىرۋالماي توتىنخام تەرەپنىڭ مەيلىگە  بىقىپ بۇنىڭدىن ۋاز كەچتى.
لىدىنكاپ  بىلەن  ئىنگىلانىد پوتبۇلچىلار جەمىيىتى ئوتتورسىدا ھىچقانداق كىلىشەلمەسلىك سۈركىلىشى يوق.

چىلىسىنىڭ ئۇزغان بولۇپ رىسنىڭ بەختىگە  ئولتۇرۇپ قويىشى راسلام تەغدىرنىڭ لىدىنكاپقا  قىلغان چاخ چىقى بولۇپ قالدى.بۇنىڭغا ئامال يۇق.
ھەممە ئادەم ئۈز مەنپەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.

ئەمما لىدىنكاپنىڭ رىستىن يەنىلام ۋاز كەچمىگىنى ئۇنىڭ  توتىنخامغا قانچىلىك مىھرى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
لىدىنكاپتىن ھىچكىمنىڭ يامانلاش  ھەققى يوق.
دۇنيا زارلانغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۈزگەرتكۈچىلەرگە مەنسۇپ..!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )