- تىزىملاتقان
- 2010-8-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7141
- نادىر
- 14
- يازما
- 7141
|
مەن ئىتالىيەلىك مەستانە بولغاچقا كاپىللونى قوللىغىنىم يوق،بەلكى ئېنگىلاد پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى كۆرگەنلىكىم،ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن،ئېنگىلادتىن تۈزۈك بىر نەتىجە قازاتقۇدەك مەشقاۋۇلنىڭ چىقماي،چەتئەللىك مەشقاۋۇللارنى تەكلىپ قىلىپ يەنە ئۇلارنى ياراتماي كەتكۈزۈشكە زورلىغانلىقىنى،قارشى تۇرغانلىقىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن كاپىللو تەرەپتە تۇرۇۋاتىمەن.دائىم دەيدىغان بىر گېپىم باتتى،ئېنگىلاد بىرلەشمىسىدە يەرلىك مەشقاۋۇلنىڭ نىسبىتى 20% گىمۇ يەتمەيدىكەن دەپ،ھەقىقەتەن بۇ بىرلەشمە ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر يوقىتىش !!!
2006-يىلى لىپپى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنى يېتەكلىگەندىن كېيىن ئارام ئېلىش سۈپىتىدە چىكىنگەن،ئورنىغا دونادونى چىقىپ 2008-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىغا ئىتالىيەنى باشلاپ ئەكەلدى،ئەمما نەتىجىسى ئالاھىدە ناچار بولدى،دونادونى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئەڭ ھالقىلىق پەيتكە كەلگەندە يەنى 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئاز قالغاندا دۆلەت كوماندىسىنى ئەڭ چۈشىنىدىغان لىپپىنى يەنە تەكلىپ قىلدى،ئەمما لىپپىنىڭ قېرىلار قوشۇنى دۇنيا لوڭقسىىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولدى،ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمىيىتى مەسلىھەتلىشىپ ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا يېڭى مەشقاۋۇل ئەكىلىشنى ئويلاشتى ۋە لىپپى بىلەن سۆھبەتلەشتى،لىپپىمۇ مۇنۇ بىر قاتار ئىشلارغا قوشۇلۇپ دۆلەت كوماندىسىدىن ئايرىلدى،چۈنكى بۇ ۋاقىتتىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ۋەزىىتىنى،دۆلەت كوماندا ئىچىدىكى ئۆسمىلەرنى ئېلىشقا لىپپىدىن ياش بولغان پۇراندېللى ئەڭ ماس كېلەتتى،چۈنكى 2006-يىلىدىن كېيىن لىپپى بىلەن پۇراندېللىنىڭ بىرلەشمىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى سېلىشتۇرغاندا پۇراندېللى يۇقىرى ئورۇندا تۇراتتى !!! ( ئامېرىكا ئىتالىيە توغرىسىدا سۆزلەپتۇ،ئازراققىنە قىستۇرۇپ قويدۇم)
رۇنى مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىللو بىلەن مۇناسىۋىتى بار،سىلەرنىڭ دىگىنىڭلارمۇ توغرا،ئەسلى كاپىللو رۇنىنى ئالماشتۇرسا بولاتتى،ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمىدى.يەنە ئەمما رۇنىنىڭ ئۇ قىلىقىنى كاپىللوغا بىۋاستە باغلىۋېلىش تولىمۇ ياخشى چارە ئەمەس، بۇ بىر ئالبېنى خالاس.رۇنىنىڭ مىجەزى ئەنە شۇنداق،ئەجىبا ئەينى يىلى لەمپاردنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندە،شۇ مۇسابىقتىن كېيىنلام چېلسى قايسى بىر كوماندا بىلەن ئويناپ،لەمپارد تېخى ئاساسلىق بولۇپ مەيدانغا چىققان،تېخى بىر نۇقتا توپ ئۇرۇپ بۇ توپنى ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىغا بېغىشلىغان،شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ تەسىرلەنگەن،ئەجىبا سىلەر شۇ ۋاقىتتا لەمپاردنى چۈشۈرمىسە بولاتتى دەپ باققانمۇ ؟! ھەجەپ لەمپارد ئۆزىنىڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلىيالايدىكەن،رۇنى ساقلىيالمامدىكەن ؟! ھەجەپ لەمپارد ساقلىيالاپتىغۇ ؟! ئەگەرچەندە رۇنى شۇ مەيداندا قىزىل كارتىلا يەپ، 3 مەيدان مۇسابىقتىن توختىتىلىش جازاسى بەرمىگەن بولسا سىلەر ھېچنىمە دىمەيتىڭلار،رۇنىنى چۈشۈرمىسە بولاتتى دەپمۇ ئېيتمايتتىڭلار،ياق دىمەڭ،سىز شۇنداق دەيسىز،بۇ ئېنىقلا !!!
كاپىللونىڭ ئېنگىلادقا ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ پايدىسى دەل تاكتىكا ئىسلاھاتى بولدى،ھەم ئۇ ئېنگىلاد دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى ئۇتۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان مەشقاۋۇلدۇر ! ئۇنىڭ قاتتىق قوللۇقى،ئايىماسلىق تىپىدىكى ئالاھىدىلىكى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى بەزىبىر كىچىك گوروھلارنى يوقاتتى،كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنى بىرلىككە ئەكەلدى،ئېنگىلادنى بولسا 442 نى ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىشتەك بىر قائىدىدىن تارتىپ چىقاردى،ئېنگىلادلىقلار يەنە ئۇنتۇپ قالماڭلار،كاپىللو سىلەرگە يەنە خېلى ئىستىقباللىق توپچىلارنى بايقاپ بەردى !
ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا ئەزەلدىن ئىنتېر توپچىللىرى ئاز چاقىرتىلىدۇ،بۇ قېتىم خېلى كۆپ چاقىرتىلىپ قالامدىكىن دىسەك،ئىنتېرنىڭ ئىپادىسىنىڭ ناچار بولۇشى،ئىتالىيە سېپىدە ئاساسلىق بېك ھۇجۇملارنى ئويناۋاتقان رانوكىئا ۋە پاززىنىلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ تۇراقسىز،ئىشەنچىسىز بولۇشى سەۋەبلىك دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنالمىدى،بىز بۇنىڭدىن ئاغرىنمايمىز ! چۈنكى ئىنتېر ئىتالىيەنىڭ ئۆگەي بالىسى ! موتتاغا ئۇۋال بولمىدى بەلكى ئىنتېر ۋە ئۆزىنىڭ ئىنتېردىكى ئىپادىسى ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا پۇت تىرەپ تۇرۇشتەك ئاساسنى ياراتتى،موتتا ئىنتېردا ئويناۋەرگەن بولسىمۇ موتتا يەنىلا 100% ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلاتتى،چۈنكى موتتانىڭ ئىتالىيە تاكتىكىسى ئىچىدە ئەڭ رول ئوينايدىغان توپچى.تېلىفۇن ۋەقەسى يەنە تىلغا ئېلىنىپ قاپتۇ،تاغدا شىر يوق مايمۇن پادىشاھ !!! ھا ھا ھا...باشقىلار دىسىغۇ مەيلى سېنىڭ بۇ سۆزنى قىستۇرۇپ قويغىنىڭ قىزىق، 2010-يىلى ئۇزغانلىقتا 夺冠热门 دەپ كېلىۋاتقان چېلسىنى قوش بوغۇزلاپ 8 كۈچلۈككە كىرىپ كەتكەن شۇ ئىنتېر،ئەجىبا شۇ يىلى ئۇزغانلىقتا ياخشى كۇلۇبلار يوقمىكەنتۇق ؟! سىلەر شۇنچىلىك ئاجىزمىدىڭلار !!
ئىنتېرنىڭ ئىتالىيەنىڭ ئۆگەي بالىسى بولغىنىدەك ئوخشاش چېلسىمۇ ئېنگىلادنىڭ ئۆگەي بالىسى ھېسابلىنىدۇ
مەنچىنى كىم ؟! مۇرىنىئو كىم ؟! ئىككسىى ئىككى جاھاندىكى،مىجەزى ئاسمان زېمىن پەرىقلىنىدىغان،ئىككى خىل خاراكتېردىكى كىشىلەر.كوماندىنى ئۆزگەرتىش،ئىسلاھ قىلىش،تۈزەش،ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىش ئۇ ئايرىم ئىش.لوڭقا ئېلىپ ئۇ ئايرىم ئىش.مەنچىنىنىڭ شەھەرگە كەلگەن مەزگىلىدە شەھەر قانچىلىك قالايمىقانتى ؟! قانچىلىك زور زېھىن سەرپ قىلىپ ئۆزگەرتىشكە،ئىنقىلاپ قىلىشقا،تۈزەشكە مۇھتاج ئىدى ؟! شەھەردەك مۇنچىلىك قالايمىقانچىلىقلارغا،قالايمىقان پۇل خەجلەشلەرگە،كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ توپچى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزگەرتىش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس،بۇ بىر تەۋەككۇلچىلىق،ھەم بىر يۈرەكلىك مىجەزدۇر،پۇلغا توپچى ئېلىپ بەرسىلا ھېساب ئەمەس،مەشقاۋۇلغا كۆڭۈل بۆلۈپ كوماندىدا زادى قانداق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى،كوماندىنى زادى قانداق بېزەش كېرەك ئىكەنلىكىنى سۆزلىشىش ۋە شۇ تەرىقىدە ئېلىپ مېڭىش ئەڭ مۇھىم ! ھەم مەنچىنىنىڭ ئېنگىلاد تاراتقۇللىرىنىڭ ئاغزىنى يۇمالىشىمۇ ئەڭ مۇھىم،بىر ئىتالىيەلىكنىڭ ئىتالىيەلىكەرنى ئۆچ كۆرىدىغان بىرلەشمىگە كېلىپ شۇ بىرلەشمىدىكى كۇلۇبنى تۇتۇپ شۇ بىرلەشمىدىكى زور بېسىملارنى يېڭىپ چىمپىيون بولماق،كوماندىنى رەتلىمەك ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس،خەجلىسە مەنسۇر خەجلىدى پۇلنى،سىلەر ئارتۇق كايىمىساڭلارمۇ بولىدۇ،مەيلى دۆت دەڭلار،قاپاقباش دەڭلار،تەلىيى كەلدى دەڭلار شەھەرلىكلەرنى ئوڭشىغان، تۈۈزۈگەنمۇ شۇ ئىتالىيەلىك مەنچىنى،بىرلەشمە چىمپىيونلۇقىنى ئالغانمۇ شۇ مەنچىنى،44 يىلدىن بۇيان شەھەرنى چىمپىيون قىلغانمۇ شۇ مەنچىنى،مانچېىستىر قىزىللارنى ئەڭ ئاخىرقى 3 مىنۇتتا دوزاخقا تاشلىغانمۇ شۇ مەنچىنى !!! |
|