- تىزىملاتقان
- 2007-10-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12752
- نادىر
- 3
- يازما
- 12752
|
Re:Re:ئېنگلانىدنى قانداق قىسمەتلەر كۈتىۋاتىدۇ ؟
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى پارلاقدە2012-06-05 18:21يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:ئېنگلانىدنى قانداق قىسمەتلەر كۈتىۋاتىدۇ ؟ :
كاپىللوغا ئاچچىقىڭلارنىڭ كېلىدىغىنى ئېنىق،چۈنكى ئۇ ئېنگىلادلىقلار ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىتالىيەلىكتۇر خالاس،ئېنگىلادلىقلار كاپىللونى تىللىماي بەلكى ئېنگىلاد پۇتبولچىلار جەمىيىتىنى تىللىغان تۈزۈك،كاپىللودىن بۇرۇن ئېنگىلاد پۇتبولچىلار جەمىيىتى مەشقاۋۇللارغا قانچىلىك بېسىم،قانچىلىك تەھدىدلەرنى ئېىلىپ كەلدى ؟! كاپىللو نېمىشقا ناھايىتى ھالقىلىق پەيتتە ئىستىپا بېرىدۇ ؟! مۇشۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق سۈرۈشتۈرۈپ باقتىڭلارمۇ ؟! كاپىللو ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن 65% يۇقىرى پۇتبول مەستانىللىرى كاپىللونى تىللىمىغان بەلكى ئېنگىلاد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تىللىغان،تەنقىدلىگەن،ئەمما ئېشىپ قالغان 35% توپ مەستانىللىرى دەل ئېنگىلادلىق توپ مەستانىللىرى ئىدى،بىلسەم بىلمىسەم مەن بىلگەن ئېنگىلادلىقلار ( مۇنبەردىكى بولسۇن ياكى باشقا خەن مۇنبەرلىرىدىكى بولسۇن) ھەممىسى كاپىللوغا ئۆچ،ئۇنى كىچىككىنە قوللاپ باققىنىنى بىلمىدىم،ئېنگىلادتىمۇ كاپىللونى قوللاش نىسبىتى بەك تۆۋەنكەن،شۇنداق تۇرۇپمۇ كاپىللو ئېنگىلادقا زور پايدا،ئىستىقبال،كەلگۈسىلەرنى ئېلىپ كەلدى.كاپىللونىڭ رۇنىنى شۇ مەيدان چۈشۈرگەنلىكىنىمۇ كاپىللوغا ئارتىپ قويغىنىڭلار قىززىقتە،كاپىللو ئەسلىدىنلا رۇنىنى چۈشۈرمەيتتى،ئەمما رۇنىنىڭ يالۋۇرىشى،ئۆزىنىڭ ھالىتىنىڭ ناھايىتى مۇقىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى،بەزىبىر كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئۆزىگە تەسىر ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مەيدانغا چىقارغان ! كىم بىلسۇن رۇنىنىڭ ھالقىلىق پەيتلەرگە كەلگەندە ئۆزىنى كپنتىرول قىلالمايدىغانلىق كېسىلىنىڭ دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىشىنى.... 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ئېنگىلاد بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنى نەق مەيدان كۆرگەن،پۇتبولغا بولغان تونۇشۇم شۇ ۋاقىتلاردا تۆۋەن ھەم ئۆزۈم كىچىك بولساممۇ رۇنى،رونالدو،لەمپارد،فىگو قاتارلىقلارنى تونۇيتۇم.شۇ مۇسابىقتىمۇ رۇنى ئۆزىنىڭ مىجەزىنى كونتىرول قىلالماي رونالدونى ئىتتىرپ قىزىل كارتا ئىستىمال قىلىپ مەيداندىن ئايرىلغان،بېھكامنىڭ يىغىسىمۇ شۇ مەيداندا يۈز بەرگەن.شۇ مەيدان مۇسابىقتا رۇنىنىڭ قىزىل كارتا يىيىشى ئېنگىلادقا زور يوقىتىش ئېلىپ كەلگەن ئىدى،نۇقتا توپ جېڭىدە مەەغلۇب بولغان ئىدى،شۇڭلاشقا سىلەر ھەرگىزمۇ رۇنىنىڭ بەزىبىر ئىشلىرىنى كاپىللوغا ئارتماسلىقىڭلار كېرەك،چۈنكى ئۇ ئاللىقانداق ئىشلار توپچى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك !
دەيدىغان گېپىم يەنە شۇ - كاپىللو نەزىرىمدە ئېنگىلادقا مەشقاۋۇل بولغان ئەڭ ياخشى نامزات ئىدى.ئەسلى ئۇنىڭغا قوللاشلار كېرەك ئىدى !  سەن ئىتالىيەلىك بولغاچقىلام كاپىرونى قوللاۋاتىسەن....ئەگەر بىزنىڭ مەيدانىمىزدا بولغان بولساڭ كاپىرۇغا سەنمۇ ئۈچ بوپ كىتەتتىڭ..
ئەمسە سىلەر ئىتالىيەلىكلەر نىمىشقا لپىغا پۇرسەت بەرمەي ئۇنى قوغلايسىلە....2006.يىلى ئىتالىيەنى دۇنيا چىمپپىيۇنى قىلغان لىپى 2008.يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا شاللىنىپ كەتكەندىن كىيىن نۇرغۇن سۈز چۈچەكلەر بىلەن قوغلىدىڭلا.
لىپىنى قوغلىغان يەردە كاپىرۇنى داۋاملىق ئىشلىتىشنىڭ ئورنى بارمۇ...
كاپىرو داڭلىق تىرنىر، ھۈرمىتى بار دەپ ئەزىزلەپ پەپىلەۋىردىغان ئىنگىلانىد دۈلەت كوماندىسى كاپىرۇنىڭ ئۈز ئالدىغا قورۋالغان سىياسى پارتىيەسى ئەمەس.
رونى مەسىلىسىدە كاپىرونىڭ %90 مەسئولىيىتى بار. شۇ ۋاقىتتا ياردەمچى تىرنىر ئالماشتۇرۋىتەيلى روىنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس دىسە ئويناۋەرسۇن دەپ رونىنى زولاپ ئوينىتىپ بۇ پاجىئەنى چىقاردى.
رونىنى ئالماشتورۋەتسىمۇ ئۇتۇپ بولغان موسابىقىتى بۇ.
كاپىرۇ ئىنگىلانىدلىقلارغا قانداق زور پايدا ، ئىقتىساد،كەلگۈسىلەرنى ئىلىپ كەلدى.
ھىچ يەردىن ئاڭلىمىغان گەپنى سەن ئىجاد قىپسەن ...مۇشۇ توغۇرلۇق تىخىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بىرە...تىڭشاپ باقىلى. |
|