- تىزىملاتقان
- 2010-11-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3417
- نادىر
- 6
- يازما
- 3417
|
ئېنگلانىدنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتىۋاتىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟
توۋا دىمىسە ، نىمىشقا كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ئېنگلانىدقىلا كىلىدىغاندۇ ؟ ياۋروپا لوڭقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان مۇشۇنداق ھالىقىلىق پەيىتتە ئەسىلدىنلا رونىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىككى مەيدان چەكلەنگەنلىكىدىن بېشى قېتىپ تۇرغان ئېنگلانىد كوماندىسى ئارقا ئارقىدىن نۇرغۇن قىينچىلىقلارغا دۇچ كەلگىلى تۇردى . تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلدىغان مۇشۇنداق مۇھىم بىر مۇسابىقىدە ئېنگلانىد كوماندىسىنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتىۋاتىدۇ ؟ ئېنگلانىد كوماندىسى ھەر قېتىملىق چوڭ مۇسابىقىلەردە بىزدەك مەستانىلەرنى ئۈمۈدسىزلەندۈرۈپلا كىلىۋاتىدۇ ، ئەجىبا ئېنگلانىد كوماندىسى شۇنچلىك ئاجىزمۇ ؟ ياق ، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ، مەيدانغا چۈشىدىغان 11 ئەزانىڭ ھەممىسى دىگۈدەك چولپانلاردىن تەشكىل تاپقان بۇنداق بىر كوماندا قانداقمۇ ئاجىز بولسۇن ....
ئۆتمۈشتىكى ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى قۇيۇپ تۇرۇپ ، ئالدىمىزدىكى ياۋروپا لوڭقىسى توغۇرلۇق مۇنازىرىنى باشلايلى ، ئاۋال مەن بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەپ باقاي ...
كاپىرو : بۇ يەردە ئالدى بىلەن كاپىرونى قاتتىق بىر تىللىغۇم كىلىدۇ . گەرچە ئېنگلانىد كوماندىسىنى يىتەكلەپ 2010 ۋە بۇ يىللىق مۇسابىقىگە مۇۋاپىقىيەتلىك كىرگەن بولسىمۇ ، بىراق ھەممىمىزگە ئايان ، دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇ ئېنگلانىدلىقلارنىڭ يۈركىگە ئۆچمەس داغ ، ئاچچىق ئەسلىمىنى قالدۇرۇپ قويدى . ئۇ 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا ئۆزىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى ، بارىلىق ئېنگلانىدلىقلار ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ، ئۇنىڭدىن زور ئۈمۈدلەر كۈتۈپ تۇرغان ۋاقتتا ، كىچىككنە بىر ئىشنى باھانە قىلىپ ، ئىلگىرلەش باسقۇچىدا تۇرغان ئېنگلانىد كوماندىسىنى ئېسىدىن چىقمىغىدەك بىر تەستەك سالدى . ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشى ئۆزى بىلەنلا كەتسە مەيلىتىغۇ ، ئىستىپا بەرگۈسى بار ئادەم دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىنلا ئىستىپا بەرسە بولمامدۇ ؟ يامان بولغىنى ئۇ ئېنگلانىد كوماندىسغا يوغان ئاۋارچىلىقتىن بىرنى تېپىپ بىرىپ ، ئۆزى قېچىپ كەتتى . يەنى ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە ، ئاللىبۇرۇن ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئائىلىسىدە ئېغىر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرگەن رونىنى مەيدانغا چىقرىپ ، رونىنىڭ رەسمى مۇسابىقىدە ئىككى مەيدان چەكلىنىش پاجىئەسىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا كاتالوز رولى ئوينىدى ( ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا ياردەمچى تېرنىر ئېنگلانىد كوماندىسى 2 توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەن ۋاقىتتا ، كاپىروغا رونىنى چۈشۈرۋتىشنى ئېيىتقان ، بىراق ماۋۇ ئادەم يەنە ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ يۈرگەن ) . ئېنگلانىد كوماندىسى مۇشۇنداق ئاۋارچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ، رەسمى مۇسابىقىگە ئۇزۇن ۋاقىت قالمىغان ۋاقىتتا ، كاپىرو ئېنگلانىد كوماندىسىنى قۇتقۇزۇشنى ئەمەس ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ ، كوماندىنى تاشلىۋىتىشنى تاللىدى ....
خوچىسىن : ئېنگلانىد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى خوچىسىننىڭ كاپىرودىن كېيىنكى تېرنىر بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا ھەممىمىز قاتتىق ھەيران قالدۇق ، ئەسىلى لىدىنكاپ بۇلىشى كېرەكتىغۇ ؟ ھە بوپتۇ ، بۇنىمۇ كۆرۈپ باقمامدۇق ....
بىراق رەسمى مۇسابىقە باشلانماي تۇرۇپلا ماۋۇ ئادەم ئۆزىنى كۆرسەتكىلى تۇردى ، چوڭ تىزملىكنى ئېلان قىلغاندا شۇنداق ھەيران قالدىمكى ، شەھەرلىكلەردىكى رىچاردىس ، ئادام جونسون ، مانچىستىرىدىكى ئىپادىسى ياخشى كېتىۋاتقان كارىك ، ئىپادىسى يامان ئەمەس ، بىراق دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە خېلى مول تەجىربىگە ئىگە فىردىنەنىد ، سىوتك شەھىرىدىكى كىروچ ، ئېۋىرتوندىكى رودىۋىل توتىنھامدىكى ۋوكىر قاتارلىق ياخشى توپچىلار تىزىملىككە كىرمەي ، ئەكىسىچە لىۋېرپولنىڭ توپچىلىرىغا بايرام بوپتۇ ( جىرراد ، گېرىن جونسون ، كارول دىن باشقىلىرىغا ) ....
لىۋېرپول توپچىلىرنىڭ بايرىمى بۇنىڭ بىلەن تۈگىسە مەيلىتىغۇ . بىراق ئۇيۇن ئەمدى باشلانغاندەك قىلىدۇ .... بارى يارلاندى ، ئورنىغا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات دەل كارىك ئىدى ، بىراق چاقىرتىلغىنى ئېۋرتوندىكى ئارقا بەل ئەمەس ، ئوتتۇرا بېك جاجىركا بولدى . مەيلىغۇ ، بىزدە يەنە لەمپارىد بار ....
نىمىدىن ئەنسىرىسە شۇ يۈز بىرەمدۇ دەيمەن . لەمپارد يارلاندى ..... ئەمدى كارىكنى چاقىرماي ئامال يوق ، ھىچ بولمىغاندا ئېۋرىتوندىكى رودىۋىل بولسىمۇ بۇلىدۇ ... ئەپسۇس چاقىرىلغىنى لىۋېرپوللۇق ھېندىرسىن بولدى ، ئەمەلىيەتتە لەمپاردنىڭ يارلىنىشى بىر تەرەپتىن ئېنگلانىد كوماندىسىغا زىيان بولغاندەك تۇرسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ كوماندىغا پايدىلىق تەرىپى زىيانلىق تەرىپىدىن كۆپ بۇلىشى مۇمكىن ئىدى . چۈنكى لەمپارىد + جىرراد نىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمىنى ئېنگلانىددا ھىچقانداق بىر تېرنىر كۆرۈپ باقمىغان ، بىراق لەمپارد ياكى جىرراد ئىككىسىنىڭ بىرسى يوق بولغان ئېنگلانىد كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيداننىڭ ئۇ ئىككىسىنىڭ بار ۋاقتىدىكدىنمۇ ياخشىلىنىپ كېتىدىغىنى ھەممىمىزگە ئايان ، بىراق ماۋۇ ئادەم بۇ ياخشى پۇرسەتنى قەدىرلىمىدى ( چاقىرىپ كىلىنگەن ھىندىرسىننىڭ ياۋروپا لوڭقىسىدا 2004 -يىلدىكى رونىدەك چاقنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن )
ئەڭ يامان بولغىنى كاخىلنىڭ يارلىنىشى بولدى ، تېررىنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك سەپدىشى دەپ قارىلىۋاتقان كاخىلنىڭ يارلىنىشى بارلىق ئېنگلانىدلىقلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى . بۇ ۋاقىتتا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات فىردىنەنىد ئىدى ( تىزملىكنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ، خوچىسىن فىردىنەنىدنى كوماندىغا چاقىرىشنى ئويلاشقان ، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن . ئاقىۋەتتە ئۇ تېررى بىلەن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، تېررىنى چاقىرىپ ، فىردىنەنىدنى چاقىرىمىدى ) خوچىسىننىڭ تېررى ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئويلىشىپ ، فىردىنەنىدنى چاقىرماسلىققا ئىشلىگەن ئىۋۇ كاللىسى ئىككىسنى تەڭ چاقىرىپ ، زىدىيەتتنى ھەل قىلشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشقا ئىشلىمەپتۇ ، دۆلەت كوماندىسىنى شۇنچىلىك چوڭ كۆرىدىغان ئىككى ئەزمەتنىڭ ۋاقتى كەلگەندە شەخسى ئادەۋەتنى قايرىپ قۇيۇشى تامامەن مۇمكىن ئىدى . تولىمۇ ئەپسۇس ، كاخىلنىڭ ئورنىغا چاقىرتلىغىنى فىردىنەنىد ئەمەس ، لىۋېرپولدىكى ئالدىنقى پەسىل ئاران 12 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان شاكىچىك ماردىن كېللى بولدى .....
ھەر قېتىم چوڭ مۇسابىقە ۋاقىتىدا ئېنگىلانىد كوماندىسى كوماندنىڭ يادىرولىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقىلى خېلى بولدى . مەسلەن : 2002 دىكى جىرراد ، 2006 دىكى گالى نېۋىر ، 2010 دىكى بېكھام ، ئوۋىن ، فىردىنەنىد . بۇ يىللىدىكى بارى ، كاخىل ، لەمپارىد .... يەنە كىملەر ؟؟؟
قېنى قالغىنى باشقا لۈكچەكلەرگە قالدى ، ئويلىغىنىڭلىنى دەپ بېقىڭلار !!! |
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11
باھا خاتىرىسى
|