elan ornielan orni
ئىگىسى: bora

پۇتبول لۇغىتى(بۆرە نۇسخىسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2008-12-3 12:54:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-12-4 09:16:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
中场   بۇ  سۆز  ،مۇنبەرداشلار  تەرىپىدىن  كىراي دىسەك مۇۋاپىق بولىدۇ ،دىيىلىپتۇ، مېنىڭچىمۇ  جىق چاتاق  يوق ،  قەشقەردە  توپ  ئوينىغان  ۋاقتىمدا  يان  تەپقاۋۇلنى  كىراي  دەيدىغان ،  مەيلى  قانداقلا  بولمىسۇن ، ئىشلەتسەك  بولىدۇ ،لېكىن  بۇسۆزنىڭ زادى قايسى   مىللەتنىڭ   تىلى  ئىكەنلىكىنى  بىلىۋالساق  بولاتتى،  اندىن  ئۇنىڭ  سۆز مەنىسىنى  ئۇقۇپ  بولۇپ  ،ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بولساق ، تېخىمۇ  چىرايلىق  چىقاتتى.  شۇڭا  مەن  بۇ  كىراي  سۆزىگە  پىشكە   قارشى.

ئەگەر  بۇ  سۆزنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولساق،  中场  مەيداندا  توختىماي  يۈگرەپ ،ئۇياقتىن-بۇياققا ئاتتەك چېپىپلا يۈرىيدۇ،  شۇڭا  چاپقاۋۇل   دېسەك قانداق  بولار؟؟

左前卫   سول چاپقاۋۇل

中前卫     غول چاپقاۋۇل

右前卫   ئوڭ چاپقاۋۇل
بۇلار  پەقەت مېنىڭ  ئويلىغانلىرىم ،  سىلەرمۇ  قانداق  ئوياڭلار  بولسا  دەپ  بېقىڭلار!!

补时               ئۇزارتما مۇسابىقە؛


加时赛               تولۇقلىما ۋاقىت.


=========================================================

قازى دېگەن گەپ ياخشى چىقىپتۇ.  لېكىن ئاۋۇ ھالقەك دېگەن گەپ بىر خىل

ئادەمنىڭ ئاغزىغا كەلمەيدىكەن.越位 نى بۇ مۇنبەردە  ئورۇندىن ھالقىش

دەپ بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولغان.队友 نى سەپداش دەپ تەرجىمە قىلساق

ياخشىراق بولارمىكى
=========================================================
  ئەلۋەتتە،  wolfcry(بۆرىنىڭ يېشى )  دېگەن  مۇنبەردىشىمىزمۇ،بۇ  گەپلەرنى  ياخشى  دەپتۇ،   ھالقەك  سۆزى   مېنىڭچە  ئىنتايىن ئىخچام،ئۇيۇل  بىر  سۆز،   بۇ  ئورۇندىن  ھالقىش  دېگەن  سۆزدىن  نەچچە ھەسسە  ياخشى.   
ئېغىزغا  كىلىش- كەلمەسلىك مەسىلىسى ،  مېنىڭچە  چوڭ  مەسىلە  ئەمەس،  شۇنچە  خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە،روسچە....   سۆزلەرنى  سىڭدۈردىكەنمىز  ،   ئىشۇ  ھالقەك  دېگەن  سۆزنى  سىڭدۈرەلمىسەك    ....       سەت تۇرامىكى  !!؟؟    شۇندامۇيا؟؟    قارىم؟؟؟   (چاقچاق  ھەن،)
  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-12-4 09:48:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا ما كىچىكىمىزدە ھەم ھازىرمۇ دەۋالىدىغان( قولغاتەگكەن توپ)

روك...دېگەن ئېنگىلىزچىمۇ ئەمەسكەندە...      روسچە ئوخشىمامدا..........؟
==========================================================
   راست  گەپنى  قىلغاندا ،بۇ  گەپنىڭ  نەچە  ئىكەنلىكىنى  بىلمەيمەن ،بىراق  ئىنىقى  بىزنىڭ  ئەسلى  تىلىمىز  ئەمەس،  شۇڭا  بۇسۆزنى  قولتوپ  دەپ   ئۆزگەرتىشنى  بەكرەك  قوللايمەن.
                                      =======================


يۇقارقىلارنى مۇنداق ئۆزگەرتسەك قانداق بولار ؟
右(左)前锋 ------------          ئوڭ (سول) ھۇجۇمچى )  
中锋 -------------------------          ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ياكى ئالدى ھۇجۇمچى ;  
前腰 -------------------------          ئالدى بەل   
后腰 -------------------------          كەينى بەل  
进攻性后腰 ---------------          ھۇجۇمچان كەينى بەل  
防守性后腰 ---------------          مۇداپىئەچى كەينى بەل   
中(右,左)后卫-------         ئوڭ (سول ) مۇداپىئەچى ;  
中后卫 ----------------------         ئوتتۇرا مۇداپىئەچى

   مېنىڭچە،  بۇ  تەرجىمىلەرمۇ  كەلگەن  تەرجىمىلەر،  ئاۋۇ    ئالدى  بەل ،كەينى  بەل  ،ھۇجۇمچان كەينى بەل   دېگەنلەر گە   پىكىرىم  يوق.
  بىراق  ،مۇداپىئەچى،ھۇجۇمچى   دېگەن  سۆزلەر  بىلەن  تەپقاۋۇل،باقاۋۇل   دېگەن  سۆزلەرنى  سىلىشتۇرۇپ  باقايلى  ،     مۇداپىئەچى  دېگەن  سۆز  تۆت  بوغۇملۇق  سۆز ،  بۇنىڭغا  قارىغاندا  باقاۋۇل  دېگەن ئۈچ  بوغۇملۇق سۆز  ئوقوشقا ،يېزىشقا  ...  نۇرغۇن قولايلىقلارنى  ئىلىپ  كىلىدۇ.    ئاندىن  ،تەپقاۋۇل  دېگەن  بۇسۆز  ،  مەشقاۋۇل ،تۇتقاۋۇل   دېگەن  سۆزلەر  بىلەن قاپىيداش  كىلىدۇ،  سۆز  بايلىقىمىز  نى  كۈچەيتىشكە ،  پۇتبولغا  مۇناسىۋەتلىك  سۆزلەرنى   ئاسان ئەستە  قالدۇرۇشقا  پايدىسى  بار.
==========================================================

يەنە دىڭتا زۇداڭ دىگەنلەر قىپ قاپتۇ ..ئەمما قازى دىيىش بىر خىل توغرا بولمىغاندەك ..شۇڭا ھەممە ئاللاقاچان چۇشىنەلەيدىغان سۆز <رىپىر> نى ئىشلىتۋەرسەك
=========================================================
     蹬踏(hackimg)                 پۇت ئېتىش؛پۇت سىلكىش؛پۇت چېپىش                 
   阻挡                          توسۇش؛  توساق  قويۇش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-12-4 10:03:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نۇرغۇن ئاتالغۇلارنىڭ يەنىلا ئىنىگىلىز تىلىدا قوللۇنۇشى بىلەن ئوخشاش بولشىنى ئۇمۇد قىلىمەن ......سۆز ئوخشاشلىقى بىزگە تىخىمۇ ياخشى قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن ....مەسلەن بىز بۇيەردە بەزى ئاتالغۇلارنى بىلىپ بولساق كىيىن تىلىۋۇزۇرلاردا شۇنداق گەپ - سۆزلەر بولۇنغاندا زادى قانداق بولغانلىقىنى رىفىرنىڭ زادى نىمىگە ئاساسلىنىپ پۇشتەك چالغانلىقىنى بىلىشىمىز مۇمكىن ... بۇ گەپ ئۆز سۆزمىزىگە خىرىس ئىلىپ كەلدى دىگۇچىلەر بولسا ھىچ بولمىغاندا تىرناق ئىچىگە ئىلىپ قويساقمۇ بولىدۇ ..... شۇڭا مەنىگە ئەمەس قاپىيەگە ئېسىلىپ قالمىساق ....
=========================================================
    مۇنبەردىشىمىزنىڭ  بۇگەپلىرىمۇ  ئورۇنلۇق.
  بىراق ،بەزى  جەھەتلەردىن  توغرا  ئەمەس، ھازىر  ئۇيغۇر  تىلى  ناھايىتى  خەتەرلىك  ئەھۋالدا،ئۇيغۇر تىلىنىڭ  سۆزلۈك مىقدارى،قوللىنىلىش  دائىرىسى،قوللىنىدىغان  ئادەم سانى  بارغانسىرى تۆۋەنلەپ  ۋە  ئازىيىپ  ،زاۋاللىققا  مېڭىۋاتىدۇ.    مۇشۇنداق  بىر  پەيىتتە  يەنە  چەتئەللىكنىڭ  سۆزلىرىنى  كۆچۈرۈپلام،  ئۆزۈمىزنىڭ قىلىۋەرسەك  ،  ئۇ  ھالدا    ئۆلگەننىڭ  ئۈستگە  تەپمەك  دېگەندەك  بىر  ئىش  بولمامدۇ؟؟؟؟!!!!!
      
شۇڭا  بۇ  مەسىلە  ھەربىر  كاللىسى  ئويلاشقا  قۇربى  يەتكەن  ئۇيغۇر  ئويلاشقا  تىگىشلىك   مەسىلە.
                كەلگۈسىدە  باللىرىمىزنىڭ   ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ      ھالىنى  ئويلاپ   باقايلى؟؟!!
==========================================================

ماۋۇ 球探دىگەن گەپنى قانداق تەرجىمە قېلسا توغرا جانلىق بولىدۇ؟
==========================================================
        球探      توپ  بىدىكى  
              مۇشۇنداق  تەرجىمە  قىلساق  بولارمۇ؟!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-12-5 10:08:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ بېدىكى  بەك  كەپتۇ !!!  
چارۋا بازىرىدىكى بىدىكلەر  بىلەن تازا ئوخشايدۇ بۇ خەقلەر !!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-12-6 23:00:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلىغاندا  شۇ پىتى خەتنى تەرجىمە قىلىپ قويمىساق.....تەرجىمە قىلقاندا مەيداندىكى رولىغا      قاراپ ...مۇۋاپىق  سوزلەرنى ئشلىتىپ تەرجىمە قىلايلى.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-12-7 16:49:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-12-11 17:04:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SAKLIWALDEM
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-12-17 03:08:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول ئاتالغۇلىرىنى توغرا قوللىنايلى
قاپقا بىلەن ۋارىتانى توغرا ئۆزلەشتۈرگەن بولساق . قاپقا دېگەن تەنتەربىيە تۈرلىرىدە قاپقا توپ بىلەن تۈرلىنىدۇ.بۇ خىل ئويۇننى بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئوينىغان ئوينىغاندىمۇ قىزىقارلىق قىلىپ ئوينىغان.يەنى ئاتلىقلار ئات توپ ئوينىسا تۆۋەندىكىلەر قاپقا توپ ئوينىغان. ئۇنىڭدا ،توپنى ئىشىككە ئۇرۇپ كىرگۈزىش ئەمەس بەلكى قاپقىغا كىرگۈزۈش ئويۇننىڭ نىشانى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قاپقا توپ -دەپ ئاتىغان تۈزۈك.
ئەندى،ۋارىتا بولسا پۇتبول مەيدانىدىكى توپ كىرگۈزىدىغان قاپقىغا؛ ۋارىتار بولسا توپ توسقۇچى ياكى ۋارىتانى ساقلىغۇچىغا قارىتىلغان. يەنى<<ر>> بىلەن ئايرىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-12-17 20:25:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
44 قەۋەتتىكى kurax.ib نىڭ 2008-12-17 03:08 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
پۇتبول ئاتالغۇلىرىنى توغرا قوللىنايلى
قاپقا بىلەن ۋارىتانى توغرا ئۆزلەشتۈرگەن بولساق . قاپقا دېگەن تەنتەربىيە تۈرلىرىدە قاپقا توپ بىلەن تۈرلىنىدۇ.بۇ خىل ئويۇننى بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئوينىغان ئوينىغاندىمۇ قىزىقارلىق قىلىپ ئوينىغان.يەنى ئاتلىقلار ئات توپ ئوينىسا تۆۋەندىكىلەر قاپقا توپ ئوينىغان. ئۇنىڭدا ،توپنى ئىشىككە ئۇرۇپ كىرگۈزىش ئەمەس بەلكى قاپقىغا كىرگۈزۈش ئويۇننىڭ نىشانى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قاپقا توپ -دەپ ئاتىغان تۈزۈك.
ئەندى،ۋارىتا بولسا پۇتبول مەيدانىدىكى توپ كىرگۈزىدىغان قاپقىغا؛ ۋارىتار بولسا توپ توسقۇچى ياكى ۋارىتانى ساقلىغۇچىغا قارىتىلغان. يەنى<<ر>> بىلەن ئايرىلىدۇ.
  

     ۋاراتا    ياكى  ۋاراتار     بۇلار     روسچە  سۆزكەن   ،  شۇڭا   بۇنى  تۈپ  سۆزى  ئۇيغۇرچە بولغان سۆز  بىلەن  ئاتايلى  دەپ  قاپقا  دېيىشنى  توغرا  تاپقان ،    شۇڭا  قاپقا  دېيىلدى.

               بۇ  توغرىسدا  يانا  پىكىرلىرىنى  ئاڭلىغۇم  بار.

     ئەمدى  ئۆزلىرىنىڭ  باشقا  تېمىدىكى  ئىنكاسلىرىغا  قايلىسام،  ياشتا  خېلى  چوڭ  ئوخشايلا ،گەپ  سۆزلىرىدىن  بىلىملىكلىكلىرى  چىقىپ  تۇرىدۇ   ،  ھەقىچان تۇرمۇش  تەجىربىلىرىمۇ  مول  ،شۇڭا   مۇشۇ   تېمىدا  يانا  خاتالىق  بولسا       كۆرسىتپ  بېرىشلىرىنى  سورايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2009-1-27 20:07:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىۋالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2009-1-27 20:08:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما  ئىگىسىگە رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 06:33

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش