ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 765 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پۇتبول لۇغىتى(بۆرە بۇسخىسى)
پۇتبول مەيدانى 足球场 [zu qiu chang] football field
قاپقا 球门 [qiu men] goal
قاپقا تۈۋرۈكى 球门柱 [qiu men zhu] goal post
قاپقا تورى 球门网 [qiu men wang] goal net
قاپقا رايونى 球门区 [qiu men qu] goal area
پەللە سىزىق 端线 [duan xian] goal lie
يان سىزىق 边线 [bian xian] touch line
ئوتتۇرا سىزىق 中线 [zhong xian] half way line
جازا توپ رايونى 罚球区 [fa qiu qu] penalty area
جازا توپ نۇقتىسى 罚球点 [fa qiu dian] penalty spot
ئىختىيارى توپ تېپىش؛چەكسىز توپ تېپىش 罚任意球 [fa ren yi qiu] free kick
نۇقتا توپ تېپىش 罚点球 [fa dian qiu] 11metre penalty kick
بۇلۇڭ توپ رايونى 角球区 [jiao qiu qu] corner kick area
بۇلۇڭ بايرىقى 角旗 [jiao qi] corner flag
توپ باشلاش 开球 [kai qiu] corner ball
پاس بېرىش 传球 [chuan qiu] pass the ball
ئۇزۇن پاس 长传 [chang chuan] long passing
قىسقا پاس 短传 [duan chaun] short passing
پاس ئېلىش 接球 [jie qiu] take a pass
كاللا پاس 头顶传球 [tou ding chuan qiu ] head passing
ئىچ ياندا تېپىش 脚内侧传球 [jiao nei ce chuan qiu] inside foot passing
تاش ياندا تېپىش 脚外侧传球 [jiao wai ce chuan qiu] outside foot passing
بۇزۇپ توپ تارتىش؛توپنى بۇزۇپ تالىشىش 栽球 [zai qiu ] intercept
توپ تېپىش 踢球 [ti qiu] kick ball
توپ توختىتىش 停球 [ting qiu] stop ball
قولتوپ 手球 [shou qiu] hand ball
كاللا قويۇش؛توپ ئۈسۈش 顶球 [ding qiu] heading
قاپقا توپ 球门球 [qiu men qiu] goal kick
توپ ھەيدەش 带球;盘带 [dai qiu] ;[pan dai] dribble;dribbling
موللاق ئېتىپ تېپىش؛موللاق بىلەن ئۇرۇش 倒勾射门 [dao gou she men ] over head kick
ھاۋا پاس؛تاشلاپ پاس 空中传球 [kong zhong chuan qiu] over head pass
توپ تالىشىش 争球 [zheng qiu] rush for the ball
ئىچ قايما توپ 内勾球 [nei gou qiu] inswinger
تاش قايما توپ 外勾球 [wai gou qiu] outswinger
چىكەتكەن توپ 界外球 [jie wai qiu ] throw-in
شاماللىق توپ؛شامالدىكى توپ 顺风球 [shun feng qiu] play with the wind
شامالغا تەتۈر توپ 逆风球 [ni feng qiu] play against the wind
ئۆلگەن توپ 死球 [si qiu] dead ball
توسۇپ پۇتلاش؛پۇتلاپ توپ تارتىش 阻栽铲球 [zu zai chan qiu] tackle
سېرىلىپ پۇتلاش 卧底铲球 [wo di chuan qiu] sliding tackle
قاپقىغا ئۇرۇش؛نىشانغا تېپىش 射门 [she men] shooting
پەشۋا بىلەن تېپىش؛پەشۋا تېپىش؛چۆرۈپ تېپىش 踢凌空球 [ti ling kong qiu] kick the ball on the volly
توپ چۆرۈش 掷界外球 [zhi jie wai qiu] a throw-in
يالغان ھەرىكەت 假动作 [jia dong zuo] make a feint;feinting
پۇتقا تېپىش 踢腿 [ti tui] hacking
قەستەن پۇتلاش 故意绊腿 [gu yi ban tui] intentioal tripping
تۈرتۈپ ئۆتۈش؛ئالداپ ئۆتۈش؛بۆسۈپ ئۆتۈش 突破 [tu po] break-through
ھالقەك 越位 [yue wei] offside
تەتۈر ھالقەك 反越位 [fan yue wei] anti-offside
ھالقەك ھېيلىسى؛ھالقەك توزىقى؛ھالقەك ياساش 造越位 [zao yue wei] off-side trap
يوللۇق سوقاش 合法撞人 [he fa zhuang ren ] fair charging
تۈرتۈپ سوقاش؛سوقاپ ئىتتىرىش 肩膀撞人 [jian bang zhuang ren] shoulder charge
ئادەم بېقىش؛ئادەمگە قاراش 盯人 [ding ren] man-to-man defence; mark
خەتەرلىك ھەرىكەت 危险动作 [wei xian dong zuo] dangerous play
ئادەم توسىقى 人墙 [ren qiang] wall of players
ئاگاھلاندۇرۇش 警告 [jing gao] warning
كەسپىي كوماندا 职业队 [zhi ye dui] professional team
ئىشتىن سىرىتقى كوماندا 业余队 [ye yu dui] amateur team
ئاساسلىق ئەزا 主力球员 [zhu li qiu yuan ] important frist players
زاپاس ئەزا 替补球员 [ ti bu qiu yuan ] replacement players
كوماندىداش 队友 [dui yuan] teammate
ئوڭ(سول)قانات 右(左)翼 [you (zuo) yi] right (left) wing
ئوڭ(سول)تەپقاۋۇل 右(左)前锋 [you (zuo) qian feng] right (left) forward
چوڭ تەپقاۋۇل 中锋 [zhong feng] center forward
ئوتتۇرا(ئوڭ،سول)باقاۋۇل 中(右,左)后卫 [zhong (you, zuo) hou wei] center(right,left)back
مەشقاۋۇل 教练 [jiao lian] coach
قازى 裁判 [ cai pan ] referee
پاچاقلىق 护胫 [hu jing] shin guard
پۇتلۇق 护腿 [hu tui] leg guard
تىزلىق 护膝 [hu xi] knee cap
پۇتبول پايپىقى 球袜 [qiu wa] stockings
پۇتبول مايكىسى 球衣 [qiu yi] football vest;jacket
پۇتبول ئىشتىنى 球裤 [qiu ku] football pants
بۇنىڭ ھەممىسى ،مۇشۇ مۇنبەردىكى ۋە ئەتراپىمدىكى پۇتبولغا قىزىقىدىغان ئاداشلىرىمنىڭ ۋە تەڭتۇشلىرىمنىڭ تۆھپىسى،ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئىيتىمەن!!!
بۇنىڭدىن كىيىن بىلمەيدىغان ،تەرجىمىسى بەك قوپال ياكى ياخشى چىقمىغان بولسا مۇشۇنىڭغا يىزىپ قويساڭلار،مەن چوقۇم كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئامال قىلىمەن.
قىلغان ئىشىم بەك ئاددىي بولاپ قالدى،خاتالىقنىقمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ،شۇڭا تەكلىپ-پىكىر دېگەننى ئاياشماي بېرىشەلار !!
بۆرەدىن .
2008-11-30 8:57
=======================================================================
中场 بۇ سۆز ،مۇنبەرداشلار تەرىپىدىن كىراي دىسەك مۇۋاپىق بولىدۇ ،دىيىلىپتۇ، مېنىڭچىمۇ جىق چاتاق يوق ، قەشقەردە توپ ئوينىغان ۋاقتىمدا يان تەپقاۋۇلنى كىراي دەيدىغان ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، ئىشلەتسەك بولىدۇ ،لېكىن بۇسۆزنىڭ زادى قايسى مىللەتنىڭ تىلى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالساق بولاتتى، ئاندىن ئۇنىڭ سۆز مەنىسىنى ئۇقۇپ بولۇپ ،ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بولساق ، تېخىمۇ چىرايلىق چىقاتتى. شۇڭا مەن بۇ كىراي سۆزىگە پىشكە قارشى.
ئەگەر بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولساق، 中场 مەيداندا توختىماي يۈگرەپ ،ئۇياقتىن-بۇياققا ئاتتەك چېپىپلا يۈرىيدۇ، شۇڭا چاپقاۋۇل دېسەك قانداق بولار؟؟
左前卫 سول چاپقاۋۇل
中前卫 غول چاپقاۋۇل
右前卫 ئوڭ چاپقاۋۇل
بۇلار پەقەت مېنىڭ ئويلىغانلىرىم ، سىلەرمۇ قانداق ئوياڭلار بولسا دەپ بېقىڭلار!!
补时 ئۇزارتما مۇسابىقە؛
加时赛 تولۇقلىما ۋاقىت.
=======================================================================
مۇنبەرداش : قازى دېگەن گەپ ياخشى چىقىپتۇ. لېكىن ئاۋۇ ھالقەك دېگەن گەپ بىر خىل
ئادەمنىڭ ئاغزىغا كەلمەيدىكەن.越位 نى بۇ مۇنبەردە ئورۇندىن ھالقىش
دەپ بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولغان.队友 نى سەپداش دەپ تەرجىمە قىلساق
ياخشىراق بولارمىكى
=========================================================
بۆرە : ئەلۋەتتە، wolfcry(بۆرىنىڭ يېشى ) دېگەن مۇنبەردىشىمىزمۇ،بۇ گەپلەرنى ياخشى دەپتۇ، ھالقەك سۆزى مېنىڭچە ئىنتايىن ئىخچام،ئۇيۇل بىر سۆز، بۇ ئورۇندىن ھالقىش دېگەن سۆزدىن نەچچە ھەسسە ياخشى.
ئېغىزغا كىلىش- كەلمەسلىك مەسىلىسى ، مېنىڭچە چوڭ مەسىلە ئەمەس، شۇنچە خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە،روسچە.... سۆزلەرنى سىڭدۈردىكەنمىز ، ئىشۇ ھالقەك دېگەن سۆزنى سىڭدۈرەلمىسەك .... سەت تۇرامىكى !!؟؟ شۇندامۇيا؟؟ قارىم؟؟؟ (چاقچاق ھە!)
=======================================================================
مۇنبەرداش : ئۇنداقتا ما كىچىكىمىزدە ھەم ھازىرمۇ دەۋالىدىغان( قولغاتەگكەن توپ)
روك...دېگەن ئېنگىلىزچىمۇ ئەمەسكەندە... روسچە ئوخشىمامدا..........؟
==========================================================
بۆرە : راست گەپنى قىلغاندا ،بۇ گەپنىڭ نەچە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ،بىراق ئىنىقى بىزنىڭ ئەسلى تىلىمىز ئەمەس، شۇڭا بۇسۆزنى قولتوپ دەپ ئۆزگەرتىشنى بەكرەك قوللايمەن.
====================== =======================
مۇنبەرداش : يۇقارقىلارنى مۇنداق ئۆزگەرتسەك قانداق بولار ؟
右(左)前锋 ------------ ئوڭ (سول) ھۇجۇمچى )
中锋 ------------------------- ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ياكى ئالدى ھۇجۇمچى ;
前腰 ------------------------- ئالدى بەل
后腰 ------------------------- كەينى بەل
进攻性后腰 --------------- ھۇجۇمچان كەينى بەل
防守性后腰 --------------- مۇداپىئەچى كەينى بەل
中(右,左)后卫------- ئوڭ (سول ) مۇداپىئەچى ;
中后卫 ---------------------- ئوتتۇرا مۇداپىئەچى
===================================================================
بۆرە : مېنىڭچە، بۇ تەرجىمىلەرمۇ كەلگەن تەرجىمىلەر، ئاۋۇ ئالدى بەل ،كەينى بەل ،ھۇجۇمچان كەينى بەل دېگەنلەر گە پىكىرىم يوق.
بىراق ،مۇداپىئەچى،ھۇجۇمچى دېگەن سۆزلەر بىلەن تەپقاۋۇل،باقاۋۇل دېگەن سۆزلەرنى سىلىشتۇرۇپ باقايلى ، مۇداپىئەچى دېگەن سۆز تۆت بوغۇملۇق سۆز ، بۇنىڭغا قارىغاندا باقاۋۇل دېگەن ئۈچ بوغۇملۇق سۆز ئوقوشقا ،يېزىشقا ... نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ. ئاندىن ،تەپقاۋۇل دېگەن بۇسۆز ، مەشقاۋۇل ،تۇتقاۋۇل دېگەن سۆزلەر بىلەن قاپىيداش كىلىدۇ، سۆز بايلىقىمىز نى كۈچەيتىشكە ، پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئاسان ئەستە قالدۇرۇشقا پايدىسى بار.
====================================================================
مۇنبەرداش :
يەنە دىڭتا زۇداڭ دىگەنلەر قىپ قاپتۇ ..ئەمما قازى دىيىش بىر خىل توغرا بولمىغاندەك ..شۇڭا ھەممە ئاللاقاچان چۇشىنەلەيدىغان سۆز <رىپىر> نى ئىشلىتۋەرسەك
=========================================================
بۆرە :
蹬踏(hackimg) پۇت ئېتىش؛پۇت سىلكىش؛پۇت چېپىش
阻挡 توسۇش؛ توساق قويۇش
======================================================================
مۇنبەرداش :
مەن نۇرغۇن ئاتالغۇلارنىڭ يەنىلا ئىنىگىلىز تىلىدا قوللۇنۇشى بىلەن ئوخشاش بولشىنى ئۇمۇد قىلىمەن ......سۆز ئوخشاشلىقى بىزگە تىخىمۇ ياخشى قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن ....مەسلەن بىز بۇيەردە بەزى ئاتالغۇلارنى بىلىپ بولساق كىيىن تىلىۋۇزۇرلاردا شۇنداق گەپ - سۆزلەر بولۇنغاندا زادى قانداق بولغانلىقىنى رىفىرنىڭ زادى نىمىگە ئاساسلىنىپ پۇشتەك چالغانلىقىنى بىلىشىمىز مۇمكىن ... بۇ گەپ ئۆز سۆزمىزىگە خىرىس ئىلىپ كەلدى دىگۇچىلەر بولسا ھىچ بولمىغاندا تىرناق ئىچىگە ئىلىپ قويساقمۇ بولىدۇ ..... شۇڭا مەنىگە ئەمەس قاپىيەگە ئېسىلىپ قالمىساق ....
=========================================================
بۆرە : مۇنبەردىشىمىزنىڭ بۇگەپلىرىمۇ ئورۇنلۇق.
بىراق ،بەزى جەھەتلەردىن توغرا ئەمەس، ھازىر ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا،ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلۈك مىقدارى،قوللىنىلىش دائىرىسى،قوللىنىدىغان ئادەم سانى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ ۋە ئازىيىپ ،زاۋاللىققا مېڭىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر پەيىتتە يەنە چەتئەللىكنىڭ سۆزلىرىنى كۆچۈرۈپلام، ئۆزۈمىزنىڭ قىلىۋەرسەك ، ئۇ ھالدا ئۆلگەننىڭ ئۈستگە تەپمەك دېگەندەك بىر ئىش بولمامدۇ؟؟؟؟!!!!!
شۇڭا بۇ مەسىلە ھەربىر كاللىسى ئويلاشقا قۇربى يەتكەن ئۇيغۇر ئويلاشقا تىگىشلىك مەسىلە.
كەلگۈسىدە باللىرىمىزنىڭ ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ھالىنى ئويلاپ باقايلى؟؟!!
======================================================================
مۇنبەرداش :
ماۋۇ 球探دىگەن گەپنى قانداق تەرجىمە قېلسا توغرا جانلىق بولىدۇ؟
==========================================================
بۆرە :
球探 توپ بىدىكى
مۇشۇنداق تەرجىمە قىلساق بولارمۇ؟!! |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|