سىز بۇ تېمىنىڭ 1993 - ئوقۇرمىنى
تېما: شامال ئوغلى
ئەركىنلىك !
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

UID: 132
جەۋھەر: 29
يازما: 5300
شۆھرەت: 5579 نۇمۇر
پۇل: 101759 سوم
تۆھپە: 315 نۇمۇر
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
توردا: 612(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-15
ئاخىرقى: 2011-10-11
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 16:34

شامال ئوغلى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ballack16 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-25)
شامال ئوغلى .-J`d=Krp  
شامال ئوغلى دىسەم مۇنبەردىكى تورداشلار ھەيران قالدىغۇ دەيمە ، چۈنكى شامال ئوغلى دېيىش پۇتبول ئۈچۈن بىر مۇناسىۋەتسىز سۆز . بىراق ، پۇتبولچىلىق دۇنياسىدە « شامال ئوغلى » نامغا ئىرىشكەن پۇتبولچىلىدىن بىرىسى ئۆتكەن . مەن تۆۋەندە شۇ پۇتبولچى ئۈچۈن بۇ تىمامنى يازماقچى . گەپنى قىسقا قىلاي ، ئۇزۇن بولۇپتۇ مۇنبەرگە ياخشىراق تىمىدىن بىرنى يوللىمىغىلى ، شۇڭا بۇ تىمامنى بارلىق ئارگىنتىنا پۇتبول مەستانىلىرى ئۈچۈن يوللايمەن ! +9TV:T  
|%-YuD  
شامال ئوغلى - كانىگگىيا % ^e@`0L  
Jlz9E|*qV  
NfOp=X?Y  
90-يىللاردىكى دۇنيا پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، 1990-يىللىق ئىتالىيدە دۇنيا لوڭقىسىدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر ساقلىنىپ قالغان . بولۇپمۇ كانىگگىيادەك بىر پۇتبولچىنىڭ دۇنيا پۇتبولچىلىقىدە پەيدا بولۇشى ھەقىقەتەنمۇ پۇتبولچىلىق دۇنياسىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلدى . 1990-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ، ئافرىقىدىن كەلگەن كامىرۇن ئەزىمەتلىرى تۇنجى ئۇچرىششىدىلا ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمىپيونى ئارگىنتىنا كوماندىسىنى 1-0 نەتىجە بىلەن يىڭىپ ، ئەڭ تۇنۇشلۇق بولغان « سوغۇق مۇسابىقە » دىن بىرنى مەيدانغا كەلتۈردى . مۇسابىقىنىڭ 46-مىنۇتىدا مەيدانغا چىققان كانىگگىيا ئارگىنتىنا كوماندىسى ئۈچۈن ئۇلۇغ مۇسابىقىلەردىن بىرنى ئوينىدى . ئۇنىڭ مۇسابىقىدىكى زور بۆسۈپ ئۆتۈشلىرى مۇسابىقە مەيدانىغا كۆرگىلى كەرگەن مەستانىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى . بىراق ، تەتۈر پەلەك مۇسابىقىنىڭ 67-مىنۇتىدا يىتىپ كەلدى . كامىرۇنلىقلار ناھايىتى چىرايلىق پاسلىشىپ ئارگىنتىنالىقلارنى يەرگە يىقىتتى . مۇسابىقە تاكى ئاخىرغىچە 1-0 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى . مۇسابىقىدە پەقەت ئىككى كۆرۈنۈشلا ئادەمنىڭ ئىسىدىن چىقمىغۇدەك بولدى . بىرىنجىسى ، ئارگىنتىنا ئۈچۈن مۇسابىقىگە چىققان كانىگگىيانىڭ 4 ئادەمنى ئالداپ ئاخىرى بىك تەرىپىدىن يىقىلىشى ، ئىككىنجىدىن ياش كامىرۇن چولىپىنىڭ كامىرۇن ئۈچۈن بىر توپ تەقدىم قىلىشى ! تىز يۈگۈر شامال ئوغلى ، تىز يۈگۈر !! @bE~@4mOu  
(NPxab8e*  
9?$RO[vo  
شامال ئوغلى - ھاياتلىقىتىكى بوران -چاپقۇن *N`;I@Q"[  
p+vh[+yp  
1967-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ، كانىگگىيا ( Claudio Caniggia) ئارگىنتىنانىڭ پايتەختى بۇئىنىس-ئايرىس شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىدىنلا پۇتبولغا ھىرىس بولغان كانىگگىيا پۇتبول ئۈچۈن بۇ دۇنياغا تۇغۇلغانلىقىنى ھېس قىلمىدى . تا ئۇ 18 ياشقا كىرگەن كۈنىسى ئۇ بۇنى ھىس قىلدى . يەنى 1985-يىلى ئۇ 18 ياشقا كىرگەن ۋاقىتىدا ئۇنىڭ تۇنجى پۇتبولچىلىق ھاياتى باشلاندى . ئۇ ئارگىنتىنا بىرلەشمىسىنىڭ زەردارى بولغان ئارگىنتىنا دەريا قىنى كوماندىسىغا قىتىلدى . 1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ، ئۇ ئۈچ يىل ئىچىدە دەريا قىنى كوماندىسى ئۈچۈن 53مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ ئۇردى . ھەمدە 85\86-يىللىق ئارگىنتىنا بىرلەشمە مۇسابىقسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىغا ئىرىشتى . 1987-يىلى ،ئۇ 20 ياشقا كىرگەن كۈنىسى ئامىرىكا قىتئەسى بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىغا ئىرىشتى . q P'[&h5Y  
ئامىرىكا قىتئەسىدە ئۆتكەن بۇ ئۈچ يىل ئۇنى ياۋروپا پۇتبولچىلىقىغا تۇنۇتتى . 90-يىللاردىكى پۇتبولچلىق دۇنياسى رەسمىي تەرەققىي قىلغان بىر ئۆتكۈنچى دەۋىر ھىساپلىنىدۇ . نۇرغۇنلىغان ئامىرىكا قىتئەسىلىك پۇتبولچىلار ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ ، ياۋروپا قىتئەسىگە يۆتكەلدى .بۇ خۇددى كۆچمەنلەرنىڭ باشقا يۇرتقا بىرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئوخشايتتى . كانىگگىيامۇ بۇنى ھىس قىلدى بولغاي ، ھەم نۇرغۇن سەپداشلىرىنىڭ ياۋروپا پۇتبولچىلىقىنى تاللىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇمۇ شۇ قارارغا كەلدى . مېنىڭچە دەل ياۋروپا پۇتبولچىلىقىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلىشىغا شۇ پۇتبولچىلارنىڭ تۆھپىسىنى ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . 1988-يىلى يازدا ، ئۇ ئارگىنتىنا دەريا قىنى كوماندىسىدىن رەسمىي ئايرىلدى . ئۇنىڭ ئەمدىكى قەدىمى ئىتالىيە بولدى . گۈزەل دۆلەت دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان ئىتالىيە كانىگگىيانىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالدى
. %/Bvy*X&  
22|"K**3J|  
YroNpu]s  
K0v.3  
1988\89-يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلاندى . كانىگگىيانىڭ تاللىغان كوماندىسى بولسا ۋىلونا كوماندسىى بولۇپ ، ئۇ بۇ كوماندىدا پەقەت بىر يىللا توپ تەپتى . ئۇنىڭ پۈتۈن بىر پەسلىك مۇسابىقىدە پەقەت 21مەيدان مۇسابىقىگىلا قاتىنشالىدى . ئۇ بۇ 21مەيدان مۇسابىقىدە3 توپ ئۇردى . 1989-يىلى ئۇ ۋىلونا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ئىتالىيە ئاتلانتا كوماندىسىغا يۇقىرى باھا بىلەن يۆتكەلدى . ئاتلانتادا ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزاق ئۆتتى ، 1992-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە كانىگگىيا 85مەيدان مۇسابىقىدە 26 توپ ئۇرۇپ ، ھاياتىدىكى زور مۇۋەپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى . ئۇنىڭ مەيداندىكى بۆسۈش خاراكىتىرلىك ئىپادىسى پۈتۈن دۇنيا پۇتبولچىلىقىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىدى . ئۇنىڭ مەيدانىدىكى ئاشۇ قارشى تەرەپىتىكى بىكلەردىن بىر-بىرلەپ بۆسۈپ ئۆتۈشى ئۇنىڭ ئۆزگىچىلىك خاراكىتىرنى تۇنۇتقۇزدى . شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىتالىيدىمۇ « شامال ئوغلى » دىگەن شەرەپلەرگە ئىرىشىتى . شۇنداق قىلىپ شامال ئوغلى ئۇنىڭ خاراكىتېرلىك لەقىمى بولۇپ قالدى . f0u56I9  
>gnF]<  
1992-يىلى يازدا ئۇ رىمغا چاقىرتىلدى . ۋە ئاتلانتا كوماندىسىدىن رىمغا يۆتكىلىش ئىشلىرى مۇۋەپىقىقىيەتلىك بولدى . بىراق ، ئۇنىڭ يۆتكىلىش ئىشلىرىدا مۇۋەپىققىيەتلىك بولغان بىلەن ، ئۇ رىم كوماندىسى ئۈچۈن ئۆز ئىپادىسىنى تاپالماي قالدى . 1992-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە بولغان 2يىل ئىچىدە ئۇ رىم كوماندىسى ئۈچۈن 15 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 4 توپ ئۇردى . بۇ كانىگگىيا ئۈچۈن ياخشى بىر باشلىنىش ئەمەس ئىدى . ئويلاپ باقساق بولىدۇكى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى يىل نىمىدىگەن ئۇزاق مەنىسىز ئۆتكەن ھە ؟ ئۇ بۇ ئىككى يىل ئىچىدە نىمىشلەرنى قىلدى بىر بىلىپ باقىلى : 1993-يىلى ئىتالىيە رىمدا بىر پاجىئەلىك ۋەقە يۈز بەردى . « شامال ئوغلى » ئاتىلىپ كەلگەن كانىگگىيا كوكائىن چىكىش سەۋەبلىك 15 ئاي سوراقتا تۇردى . ئۇ بۇ جەريانىدا ياشلىق يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرلەپ تۇزۇتۇپ بولغانىدى . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ پۇتبولچىلىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىغان شەخسلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى . پۇتبول مەستانىلىرى نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى . رىم كوماندىسىمۇ بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي ، 1994\1995-يىللىق پەسىلدە ، ئۇنى پورتۇگالىيە بىنفىيكا كوماندىسىغا يوللاپ بەردى. ئۇنىڭ ئەمدىكى ئىتالىيە ئىشلىرى بەكلا ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە بولدى . پورتۇگالىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر پاناھلىنىش ئىدى . بىراق ، ئەسەبىيلەشكەن پۇتبول مەستانىلىرى ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. ۋەھىشىيلەرچە ئۇنىڭ يۈز قىسىمىنى ئىغىر دەرىجىدە يارىلاندۇردى . بۇ كانىگگىياغا بەكلا ئىغىر كەلدى . ئامال يوق ، كىشى نەزىرىدە چۈشۈپ كەتكەن « شامال ئوغلى » ئەمدى بولسا بىر مەھبۇستەك ياشىدى . بىر يىل تەستە ئۆتتى . ئۇ بۇ بىر يىل ئىچىدە بىنفىيكا كوماندىسى ئۈچۈن 23مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ ئۇردى . +v!v[qn  
e62y  
0U%Xm[:  
ياۋروپادىكى بوران -چاپقۇن ئۇنى ئۆز دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر قىلدى . 1995-يىلى يازدا ئۇ ئارگىنتىناغا قايتىپ كەلدى . ئۇنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئىشلار بەك ئازاپلىق بولغاچقا ، ئۇ ئۆز دۆلىتىگە قايتىشىنى پەقەتلا ئۆزىگە بولغان بىر تەسەللىي دەپ قارىدى . ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە ئىنسانىي غۇرۇرى يەنىلا ئۇنى توپ تىپىشكە زورلىدى . ئۇ ياش ۋاقىتىدە توپ تەپكەن دەريا قىنى كوماندىسىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى بولغان بوكا ياشلار كوماندىسنى تاللىدى . ئۇ بۇ كوماندىدىن سەپدىشى بولغان مارادونانى تاپتى . ئۇنىڭ مارادونا بىلەن تەڭ جەڭ قىلغۇسى بار ئىدى . ئۇ بۇ ئارزۇسىغا يەتكەنىدى . ئۇ 1998-يىلىغىچە ئارگىنتىنا بوكا ياشلار كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپتى . 46مەيدان مۇسابىقىدە 17 توپ ئۇردى . ئۇ ئاخىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن توپ تىپىشىنى باشلىدى . 1999-يىلى ئۇ يەنە ياۋروپاغا قايتىشىنى ئويلاشتى . ۋە ئاخىرى ياۋروپاغا قايتىشىنى قارار قىلدى . شۇ يىلى ئۇ ئۆزى ھاياتى بوران -چاپقۇن ئىچىدە ئۆتكەن ئىتالىينى تاللىدى . ۋە 1999\2000-يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئاتلانتا كوماندىسىنى تاللىدى . 17 مەيدان مۇسابىقىدە 1 توپ ئۇردى . بىراق ، بىر يىل ئوڭۇشلۇق بولمىدى . ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىمۇ ئانچە كۆپ بولمىدى . بىراق ، ئۇنى ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى نابۇت قىلىپ قويىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى . 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان پۇتبولچىلىق دۇنياسى ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى . يەنى 2000-يىلى يازدا ئۇ ئاخىرى شوتلاندىينى تاللىدى . ۋە 2000\2001-يىللىق شوتلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقسىدە دىڭدى كوماندىسى ئۈچۈن جەڭ قىلدى . ئۇ جەريانىدا 21مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 7 توپ ئۇردى . بۇ نەتىجە ئۇنىڭ ئۈچۈن يىڭى بىر باشلىنىش ئىدى . چۈنكى ، 2001-يىلى ئۇ 34 ياشقا كىرگەن كۈن ئىدى . بۇنداق ياشلاردا پۇتبولچىلار ئاسانلا پۇتبولچىلىق دۇنياسىدىن خوشلىشاتتى . بىراق ، كانىگگىيا بۇنى تاللمىدى . 2001-يىلى يازدا ،ئۇ شوتلاندىيدىكى زەربىدار كوماندا سەرگەندان كوماندىسىنى تاللىدى . تاكى 2003-يىلىغىچە ئۇ سەرگەندان كوماندىسى ئۈچۈن 50 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 12 توپ ئۇردى . ھەمدە 2 يىل ئىچىدە شوتلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى . بۇ ئۇنىڭ ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن ياخشى نەتىجىلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . x~z_,':  
ZL=N[XW4'  
;:T9 IL  
2003-يىلى ئۇ شوتلاندىيدىن غەلبىلىك نەتىجە بىلەن ئايرىلدى . 20-ئەسىرنىڭ پۇتبولچىلىق دۇنياسىدە ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ياۋروپا پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئاسىيا پۇتبولچىلىقى ۋە ئافرىقا پۇتبولچىلىقى ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدىن ئۆگەندى ۋە ئۇنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈردى . ئۇ ئاخىرقى پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى ئاسيادا ئۆتكۈزۈشىنى قارار قىلدى . ۋە شۇ يىلى قاتارنىڭ قاتار SCكوماندىسىغا قىتىلدى . بۇ كوماندا ئۈچۈن 13 مەيدان مۇسابىقىدە 4 توپ ئۇردى . ۋە قاتار SC كوماندىسىنى شۇ پەسلىك مۇسابىقىدە 2-لىككە ئېرىشتۈردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بوران -چاپقۇنلۇق پۇتبولچىلىق ھاياتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇردى . 2005-يىلى ئۇ 38يىشىدا پۇتبولچىلىق دۇنياسىدىن رەسمىي ئايرىلدى . ئۇ شانلىق نەتىجىلىرى يەنىلا ياۋروپا ۋە ئامىرىكا قىتئەسىدە قىلىپ قالدى . خەير -خوش كانىگگىيا دىگەن بۇ سادالار ئىچىدە كانىگگىيا پۇتبولچىلىق ساھەسىدىن شۇنداقلا ئۆز ياخشى كۆرگەن يىشىل چىملىقتىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى !!!! aHC%19UN  
c|Y!c!9F  
5 < GDW=  
شامال ئوغلى ۋە دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى
LXNQb6!  
'W(xgOP1  
Z%e|*GS{  
~&KX-AC@  
1987-يىلى 20 ياشقا كىرگەن كانىگگىيا ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلدى . 3 يىلدىن كېيىن 1990-يىللىق ئىتالىيدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدە 23ياشلىق شامال ئوغلى كامىرۇن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە نۇر بولۇپ چاقىندى . بۇ سىرىق چاچلىق ئارگىنىتىنالىق بۆسۈش خاراكىتىرى زور بولغان پۇتبولچى ئىتالىيدىلا نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى . ئۇ بۇ قىتىمىلىق دۇنيا لوڭقىسىدە 6 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 2 توپ ئۇردى . بۇ 2 توپىمۇ ھەل قىلغۇچ پەيتلەردىكى توپ بولۇپ قالدى . 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ، برازىليە بىلەن بولغان مۇھىم جەڭدە كانىگگىيانىڭ برازىلىيە مۇداپىئەچىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇرغان بىر توپى ئۇنى ئارگىنتىنانىڭ شۇ كۈنلۈك پەخرىگە ئايلاندۇردى . 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ، ئىتالىيە بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭدە يەنىلا شۇ كانىگگىيانىڭ ناھايىتى چىرايلىق بىر توپى ، ئىتالىيلىكلەرنى مەڭگۈلۈك ئەلەمدە قالدۇردى . بۇ بىر توپ ئىتالىيلىكلەرنىڭ شۇ قىتمىلىق دۇنيا لوڭقىسىدە توپ كەتكۈزمەسلىكتەك رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلىدى . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سىرىق كارتىغا ئىرىشىپ ، سىرىق كارتا سانى ئىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ، ئۇ غەربىي گىرمانىيە بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشەلمىدى . بىراق ، غەربىي گىرمانىيە جەڭ ھارۋىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ شۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى . ئارگىنتىنا كوماندىسى كۈمۈش مىدالنى قولغا ئىلىپ ئازاپلىق ئىچىدە يۇرتىغا قايتتى . e#khl9j*bt  
1991-يىلى چېلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامىرىكا قىتئەسى لوڭقىسىدە ، مارادونا ، كانىگگىيا قاتارلىق توپچىلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە شۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتى . ۋە شامال ئوغلىنىڭ ياردىمىگە تاينىپ ئارگىنىتىنا كوماندىسىنى چېمىپيونلۇققا ئىرىشتۈردى . 1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئامىرىكا قىتئەسىگە يىتىپ كەلدى . بۇ ئامىرىكا قىتئەسى ئۈچۈن بىر شەرەپ ئىدى . ئارگىنتىنا كوماندىسى كانىگگىيانى بىرگە ئالغاچ ئامىرىكا سەپىرىنى باشلىۋەتتى . ئىچىنىشلىقى شۇكى ، ئۇ بۇ قىتمىلىق دۇنيا لوڭقىسىدە ئىككى يىرىم مەيدانلا ئوينىدى . نىگرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 2 توپ ئۇردى . بۇلغارىيە بىلەن مۇسابىقىدە 26 مىنۇتلا توپ تەپتى . بۇلغارىيە كوماندىسىنىڭ بىكلىرى ئۇنى يىقىتىپ ئىغىر يارىلاندۇردى . 1998-يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدە ئۇ ئارگىنتىنانىڭ سەپ شەكلىگە كىرەلمىدى .2002-يىللىق ياپونىيە - كورىيە دۇنيا لوڭقىسىدە ئۇ ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ 23 كىشلىك تىزىملىكىگە كىرەلىدى . بىراق ، بىرمۇ مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىگە ئىرەشەلمىدى . بىرلا ئىرىشكىنى شىۋىتىسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، ئۇ زاپاس ئەزا سىپىدە ئولتۇرۇپ رىپىرنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغانلىقىدىن قىزىل كارتىغا ئىرىشتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا لوڭقىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى ! شۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدە باتىستۇتا باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقالماي ئىچىنشىلىق شاللىنىپ كەتتى ..........
'hF@> 
1987-يىلىدىن 2002-يىلغىچە بولغان دۆلەت كوماندىسىكى مۇسابىقىدە ئۇ 50 مەيدان مۇسابىقىدە 16 توپ ئۇرۇپ ، ئارگىنتىنا پۇتبولچىلىق ساھەسىدە ئۆزىنى تۇنۇتۇپ قويدى ! <m]wi7  
K}K)`bifw  
'F7VM?HBfg  
)8'jxiGs  
w~LU\Ct  
|7 c `(.  
9^\hmpP@D  
FUqt)YHi  
u]bz42]  
باھالاش خاتىرىسى:
  • ياخشى باھا:+10(ballack16) ئەجىرلىك تېم ..
  • رونالدو
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
    UID: 9185
    جەۋھەر: 0
    يازما: 373
    شۆھرەت: 997 نۇمۇر
    پۇل: 18 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردا: 158(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-06-22
    ئاخىرقى: 2011-09-18
    1  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 17:33

    شامال ئوغلى دىسە مەن تېخى بارى ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
    مىدال ياراشقاندەكمۇ  
    دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

    UID: 8179
    جەۋھەر: 0
    يازما: 736
    شۆھرەت: 1057 نۇمۇر
    پۇل: 12386 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردا: 676(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-10-06
    ئاخىرقى: 2011-10-11
    2  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 17:38

    بىكاچىلىقتا ئالدىرىماي ئۇقۇيدىغان نادىر تىما quRPg)  
    بۇرۇن بىرسىمۇ شامال ئوغلى دەپ بىر تىما يازغانغۇ دەيمەن ئۇمۇ دەل گانىگيانى يېزىپتىكەن ئىنزاگى يازغاندەك ئىسىمدە ...
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: تاماشىبىن
    UID: 9197
    جەۋھەر: 0
    يازما: 16
    شۆھرەت: 44 نۇمۇر
    پۇل: 100034 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 6(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-06-23
    ئاخىرقى: 2011-07-03
    3  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 18:11

    شامال ئوغلى دىگەن خەتنى كورۇپلا  كانىجىيا مىكىن دىگەنتىم توغرىكەن. "-~D! {rS  
    تولۇق 1-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا بىركۇنى چۇشتىن كېيىن مەكتەپتىن قىچىپ بازا ئارلاپ يۇرسەم بىر يايمىچى (بەسەي) پۇتبول چولپانلېرى رەسىمى سېتىۋېتىپتىكەن ، 1.5 يۇنگە كانىجىيانىڭ رەسىمىنى ئالغانتىم. تىمىڭىزنى كورۇپ بالا ۋاخلېرىمنى ئەسلەپ قالدىم، ئۇ ۋاقلاردا ياتاق ئۇيۇمنىڭ توت تىمىنى پۇتبول چولپانلېرىنىڭ رەسىمى بىلەن توشقىزۋەتكەنتىم، ئاپام دايىم ( بالام بۇنداق رەسىملەرنىڭ ئىچىدە ياتساڭ قار بىسىپ قالدۇ )دەيتى . گۇزەل ۋاقىتلاركەنتۇق  
    ھەق يولىدىن ئۆزگە تاللىشىم يوق
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 8221
    جەۋھەر: 4
    يازما: 3453
    شۆھرەت: 6225 نۇمۇر
    پۇل: 317009 سوم
    تۆھپە: 52 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 63 نۇمۇر
    توردا: 663(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-10-16
    ئاخىرقى: 2011-10-11
    4  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 20:02

    شۇنداق، يىڭى چولپانلانى كۆرۈپ كونىلىرىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ...نادىر تىمىڭىزغا رەھمەت.... y7G|P~td  
    ~ ئىختىيارسىز ھالدا ~
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    UID: 7982
    جەۋھەر: 9
    يازما: 5178
    شۆھرەت: 7721 نۇمۇر
    پۇل: 103363 سوم
    تۆھپە: 206 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 158 نۇمۇر
    توردا: 688(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-08-06
    ئاخىرقى: 2011-10-11
    5  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 20:02

    كانىكىئا توغۇرلۇق ئىنزاگى دىگەن ئەزا يوللاپ بولغاندەك قىلغان........   ...ئەمما ماۋۇمۇ خىلى ياخشى چىقىپتۇ.....
    ~~~~~~ ماڭاي دېسە يول كۆپقۇ ~~~~~~
    قۇرئان ئوقۇيالامسىز؟
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى

    UID: 6888
    جەۋھەر: 0
    يازما: 325
    شۆھرەت: 340 نۇمۇر
    پۇل: 99364 سوم
    تۆھپە: 15 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 404(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-10-13
    ئاخىرقى: 2011-10-11
    6  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 20:25

    توغرا، كاكادىن ئىلگىرىكى پۇتبولچىلارنىڭ ئارىسىدا توپ ئېلىپ مېڭىش سۇرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى دەل مۇشۇ چولپان ئىدى.
    ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن !!!
    ئالۋاستىلارنىڭ پەخرىسەن
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 6997
    جەۋھەر: 1
    يازما: 1759
    شۆھرەت: 2006 نۇمۇر
    پۇل: 9729 سوم
    تۆھپە: 25 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 628(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-11-13
    ئاخىرقى: 2011-10-10
    7  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 20:45

    بۇنىڭدىكى ھەقىقىي سۈرەت رونالدودا بار ئىدى ...
    گېگىس: سەن مەڭگۈلۈك قوماندان
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: يېزىش چەكلەنگەن
    UID: 8399
    جەۋھەر: 0
    يازما: 319
    شۆھرەت: 447 نۇمۇر
    پۇل: 464 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 111(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-11-30
    ئاخىرقى: 2011-08-21
    8  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 23:36

    دۇنيادىكى يۈگۈرۈش سۈرئېتى ئەڭ تېز پۇتبولچىكەن،100مېتىرغا10سىكونىت15دەقىقىدە چىقىپ بۇلىدىكەن
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
    UID: 2794
    جەۋھەر: 0
    يازما: 1049
    شۆھرەت: 908 نۇمۇر
    پۇل: 1006 سوم
    تۆھپە: 25 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 761(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-03-31
    ئاخىرقى: 2011-10-11
    9  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 00:43

    سۈرئىتى بەك تىزكەنغۇ بۇنىڭ
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: يېزىش چەكلەنگەن
    UID: 9170
    جەۋھەر: 0
    يازما: 326
    شۆھرەت: 325 نۇمۇر
    پۇل: 100333 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 21(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-06-17
    ئاخىرقى: 2011-10-09
    10  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 01:08

    مەن    بەك  امراختېم    مارادوننانېڭ  يېقېن  سەپدېشې
    پۇتبول دىمەك ئىناقلىق دىمەك
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كوماندا باشلىقى

    UID: 1936
    جەۋھەر: 0
    يازما: 6330
    شۆھرەت: 4464 نۇمۇر
    پۇل: 9 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردا: 550(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-02-11
    ئاخىرقى: 2011-10-09
    11  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 13:55

    سۈرئەتقۇ بەك تىزكەن بۇنىڭ، ئۇرغان توپلىرى سەل ئازمۇ نىمە
    بارسىلونا ، بوكا ياشلار كوماندىلىرىنى مەن ئەڭ ياقتۇرىمەن.