تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- شامال ئوغلى --]

پۇتبول كۇلۇبى -> داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار -> شامال ئوغلى [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

intezar11 2011-06-25 16:34

شامال ئوغلى xf  
شامال ئوغلى دىسەم مۇنبەردىكى تورداشلار ھەيران قالدىغۇ دەيمە ، چۈنكى شامال ئوغلى دېيىش پۇتبول ئۈچۈن بىر مۇناسىۋەتسىز سۆز . بىراق ، پۇتبولچىلىق دۇنياسىدە « شامال ئوغلى » نامغا ئىرىشكەن پۇتبولچىلىدىن بىرىسى ئۆتكەن . مەن تۆۋەندە شۇ پۇتبولچى ئۈچۈن بۇ تىمامنى يازماقچى . گەپنى قىسقا قىلاي ، ئۇزۇن بولۇپتۇ مۇنبەرگە ياخشىراق تىمىدىن بىرنى يوللىمىغىلى ، شۇڭا بۇ تىمامنى بارلىق ئارگىنتىنا پۇتبول مەستانىلىرى ئۈچۈن يوللايمەن ! .z]Wyx&/U  
5:pM 4J  
شامال ئوغلى - كانىگگىيا wN@oYFoL  
f$+,HB  
NG--6\  
90-يىللاردىكى دۇنيا پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، 1990-يىللىق ئىتالىيدە دۇنيا لوڭقىسىدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر ساقلىنىپ قالغان . بولۇپمۇ كانىگگىيادەك بىر پۇتبولچىنىڭ دۇنيا پۇتبولچىلىقىدە پەيدا بولۇشى ھەقىقەتەنمۇ پۇتبولچىلىق دۇنياسىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلدى . 1990-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ، ئافرىقىدىن كەلگەن كامىرۇن ئەزىمەتلىرى تۇنجى ئۇچرىششىدىلا ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمىپيونى ئارگىنتىنا كوماندىسىنى 1-0 نەتىجە بىلەن يىڭىپ ، ئەڭ تۇنۇشلۇق بولغان « سوغۇق مۇسابىقە » دىن بىرنى مەيدانغا كەلتۈردى . مۇسابىقىنىڭ 46-مىنۇتىدا مەيدانغا چىققان كانىگگىيا ئارگىنتىنا كوماندىسى ئۈچۈن ئۇلۇغ مۇسابىقىلەردىن بىرنى ئوينىدى . ئۇنىڭ مۇسابىقىدىكى زور بۆسۈپ ئۆتۈشلىرى مۇسابىقە مەيدانىغا كۆرگىلى كەرگەن مەستانىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى . بىراق ، تەتۈر پەلەك مۇسابىقىنىڭ 67-مىنۇتىدا يىتىپ كەلدى . كامىرۇنلىقلار ناھايىتى چىرايلىق پاسلىشىپ ئارگىنتىنالىقلارنى يەرگە يىقىتتى . مۇسابىقە تاكى ئاخىرغىچە 1-0 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى . مۇسابىقىدە پەقەت ئىككى كۆرۈنۈشلا ئادەمنىڭ ئىسىدىن چىقمىغۇدەك بولدى . بىرىنجىسى ، ئارگىنتىنا ئۈچۈن مۇسابىقىگە چىققان كانىگگىيانىڭ 4 ئادەمنى ئالداپ ئاخىرى بىك تەرىپىدىن يىقىلىشى ، ئىككىنجىدىن ياش كامىرۇن چولىپىنىڭ كامىرۇن ئۈچۈن بىر توپ تەقدىم قىلىشى ! تىز يۈگۈر شامال ئوغلى ، تىز يۈگۈر !! '10oK {m$  
R9'b-5q  
u$>4F|=T  
شامال ئوغلى - ھاياتلىقىتىكى بوران -چاپقۇن M.x=<:upp  
\DYWy*pe  
1967-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ، كانىگگىيا ( Claudio Caniggia) ئارگىنتىنانىڭ پايتەختى بۇئىنىس-ئايرىس شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىدىنلا پۇتبولغا ھىرىس بولغان كانىگگىيا پۇتبول ئۈچۈن بۇ دۇنياغا تۇغۇلغانلىقىنى ھېس قىلمىدى . تا ئۇ 18 ياشقا كىرگەن كۈنىسى ئۇ بۇنى ھىس قىلدى . يەنى 1985-يىلى ئۇ 18 ياشقا كىرگەن ۋاقىتىدا ئۇنىڭ تۇنجى پۇتبولچىلىق ھاياتى باشلاندى . ئۇ ئارگىنتىنا بىرلەشمىسىنىڭ زەردارى بولغان ئارگىنتىنا دەريا قىنى كوماندىسىغا قىتىلدى . 1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ، ئۇ ئۈچ يىل ئىچىدە دەريا قىنى كوماندىسى ئۈچۈن 53مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ ئۇردى . ھەمدە 85\86-يىللىق ئارگىنتىنا بىرلەشمە مۇسابىقسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىغا ئىرىشتى . 1987-يىلى ،ئۇ 20 ياشقا كىرگەن كۈنىسى ئامىرىكا قىتئەسى بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىغا ئىرىشتى . M^O2\G#B  
ئامىرىكا قىتئەسىدە ئۆتكەن بۇ ئۈچ يىل ئۇنى ياۋروپا پۇتبولچىلىقىغا تۇنۇتتى . 90-يىللاردىكى پۇتبولچلىق دۇنياسى رەسمىي تەرەققىي قىلغان بىر ئۆتكۈنچى دەۋىر ھىساپلىنىدۇ . نۇرغۇنلىغان ئامىرىكا قىتئەسىلىك پۇتبولچىلار ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ ، ياۋروپا قىتئەسىگە يۆتكەلدى .بۇ خۇددى كۆچمەنلەرنىڭ باشقا يۇرتقا بىرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئوخشايتتى . كانىگگىيامۇ بۇنى ھىس قىلدى بولغاي ، ھەم نۇرغۇن سەپداشلىرىنىڭ ياۋروپا پۇتبولچىلىقىنى تاللىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇمۇ شۇ قارارغا كەلدى . مېنىڭچە دەل ياۋروپا پۇتبولچىلىقىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلىشىغا شۇ پۇتبولچىلارنىڭ تۆھپىسىنى ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . 1988-يىلى يازدا ، ئۇ ئارگىنتىنا دەريا قىنى كوماندىسىدىن رەسمىي ئايرىلدى . ئۇنىڭ ئەمدىكى قەدىمى ئىتالىيە بولدى . گۈزەل دۆلەت دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان ئىتالىيە كانىگگىيانىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالدى
. ZG>PQA  
! ='rc-E  
87BHq)  
byLft 1  
1988\89-يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلاندى . كانىگگىيانىڭ تاللىغان كوماندىسى بولسا ۋىلونا كوماندسىى بولۇپ ، ئۇ بۇ كوماندىدا پەقەت بىر يىللا توپ تەپتى . ئۇنىڭ پۈتۈن بىر پەسلىك مۇسابىقىدە پەقەت 21مەيدان مۇسابىقىگىلا قاتىنشالىدى . ئۇ بۇ 21مەيدان مۇسابىقىدە3 توپ ئۇردى . 1989-يىلى ئۇ ۋىلونا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ئىتالىيە ئاتلانتا كوماندىسىغا يۇقىرى باھا بىلەن يۆتكەلدى . ئاتلانتادا ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزاق ئۆتتى ، 1992-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە كانىگگىيا 85مەيدان مۇسابىقىدە 26 توپ ئۇرۇپ ، ھاياتىدىكى زور مۇۋەپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى . ئۇنىڭ مەيداندىكى بۆسۈش خاراكىتىرلىك ئىپادىسى پۈتۈن دۇنيا پۇتبولچىلىقىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىدى . ئۇنىڭ مەيدانىدىكى ئاشۇ قارشى تەرەپىتىكى بىكلەردىن بىر-بىرلەپ بۆسۈپ ئۆتۈشى ئۇنىڭ ئۆزگىچىلىك خاراكىتىرنى تۇنۇتقۇزدى . شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىتالىيدىمۇ « شامال ئوغلى » دىگەن شەرەپلەرگە ئىرىشىتى . شۇنداق قىلىپ شامال ئوغلى ئۇنىڭ خاراكىتېرلىك لەقىمى بولۇپ قالدى . v*;-yG&  
JTr vnA  
1992-يىلى يازدا ئۇ رىمغا چاقىرتىلدى . ۋە ئاتلانتا كوماندىسىدىن رىمغا يۆتكىلىش ئىشلىرى مۇۋەپىقىقىيەتلىك بولدى . بىراق ، ئۇنىڭ يۆتكىلىش ئىشلىرىدا مۇۋەپىققىيەتلىك بولغان بىلەن ، ئۇ رىم كوماندىسى ئۈچۈن ئۆز ئىپادىسىنى تاپالماي قالدى . 1992-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە بولغان 2يىل ئىچىدە ئۇ رىم كوماندىسى ئۈچۈن 15 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 4 توپ ئۇردى . بۇ كانىگگىيا ئۈچۈن ياخشى بىر باشلىنىش ئەمەس ئىدى . ئويلاپ باقساق بولىدۇكى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى يىل نىمىدىگەن ئۇزاق مەنىسىز ئۆتكەن ھە ؟ ئۇ بۇ ئىككى يىل ئىچىدە نىمىشلەرنى قىلدى بىر بىلىپ باقىلى : 1993-يىلى ئىتالىيە رىمدا بىر پاجىئەلىك ۋەقە يۈز بەردى . « شامال ئوغلى » ئاتىلىپ كەلگەن كانىگگىيا كوكائىن چىكىش سەۋەبلىك 15 ئاي سوراقتا تۇردى . ئۇ بۇ جەريانىدا ياشلىق يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرلەپ تۇزۇتۇپ بولغانىدى . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ پۇتبولچىلىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىغان شەخسلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى . پۇتبول مەستانىلىرى نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى . رىم كوماندىسىمۇ بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي ، 1994\1995-يىللىق پەسىلدە ، ئۇنى پورتۇگالىيە بىنفىيكا كوماندىسىغا يوللاپ بەردى. ئۇنىڭ ئەمدىكى ئىتالىيە ئىشلىرى بەكلا ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە بولدى . پورتۇگالىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر پاناھلىنىش ئىدى . بىراق ، ئەسەبىيلەشكەن پۇتبول مەستانىلىرى ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. ۋەھىشىيلەرچە ئۇنىڭ يۈز قىسىمىنى ئىغىر دەرىجىدە يارىلاندۇردى . بۇ كانىگگىياغا بەكلا ئىغىر كەلدى . ئامال يوق ، كىشى نەزىرىدە چۈشۈپ كەتكەن « شامال ئوغلى » ئەمدى بولسا بىر مەھبۇستەك ياشىدى . بىر يىل تەستە ئۆتتى . ئۇ بۇ بىر يىل ئىچىدە بىنفىيكا كوماندىسى ئۈچۈن 23مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ ئۇردى . |2RC#]/-Y  
)+[ gd/ 
v3aYc:C  
ياۋروپادىكى بوران -چاپقۇن ئۇنى ئۆز دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر قىلدى . 1995-يىلى يازدا ئۇ ئارگىنتىناغا قايتىپ كەلدى . ئۇنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئىشلار بەك ئازاپلىق بولغاچقا ، ئۇ ئۆز دۆلىتىگە قايتىشىنى پەقەتلا ئۆزىگە بولغان بىر تەسەللىي دەپ قارىدى . ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە ئىنسانىي غۇرۇرى يەنىلا ئۇنى توپ تىپىشكە زورلىدى . ئۇ ياش ۋاقىتىدە توپ تەپكەن دەريا قىنى كوماندىسىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى بولغان بوكا ياشلار كوماندىسنى تاللىدى . ئۇ بۇ كوماندىدىن سەپدىشى بولغان مارادونانى تاپتى . ئۇنىڭ مارادونا بىلەن تەڭ جەڭ قىلغۇسى بار ئىدى . ئۇ بۇ ئارزۇسىغا يەتكەنىدى . ئۇ 1998-يىلىغىچە ئارگىنتىنا بوكا ياشلار كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپتى . 46مەيدان مۇسابىقىدە 17 توپ ئۇردى . ئۇ ئاخىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن توپ تىپىشىنى باشلىدى . 1999-يىلى ئۇ يەنە ياۋروپاغا قايتىشىنى ئويلاشتى . ۋە ئاخىرى ياۋروپاغا قايتىشىنى قارار قىلدى . شۇ يىلى ئۇ ئۆزى ھاياتى بوران -چاپقۇن ئىچىدە ئۆتكەن ئىتالىينى تاللىدى . ۋە 1999\2000-يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئاتلانتا كوماندىسىنى تاللىدى . 17 مەيدان مۇسابىقىدە 1 توپ ئۇردى . بىراق ، بىر يىل ئوڭۇشلۇق بولمىدى . ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىمۇ ئانچە كۆپ بولمىدى . بىراق ، ئۇنى ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى نابۇت قىلىپ قويىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى . 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان پۇتبولچىلىق دۇنياسى ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى . يەنى 2000-يىلى يازدا ئۇ ئاخىرى شوتلاندىينى تاللىدى . ۋە 2000\2001-يىللىق شوتلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقسىدە دىڭدى كوماندىسى ئۈچۈن جەڭ قىلدى . ئۇ جەريانىدا 21مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 7 توپ ئۇردى . بۇ نەتىجە ئۇنىڭ ئۈچۈن يىڭى بىر باشلىنىش ئىدى . چۈنكى ، 2001-يىلى ئۇ 34 ياشقا كىرگەن كۈن ئىدى . بۇنداق ياشلاردا پۇتبولچىلار ئاسانلا پۇتبولچىلىق دۇنياسىدىن خوشلىشاتتى . بىراق ، كانىگگىيا بۇنى تاللمىدى . 2001-يىلى يازدا ،ئۇ شوتلاندىيدىكى زەربىدار كوماندا سەرگەندان كوماندىسىنى تاللىدى . تاكى 2003-يىلىغىچە ئۇ سەرگەندان كوماندىسى ئۈچۈن 50 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 12 توپ ئۇردى . ھەمدە 2 يىل ئىچىدە شوتلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى . بۇ ئۇنىڭ ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن ياخشى نەتىجىلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . ;A]@4*q  
y9x w 9l'  
yf[~Yl>Ogw  
2003-يىلى ئۇ شوتلاندىيدىن غەلبىلىك نەتىجە بىلەن ئايرىلدى . 20-ئەسىرنىڭ پۇتبولچىلىق دۇنياسىدە ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ياۋروپا پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئاسىيا پۇتبولچىلىقى ۋە ئافرىقا پۇتبولچىلىقى ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدىن ئۆگەندى ۋە ئۇنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈردى . ئۇ ئاخىرقى پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى ئاسيادا ئۆتكۈزۈشىنى قارار قىلدى . ۋە شۇ يىلى قاتارنىڭ قاتار SCكوماندىسىغا قىتىلدى . بۇ كوماندا ئۈچۈن 13 مەيدان مۇسابىقىدە 4 توپ ئۇردى . ۋە قاتار SC كوماندىسىنى شۇ پەسلىك مۇسابىقىدە 2-لىككە ئېرىشتۈردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بوران -چاپقۇنلۇق پۇتبولچىلىق ھاياتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇردى . 2005-يىلى ئۇ 38يىشىدا پۇتبولچىلىق دۇنياسىدىن رەسمىي ئايرىلدى . ئۇ شانلىق نەتىجىلىرى يەنىلا ياۋروپا ۋە ئامىرىكا قىتئەسىدە قىلىپ قالدى . خەير -خوش كانىگگىيا دىگەن بۇ سادالار ئىچىدە كانىگگىيا پۇتبولچىلىق ساھەسىدىن شۇنداقلا ئۆز ياخشى كۆرگەن يىشىل چىملىقتىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى !!!! K_RjX>q%N  
8,C*4y~  
&Xf^Iu  
شامال ئوغلى ۋە دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى
]j`c]2EuP  
kQEy#JQmB  
.P[ _<8  
(NF~Ck$#q  
1987-يىلى 20 ياشقا كىرگەن كانىگگىيا ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلدى . 3 يىلدىن كېيىن 1990-يىللىق ئىتالىيدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدە 23ياشلىق شامال ئوغلى كامىرۇن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە نۇر بولۇپ چاقىندى . بۇ سىرىق چاچلىق ئارگىنىتىنالىق بۆسۈش خاراكىتىرى زور بولغان پۇتبولچى ئىتالىيدىلا نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى . ئۇ بۇ قىتىمىلىق دۇنيا لوڭقىسىدە 6 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 2 توپ ئۇردى . بۇ 2 توپىمۇ ھەل قىلغۇچ پەيتلەردىكى توپ بولۇپ قالدى . 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ، برازىليە بىلەن بولغان مۇھىم جەڭدە كانىگگىيانىڭ برازىلىيە مۇداپىئەچىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇرغان بىر توپى ئۇنى ئارگىنتىنانىڭ شۇ كۈنلۈك پەخرىگە ئايلاندۇردى . 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ، ئىتالىيە بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭدە يەنىلا شۇ كانىگگىيانىڭ ناھايىتى چىرايلىق بىر توپى ، ئىتالىيلىكلەرنى مەڭگۈلۈك ئەلەمدە قالدۇردى . بۇ بىر توپ ئىتالىيلىكلەرنىڭ شۇ قىتمىلىق دۇنيا لوڭقىسىدە توپ كەتكۈزمەسلىكتەك رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلىدى . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سىرىق كارتىغا ئىرىشىپ ، سىرىق كارتا سانى ئىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ، ئۇ غەربىي گىرمانىيە بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشەلمىدى . بىراق ، غەربىي گىرمانىيە جەڭ ھارۋىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ شۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى . ئارگىنتىنا كوماندىسى كۈمۈش مىدالنى قولغا ئىلىپ ئازاپلىق ئىچىدە يۇرتىغا قايتتى . j2QmxTa!  
1991-يىلى چېلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامىرىكا قىتئەسى لوڭقىسىدە ، مارادونا ، كانىگگىيا قاتارلىق توپچىلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە شۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتى . ۋە شامال ئوغلىنىڭ ياردىمىگە تاينىپ ئارگىنىتىنا كوماندىسىنى چېمىپيونلۇققا ئىرىشتۈردى . 1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئامىرىكا قىتئەسىگە يىتىپ كەلدى . بۇ ئامىرىكا قىتئەسى ئۈچۈن بىر شەرەپ ئىدى . ئارگىنتىنا كوماندىسى كانىگگىيانى بىرگە ئالغاچ ئامىرىكا سەپىرىنى باشلىۋەتتى . ئىچىنىشلىقى شۇكى ، ئۇ بۇ قىتمىلىق دۇنيا لوڭقىسىدە ئىككى يىرىم مەيدانلا ئوينىدى . نىگرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 2 توپ ئۇردى . بۇلغارىيە بىلەن مۇسابىقىدە 26 مىنۇتلا توپ تەپتى . بۇلغارىيە كوماندىسىنىڭ بىكلىرى ئۇنى يىقىتىپ ئىغىر يارىلاندۇردى . 1998-يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدە ئۇ ئارگىنتىنانىڭ سەپ شەكلىگە كىرەلمىدى .2002-يىللىق ياپونىيە - كورىيە دۇنيا لوڭقىسىدە ئۇ ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ 23 كىشلىك تىزىملىكىگە كىرەلىدى . بىراق ، بىرمۇ مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىگە ئىرەشەلمىدى . بىرلا ئىرىشكىنى شىۋىتىسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، ئۇ زاپاس ئەزا سىپىدە ئولتۇرۇپ رىپىرنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغانلىقىدىن قىزىل كارتىغا ئىرىشتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا لوڭقىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى ! شۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدە باتىستۇتا باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقالماي ئىچىنشىلىق شاللىنىپ كەتتى ..........
Bz_^~b7  
1987-يىلىدىن 2002-يىلغىچە بولغان دۆلەت كوماندىسىكى مۇسابىقىدە ئۇ 50 مەيدان مۇسابىقىدە 16 توپ ئۇرۇپ ، ئارگىنتىنا پۇتبولچىلىق ساھەسىدە ئۆزىنى تۇنۇتۇپ قويدى ! W KQ^NEqr3  
~aw.(A?MI  
yH7F''O7  
j>]nK~[ka  
fq5_G~c =  
W3Dc r@Dy  
7@Zx@  
.fN"@l  
h@:TpE+N  

ئىز 2011-06-25 17:33
شامال ئوغلى دىسە مەن تېخى بارى ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

ۋىروس 2011-06-25 17:38
بىكاچىلىقتا ئالدىرىماي ئۇقۇيدىغان نادىر تىما 4|mD*o  
بۇرۇن بىرسىمۇ شامال ئوغلى دەپ بىر تىما يازغانغۇ دەيمەن ئۇمۇ دەل گانىگيانى يېزىپتىكەن ئىنزاگى يازغاندەك ئىسىمدە ...

kadimixahar 2011-06-25 18:11
شامال ئوغلى دىگەن خەتنى كورۇپلا  كانىجىيا مىكىن دىگەنتىم توغرىكەن. )y\BY8  
تولۇق 1-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا بىركۇنى چۇشتىن كېيىن مەكتەپتىن قىچىپ بازا ئارلاپ يۇرسەم بىر يايمىچى (بەسەي) پۇتبول چولپانلېرى رەسىمى سېتىۋېتىپتىكەن ، 1.5 يۇنگە كانىجىيانىڭ رەسىمىنى ئالغانتىم. تىمىڭىزنى كورۇپ بالا ۋاخلېرىمنى ئەسلەپ قالدىم، ئۇ ۋاقلاردا ياتاق ئۇيۇمنىڭ توت تىمىنى پۇتبول چولپانلېرىنىڭ رەسىمى بىلەن توشقىزۋەتكەنتىم، ئاپام دايىم ( بالام بۇنداق رەسىملەرنىڭ ئىچىدە ياتساڭ قار بىسىپ قالدۇ )دەيتى . گۇزەل ۋاقىتلاركەنتۇق  

يۈكسەل 2011-06-25 20:02
شۇنداق، يىڭى چولپانلانى كۆرۈپ كونىلىرىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ...نادىر تىمىڭىزغا رەھمەت.... d{iL?>'?^  

پارلاق 2011-06-25 20:02
كانىكىئا توغۇرلۇق ئىنزاگى دىگەن ئەزا يوللاپ بولغاندەك قىلغان........   ...ئەمما ماۋۇمۇ خىلى ياخشى چىقىپتۇ.....

ataman005 2011-06-25 20:25
توغرا، كاكادىن ئىلگىرىكى پۇتبولچىلارنىڭ ئارىسىدا توپ ئېلىپ مېڭىش سۇرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى دەل مۇشۇ چولپان ئىدى.

قىلىچ 2011-06-25 20:45
بۇنىڭدىكى ھەقىقىي سۈرەت رونالدودا بار ئىدى ...

tiger12 2011-06-25 23:36
دۇنيادىكى يۈگۈرۈش سۈرئېتى ئەڭ تېز پۇتبولچىكەن،100مېتىرغا10سىكونىت15دەقىقىدە چىقىپ بۇلىدىكەن

شاھزادە8 2011-06-26 00:43
سۈرئىتى بەك تىزكەنغۇ بۇنىڭ

zola 2011-06-26 01:08
مەن    بەك  امراختېم    مارادوننانېڭ  يېقېن  سەپدېشې

ibrayimoviq 2011-06-26 13:55
سۈرئەتقۇ بەك تىزكەن بۇنىڭ، ئۇرغان توپلىرى سەل ئازمۇ نىمە

مۇزات 2011-06-26 15:04
مۇنبەردە بۇرۇن بىر كۆرگەن بۇ تېمىنى

intezar11 2011-06-26 15:14
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى مۇزاتدە2011-06-26 15:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : bE`*Uw4  
مۇنبەردە بۇرۇن بىر كۆرگەن بۇ تېمىنى !OZh fMVd  
= @Nv:1:r  
مەزمۇنى ئوخشامدىكىن كۆرۈپ بىقىپ ......

مۇزات 2011-06-26 15:16
ساپلا كانىگىيانىڭ توپ ئېلىپ مېڭىپ باشقىلار يېتىشەلمەي پۇتلاپ يىقىتقانلا كۆرۈنۈشلىرىكەن ھە، كامىرونلۇقلارنىڭ.

intezar11 2011-06-26 15:18
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى مۇزاتدە2011-06-26 15:16يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : y0&HXX#\  
ساپلا كانىگىيانىڭ توپ ئېلىپ مېڭىپ باشقىلار يېتىشەلمەي پۇتلاپ يىقىتقانلا كۆرۈنۈشلىرىكەن ھە، كامىرونلۇقلارنىڭ. cKYvRe  
x5 ~E'~_  
يىتىشىپ بولالماي ئارقىدىن يىقىتىقاندۇ بەلكىم ، كىممۇ يىتىشەلەيدۇ بۇنىڭغا ؟

sulatwaz 2011-06-26 16:31
سۇرئىتى ھەقىقەتەن تىزكەن.

بارچۇق 2011-06-26 18:23
قالتىس توپچىتى  

ئوۋىنⅡ 2011-06-26 18:39
2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا زاپاس ئەزا سۇپىسىدا ئولتۇرۇپ بىر سېرىق كارتا يېۋالدىدە بۇ...

xiho 2011-06-27 01:52
شۇنداغاراق   بىرسى  بولىدىغان

بەخىت 2011-06-27 15:46
ئىنزاگى يوللىغىنى $*R9LPpk+  
/read.php?tid-16632-keyword-%D8%B4%D8%A7%D9%85%D8%A7%D9%84.html

بەخىت 2011-06-27 15:49
ئالدىنقى قېىتىم بىزنىڭ ئۆيدە مۇشۇ شامال ئوغلى توغرىلىق  شەمشاد بىلەن يۇرۇڭقاش تىكىشىپ شەمشاد ئۇتۇۋالغانتى  ،  يۇرۇڭقاش  شۇ چاغدا ئۇتتۇرغان توخۇنى ھازىرغىچە ئېلىپ بەرمىدى   p\K5B,  
plq\D.C  
تېمىڭىز تەپسىلى چىقىپتۇ  

توپ تەپكۈچى 2011-06-29 18:26
سۇرئەت ھەقىقەتەت تېزكەن

پارلاق 2011-06-29 18:29
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 21قەۋەتتىكى بەخىتدە2011-06-27 15:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : 0E bs-kP  
ئالدىنقى قېىتىم بىزنىڭ ئۆيدە مۇشۇ شامال ئوغلى توغرىلىق  شەمشاد بىلەن يۇرۇڭقاش تىكىشىپ شەمشاد ئۇتۇۋالغانتى  ،  يۇرۇڭقاش  شۇ چاغدا ئۇتتۇرغان توخۇنى ھازىرغىچە ئېلىپ بەرمىدى   c>I^SY (r%  
m\ j'7mZ1  
تېمىڭىز تەپسىلى چىقىپتۇ   /O+,vRw\A  
C]aa^_Ldd-  
ۋاي ئۈچۈڭ تېخىچە ئاشۇ توخۇنىڭ دەردىدىما ؟؟؟؟؟؟؟ ..ئا پىخسىق يورۇڭقاش تېخىچە ئېلىپ بەرمىدىما ؟؟؟؟

توپ تەپكۈچى 2011-07-17 22:09
سۇرئەت ھەقىقەتەن تېزكەن بۇنىڭ

ankar528 2011-08-19 20:25
ئەمدى تىرنىر بولسا بولغۇدەك !


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- شامال ئوغلى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.137749 second(s),query:4 Gzip enabled

You can contact us