مىدال مەركىزى بانكا تور تېلېۋىزىيىسى
ئەسكەرتىش: بۇ يازما ballack16 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-25)
ياۋروپادىكى بوران -چاپقۇن ئۇنى ئۆز دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر قىلدى . 1995-يىلى يازدا ئۇ ئارگىنتىناغا قايتىپ كەلدى . ئۇنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئىشلار بەك ئازاپلىق بولغاچقا ، ئۇ ئۆز دۆلىتىگە قايتىشىنى پەقەتلا ئۆزىگە بولغان بىر تەسەللىي دەپ قارىدى . ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە ئىنسانىي غۇرۇرى يەنىلا ئۇنى توپ تىپىشكە زورلىدى . ئۇ ياش ۋاقىتىدە توپ تەپكەن دەريا قىنى كوماندىسىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى بولغان بوكا ياشلار كوماندىسنى تاللىدى . ئۇ بۇ كوماندىدىن سەپدىشى بولغان مارادونانى تاپتى . ئۇنىڭ مارادونا بىلەن تەڭ جەڭ قىلغۇسى بار ئىدى . ئۇ بۇ ئارزۇسىغا يەتكەنىدى . ئۇ 1998-يىلىغىچە ئارگىنتىنا بوكا ياشلار كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپتى . 46مەيدان مۇسابىقىدە 17 توپ ئۇردى . ئۇ ئاخىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن توپ تىپىشىنى باشلىدى . 1999-يىلى ئۇ يەنە ياۋروپاغا قايتىشىنى ئويلاشتى . ۋە ئاخىرى ياۋروپاغا قايتىشىنى قارار قىلدى . شۇ يىلى ئۇ ئۆزى ھاياتى بوران -چاپقۇن ئىچىدە ئۆتكەن ئىتالىينى تاللىدى . ۋە 1999\2000-يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئاتلانتا كوماندىسىنى تاللىدى . 17 مەيدان مۇسابىقىدە 1 توپ ئۇردى . بىراق ، بىر يىل ئوڭۇشلۇق بولمىدى . ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىمۇ ئانچە كۆپ بولمىدى . بىراق ، ئۇنى ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى نابۇت قىلىپ قويىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى . 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان پۇتبولچىلىق دۇنياسى ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى . يەنى 2000-يىلى يازدا ئۇ ئاخىرى شوتلاندىينى تاللىدى . ۋە 2000\2001-يىللىق شوتلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقسىدە دىڭدى كوماندىسى ئۈچۈن جەڭ قىلدى . ئۇ جەريانىدا 21مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 7 توپ ئۇردى . بۇ نەتىجە ئۇنىڭ ئۈچۈن يىڭى بىر باشلىنىش ئىدى . چۈنكى ، 2001-يىلى ئۇ 34 ياشقا كىرگەن كۈن ئىدى . بۇنداق ياشلاردا پۇتبولچىلار ئاسانلا پۇتبولچىلىق دۇنياسىدىن خوشلىشاتتى . بىراق ، كانىگگىيا بۇنى تاللمىدى . 2001-يىلى يازدا ،ئۇ شوتلاندىيدىكى زەربىدار كوماندا سەرگەندان كوماندىسىنى تاللىدى . تاكى 2003-يىلىغىچە ئۇ سەرگەندان كوماندىسى ئۈچۈن 50 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 12 توپ ئۇردى . ھەمدە 2 يىل ئىچىدە شوتلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى . بۇ ئۇنىڭ ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن ياخشى نەتىجىلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . VB=jKMi N1dM,H LUA 2003-يىلى ئۇ شوتلاندىيدىن غەلبىلىك نەتىجە بىلەن ئايرىلدى . 20-ئەسىرنىڭ پۇتبولچىلىق دۇنياسىدە ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ياۋروپا پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئاسىيا پۇتبولچىلىقى ۋە ئافرىقا پۇتبولچىلىقى ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدىن ئۆگەندى ۋە ئۇنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈردى . ئۇ ئاخىرقى پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى ئاسيادا ئۆتكۈزۈشىنى قارار قىلدى . ۋە شۇ يىلى قاتارنىڭ قاتار SCكوماندىسىغا قىتىلدى . بۇ كوماندا ئۈچۈن 13 مەيدان مۇسابىقىدە 4 توپ ئۇردى . ۋە قاتار SC كوماندىسىنى شۇ پەسلىك مۇسابىقىدە 2-لىككە ئېرىشتۈردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بوران -چاپقۇنلۇق پۇتبولچىلىق ھاياتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇردى . 2005-يىلى ئۇ 38يىشىدا پۇتبولچىلىق دۇنياسىدىن رەسمىي ئايرىلدى . ئۇ شانلىق نەتىجىلىرى يەنىلا ياۋروپا ۋە ئامىرىكا قىتئەسىدە قىلىپ قالدى . خەير -خوش كانىگگىيا دىگەن بۇ سادالار ئىچىدە كانىگگىيا پۇتبولچىلىق ساھەسىدىن شۇنداقلا ئۆز ياخشى كۆرگەن يىشىل چىملىقتىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى !!!! F^cu !-L ;Hu`BFXyD `Oe}OSxnT شامال ئوغلى ۋە دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى 9gETWz(3I GAlM:> KK/siG~O YDGW]T]i ? 1987-يىلى 20 ياشقا كىرگەن كانىگگىيا ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلدى . 3 يىلدىن كېيىن 1990-يىللىق ئىتالىيدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدە 23ياشلىق شامال ئوغلى كامىرۇن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە نۇر بولۇپ چاقىندى . بۇ سىرىق چاچلىق ئارگىنىتىنالىق بۆسۈش خاراكىتىرى زور بولغان پۇتبولچى ئىتالىيدىلا نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى . ئۇ بۇ قىتىمىلىق دۇنيا لوڭقىسىدە 6 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 2 توپ ئۇردى . بۇ 2 توپىمۇ ھەل قىلغۇچ پەيتلەردىكى توپ بولۇپ قالدى . 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ، برازىليە بىلەن بولغان مۇھىم جەڭدە كانىگگىيانىڭ برازىلىيە مۇداپىئەچىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇرغان بىر توپى ئۇنى ئارگىنتىنانىڭ شۇ كۈنلۈك پەخرىگە ئايلاندۇردى . 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ، ئىتالىيە بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭدە يەنىلا شۇ كانىگگىيانىڭ ناھايىتى چىرايلىق بىر توپى ، ئىتالىيلىكلەرنى مەڭگۈلۈك ئەلەمدە قالدۇردى . بۇ بىر توپ ئىتالىيلىكلەرنىڭ شۇ قىتمىلىق دۇنيا لوڭقىسىدە توپ كەتكۈزمەسلىكتەك رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلىدى . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سىرىق كارتىغا ئىرىشىپ ، سىرىق كارتا سانى ئىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ، ئۇ غەربىي گىرمانىيە بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشەلمىدى . بىراق ، غەربىي گىرمانىيە جەڭ ھارۋىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ شۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى . ئارگىنتىنا كوماندىسى كۈمۈش مىدالنى قولغا ئىلىپ ئازاپلىق ئىچىدە يۇرتىغا قايتتى . "lKR~Qi 1991-يىلى چېلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامىرىكا قىتئەسى لوڭقىسىدە ، مارادونا ، كانىگگىيا قاتارلىق توپچىلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە شۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتى . ۋە شامال ئوغلىنىڭ ياردىمىگە تاينىپ ئارگىنىتىنا كوماندىسىنى چېمىپيونلۇققا ئىرىشتۈردى . 1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئامىرىكا قىتئەسىگە يىتىپ كەلدى . بۇ ئامىرىكا قىتئەسى ئۈچۈن بىر شەرەپ ئىدى . ئارگىنتىنا كوماندىسى كانىگگىيانى بىرگە ئالغاچ ئامىرىكا سەپىرىنى باشلىۋەتتى . ئىچىنىشلىقى شۇكى ، ئۇ بۇ قىتمىلىق دۇنيا لوڭقىسىدە ئىككى يىرىم مەيدانلا ئوينىدى . نىگرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 2 توپ ئۇردى . بۇلغارىيە بىلەن مۇسابىقىدە 26 مىنۇتلا توپ تەپتى . بۇلغارىيە كوماندىسىنىڭ بىكلىرى ئۇنى يىقىتىپ ئىغىر يارىلاندۇردى . 1998-يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدە ئۇ ئارگىنتىنانىڭ سەپ شەكلىگە كىرەلمىدى .2002-يىللىق ياپونىيە - كورىيە دۇنيا لوڭقىسىدە ئۇ ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ 23 كىشلىك تىزىملىكىگە كىرەلىدى . بىراق ، بىرمۇ مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىگە ئىرەشەلمىدى . بىرلا ئىرىشكىنى شىۋىتىسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، ئۇ زاپاس ئەزا سىپىدە ئولتۇرۇپ رىپىرنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغانلىقىدىن قىزىل كارتىغا ئىرىشتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا لوڭقىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى ! شۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدە باتىستۇتا باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقالماي ئىچىنشىلىق شاللىنىپ كەتتى .......... @5cY5e*i{ 1987-يىلىدىن 2002-يىلغىچە بولغان دۆلەت كوماندىسىكى مۇسابىقىدە ئۇ 50 مەيدان مۇسابىقىدە 16 توپ ئۇرۇپ ، ئارگىنتىنا پۇتبولچىلىق ساھەسىدە ئۆزىنى تۇنۇتۇپ قويدى ! !InC8+be 3d(:Y6D) g 4lk EskD)Sl %kV #UzL _k Utj(re @gjA8mL ;r95i1a' mh,a}bX{ فلەش ھۆججىتىنى قويۇش