ساقلانما
تېز كۆرۈش
پۇتبول مەستانىلىرى دۇنياسى
پۇتبول پاراڭلىرى
داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار
پۇتبول كۆرۈنۈشلىرى
پۇتبول رەسىملىرى
پۇتبول ئويۇنى
پۇتبول لاتارىيىسى
پۇتبول دۇنياسىغا نەزەر
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى
دۇنيا لوڭقىسى
ياۋرۇپا لوڭقىسى
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى
ئېنگلاند بىرلەشمە مۇسابىقىسى
ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى
ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى
گېرمانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى
جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقى
باشقا مۇسابىقىلەر
مۇنبەر ئىشخانىسى
ئۆز كوماندىمىز
مۇنبەر مەخسۇس سەھىپىسى
پۇتبول كۇلۇبىغا تەكلىپ
كىرىش
تىزىملىتىش
مېھمان
يوللانما:
بۈگۈن:
تېمىللىرىم
ئىنكاسلىرىم
ساقلانمام
دوستلار ئەھۋالى
كىرگەن IP : 207.241.237.222
باش بەت
مەھەللە
ئىزدەش
مۇلازىمەت
ياردەم
مىدال مەركىزى
بانكا
تور تېلېۋىزىيىسى
wind
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى
ئېنگلاند بىرلەشمە مۇسابىقىسى
جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقى
داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار
پۇتبول لاتارىيىسى
پۇتبول پاراڭلىرى
پۇتبول كۇلۇبى
»
داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار
»
شامال ئوغلى
ئالدىنقى تېما
كىيىنكى تېما
يېڭى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 2172 - ئوقۇرمىنى
تېما: شامال ئوغلى
كۆچۈرۈش
|
ساقلىۋېلىش
|
بېسىپ چىقىرىش
دوستلىشىش
intezar11
ئەركىنلىك !
دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
132
جەۋھەر:
29
يازما:
5340
شۆھرەت:
5664 نۇمۇر
پۇل:
103190 سوم
تۆھپە:
316 نۇمۇر
ياخشى باھا:
125 نۇمۇر
توردا: 618(سائەت)
تىزىملاش:
2007-05-15
ئاخىرقى:
2011-10-28
0
يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 16:34
ھەممىنى كۆرۈش
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
شامال ئوغلى
ئەسكەرتىش:
بۇ يازما ballack16 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-25)
شامال ئوغلى
A7X a
شامال ئوغلى دىسەم مۇنبەردىكى تورداشلار ھەيران قالدىغۇ دەيمە ، چۈنكى شامال ئوغلى دېيىش پۇتبول ئۈچۈن بىر مۇناسىۋەتسىز سۆز . بىراق ، پۇتبولچىلىق دۇنياسىدە « شامال ئوغلى » نامغا ئىرىشكەن پۇتبولچىلىدىن بىرىسى ئۆتكەن . مەن تۆۋەندە شۇ پۇتبولچى ئۈچۈن بۇ تىمامنى يازماقچى . گەپنى قىسقا قىلاي ، ئۇزۇن بولۇپتۇ مۇنبەرگە ياخشىراق تىمىدىن بىرنى يوللىمىغىلى ، شۇڭا بۇ تىمامنى بارلىق ئارگىنتىنا پۇتبول مەستانىلىرى ئۈچۈن يوللايمەن !
uB I/3aQ
|eu8;~A
شامال ئوغلى - كانىگگىيا
xvOz*vM?
dS6 $
7 XxZF43
90-يىللاردىكى دۇنيا پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، 1990-يىللىق ئىتالىيدە دۇنيا لوڭقىسىدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر ساقلىنىپ قالغان . بولۇپمۇ كانىگگىيادەك بىر پۇتبولچىنىڭ دۇنيا پۇتبولچىلىقىدە پەيدا بولۇشى ھەقىقەتەنمۇ پۇتبولچىلىق دۇنياسىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلدى . 1990-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ، ئافرىقىدىن كەلگەن كامىرۇن ئەزىمەتلىرى تۇنجى ئۇچرىششىدىلا ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمىپيونى ئارگىنتىنا كوماندىسىنى 1-0 نەتىجە بىلەن يىڭىپ ، ئەڭ تۇنۇشلۇق بولغان « سوغۇق مۇسابىقە » دىن بىرنى مەيدانغا كەلتۈردى . مۇسابىقىنىڭ 46-مىنۇتىدا مەيدانغا چىققان كانىگگىيا ئارگىنتىنا كوماندىسى ئۈچۈن ئۇلۇغ مۇسابىقىلەردىن بىرنى ئوينىدى . ئۇنىڭ مۇسابىقىدىكى زور بۆسۈپ ئۆتۈشلىرى مۇسابىقە مەيدانىغا كۆرگىلى كەرگەن مەستانىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى . بىراق ، تەتۈر پەلەك مۇسابىقىنىڭ 67-مىنۇتىدا يىتىپ كەلدى . كامىرۇنلىقلار ناھايىتى چىرايلىق پاسلىشىپ ئارگىنتىنالىقلارنى يەرگە يىقىتتى . مۇسابىقە تاكى ئاخىرغىچە 1-0 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى . مۇسابىقىدە پەقەت ئىككى كۆرۈنۈشلا ئادەمنىڭ ئىسىدىن چىقمىغۇدەك بولدى . بىرىنجىسى ، ئارگىنتىنا ئۈچۈن مۇسابىقىگە چىققان كانىگگىيانىڭ 4 ئادەمنى ئالداپ ئاخىرى بىك تەرىپىدىن يىقىلىشى ، ئىككىنجىدىن ياش كامىرۇن چولىپىنىڭ كامىرۇن ئۈچۈن بىر توپ تەقدىم قىلىشى ! تىز يۈگۈر شامال ئوغلى ، تىز يۈگۈر !!
e(8hSVcl4
K ";Et
n&:ohOH%
شامال ئوغلى - ھاياتلىقىتىكى بوران -چاپقۇن
So&gDR;b
./F:]/Mt
1967-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ، كانىگگىيا ( Claudio Caniggia) ئارگىنتىنانىڭ پايتەختى بۇئىنىس-ئايرىس شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىدىنلا پۇتبولغا ھىرىس بولغان كانىگگىيا پۇتبول ئۈچۈن بۇ دۇنياغا تۇغۇلغانلىقىنى ھېس قىلمىدى . تا ئۇ 18 ياشقا كىرگەن كۈنىسى ئۇ بۇنى ھىس قىلدى . يەنى 1985-يىلى ئۇ 18 ياشقا كىرگەن ۋاقىتىدا ئۇنىڭ تۇنجى پۇتبولچىلىق ھاياتى باشلاندى . ئۇ ئارگىنتىنا بىرلەشمىسىنىڭ زەردارى بولغان ئارگىنتىنا دەريا قىنى كوماندىسىغا قىتىلدى . 1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ، ئۇ ئۈچ يىل ئىچىدە دەريا قىنى كوماندىسى ئۈچۈن 53مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ ئۇردى . ھەمدە 85\86-يىللىق ئارگىنتىنا بىرلەشمە مۇسابىقسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىغا ئىرىشتى . 1987-يىلى ،ئۇ 20 ياشقا كىرگەن كۈنىسى ئامىرىكا قىتئەسى بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىغا ئىرىشتى .
FygNWI '
ئامىرىكا قىتئەسىدە ئۆتكەن بۇ ئۈچ يىل ئۇنى ياۋروپا پۇتبولچىلىقىغا تۇنۇتتى . 90-يىللاردىكى پۇتبولچلىق دۇنياسى رەسمىي تەرەققىي قىلغان بىر ئۆتكۈنچى دەۋىر ھىساپلىنىدۇ . نۇرغۇنلىغان ئامىرىكا قىتئەسىلىك پۇتبولچىلار ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ ، ياۋروپا قىتئەسىگە يۆتكەلدى .بۇ خۇددى كۆچمەنلەرنىڭ باشقا يۇرتقا بىرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئوخشايتتى . كانىگگىيامۇ بۇنى ھىس قىلدى بولغاي ، ھەم نۇرغۇن سەپداشلىرىنىڭ ياۋروپا پۇتبولچىلىقىنى تاللىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇمۇ شۇ قارارغا كەلدى . مېنىڭچە دەل ياۋروپا پۇتبولچىلىقىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلىشىغا شۇ پۇتبولچىلارنىڭ تۆھپىسىنى ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . 1988-يىلى يازدا ، ئۇ ئارگىنتىنا دەريا قىنى كوماندىسىدىن رەسمىي ئايرىلدى . ئۇنىڭ ئەمدىكى قەدىمى ئىتالىيە بولدى . گۈزەل دۆلەت دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان ئىتالىيە كانىگگىيانىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالدى
.
W^8
HDV-qYD|O~
>1 `4]%
#$Zx ].[lc
1988\89-يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلاندى . كانىگگىيانىڭ تاللىغان كوماندىسى بولسا ۋىلونا كوماندسىى بولۇپ ، ئۇ بۇ كوماندىدا پەقەت بىر يىللا توپ تەپتى . ئۇنىڭ پۈتۈن بىر پەسلىك مۇسابىقىدە پەقەت 21مەيدان مۇسابىقىگىلا قاتىنشالىدى . ئۇ بۇ 21مەيدان مۇسابىقىدە3 توپ ئۇردى . 1989-يىلى ئۇ ۋىلونا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ئىتالىيە ئاتلانتا كوماندىسىغا يۇقىرى باھا بىلەن يۆتكەلدى . ئاتلانتادا ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزاق ئۆتتى ، 1992-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە كانىگگىيا 85مەيدان مۇسابىقىدە 26 توپ ئۇرۇپ ، ھاياتىدىكى زور مۇۋەپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى . ئۇنىڭ مەيداندىكى بۆسۈش خاراكىتىرلىك ئىپادىسى پۈتۈن دۇنيا پۇتبولچىلىقىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىدى . ئۇنىڭ مەيدانىدىكى ئاشۇ قارشى تەرەپىتىكى بىكلەردىن بىر-بىرلەپ بۆسۈپ ئۆتۈشى ئۇنىڭ ئۆزگىچىلىك خاراكىتىرنى تۇنۇتقۇزدى . شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىتالىيدىمۇ « شامال ئوغلى » دىگەن شەرەپلەرگە ئىرىشىتى . شۇنداق قىلىپ شامال ئوغلى ئۇنىڭ خاراكىتېرلىك لەقىمى بولۇپ قالدى .
:2KHiT5
.6`r`|=
1992-يىلى يازدا ئۇ رىمغا چاقىرتىلدى . ۋە ئاتلانتا كوماندىسىدىن رىمغا يۆتكىلىش ئىشلىرى مۇۋەپىقىقىيەتلىك بولدى . بىراق ، ئۇنىڭ يۆتكىلىش ئىشلىرىدا مۇۋەپىققىيەتلىك بولغان بىلەن ، ئۇ رىم كوماندىسى ئۈچۈن ئۆز ئىپادىسىنى تاپالماي قالدى . 1992-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە بولغان 2يىل ئىچىدە ئۇ رىم كوماندىسى ئۈچۈن 15 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 4 توپ ئۇردى . بۇ كانىگگىيا ئۈچۈن ياخشى بىر باشلىنىش ئەمەس ئىدى . ئويلاپ باقساق بولىدۇكى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى يىل نىمىدىگەن ئۇزاق مەنىسىز ئۆتكەن ھە ؟ ئۇ بۇ ئىككى يىل ئىچىدە نىمىشلەرنى قىلدى بىر بىلىپ باقىلى : 1993-يىلى ئىتالىيە رىمدا بىر پاجىئەلىك ۋەقە يۈز بەردى . « شامال ئوغلى » ئاتىلىپ كەلگەن كانىگگىيا كوكائىن چىكىش سەۋەبلىك 15 ئاي سوراقتا تۇردى . ئۇ بۇ جەريانىدا ياشلىق يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرلەپ تۇزۇتۇپ بولغانىدى . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ پۇتبولچىلىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىغان شەخسلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى . پۇتبول مەستانىلىرى نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى . رىم كوماندىسىمۇ بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي ، 1994\1995-يىللىق پەسىلدە ، ئۇنى پورتۇگالىيە بىنفىيكا كوماندىسىغا يوللاپ بەردى. ئۇنىڭ ئەمدىكى ئىتالىيە ئىشلىرى بەكلا ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە بولدى . پورتۇگالىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر پاناھلىنىش ئىدى . بىراق ، ئەسەبىيلەشكەن پۇتبول مەستانىلىرى ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. ۋەھىشىيلەرچە ئۇنىڭ يۈز قىسىمىنى ئىغىر دەرىجىدە يارىلاندۇردى . بۇ كانىگگىياغا بەكلا ئىغىر كەلدى . ئامال يوق ، كىشى نەزىرىدە چۈشۈپ كەتكەن « شامال ئوغلى » ئەمدى بولسا بىر مەھبۇستەك ياشىدى . بىر يىل تەستە ئۆتتى . ئۇ بۇ بىر يىل ئىچىدە بىنفىيكا كوماندىسى ئۈچۈن 23مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ ئۇردى .
=x-7 Wy
LY0f`RX*&
_5rKuL
ياۋروپادىكى بوران -چاپقۇن ئۇنى ئۆز دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر قىلدى . 1995-يىلى يازدا ئۇ ئارگىنتىناغا قايتىپ كەلدى . ئۇنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئىشلار بەك ئازاپلىق بولغاچقا ، ئۇ ئۆز دۆلىتىگە قايتىشىنى پەقەتلا ئۆزىگە بولغان بىر تەسەللىي دەپ قارىدى . ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە ئىنسانىي غۇرۇرى يەنىلا ئۇنى توپ تىپىشكە زورلىدى . ئۇ ياش ۋاقىتىدە توپ تەپكەن دەريا قىنى كوماندىسىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى بولغان بوكا ياشلار كوماندىسنى تاللىدى . ئۇ بۇ كوماندىدىن سەپدىشى بولغان مارادونانى تاپتى . ئۇنىڭ مارادونا بىلەن تەڭ جەڭ قىلغۇسى بار ئىدى . ئۇ بۇ ئارزۇسىغا يەتكەنىدى . ئۇ 1998-يىلىغىچە ئارگىنتىنا بوكا ياشلار كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپتى . 46مەيدان مۇسابىقىدە 17 توپ ئۇردى . ئۇ ئاخىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن توپ تىپىشىنى باشلىدى . 1999-يىلى ئۇ يەنە ياۋروپاغا قايتىشىنى ئويلاشتى . ۋە ئاخىرى ياۋروپاغا قايتىشىنى قارار قىلدى . شۇ يىلى ئۇ ئۆزى ھاياتى بوران -چاپقۇن ئىچىدە ئۆتكەن ئىتالىينى تاللىدى . ۋە 1999\2000-يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئاتلانتا كوماندىسىنى تاللىدى . 17 مەيدان مۇسابىقىدە 1 توپ ئۇردى . بىراق ، بىر يىل ئوڭۇشلۇق بولمىدى . ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىمۇ ئانچە كۆپ بولمىدى . بىراق ، ئۇنى ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى نابۇت قىلىپ قويىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى . 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان پۇتبولچىلىق دۇنياسى ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى . يەنى 2000-يىلى يازدا ئۇ ئاخىرى شوتلاندىينى تاللىدى . ۋە 2000\2001-يىللىق شوتلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقسىدە دىڭدى كوماندىسى ئۈچۈن جەڭ قىلدى . ئۇ جەريانىدا 21مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 7 توپ ئۇردى . بۇ نەتىجە ئۇنىڭ ئۈچۈن يىڭى بىر باشلىنىش ئىدى . چۈنكى ، 2001-يىلى ئۇ 34 ياشقا كىرگەن كۈن ئىدى . بۇنداق ياشلاردا پۇتبولچىلار ئاسانلا پۇتبولچىلىق دۇنياسىدىن خوشلىشاتتى . بىراق ، كانىگگىيا بۇنى تاللمىدى . 2001-يىلى يازدا ،ئۇ شوتلاندىيدىكى زەربىدار كوماندا سەرگەندان كوماندىسىنى تاللىدى . تاكى 2003-يىلىغىچە ئۇ سەرگەندان كوماندىسى ئۈچۈن 50 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 12 توپ ئۇردى . ھەمدە 2 يىل ئىچىدە شوتلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى . بۇ ئۇنىڭ ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن ياخشى نەتىجىلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ .
}ex4dhx2M
m4~ |z
4*Hzys[{
2003-يىلى ئۇ شوتلاندىيدىن غەلبىلىك نەتىجە بىلەن ئايرىلدى . 20-ئەسىرنىڭ پۇتبولچىلىق دۇنياسىدە ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ياۋروپا پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئاسىيا پۇتبولچىلىقى ۋە ئافرىقا پۇتبولچىلىقى ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدىن ئۆگەندى ۋە ئۇنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈردى . ئۇ ئاخىرقى پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى ئاسيادا ئۆتكۈزۈشىنى قارار قىلدى . ۋە شۇ يىلى قاتارنىڭ قاتار SCكوماندىسىغا قىتىلدى . بۇ كوماندا ئۈچۈن 13 مەيدان مۇسابىقىدە 4 توپ ئۇردى . ۋە قاتار SC كوماندىسىنى شۇ پەسلىك مۇسابىقىدە 2-لىككە ئېرىشتۈردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بوران -چاپقۇنلۇق پۇتبولچىلىق ھاياتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇردى . 2005-يىلى ئۇ 38يىشىدا پۇتبولچىلىق دۇنياسىدىن رەسمىي ئايرىلدى . ئۇ شانلىق نەتىجىلىرى يەنىلا ياۋروپا ۋە ئامىرىكا قىتئەسىدە قىلىپ قالدى . خەير -خوش كانىگگىيا دىگەن بۇ سادالار ئىچىدە كانىگگىيا پۇتبولچىلىق ساھەسىدىن شۇنداقلا ئۆز ياخشى كۆرگەن يىشىل چىملىقتىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى !!!!
$yi:0t8t
445JOP
W#!AZ !
شامال ئوغلى ۋە دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى
MS#"TG/)
)SP"V~^Wn
EGI$=Y
jMBMqQNU
1987-يىلى 20 ياشقا كىرگەن كانىگگىيا ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلدى . 3 يىلدىن كېيىن 1990-يىللىق ئىتالىيدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدە 23ياشلىق شامال ئوغلى كامىرۇن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە نۇر بولۇپ چاقىندى . بۇ سىرىق چاچلىق ئارگىنىتىنالىق بۆسۈش خاراكىتىرى زور بولغان پۇتبولچى ئىتالىيدىلا نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى . ئۇ بۇ قىتىمىلىق دۇنيا لوڭقىسىدە 6 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 2 توپ ئۇردى . بۇ 2 توپىمۇ ھەل قىلغۇچ پەيتلەردىكى توپ بولۇپ قالدى . 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ، برازىليە بىلەن بولغان مۇھىم جەڭدە كانىگگىيانىڭ برازىلىيە مۇداپىئەچىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇرغان بىر توپى ئۇنى ئارگىنتىنانىڭ شۇ كۈنلۈك پەخرىگە ئايلاندۇردى . 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ، ئىتالىيە بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭدە يەنىلا شۇ كانىگگىيانىڭ ناھايىتى چىرايلىق بىر توپى ، ئىتالىيلىكلەرنى مەڭگۈلۈك ئەلەمدە قالدۇردى . بۇ بىر توپ ئىتالىيلىكلەرنىڭ شۇ قىتمىلىق دۇنيا لوڭقىسىدە توپ كەتكۈزمەسلىكتەك رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلىدى . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سىرىق كارتىغا ئىرىشىپ ، سىرىق كارتا سانى ئىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ، ئۇ غەربىي گىرمانىيە بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشەلمىدى . بىراق ، غەربىي گىرمانىيە جەڭ ھارۋىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ شۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى . ئارگىنتىنا كوماندىسى كۈمۈش مىدالنى قولغا ئىلىپ ئازاپلىق ئىچىدە يۇرتىغا قايتتى .
s%y
1991-يىلى چېلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامىرىكا قىتئەسى لوڭقىسىدە ، مارادونا ، كانىگگىيا قاتارلىق توپچىلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە شۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتى . ۋە شامال ئوغلىنىڭ ياردىمىگە تاينىپ ئارگىنىتىنا كوماندىسىنى چېمىپيونلۇققا ئىرىشتۈردى . 1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئامىرىكا قىتئەسىگە يىتىپ كەلدى . بۇ ئامىرىكا قىتئەسى ئۈچۈن بىر شەرەپ ئىدى . ئارگىنتىنا كوماندىسى كانىگگىيانى بىرگە ئالغاچ ئامىرىكا سەپىرىنى باشلىۋەتتى . ئىچىنىشلىقى شۇكى ، ئۇ بۇ قىتمىلىق دۇنيا لوڭقىسىدە ئىككى يىرىم مەيدانلا ئوينىدى . نىگرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 2 توپ ئۇردى . بۇلغارىيە بىلەن مۇسابىقىدە 26 مىنۇتلا توپ تەپتى . بۇلغارىيە كوماندىسىنىڭ بىكلىرى ئۇنى يىقىتىپ ئىغىر يارىلاندۇردى . 1998-يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدە ئۇ ئارگىنتىنانىڭ سەپ شەكلىگە كىرەلمىدى .2002-يىللىق ياپونىيە - كورىيە دۇنيا لوڭقىسىدە ئۇ ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ 23 كىشلىك تىزىملىكىگە كىرەلىدى . بىراق ، بىرمۇ مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىگە ئىرەشەلمىدى . بىرلا ئىرىشكىنى شىۋىتىسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، ئۇ زاپاس ئەزا سىپىدە ئولتۇرۇپ رىپىرنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغانلىقىدىن قىزىل كارتىغا ئىرىشتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا لوڭقىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى ! شۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدە باتىستۇتا باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقالماي ئىچىنشىلىق شاللىنىپ كەتتى ..........
0Y* "RbG
1987-يىلىدىن 2002-يىلغىچە بولغان دۆلەت كوماندىسىكى مۇسابىقىدە ئۇ 50 مەيدان مۇسابىقىدە 16 توپ ئۇرۇپ ، ئارگىنتىنا پۇتبولچىلىق ساھەسىدە ئۆزىنى تۇنۇتۇپ قويدى !
+ W1l9n*
r9(c
S kipPEhA
OAo03KW
$=>:pQbBVX
Dz.kJ_"Ro
wrCV&2CG
M{u 7Ef
$hk_v~zM
فلەش ھۆججىتىنى قويۇش
باھالاش خاتىرىسى:
ياخشى باھا:+10(ballack16) ئەجىرلىك تېم ..
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
شاھزادە8
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
2794
جەۋھەر:
0
يازما:
1104
شۆھرەت:
991 نۇمۇر
پۇل:
0 سوم
تۆھپە:
25 نۇمۇر
ياخشى باھا:
10 نۇمۇر
توردا: 822(سائەت)
تىزىملاش:
2008-03-31
ئاخىرقى:
2011-11-03
1
يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 00:43
ھەممىنى كۆرۈش
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
سۈرئىتى بەك تىزكەنغۇ بۇنىڭ
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
ئالدىنقى تېما
كىيىنكى تېما
پۇتبول كۇلۇبى
»
داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار