-
2010-12-22
خىمىيە ئوقۇتۇشىدا ھىسيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى تەربىيىسى ئىلىپ بىرىش توغرىسىدا - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
پەيزىۋات ناھىيىلىك مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن:
ئېزىزجان ئىسلام
ئوقۇتقۇچى ئوقوتۇش مۈنبىرىگە چىققان ھامان ، ئوقۇتۇش ۋە ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت ئىككى ۋەزىپىنى زىممسىگە ئالىدۇ . ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۈقەدەس بۇرچى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ئاخىرقى مەقسىتى . ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەمنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم – پەن ، مەدەنيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىشىنىڭ ئۆزى ئادەم تەربىيىلەش ، لىكىن بىلىم ئۆگىتىش ئادەم تەربىيىلەشنىڭ پەقەت بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت . بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا كەسىپ ئۆگىتىشكە ماھىر بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىشكە ماھىر بولىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بىرىشكە ماھىر بولىشى لازىم. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ، ئوقۇتۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ھىسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت تەربىيىسى ئىلىپ بىرىش - ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى .
دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ ھىسيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارشى تەربىيىسى ئىلىپ بىرىشنىڭ مەقسىتى – ئوقۇغۇچىلارغا مەسىلىلەرنى ماركىسىزىملىق مەيدان ، نوقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق كۈزۈتۈش ، تەھلىل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىتىپ ، ئۇلاردا توغرا دۇنيا قاراش ، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنى غايىلىك ، ئەخلاقلىق ، مەدەنيەتلىك ، ئىنتىزامچان ئىز باسارلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت .
ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يولغا قويۇلىۋاتقان ساپا مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونۋىرسال ساپاسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان مائارىپتۇر . ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق ساپالىرىنى ماس تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتە ، ھەر قايسى ساپالار بىر – بىرىگە ئۆز – ئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئادەملەرنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە ئىدىيە قوماندانلىق قىلىدىغان بولغاچقا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيە - ئەخلاق ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرلىشى ، ئۇلارنىڭ باشقا ساپالىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ .
خىمىيە دەرس ئۆلچىمىدىكى ھىسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قارشى ھەققىدىكى نىشانلار تەبىئەت ، ماددا ۋە ئىلىم – پەنگە مۇئامىلە قىلىش جەھەتتىكى ھەم جەمئيەتكە ۋە ئۆز تەرەققىياتىغا مۇئامىلە قىلىش جەھەتتىكى ھىسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قارشىنى ئۆز – ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ۋە ماھارەت، جەريان ۋە ئۇسۇل جەھەتتىكى نىشانغا يىتىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇلارنىڭ ھىسياتىنىڭ ئاكتىپ تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلىشىغا ، تەدرىجى توغرا دۇنيا قاراش ، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيىسى ، ياخشى ئىلمىي تەربىيلىنىشى ، ياخشى ئىدىيىۋى ئەخلاق يىتىلدۈرىشىگىمۇ پايدىلىق .
خىمىيە پېنىدىمۇ خۇددى باشقا پەنلەرگە ئوخشاشلا دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ ، ھىسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قارشى تەربىيىسى ئىلىپ بىرىش ئىنتايىن زۆرۈر . ھىسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قارشى ھەققىدە ”خىمىيە دەرس ئۆلچىمى“دە بىر قاتار نىشانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ ، ئەمىليەتتە بۇ نىشانلارنىڭ ھەممىسىنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ ئورۇندىغىلى بولىدۇ . مەسىلەن : ” ھاۋا“ دىگەن دەرستە ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ خەۋپىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا مۇھىت ۋە جەمئيەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان ، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان پوزىتسىيىنى يىتىلدۈرگىلى ،” سۇنى تازىلاش “دىگەن دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا خىمىيىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش،جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ھىس قىلدۇرغىلى، ” ئاتومنىڭ تۈزىلىشى “دىگەن دەرستە پىروفېسور جاڭچىڭلىيەننىڭ نىسپىي ئاتوم ماسسىسىنى ئېنىقلاپ بېكىتىش جەھەتتە ئالاھىدە تۆھپە ياراتقانلىقى توغرىسىدىكى ماتىريالنى ئوقۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئىلىپ بارغىلى، ” قانداق قىلغاندا خىمىيىۋى تەڭلىمىنى توغرا يازغىلى بولىدۇ“دىگەن دەرستە خىمىيىۋى تەڭلىمىنى يىزىش پىرىنسىپىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ئىلمىي پوزىتسىيىنى يىتىلدۈرگىلى، ” كۆيۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش “دىگەن دەرستە ئاسان كۆيىدىغان ، ئاسان پارتىلايدىغان ماددىلارغا دائىر بىخەتەرلىك بىلىملىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئىلىپ بارغىلى ، ” خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار ۋە سالامەتلىك “دىگەن دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى بولغان يىمەك – ئىچمەك ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ، تەن ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدا تەربىيە ئىلىپ بارغىلى،” پائالىيەت ۋە ئىزدىنىش “ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىزدىنىش جەريانىنى تەشەببۈسكارلىق بىلەن ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە تىخىمۇ كۆپ پۈرسەت يارىتىپ بىرىپ ، ئۇلاردا بىلىم ھاسىل قىلىش ، ئۆگەنگەن بىلىمنى بىر – بىرىگە باغلاش ، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئىلمىي پوزىتسىيە يىتىلدۈرۈپ ، ئىلمىي ئۇسۇل ئىگىلەپ ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئېڭى ۋە قابىليىتىنى تەدرىجى شەكىللەندۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە جەمئيەتكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش ، تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىشىغا ئاساس سالغىلى بولىدۇ .
خىمىيە ئاساسى بىلىملىرى بولسا ئوقۇغۇچىلارغا ھىسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قارىشى تەربىيىسى ئىلىپ بىرىشنىڭ توشۇغۇچىسى ، ئوقۇتۇش جەريانى بولسا ھىسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قارىشىنى يىتىلدۈرىغان تۇپراق ھىساپلىنىدۇ . ھىسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قارىشى چوقۇم ئوقۇتۇش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ ، ھەم ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆسۈپ يىتىلىدۇ . ئۇ يەنە خىمىيە ئاساسى بىلىملىرى بىلەن ماھارەت ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . شۇڭا بىز خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قارىشى جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىمىز دەيدىكەنمىز ، دەرس لايىھسىنى تەييارلىغاندا ئوقۇتۇش نىشانىغا چوقۇم ھىسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قارىشى تەربىيىسىنى كىرگۈزىشىمىز ، ئۇنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ ياخشى ئىلىپ بىرىشىمىز لازىم . مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇتۇش ۋە ئادەم تەربىيىلەشتىن ئىبارەت قوش نىشانغا ھەقىقى يىتەلەيمىز.
收藏到:Del.icio.us