-
2010-12-22
خىمىيە دەرسىدىكى«ئارىلاش ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش» مەىسىلىلىرى ئۈستىدە تەھلىل - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
پوسكام ناھىيە يىما يىزا ئوتتۇرا مەكتەپ بىئو-خىمىيە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسدىن:
ئارزىگۇل ساۋىت
ئارىلاش ماددىلار ئارىسىدىن ئارىلاشمىلارنى چىقىرىپ تاشلاش بولسا تولۇقسىز ئوتتۇرا خىمىيەسىدىكى ئۇنىۋىرسال خاراكتىرلىك قىيىن مەسىلە ،كۆپ ساندىكى ئوقوغۇچىلار بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرنى قىيىن دەپ تونۇيدۇ ، خاتالىشىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى ، تۆۋەندە بىز بۇھەقتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى .
1. ئارىلاش ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش پىرىنسىپى
1) ئارىلاش ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش بىلەن بىرگە يېڭى ئارىلاشمىلارنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىش (Na2SO4 ) ، NaNO3 مەسىلەن:
(تىرناق ئىچىدىكى ئارىلاشمىنى بىلدۈرىدۇ،كىيىنكىلەرمۇ ئوخشاش) ئەگەر بارىي خىلور ئېرىتمىسى تېمىتساق ، گەرچە (SO2-4)نى چىقىرىۋەتكىلى بولسىمۇ لىكىن ئارىلاشما Cl- نىڭ ئېرىتمىگە ئارىلىشىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇڭلاشقا Ba(NO3)2 تېمىتىش كىرەك .
2) ئەسلى ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۇزگەرتمەسلىك :
مەسىلەن : HCl(H2SO4) ئەگەر بارىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسى تېمىتساق گەرچە سۇلفات كىسلاتا رادىكالىنى چىقىرىۋەتكىلى بولسىمۇ ، لىكىن ھىدروخىلور بىلەن بارى ھىدروكسىد رىئاكسىيەلىشىپ بارى خىلور ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا سەل قارالغان شۇڭلاشقا بارى خلور ئىرىتمىسى قوشۇش كىرەك .
3) ئەسلى ماددا بىلەن قوشقان ماددىنى ئايرىيالماسلىق ، مەسلەن : كالتسى كاربونات (مىس سولفات ) ئەگەر بارى ھىدرۇكسىد ئىرىتمىسى تېمىتساق بارى سولفات بىلەن مىس ھىدروكسىد چۆكمىسىنى ھاسىل قىلۋىلىپ كالتسى كاربوناتتىن ئايرىش تەس بولىدۇ ، شۇڭا سۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ئارلاشمىنى ئايرىش كىرەك .
2. فىزىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئايرىش
1) سۈزۇش : سۇدا ئېرىيدىغان ماددا بىلەن ئېرىمەيدىغان ماددىلارنى ئېرىتىش ئارقىلىق ئايرىش . مەسلەن : تەجرىبىخانىدا كالى خىلورات بىلەن مانگان تۆت ئوكسىدنى رىئاكسىيەلەشتۇرۇپ ئوكسىگىن ئىلىش تەجرىبىسىدە ئەگەر مانگان تۆت ئوكسىدنى يىغۋالماقچى بولساق رىئاكسىيەدىن ئېشىپ قالغان ماددىنى سۇدا ئېرىتىپ چۆكمىنى سۈزسەك سۇزىۋالغان ماددا مانگان تۆت ئوكسىد بولىدۇ . چۇنكى مانگان تۆت ئوكسىد سۇدا ئېرىمەيدۇ كالى خىلورات ئېرىيدۇ سۇزۇش قەدەم باسقۇچلىرى :1›ئېرىتىش 2›سۇزۇش 3›يۇيۇش 4›قۇرۇتۇش .
2) كىرىستاللاش ئوسۇلى بويىچە ئارلاشمىلارنى چىقىرۋىتىش ، ئېرىيدىغان ماددىلارنى سۇيۇقلۇقتىن ئايرىۋىتىش . مەسلەن : كالى نىتىرات تەركىۋىدە ئاز مىقتاردا ناتىرى خىلور بولسا ئىككىسىنىڭ سۇدىكى ئېرىش دەرجىسىنىڭ ئوخشىماسلىق پەرقى بويىچە كىرىستا للاش ئارقىلىق بىر قەدەر ساپ كالى نىتىراتقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ . قەدەم باسقۇچلار: 1›يۇقىرى تىمپىراتۇرا شارائىتى ئاستىدا كالى نىتىراتنىڭ تويۇنغان ئېرىتمىسىى تەييارلاش 2›سوۋۇتۇپ كىرىستاللاش 3›سۇزۇش 4›قايتا كىرىستاللاش 5›يۇيۇپ قۇرۇتۇش .
3.خىمىيىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئارىلاشمىلارنى چىقىرىپ تاشلاش
1) چوكمىگە چۇشۇرۇش ئۇسۇلى : مەلۇم رىئاكتىپ ئارقىلىق چىقىرۋەتمەكچى بولغان ماددىىنى چۆكمىگە چۇشۇرۇپ سۇزۇپ چىقىرۋىتىش ، مەسلەن : ناتىرى ھىدرۇكسىدقا ئارىلىشىپ قالغان ناتىرى كاربوناتنى چىقىرۋىتىشتە ئازمىقداردا كالىتسى ھىدرۇكسىد قوشۇپ ھاسىل بولغان چۆكمىنى چىقىرۋەتسەك ناتىرى كاربوناتنى چىقىرۋىتەلەيمىز .
Na2CO3+Ca(OH)2=CaCO3↓+2NaOH
2) گازلاشتۇرۇش ئۇسۇلى :
قىزدۇرۇش ياكى رىئاكتىپ قوشۇش ئارقىلىق ئارىلاشمىنى گازغا ئايلاندۇرۇپ چىقىرۋىتىش ، مەسلەن : كالى خىلورغا ئارىلىشىپ قالغان كالى كاربوناتقا ئاز مىقتاردا توز كىسلاتا قوشۇش ئارقىلىق ئارلاشمىنى چىقىرىپ تاشلاش .
K2CO3+HCI=2KCI+H2O+CO2↑
3) ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى : چىقىرۋەتمەكچى بولغان ئارىلاشمىنى ساپ ماددىغا ئايلاندۇرۇش بۇ ئارىلاشمىنى چىقىرۋىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ، مەسلەن : كالىتسى ئوكسىدقا ئارىلىشىپ قالغان كالىتسى كاربوناتنى قىزدۇرۇپ ، كالىتسى ئوكسىدقا ئايلاندۇرۇۋىتىش .
CaO+CO2↑= CaCO3
4) سۇمىرتىش ئۇسۇلى : بىر خىل رىئاكتىپ ئارقىلىق ئارلاشمىنى چىقىرۋىتىش ، مەسلەن : كاربون تۆت ئوكسىدقا ئارلىشىپ قالغان ھىدروخىلورنى تويونغان ناتىرى ھىدرو كاربونات ئېرىتمىسىدىن ئۆتكۇزۇپ چىقىرۋىتىش .
NaHCO3+HCI = NaCI +H2O+CO2↑
4.ئەمىلى مىسال ئارقىلىق تەھلىل قىلىش
1) مىسال كاربون تۆت ئوكسىدقا ئارىلىشىپ قالغان كاربون چالا ئوكسىدنى چىقىرۋىتىش
تەھلىل :دەسلەپ قارىغىىنمىزدا كۆيدۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق چىقىرۋەتسەك بولىدىغاندەك تۇيىلىدۇ لىكىن ئەمىليەتتە ئۇنداق ئەمەس بىز ھەرقانچە قىلساقمۇ كاربون تۆت ئوكسىدقا ئارلىشىپ قالغان ئاز مىقتاردىكى كاربون چالا ئوكسىدقا ئوت تۇتاشتۇرالمايمىز شۇڭا كاربون چالا ئوكسىدنىڭ ئوكسىتسىسزلاش خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق مىس ئوكسىتتىن ئۆتكۇزىىشىمىز كىرەك .
CuO+CO = Cu+CO2↑
2) مىسال : كاربونغا ئارلىشىپ قالغان مىس ئوكسىدنى چىقىرۋىتىش
تەھلىل : ئەگەر ھىدروگىن كاربون چالا ئوكسىد قاتارلىق ئوكسىدسىزلىغۇچىلارنى ئىشلەتسەك پەقەتلا مىسقا ئىرىشەلەيمىز چۇنكى كاربونمۇ مىس ئوكسىد بىلەن رىئاكسىيەلىشىدۇ، شۇڭا سولفات كىسلاتا ياكى سۇيۇق تۇز كىسلاتا ئىشلىتىشىمىز كىرەك. لىكىن نىتىرات كىسلاتا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ، ئۇنىڭ ئوكسدلاش خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن كۇچلۇك.历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us