-
2010-11-29
تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىدا بولۇشقاتېگىشلىك ئىقتىدار قۇرۇلمىسى توغۇرىسىدا - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ئابدۇرۇسۇل ئابلىمىت
(يەكەن ناھىيە گەيشەڭ مەكتەپتىن)
تەنتەربىيە پۇتۇن مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەشكىلىي قىسمدۇر. مەكتەپ تەنتەربىيىسى ياش ئەۋلاتلارنى ئەقلىي،ئەخلاقىي،جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،ئىختىساس ئېگىلىرىنى تەربىيلەپ يېتشتۇرۇشتە كەم بولسابولمايدىغان مەزمۇن. مەكتەپ تەنتەربىيسىنىڭ ياخشى يامان بولىشى كۆپ ھاللاردا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ساپاسى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ .خىزمەت ساپاسى ، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيەلەنگەن ۋاختى بىلەن ئەمىلىي خىزمەت جەريانىدا يېتىلدۇرگەن ئىقتىداري ئارقىلىق ئۆستۈرلىدۇ. ئۇلاردەرىسلىك ماتىرىياللىرى بىلەن قوللانمىلار ئىچىدىكى ئاساسىي ئىلمىي بىلىملەرنى ، ئاساسىي تىخنىكىنى،ئاساسىي ماھارەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغائايلاندۇرۇپ تەنتەربىيىنىڭ ئۈچ ئاساسىي بىلىمىنى سەمىيمىيلىك بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بىرىدۇ تەنتەربىيە، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى،خىزمەت دائىرىسى،خىزمەت ئۇسۇلي، خىزمەت ئوبىكىتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋەئوقۇتۇش شەكلى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن،تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىقتىدارى قۇرۇلمىسى توۋەندىكى بىرنەچچەتۇردە ئىپادىلىندۇ.
1-مائارىپنىڭ رولىنى كۈچەيتىش ئىقتىدارى.
ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋاتقان جەمئيتىمىزنىڭ ئىھتىياجى شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە شۇجەمئيەتنىڭ ، شۇ ئورۇننىڭ تۈرلۈك پالىيەتلىرنىڭ غەلبىلىك ئۇتۇقلۇق بولشى ئۈچۈن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى مائارىپنىڭ ئەۋزەللىكى ئىچىدىن تەربىيىلەشتە قىممىتى يۇقىرىي تەرەپلەرنى پەرەزقىلىپ تاللاپ چىقىپ، ئاندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ، فىزىلوگىيە ۋە بەدەن ئالاھىىدىلىكى بىلەن ئوقوغۇچىلاردا ئەسلىي باربولغان تەرەققىي قىلىش سەۋىيىسىگە ئاساسەن تەشكىللەپ تەربىيىلەشنى ئاساس قىلىپ، ئوقوغۇچىلارنى بار بولغان ئاكتىپلىق روھى بىلەن تەلىم ـ تەربىيە قوبۇل قىلىش ئارزۇسىنى چىقىش قىلىش لازىم. تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركەتنى ئۇگىنىش ئەھۋالى بىلەن ئىدىيۋىي ئەھۋالنى چۇڭقۇر ئېگىلەپ چۇشىنەلەيدىغان بولىشى، ئانالىز قىلىش ۋە پەرەز قىلىش ئىقتىدارى بولىشىى بىلەن بىرگە سەپنى توغرا ھەركەتلەندۇرۇپ، تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ، ئوقۇتۇش سۇپىتىنى ئانالىز قىلىپ باھالاش ئىقتىدارىنى ئىشقا سالالىغاندا ، ئاندىن مائارىپنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرالايدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلارئوزنىڭ كۈزتىش ئىختىدارىنى ئاشۇرۇپ ، قايسى ئوبىكىتنىڭ قايسى تەرەپلەردە ئارتۇقچىلىرنىڭ بارلىقىنى تىز كۈزتىپ ۋە تىزبايقاپ شۇ ئوبىكىتنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن يېتىشتۇرۇپ سەپكە تىز قاتقۇزىدىغان ئىختىدارنى يېتىلدۇرگەن بولشى ۋە شۇ ئىختىدارغا يەتكەن بولشى كىرەك.
2- مائارىپنىڭ رولىنى يەتكۈزۇش ئىقتىدارىي
تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىدابىلىم ئۇچۇرلىرىنى ئوزئارائالماشتۇرۇش بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم يەتكۇزۇپ بىرىشى- تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلىى بولۇپ، بۇخىل ئۈلگە كورسۈتۇش ئۇسۇلى بىرقەدەر ئىنىق گەۋدىلەنگەن بولىدۇ. تەنتەربىيە ئوقۇتۇش جەريانىدا نەزىريە قىسمىنىڭ سوزلەپ چۇشەندۇرلىشى بىلەن ئەمىلىيەتكە يىتەكچىلىك قىلىش تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلكىدۇر، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى تەنتەربىيە ھەركىتىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش، كوماندا بىرىش ، ھەركەتنىڭ شەكلىنى تەسۋىرلەش، ھەركەتنىڭ ئۈلگۈسنى كۆرسۈتۈش قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئوقۇتقۇچىلاردا ئىنىق، توغرا، چۈشنىشلىك، جانلىق، ھىسياتلىق، لوگىكىلىق ۋە پەلسەپىۋىلىك سۆز-ئىبارىلەر ئارقىلىق ئپادىلەش ئقتىدارى بىلەن ئۆز ۋاختىدا توغرا ئۈلگە كۆرسىتىپ بىرىش ئىخىتىدارنىڭ بولشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزى ئۈلگەبولۇپ، سۆزھەركىتى بىردەك بولۇش، ئددىيە، ئەخلاق، ئىنتىزام ۋە كەسپى سەۋيىسى جەھەتتە ئۆزنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنى قايىل قىلارلىق بولغان ۋەقەلەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قوزغۇتۇپ ئۇلارنىڭ ئوزدە ئۈگۈنۈش، ئىزدىنىش، تىرشىش رىقابەتلىشىپ ئۈگۈنۈش ۋە ياردەملىشىپ ئۈگۈنۈش ئىڭىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزدە يىتىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىنى ئۆزدە دەسلەپكى قەدەمدە يىتىلدۈرشى كىرەك.
3-تەشكىللەش ۋەباشقۇرۇش ئقتىدارى .
تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقوغۇچىلار بىلەن ئۇچىرشش پۇرستى كۆپ بولۇپ، بەزى مۇناسىۋەتلىك خىزمەت دائىرىسى چوڭ بولغان بولىدۇ، دەرس بىرش سىنىپى كۆپ بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن مەكتەپنڭ ئەتىگەنلىك گىناستىكىسى، دەرس ئارلىقىدىكى، گىمناستىكا بىلەن ەەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرگە يىتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە پۈتۈن مەكتەپ بويىنچە ئىلىپ بىرىلدىغان ھەرخىل مۇناسىۋەتلىىك يىغىلىش،يىغىنلىرىنى تەشكىللەيدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسخاندىكى ئوقۇتۇشتابولسۇن، مەيلى تەنھەرىكەت مەشىقلىردە بولسۇن ياكى دەرستىن سرتقى تەنتەربىيە پائالىيەتلىردە بولسۇن ھەمىسنى پىلانلىق، مەخسەتلىك تەشكىلىك ھالدائىلىپ باردۇ. شۇڭلاشقا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ ئوقوغۇچىلارنى باشقۇرۇش تەرتىپكە سىلىش ئقتىدارنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆزرولنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتىكى تۈپ ئاساسىدۇر. ئوقوغۇچىلارنى ياخشى باشقۇرۇش تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇشنى، تەنتەربىيە مەشىقى بىلەن بەدەن چىنىقدۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىلىىپ بىرىشنىڭ تۈپ كاپالىتى.
4-تەپەككۈر قىلىش ئقتىدارى .
تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقوغۇچىلارغا ماھارەت ئۆگىتىپلا قالماستىن بەلكى يىڭىلىق يارتىش روھىغا ئىگە بولۇش لازىم. تەنتەربىيە ئوقۇتۇشدا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇش ۋاستىسى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش تەدبىرلىرى تەشكىللەش شەكىللىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ ھەرىكەت لاھىلەش، ئوقۇتۇش قانۇنىيتى قاتارلىقلارنى قوللىنىش جەريانىدا، تەنتەربىيە ئوقۇتۇشتا كىتابقا نىمە يىزىلسا شۇنى ئۆلۈك ھالدا ئوقۇپ بىرىشتەك تەييارنى ئەينەن كۆچىرۋىلش شەكلى ئەمەس، بەلكى ئالدىنقىلارئىزدەنمىگەن دائىرئچىدە يول ئچىپ ئلگرلەپ، ئىزدىنىپ مۇستەققىل ئانالىز قىلىپ يىڭلىق يارتىشتەك ئۆز يولدا مىڭىشتۇر .مانا بۇ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئھتىياجلىق بولغان يىڭىلىق يارتىش روھىدۇر. تەنتەر بىيە ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ خىزمەتتىكى ئىجاتچانلىقى ئادەتتە تۇيۇقسز يۈزبەرگەن مەسللەرنى تىز سۈرەتتە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلش ئقتىداردا كۆرۈلىدۇ. تەنتەر بىيە ئوقۇتۇشنى يۇقىرى كۆتۈرش ئۈچۈن تەنتەر بىيە ئلمى مۇھاكىمە پائالىيەتلىرنى قانات يايدۇرۇشقا بولۇپمۇ تەپەككۈرقىلىش ئقتىدارىغائېھتىياجلىق بولغان بولىدۇ. شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنىڭ ھەركەتلىرنى ئەستايدىللىق بىلەن كۈزتىپ ئۇلارنىڭ ھەركەتلىرنىڭ قايسىسنى ئۈگۈنۈش ئۆلگىسى قىلىشقا بولدىغانلىقىنى تىز سۈرئەتتە ھەلقىلالايدىغان كۈز تىش ئىختىدارنى يىتۈلدۈرگەن بولشى كىرەك.
5-ئىلمى تەتقىقات ئىلىپ بىرىش ئقتىدارى:
تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسنىڭ خىزمىتى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرگەن بىرپائالىيەت جەريانىدۇر، تەنتەربىيەئوقۇتقۇچىلىرى ئەسلى تەجىربىنى خۇلاسىلەش بىلەن ئوقۇتۇشنى جانلىق قانات يايدۇرۇش يىڭى تەتقىقات ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋەئوقۇتۇش بىلەن مەشىق ئىلىپ بىرىش جەريانىدا نۇرغۇن مەسىللەرگە دۇچكىلىپ تۇرىدۇ. بۇمەسللەرنى ئلمي تەتقىقات بىلەن ئوقۇتۇش ئەمىليتى جەريانىدا ھەل قىلشقىمۇ بولىدۇ. ئوقۇتۇش ئىشلىرى تەتقىقات ئشلىرنى ئىلگىرى سۈردۇ،تەتىقىقات ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولىدۇ.شۇڭلاشقا تەنتەر بىيە ئوقۇتقۇچىلىرىدا كۆزىتىش، تەجرىبە ئىشلەش، ماتىرىيال توپلاش، ھۆجەتلەرنى كۆرۈپ تۇرۇش، ئانالىز قىلىش، يىغىنچاقلاش، ئوموملاشتۇرۇش، بىرلەشتۈرۈش، ئايرىپ چىقىشتەك تەنتەر بىيە تەتقىقات ساپاسىغا ئگەبولۇش لازىم.
6-ئجتىمائى مۇناسىۋەت ئقتىدارى
تەنتەر بىيە خىزمىتى كۆپ ھاللاردا كوللىكتىپقا ۋە مۇسابىقە پائالىيەتلىرى كۆپ بولغان ئاممىۋىللققا ئىگە خىز مەت. تەنتەر بىيە ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ خىزمىتى پۈتۈن مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىغا يۈزلىنىپ قالماستىن، جەمىيەتكىمۇ يۈزلەنگەن بولىدۇ. مەكتەپلەر داۋاملىق بايرام ۋە دەم ئىلىش كۈنلىرىدىن پايدىلنىپ مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا تەنتەر بىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردۇ. تەنتەر بىيە ئوقۇتقۇچىسى ئوقوغۇچىلارنىڭ تەربىيلىنىش ئەھۋالنى چۈشنىپ، ئەھۋال ئىگەللەپ قالماستىن، ئجتىمائي مۇھىتىنىڭ ئوقوغۇچىلارغا ئېلىپ كەلگەن ھەرخىل تەسىرىنى ئىگەللەپ، ئائىلە تەربىيسنى ئورتاق بىرلەشتۈرۈپ مەكتەپنىڭ ئاخىرقى تەربىيلەش مەخستىگە يىتىش لازىم. ئومومەن، تەنتەربىيە خىزمىتىنڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەنتەر بىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھازىرلىنىشقا تىگىشلىك شەرتلىرى، كۆپ تەرەپلىمىلىك، كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، ئۇ بىۋاستە تەنتەر بىيە ئوقۇتقۇچىسنىڭ خىزمەت ساپاسى بىلەن سەۋىيسىنى ئىپادىلەپ، مەكتەپ تەنتەربىيە خىزمىتىگە تەسىريەتكۈزىدۇ. شۇڭا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزلىرىدە كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدار يىتلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك، شۇنىڭدەك تەنتەر بىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە ماھىرلىق بىلەن قارشى، قارشى تەرەپكە نىسبەتەن چۈشەنچىسى ئىنىق بولمىغان ئەھۋالدا قارشى تەرەپنىڭ ماھىيتىنى كۈزتۈپ ئۇنىڭ سىرنى بىلىشكە ماھىر بولشى كىرەك .
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us