-
2010-11-29
ئارقىچە ئىگىز سەكرەش تەنھەركەتچىسنىڭ پىسخىك مەشىقى توغرىسىدا - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ئابدۇراخمان ئابدۇكۈرۈم
( پەيزۈۋات ناھيە قۈزۈلبۇيۈ ېوتتۇرا مەكتەپتىن)
قىسقىچە مەزمۇنى: ئۆز مۇسابىقە تەجرىبەمنى خۇلاسىلاش ۋە ماتىرىيال تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىگىزگە سەكرەش تەنھەركەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقىدا كۆپ كۆرىلىدىغان پىسخىك ھالەتلەر ۋە ئىگىزگە سەكرەش تەنھەركەتچىسىگە نىسبەتەن پىسخىك مەشىق ئىلىپ بىرىشنىڭ زۆرۈرلىكى شەرھىلەنگەن.
ھالقىلىق سۆزلەر: ئىگىزگە سەكرەش، پىسخىك ھالەت، پىسخىكا مەشىق
ئىگىزكە سەكرەش تۈرىنىڭ تېخنىكىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ مۇسابىقە ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ پىلانكا بارغانچە ئىگىزلەپ بارىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ تەنھەركەتچىلەرنىڭ پىسخىك جەھەتتە بىسىمىمۇ بارغانچە ئىشىپ بارىدۇ. لىكىن ئاساسى قاتلامدىكى تېرنىرلار ۋە مۇسابىقە تەجرىبىسى كەمچىل بولغان ياش – ئۆسمۈرلەر تەنھەركەتلەر مۇسابىقە جەريانىدىكى كىلىپ چىقىدىغان پىسخىك ئۆزگۈرۈشلەرنى ياخشى چۈشەنمىگەنلىكتىن مەشىق مۇسابىقىلەردە قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ پىسخىك ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇشنى بىلمىگەنلىكتىن چوڭ مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سەۋىيسىنى ئىپادىيەلمەيدۇ.
مەسىلەن: ئىلىمىز مۇنەۋۋەر ئىگىزگە سەكرەش تەنھەركەتچىسى «جۈ جىيەنخۇا» 23 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ھارپىسىدا بىر قېتىملىق ئىگىزگە سەكرەش مۇسابىقىدا 2.39m لىق ئىگىزلىكتىن ئۆتۈپ ئەڭ يېڭى نەتىجە ياراتقان بولسىمۇ، بىراق لوس ئانژىلىستا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا دەل پىسخىك سەۋەپ تۈپەيلى ئۆز قابىلىيتىنى جارى قىلدۇرالماي چوڭ غەلبىنى قولدىن بېرىپ قويغان.
مەن 2003 – يىلى 5 – ئايدا ئىلىپ بىرىلغان ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن يىنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسىدا كەيپىياتنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ۋە روھى ھالىتىمنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئىرىشتىم.
2004 – يىلى 5 – ئايدا ئىلىپ بىرىلغان ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن يىنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسىدە پىسخىك ھالىتىمنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئىرىشەلمىدىم.
شۇڭا ئىىز سەكرەش مۇسابىقىدا قانداق پىسخىك ھالەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىش كىم قانداق قىلىپ پىسخىكىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئۆزىگە ئىشىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، كەيپىياتنى ياخشى كونتىرول قىلىش، ئىدىيدىكى توسالغۇلارنى چىقىرىپ تاشلاپ مۇسابىقە ھالىتىنى تەڭشەش، ئىگىز سەكرەش مۇسابىقە نەتىجىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ھەر قانداق ئىگىز سەكرەش تەنھەركەتچىسىنىڭ مۇسابىقىدا ھەقىقىي سەۋىيسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا.
ماقالەمدە ئىگىز سەكرەش مۇسابىقىدا كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھالەتلەردە ۋە مۇسابىقە جەيرنىدا تەنھەركەتچىنىڭ پىسخىكىسىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغان بىر قانچە تۈرلۈك مەشىق ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق مۇشۇ ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى، تېرنىرلارغا ۋە مۇشۇ تۈر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەنھەركەتچىلەرگە ئازغىنە ئىلمى ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىمەكچى.
1.ئارقىچە ئىگىز سەكرەش تەنھەركەتچىللىرىنىڭ مۇسابقىدىكى كۆپ كۆرىلىدىغان پىسخىك ھالەتلەر
پىسخىك ھالەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى تەنھەركەتچىنىڭ بىلىشى، ھىس قىلىشى، ئىرادىسى قاتارلىق پىسخىك جەريانلار ۋە ئىندىۋوئال پىسخىكىنىڭ تەسىرىدە كىلىپ چىقىدۇ. ئاددىيلاشتۇرغاندا ئىھتىياج تۈپەيلى ھەر خىل پىسخىك ئامىللار كىلىپ چىقىدۇ. چۈنكى سىزنىڭ بىردنبىر ئىھتىياجىڭىز ئەڭ يۇقىرى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلاردا شەرەپ قۇچۇشتىن ئىبارەت.
يەنى: بۇ ئىھتىياج قىزىقىشتىن تۇغۇلىدۇ. قىزىققاندا يەنە ئىھتىايج تۇغۇلىدۇ. ئاندىن مۇددىئا شەكىللىنىدۇ. (نەتىجە ئىلىش مۇدداسى) مۇددىئاغا ئىگە – ئىرادىگە باغلىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا گىرەلىشىپ كەتكەن پىسخىك ئامىل مەيدانغا چىقىدۇ.
1.1 تېرىنىر كونتىرول قىلىدىغان پىسخىك مەشىقلەر:
(1) تەنھەركەتچىلەر ۋە تېرىنېرلار چوقۇم مۇسابىقىدىكى كېلىپ چىقدىىغان ھالەتلەرنى بىلىش.
2
un: yes;"> ھوزۇرلانسا تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ ؟.مەن يۇقىردا ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى شۇنداقلا ۋارىسلىق قىلىش ، توپلاش ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى ۋەزىپىلىرىمىز ئۈستىدە خىلىدىن بىرى ئويلىنىپ كەلگەن قاراشلىرىمنى بايان قىلدىم .
كەڭ ئاممىنىڭ ،مۇقامچىلىرىمىزنىڭ ،مۇقام تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ،ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت خادىملىرىنىڭ ئويلاپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
اشقا مۇزىكا ئوقوتۇشىنىڭ ئوقوغۇچىلارغا گۈزەللىك تەربىيسى ۋە ئەخلاق تەربىيسىنى ئېلىپ بېرىشتىكى رولىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەممىمىزگە ئايان، ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا مۇزىكا مائارىپىنى ياخشى تۇتالمىغان مائارىپمۇ ياخشى ، مۇكەممەل مائارىپ بولالمايدۇ.
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
ئۆگىنىش ئىنقىلاۋى
历史上的今天: