-
2010-11-29
فىزىكا كۆرسەتمىلىك تەجىرىبىلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە دىققەت قىلىدىغان نوقتا - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ياسىن رىشىت
)قەشقەر پەيزاۋات ناھىيە ئۆدەكلىك يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتىن (
كۆرسەتمىلىك تەجرىبە ـــ ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتۇش مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ باردىغان تەجرىبىدىن ئىبارەت بولۇپ، فىزىكا ئوقۇتۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا تەجرىبىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ كۆزلىگەن ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىش كىرەك.
1. مەقسەتچانلىقى: كۆرسەتمىلىك تەجرىبىدە مەقسەت ئېنىق بولۇشى، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىلار ئەسكەرتىلىشى لازىم. ئوقۇتقۇچىدا كۆرسەتمىلىك تەجرىبىنى ئىشلىگەندە قانداق مەسلىلەرنىڭ ھەل قىلىندىغانلىقى، قايسى تەجرىبە ھادىسىسىنىڭ بەكرەك تەكىتلىنىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈزىىتىش ۋە يەكۈنلەش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىپ، ئۇلارغا تەجرىبە مەقسىتى، تەجرىبىدىكى ئاساسلىق ھادىسلەر ۋە تىپىك مەسلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بولۇشى كىرەك.
2. ئىشەنچىلىكلىكى: كۆرسەتمىلىك تەجرىبىنىڭ مۇۋاپپىقيەتلىك كۆرسىتىلىش-كۆرسىتىلمەسلىكى، ئوقۇغۇچىلارنى زۆرۈر ھىسسى بىلىشكە ئىگە قىلىش-قىلالماسلىقى ۋە ئۇلارنى ئاساسى بىلىمنى توغرا ئىگەللىتىش-ئىگەللىتەلمەسلىك بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئوقۇتقۇچى تەجىربىدىن بۇرۇن تەكرار سىناق قىلىپ، تەجرىبىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئاساس سېلىشى كىرەك.
3. ئاددىيلىقى: كۆرسەتمىلىك تەجرىبىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددى، مەشغۇلاتى ئوڭاي بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىنىڭ دىققىتىنى تەجرىبىدە كۆزىتىلىدىغان ھادىسە ۋە ئېرىشىلىدىغان نەتىجىگە مەرگەزلەشتۈرگىلى، تەجرىبە قۇراشتۇرۇش جەريانىغا ئارتۇقچە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ، دىققەتنى چېچىۋىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
4. كۆرسەتمىلىكلىكى: كۆرسەتمىلىك تەجرىبىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە مەشغۇلاتى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆلگە بولىدىغان بولغاچقا، ئوقۇتقۇچى تەسىرگە دىققەت قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، سەمىمى مۇئامىلىدە سۆزلەش بىلەن تەجرىبە كۆرسىتىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەجرىبە مەشغۇلاتىنى پۈتكۈل تەجرىبە جەريانىغا سىڭدۈرىشى، تەجرىبە سايمانلىرىنىڭ رەتلىك ۋە تەرتىپلىك بولۇشىغا، تەجرىبە لايھىلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەل، مەشغۇلات جەريانىنىڭ قائىدىلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىپ، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىلارنى ئەسكەرتىش، ئەقىلى خۇلاسە چىقىرىش جەريانىنىڭ لوگىكىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كىرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇغۇچىلاردا ئىلمىي ئىزدىنىش پوزىتسىيىسى ۋە توغرا بولغان تەجرىبە مەشغۇلات ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
5. قاراتمىلىقلىقى: كۆرسەتمىلىك تەجرىبىنىڭ ئوقۇتۇشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تەجرىبە چوقۇم قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى، ئوقۇتقۇچىلار تەجرىبىدىكى ھادىسە ۋە جەرياننى ئېنىق كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن (1) تەجرىبىدىكى ئاساسلىق سايمانلار كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا تۇرۇشى، قوشۇمچە سايمانلار ئۇنىڭ كەينىدە تۇرىشى، ۋاقتىنچە ئىشلىتىلمەيدىغانلىرى شىرەنىڭ ئاستىغا قويىلىشى كىرەك. (2) تەجرىبىدە ئىشلىتىلگەن سايمانلار چوڭراق ، تەجرىبە ئۈستىلىنىڭ ئىگىزلىكى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئارىلىقى مۇۋاپىق بولۇشى كىرەك. (3) تەجرىبە ئوبىكتىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئوبكىت بىلەن ئارقا كۆرىنىش ئارىسىدىكى رەڭ پەرقى روشەن بولۇشى كىرەك.
6. بىخەتەرلىكلىكى: تەجرىبىدە كۈتۈلمىگەن ھادىسلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئادەم ۋە ئۈسكىنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. تەجرىبىنىڭ بىخەتەر بولۇش-بولماسلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەجرىبە ئىقتىدارى جۈملىدىن مەشغۇلات ماھارىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن كىلىپ چىققان ھادىسىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
历史上的今天: