• 2010-11-29

    موزىكا ئوقۇتۇشنىڭ يېزا مەكتەپلەردنكى رولى ، خاراكتىرى ۋە قىممىتى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

     

     

    مۇتەللىپ سۇلتان

    ( پەيزىۋات ناھيە قىزىلبۇيى ئوتتۇرا مەكتەپ)

    موزىكا – ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمى ، ئەڭ ئومۇملاشقان ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ھەممىدىن زور بولغان سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بىرى . ئىنسانلارنىڭ مۇئەييەن ئۈن ئاۋاز قۇرۇلمىللىرى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھېسياتنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئىپادىلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان شەكلى . ئىنسانلار مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ئورگانىڭ تەركىۋى قىسمى ، ئۇ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىرخىل شەكلى ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە مول مەدەنىيەت ۋە تارىخى مەزمۇنلارنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ ئۆزىگە خاس بەدئىي جەزىبدارلىقى ئارقىلىق ئىنسانلار تارىخىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەمراھ بولۇپ كەلدى ھەمدە كىشلەرنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلدى .موزىكىنى ھىس قىلىش ، ئىپادىلەش ۋە ئىجاد قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئاساسى ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ بىرخىل ئىنكاسىدۇر .

    موزىكا دەرىسى - ئوقۇتۇشى ، گۈزللىك تەربىيە ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاساسلىق يوللىرىدىن بىرى ، شۇنداقلا ئاساسى مائارىپ باسقۇچىدىكى چوقۇم ئۆگۈنىشكە تېگىشلىك بىر پەن .

    موزىكا ئوقۇتۇشى جانلىق ئېلىپ بېرىلغان ۋە چىڭ تۇتۇلغان مەكتەپلەربىلەن موزىكا دەرىسىگە سەل قارىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەن مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مەنىۋى ھاياتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەللىك ساپاسىدىكى پەرق ھېچقانداق ۋاستىسىز ھالدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ ۋە باششقا پەنلەرنىڭمۇ سۈپىتىنىڭ يوقۇرى كۆتۈرىلىشىگە تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدۇ .

    مەكتەپلەردە موزىكا تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش يېقىنقى زامانلاردىن بىرى بارلىققا كىلىپلا قالماي دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان يولغا قۇيۇلۇپ ، ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ، بۇلۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۈزەللىك تەربىيسى ، مائارىپ فاڭجىنى مەزمۇنلىرىنىڭ موھىم كۆرسەتكۈچلىرىدىن بىرى بولۇپ بەلگۈلەنگەندىن بۇيان ، مۇزىكا تەربىيسى ئشلىرى تىز تەرەققى قىلىپ ئەينى مەزگىلدىكى مۇزىكا ئوقۇتۇشىغا سەل قارىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىتبار بەرمەيدىغان قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىلدى. يېقىندىن بىرى مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئالاھىدە پەنلەر ، بولۇپمۇ مۇزىكا ئوقۇتۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۇزۇندىن بىرى كۆز يەتمەي كىلۋاتقان ئىختىسادى شارائىت مەسلىسىنى ھەل قلىشقا كۈچ چىقىرىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەللىك تەربىيسىنى ئېلىش شارائىتى يۇقىرى سەۋىيگە ئىگە قىلىندى ۋە مۇزىكا تەربىيسىنىڭ قىممىتى نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىپادىلەندى.

    1) مۇزىكا تەربىيسى گۈزەللىكتىن زوقلىنىشىنى مەركەز قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسيات دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇزىكا دەرسىنىڭ ئاساسى قىممىتى ، مۇزىكا ئاڭلاش ، مۇزىكا ئورۇنلاش ۋە مۇزىكا ئىجاد قىلىش پائالىيتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ گۈزەللىكتىن زوقلۇنۇش مەشغۇلاتى ئارقىلىق مۇزىكا ئاۋازى ئۆز –ئىچىگە ئالغان گۈزەل ۋە مول ھېسياتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ مۇزىكىدا ئىپادىلىنىۋاتقان چىنلىق ، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ غايىۋى مەنزىرىسى ئارقلىق ئۇلارنى جەلپ قىلىپ ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك ھسسيات پەيدا قىلىشتا شۇنداقلا مۇزىكا سەنئىتىنىڭ قەلىپنى پاكلاشتۇرۇش، مىجەزنى تاۋلاش ، ئەقىل-پاراسەتنى يېتىلدۈرۈش ۋە ھىسيات بىلەن ئەقىلنى ئۆز-ئارا تولۇقلاش رولى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ.

    2) مۇزىكا ئىجادىيتى كۈچلۈك ، رۈشەن ، ئىندىۋىداللىققا ئىگە بولغانلىقى تۈپەيلىدىن جەزبىدارلىققا تولغان بولىدۇ. مۇزىكا دەرسىدە ئوقۇغۇچىلار مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىش ، مۇزىكا ئورۇنلاش پائالىيتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش جەريانىدا خاسلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ ، تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادى تەپەككۈرىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. 

    3) مۇزىكا كۆپ ھاللاردا كوللىكىتپ پائالىيەت خاراكتىرىنى ئالىدىغان بولۇپ ئۇ كوللىكتىپ ناخشا ئېيتىش ، كوللىكىتپ مۇزىكا .ئاڭلاش ،ئۇمۇمى خور ، بىرلىشىپ مۇزىكا ئورۇنلاش ، كۆپ كىشلىك ناخشا ئورۇنلاش ۋە ئۇسۇللۇق ناخشا ئورۇنلاش قاتارلىقلارنى ئۆز – ئىچىگە ئالىدۇ. مۇۋاپىقىيەتلىك مۇزىكا تەربىيسى يالغۇز مەكتەپتىكى دەرسخانىلاردىلا ئەمەس بەلكى كەڭ ئىجتىمائى مۇھىت قۇرۇلمىسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلسا بولىدىغان پائالىيەت .

    4) مۇزىكا ئىنسانلار مەدەنىيتىنى تارقىتىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتكى مۇھىم ۋاستە . ئىنسانلارنىڭ قىممەتلىك مەدەنيەت مىراسى ۋە ئەقىل –پاراستىنىڭ جەۋھىرى . ئوقۇغۇچىلار مۇزىكا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇزىكا مەدەنىيتىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى قىزغىن سۆيۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ.

    يېقىنقى يىللاردىن بىرى ، بولۇپمۇ مۇزىكا دەرسى يۇقۇرنىڭ قوللاپ –قۇۋەتلىشى ۋە ئۇنى ئىزچىل تۈردە چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىشى تۈرتكىسىدە يېزا مەكتەپلىرىنىڭ كۈندىلىك ئىجتىمائى پائالىيەتلىرى تىز راۋاجلىنىپ كۆزگە كۆرنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ھاياتىدىكى مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىتىلىپ تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى، ئېنتىلىشى  گۈزەللىككە بولغان تۇنۇشى ، بىر-بىرىگە بولغان ئىللىق مېھرى كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ بارماقتا .

     

     

     

     

     

     


    ساقلىۋېلىش: Del.icio.us