-
2013-02-18
مائارىپنىڭ مەقسىدى نىمە؟ - [تەرمىلەر]
قائىدە بۇيىچە ئېيىتقاندا مائارىپ ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس. ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە مەكتەپمۇ، مائارىپمۇ يوق ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسېتى يوقۇرى دەرىجىدە تەرەققىي قېلىپ، ئاخېرى دۇنياغاخۇجا بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىز كۆرگەن مەكتەپ ۋە مائارىپ پەيدا بولغان. مائارىپنىڭ مەخسىدى پەقەت ئېنسانىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسېتىنى يوقۇرى كۆتىرىپ، ياشاش ئېقتىدارىغا كاپالەتلىك قېلىشتىن ئبارەت. ئۇنداق بولمايدىكەن بىز يەنە ئۆزىمىزنى ئىنسان دىيەلەمدۇق؟
ئەنگىلىيە مائارىپىنى ئاۋام ئەڭ ياخشى مائارىپ دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەخسىدى سىپكېنىس ئېيىتقاندەك « مائارىپنىڭ ۋەزىپىسى ۋە نىشانى، كۇڭۇلدىكېدەك تۇرمۇش ئۇچۇن تەييارلىق قېلىش.»
بىراق بىز بىلىپ-بېلمەي مائارىپنى خاراپ قىلدۇق.ھازىرقى مائارىپنىڭ بوزۇلىشىغا ئاساس كۆرسېتىش بىھاجەت، بۇ ھەممە ئادەم ۋە ھەممە ئائىلە ھېس قىلىپ يەتكەن مەسىلە، جەمىيېتىمىزدىكى ھەممە كىشى مائارىپنىڭ قۇل قېلىشى ۋە پەرزەنتىنىڭ خاراپ بولىشىغا ئىلاجسىز قېلىۋاتىدۇ.
جاڭسۇ تىلىۋىزىيىسىنىڭ مائارىپ پىرگوراممىسىدا ئوقوغۇچىلارنىڭ خاراپ بولۇپ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى كۆرەلەيمىز، بۇ پىرگورامما كۆرسىتىلگەندىن بويان، مەيلى قېز-ئوغۇل ئوقوغۇچى، مەيلى خىزمەتتىكى ياكى ئوقۇۋاتقان بولسۇن ياكى ماگېستېر ياكى دوكتۇر بولسۇن بۇنىڭغا ئەزا بولغان،بۇلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئاز ساندىكى نۇرمال بالىلاردىن باشقا، كۆپ قېسىم بالىلار ھاماقەت، ئېددىيىسى قالايمىقان، تەپەككۇرى ئاجېز، ئىنكاسى تۇۋەن، بېلىمى كەمچېل، ئۆزىنى تۇۋەن چاغلاش پىسخىكىسى ئىغىر بولۇپ، مۇستەقىل خەرەكتىرى يېتىلمەي خۇددى كوندۇرىلگەن قونچاققا ئوخشاپ قالغان، تەۋەككۇلچىلىك ئىندىيىسىدىن سۆز ئېچىش بەسى مۇشكۇل ئىكەن.
ئاشۇ پىرگوراممىغا قاتناشقان كۆرىيە، تايلانىد، فارانسىيە، ئامىرېكا قاتارلىق چەتئەللىك بالىلار گەرچە خەنزۇچىنى راۋان سۆزلىيەلمىسىمۇ، بىراق شۇنداق روھلۇق، ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە قاراشقا ئىگە. ئۇلارنىمە ئۇچۈن كەلگەنلىگى، نىمە ئېش قىلىدىغىنى، غايىسى قاتارلىقلارنى چۇچۈك تىل بىلەن تولىمۇ جانلىق چۇشەندۇرىدۇ، ئۇلار يەنە رىياسەتچىدىن قورقماي سوئال سورىيالايدۇ، بەزىدە تېخى « ئۆلچەملىك جاۋاپقا » ئادەتلەنگەن رىياسەتچىنىمۇ ئۇسال قېلىپ قويىدۇ. ئۇلار ھەر خېل نەسېھەت چەمبېرېكى، ئەخمىقانە ئېلھاملاندۇرىش، يىتەكلەش، تەنبىھ بىرىش، ھەر خېل تەپەككۇر بويۇنتورىقې، تايېنىۋىلىش، ئۆلچەملىك جاۋاپ ئاسارىتىدىن خالى بولغان ئەركىن مائارېپ شارايېتىدا تەربېيە ئالغان، ئۇلاردىپلۇم ئۇچۈن، خىزمەت ئۇچۈن، ھوقوق ئۇچۈن ئەمەس بەلكى كېشىلىك قەدىر-قېممەت ئۇچىن ئېنتىلدىغان ئەركىن قاراشقا ئېگە بالىلار، ئۇلار كىشىلىك قەدىر-قېممەت ھەممىدىن ئۇستىن، ئېنسان يارىلىشتىن باپ-باراۋەر دىگەن يۇكسەك شارائىتتا چوڭ بولغان.
بۇ پىرىگورامما كىشىلەرنى باشقېچە بىرتەپەككۇرغا يىتەكلەيدۇ، ئەسلى مۇشۇنداق ئۆزگىچە قاراشقا ئېگە بولغان بالىلار مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ كەلگۇسى بولالايدۇ ئەلۋەتتە. ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچىر خانىم، جوڭگو تەھدىت نەزىرىيىسى ئۇستىدە توختالغاندا « جوڭگو قورقىنىشلىق ئەمەس، ئۇلار تىلىۋىزور ئېكېسپورىت قىلسىمۇ بىراق تىلىۋىزور پورىگىراممىسى ئېكېسپورىت قېلالمايدۇ » دىگەن. بىز بۇ گەپكە غەزەپلەنسەكمۇ، شۇنى ئېتراپ قىلماي بولمايدۇكى ئۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ئاجىزلېقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بىزنىڭ مائارىپىمىز نۆۋەتتە بالىلارنىڭ ئوقۇش ئېقتىدارى، چۇشىنىش ئېقتېدارى، گۇمان قېلىش ئېقتېدارى، سۇئال سوراش ئېقتېدارى ھەمدە تەسەۋۋۇر قېلىش كۇچى ۋە ئېجاتچانلىق كۇچى، بالىلىق ھەۋەس ۋە بالېلىق شوخلۇقېنى نابۇت قېلىۋەتتى. بىز كىچىكلىكتىن چوڭ بولغىچە جاپاچېكېمىز، مەكتەپتە نەزىرىيە بىلىم ئۆگېنىمىز، جەمئىيەتكە چىقېپ جەمئىيەت بىلېمىنى ئۆگېنىمىز، ئاۋال ئاشكارە قائىدېنى ئاندىن يۇشۇرۇن قائىدىلەرنى ئۇگېنىمىز،ئاشۇنداق ئۇگېنىپ ھەقېقەتنى چۇشىنىپ بولغىچە قويرېقېمىزنى قۇم باسېدۇ. خۇددى كونىلار « نىيەت بارچاغدا غەيرەت يوق، غەيرەت بارچاغدا يۈرەك يوق، غەيرەت ۋە يۇرەك بار بولغاندا جۇرئەت يوقلىقېنى ھىس قېلىسەن » دىگەندەك. بۇ ئېنسان ئۇچىن نىمە دىگەن ئەلەم ؟
مائارىپ ئۇنچىلىك مۇرەككەپ ئەمەس. پەقەت بالىلارنى ئەركېن تەپەككۇر، گۇمانتارلىق نوقتىئىنەزەر، تەۋەككۇلچىلىك روھى ۋە ئۆز قېزېقېشى بويىچە يېتەكلەپ، دوگما بولغان «ئۆلچەملىك جاۋاپ» دۇنياسى، كىتاپ دوۋىسى، قولمىجەزلىك ئەۋلات تەربىيەلەش ئاسارېتى، ئېمتىھان كېشەنلىرىدىن قوتقۇزۇپ، ئېنسانى ياشاش ئېستېگېنى تورغۇزىشتىن ئېبارەت. مانىبۇ مائارىپنىڭ مەخسىدى.
چى لى ئېمزالىقېدىكى بۇ يازما « فىلياتون تاللانما ژورنىلى » نىڭ 2012-يىلى 7-ئايلىق 3-سانىغابېسىلغان.
تېلماچ: قادىر روزى دولان
ئادرىس: مەكىت ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئېدارېسى
收藏到:Del.icio.us