-
2013-05-29
ئانا تىلىم ھەققىدە تەرمىلەر - [تەرمىلەر]
ئەزىز قېرىنداشلار،ئۇيغۇر تىلى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ يۈكسەك پاساھىتى، موللىقى، گۈزەللىكىبىلەن خەلىقىمىز تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ، گۈللەندۈرۈلۇپ كېلىۋاتىدۇ. تارىخقا نەزەرسالساق، 10- ۋە 15- ئەسىرلەردە دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر، تارىختىكى تۇنجى سېلىشتۇرمالۇغىتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يۈكسەك پاساھىتىنى نامايەن قىلغۇچى لۇغەت ‹‹تۈركى تىللاردىۋانى››، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەلسەپە خارەكتىرلىك چوڭ يىرىك ئەسىرى ‹‹قۇتادغۇبىلىك››، بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ تىلشۇناسلىق توغرىسىدىكىئەسەرلىرىدىن ‹‹مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن›› ۋە چوڭ ھەجىمدىكى شىئىرى ئەسىرى ‹‹ خەمىسە›› قاتارلىق ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنىڭ جەۋھەرلىرى مەيدانغاكەلدى. بۇ ئەسەرلەر شۇ مەزگىلدىكى ‹‹ئەرەبى ھەسەل، پارىسى شېكەر››دېگۈچىلەرگەئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكا، لىكسىكا، گىرامماتىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنىچۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئەڭ گۈزەل ،نەپىس يۇمشاق تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپئۆتكەن ئىدى. بۇ تارىخى پاكىتلار تىل مەدىنىيىتىمزنىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا گۈللىنىپ،ياشناپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ ئۇلۇغ ئاتا – بوۋىللىرىمىز ئەرەب، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل ئېگەللىگەن. ھەم ئەرەب ،پارىستىللىرىدىمۇ ئەسەر يازغان، ئەمما ‹‹ئەرەبى ھەسەل، پارىسى شېكەر›› دېمىگەن. ھازىرقىئىجتىمائى، سىياسى شارائىتتا باشقا تىللارنىڭ جەمىيەتتىكى رولىنىڭ زورىيىشىغائەگېشىپ، باشقا مىللەت تىلىغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، موھىمى ئۇيغۇر تىلىنى پەسكۆرۈش، تىل، مەدەنىيەت، يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئەھۋاللىرىكۆپىيىشكە باشلىدى. ئۆزىنىڭ تىل – مەدەنىيىتىگە سەل قارىغان، ئەھمىيەت بەرمىگەنمىللەت ئاخىرقى ھېسابتا كىملىك كىرزىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ قالىدۇ خالاس. شۇڭا بۇنداقكەسكىن ئىجتىمائى شارائىتتا كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ تىل مەدەنىيىتىمىزنى قوغداپگۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىسەك يوقۇلۇشنىڭ قۇربانى بۇلۇشتىن بىزمۇ قۇتۇلۇپقالالمايمىز. چەتئەل تىلى بىر ئالاقە قۇرالى، ئەمما مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئالاھىدەشەرتى ياكى كاپالىتى ئەمەس. دۇنيا ھازىر يەر شارىلىشىشقا يۈزلىنىپ كۆپ خىل تىلمەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىشى تىز سۈرئەتتە كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كۆپتىللىق بولۇش تەرەققىياتنىڭ موھىم ئىلمىنىتى ھەم كاپالىتى بولۇپ قالدى. بىز كۆپ تىلئېگەللەشكە يۈزلىنىشىمىز، ئەمما قۇدرەتلىك بىر مىللەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن، ئالدىبىلەن ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئەڭ مۇكەممەل ئۆگىنىشىمىز بەكمۇ زۆرۈردۇر. ئۇيغۇر تىلى – ئانىمىزنىڭ تىلىدۇر، بىز ئانا تىلدا ئويلايمىز، ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىمىز، ئاناتىلدا چۈش كۆرىمىز، ئانا تىلدا يىغلايمىز ۋە ئانا تىلىدا كۈلىمىز. چەتئەلدىكى بىزمۇساپىر ئۇيغۇرلار ئانا تىلدا ۋەتىنىمىزنى سېغىنىمىز. بىز ئانا تىلىمىز ئارقىلىقلائۆزىمىزنى ھەقىقى تونۇيالايمىز. ئانا تىلىمىزسىز بىز ئەسلا ئۇيغۇربۇلالمايمىز.
تىل ھەر بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئېگىز مۇنارى. ئەگەر ئاسسىمىلياتسىيە بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنى بىتجىت قىلىۋېتىدىكەن، ئۇ مىللەتنىڭخەلقىمۇ يوقىلىدۇ.
- تىل بىلەن مەدەنىيەت يالغۇز سۆز بىلەن سۆزبوغۇملىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار ئادەم بىلەن ياراتقۇچىنى ئۆز-ئارائالاقىلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان نەرسە. ئەگەر مەن ئۆز تىلىمدا ئايەت ئوقۇيالىسام، ئۇخۇددى بىر جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن چىققاندىن كېيىن ئالغان تۇنجى نەپىسىمگەئوخشاش ئىش بولىدۇ. تىل بىلەن مەدەنىيەت بىز بىلەن ياراتقۇچىنى ئۆز-ئارا باغلاپتۇرىدىغان ھەمراھىدىن ئىبارەتتۇر.
- تىل بىلەن مەدەنىيەتنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكىلىبولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئايرىلىۋېتىلىدىكەن، تىل پەقەت بىر قورال، ياكى بىر نەرسىگەئايلىنىپ قالىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىز بىلەن مەدەنىيىتىمىز بىزنىڭ كىملىكىمىز بولۇپ،ئۇلارنىڭ بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى، بىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى، ۋە بىزنىڭ نەگەقاراپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
–بىز مۇشۇ زېمىندىن، ئۆزىمىزنىڭمۇشۇ ماكانىدىن كەلگەن. بىز مۇشۇ زېمىنغا مەنسۇپ، ۋە ئۇنىڭ بىر قىسمى بولۇپ،ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى مۇشۇ زېمىندىن تاپىمىز. بىزنىڭ تىلىمىز بىزنى مۇشۇ بىرھەقىقەتكە قايتا-قايتىلاپ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنى تولۇق چۈشىنىش بىزنىڭ ئۆز تىلىمىزبىلەن ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاش، كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىشىمىزنىڭ نەقەدەرمۇھىملىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتىمۇ زۆرۈر.
- ئانا تىلىمىز ياراتقۇچىمىزدىن كەلگەن بىر سوۋغات. بۇنداق مۇقەددەس سوۋغاتنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ تۇرۇش، ئۇنىڭ يوقۇلۇپكېتىشىگە يول قويماسلىق كېرەك.
- بىزنىڭ قەدىمقى تىلىمىز بىزنىڭ مەدەنىي ۋە روھىيمىراسلىرىمىزنىڭ ئاساسى. ئەگەر ئۇ بولمايدىكەن، بىز ياراتقۇچىمىز بىزدىن كۈتكەندەكبىر شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان بولاتتۇق.
- بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بولمايدىكەن، بىزنىڭمەدەنىيىتىمىزنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئەزىز قېرىنداشلار، ئۇيغۇر تىلى مەشھۇر تۈركولوگ رەشىت راھمەتىئاراتنىڭ تەبىرى بىلەن تۈركىي تىللارنىڭ ئانىسىدۇر. ئەپسۇسكى، بۇ تىل، بەزىئىدولوگىيىلەرنىڭ تەسىرى، ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئۆزىنىڭ تەبىئىي تەرەققىياتيۆنىلىشىدىن ئايرىلىپ، ئېغىر بوزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە باشقا تۈركىي تىللاردىنتېخىمۇ ئۇزاقلىشىپ كەتكەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېقىنقى يېرىم ئەسىردە بۇزۇۋىتىلگەنفونتىكىلىق، مورفولوگىيىلىك ۋە گرامماتىكىلىق قائىدە قانۇنلىرىنى قايتىدىن ئەسلىگەكەلتۈرۈش، تۆزىتىش ۋە بۇ ئاساستا راۋاجلاندۇرۇش ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىنىڭ، ئىلمىيخادىملىرىنىڭ ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ئالدىدىكى تارىخىي ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرئاكادېمىيىسى بۇ يول ۋە بۇ مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتنى قوللاپقۇۋۋەتلەيدۇ ۋە زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىدۇ.
ئەزىزقېرىنداشلار، تىل بىر بايراقتۇر. بۇ بايراقنى قولىدا چىڭ تۇتالمىغان مىللەتلەريوقۇلۇشقا مەھكۇم. شۇڭا ئانا تىلنى سۆيۈش، ئانا تىلنى قوغداش، ئانا تىلنى تەرەققىيقىلدۇرۇش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى. ئانا تىلنى سۆيۈش،ئانا تىلنى قوغداش، ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئانا تىلدا سۆزلىشىش بىلەنباشلىنىدۇ. بۈگۈنكى پائالىيەت بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكەئىگە.
ئۇيغۇر تىلىمئەلۋىدا
ماسلاشمىدىڭ زامانغا، ئۇيغۇر تىلىمئەلۋىدا،
يېتەلمىدىم ئارمانغا، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
“لۇفاڭ” دېدۇق بىنانى،” خابا “دېدۇق دەريانى،
“مېينۈي “دېدۇق رەنانى، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
“لۇفاڭ “ئالدۇق “دەيكۈەن”گە، “جۇاڭشىيۇۋ “قىلدۇق “يۈەن” گە،
ئامال يوقمۇ دەتمەنگە،ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
توڭلاتقۇنى “بىڭشىياڭ “دەپ، ياڭراتقۇنى “يىڭشىياڭ “دەپ،
گۈرجەكنىمۇ “تىشىياڭ “دەپ، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
“گۇڭۋۇيۈەن” دەپمەمۇرنى، “چىيەنزە” دېدۇق ئامبۇرنى،
نېمە دەرمىز تەمبۈرنى؟ ئۇيغۇر تىلىمئەلۋىدا.
كۆمۈرگازنى “مېيچى “دەپ، ئاكورىتنى “پىچى “دەپ،
17 نى “ياۋچى “دەپ،ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
“ۋوشى “دېدۇق ياتاقنى، “شىېزى “دېدۇقئاياغنى،
“لىيۇۋلاڭخەن “دەپ ساياقنى، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
كەرەپشىنى “چىڭسەي “دەپ، كۈدە دېمەي “جۈسەي “دەپ،
پالەكنىمۇ “بوسەي “دەپ، ئۇيغۇر تىلىمئەلۋىدا.
“خاڭگا “ئەمەس تەرخەمەك، “بەسەي “ئەمەس يېسىۋىلەك،
بىر پىلەكتىن مىڭخەمەك، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
“شۇۋجى” دېدۇق يانفوننى، “شىياڭزاۋ” دېدۇقسوپۇننى،
“لوپو” دەرمىز خوتۇننى، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
كارتا دېمەي كادېدۇق، ياپما خىشنى ”ۋا“ دېدۇق.
بىلەلمىسەك ”سا“ دېدۇق، ئۇيغۇر تىلىمئەلۋىدا.
ئۈستەلنىمۇ “جوزا “دەپ، ئورۇندۇقنى “يىزا “دەپ،
كومپىيۇتۇرنى”جىزا “دەپ، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
بۇس تارتقۇنى “چۇۋيەنجى “، شامالچىنى “گۇپۇڭجى”،
دەرىجىمىز “فۇكىجى “، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
ئېرى ماڭدى “جىيۇۋباغا “، خوتۇن چايغا “دىباغا”،
بالا كۆندى “ۋاڭباغا “، ئۇيغۇر تىلىمئەلۋىدا.
ئۇچرىشىشنى “يۆخۈي ” دەپ، يىغىن دېمەي “كەيخۈي” دەپ،
ئېتىبارنى “يۇۋخۇي “دەپ، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
“داجى” دېدۇق ئەرزاننى، “نۈەنپىڭ “دېدۇقچايداننى،
“شۇجۈكۇ ” دەپ سانداننى، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
شاۋقۇن – سۈرەن “زايىن” دەپ، خەت باسقاننى “دايىن” دەپ،
تەلەپپۇزنى “فايىن” دەپ، ئۇيغۇر تىلىمئەلۋىدا.
“شىگۈەن” دېدۇق كۆنگەننى، “گۈەنجۈن ” دېدۇق يەڭگەننى.
نېمە دەيمىزمەڭگەننى؟ ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا
ئىلغار بولسا “يۇۋشىيۇۋ” دەپ، رىمونىتنى “داشىيۇۋ” دەپ،
75 نى “چىشيۇۋ” دەپ، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
ئەينەك ئېدىش “گاڭزا “دەپ، يېزىلارنى “جۇاڭزا “دەپ،
شۇم ئوچاقنى “لىڭزا ” دەپ، ئۇيغۇر تىلىمئەلۋىدا.
دابازادا زاسۈي يەپ، كىندىجىدا جىتۈي دەپ،
چاڭزا ئۈچەي خوتۈي يەپ،ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
“گازىر” بولدى شىمىشكە، “نەيپىڭ “بولدىئىمىزگە،
ئويلانمايمىز نىمىشكە؟ ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
“خوگو” بولدىيەلقازان، “گولۇ” بولدى پارقازان.
“دىيەنفەنگو” بوپ توك قازان، ئۇيغۇر تىلىمئەلۋىدا.
“دىڭپاۋ” دىگەن چىراقنى، “تۇڭكۇ “دەيدۇ پىراقنى،
“ياۋيۈەن “دەيمىزيىراقنى، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
ئىچكىرى دېمەي “كۇلى” دەپ، تۈلكە دېمەي “خۇلى “دەپ،
ياردەمچىنى “جۇلى” دەپ، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
جەرىمانە “فاكوەن “دەپ،سوتخانىنى “فايۈەن “دەپ،
كورپۇس دېمەي “دەنيۈەن “دەپ، ئۇيغۇر تىلىمئەلۋىدا.
كۈتۈپخانا “تۇشۇگۈەن “، مۇلازىملار “فۇۋۇيۈەن”،
“ساۋمىي “بولدىبۆلجۈرگەن، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
“پىڭزا” بولدى بوتۇلكا، “شىجۇاڭ” كاستىيۇم-بۇرۇلكا،
“گۇڭگاۋ” بولدى لوزۇنكا، ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
تىككۈچىنى “سەيپۇڭ” دەپ، “خۇڭمىيەن كاۋرۇ لەڭپۇڭ” دەپ،
سۇ ئۈزۈشنى “يۇۋيۇڭ” دەپ، ئۇيغۇرتىلىم ئەلۋىدا.
收藏到:Del.icio.us