• 2013-01-22

    ئۈنۋىرسال ساپاسىنى باھالاشنىڭ تەپسىلى مەزمۇنلىرى داۋامى - [تەربىيلەش]

    ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش

    1.ئىپادىلەش ئىقتىدارى

    ئاساسلىق ھەركەت ئىپادىسى:

    ئۆزىنىڭ ئىددىيسىنى ئىنىق ئىپادىلەش .

    باشقىلارنىڭ سۇئالىغا توغرا جاۋاپ بىرىش .

    ئاساسلىق كۈزىتىش نوقتىسى:

    1.مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئىددىيسى ۋە كۆز قارشىنى چۈشەندۈرۈش.

    2.ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنداشنى بىلەلەيدىغان بولۇش .

    2.كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش ئادىتى

    ئاساسلىق ھەركەت ئىپادىسى:

    قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلىش ،قارشى تەرەپنىڭ كۆز قارشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش .

    باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئاساسلىق ئۇچۇرلارنى ئىگەللەشكە دىققەت قىلىش .

    كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش .

    ئاساسلىق كۈزىتىش نوقتىسى:

    1.قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمەسلىك ،قارشى تەرەپ سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن تەپسىلاتىنى سوراش.

    2.ئاساسى ھەركەت ئىپادىسىدىكى مەزمۇن ئوخشاشلا كۈزىتىش نوقتقسى بولالايدۇ .

    3.ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى

    ئاساسلىق ھەركەت ئىپادىسى:

    ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ يىتىش .

    باشقىلارنىڭ نوقتىنەزىرى ۋە شارائىتىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە چۈشىنش.

    مەسىلىلەرگە ئوبىكتىپ ھۆكۈم قىلىش .

    باشقىلار بىرلىكتە نىشاننى بىكىتەلەيدىغان ھەمدە نىشاننى تىرىشىپ ئورۇنلىيالايدىغان بولۇش .

    ئاساسلىق كۈزىتىش نوقتىسى:

    1.ئۆزىنىڭ مەپئەتىگە پايدىلىق بولۇش –بولماسلىق بىلەن ھىساپلاشماي ئادىل ئىش بىجىرىش.

    2.مەسىلىلەرنى ئوبىكتىپ ،كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇلاھىزە قىلىش ، ھۆكۈمنىڭ توغرا خاتالىقى ئايدىڭلاشقاندىن كىيىن ئاندىن ھەركەتلىنىش.

    3.ئۆزىنىڭ نوقتىنەزىرىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭماسلىق .

    ھەركەت ۋە ساغلاملىق

    1.تۇرمۇش شەكلى

    ئاساسلىق ھەركەت ئىپادىسى:

    ھاياتلىقنى قىزغىن سۆيۈش ،ھاراق تاماكىدىن يىراق تۇرۇش ،زەھەرنى رەت قىلىش .

    دەرستىن سىرىتقى تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش .

    مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش ،ئىقتىساتچان تىجەشلىك بولوش.

    ساغلاملىق ئىڭى بولۇش .

    بەدەنچىنىقتۇرۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش .

    ئاساسلىق كۈزىتىش نوقتىسى:

    1.تۇرمۇش ئىستىمالدا بەسلەشمەسلىك.

    2.ئىسراپچىلىق قىلماسلىق.

    3.ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللىسا بولىدۇ .

    4.ھاراق ئىچمەسلىك ،تاماكا چەكمەسلىك ،زەھەرنى رەت قىلىش.

    5.ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى چۈشەندۈرسە بولىدۇ .

    2.بەدەن ئىقتىدارى

    ئاساسلىق ھەركەت ئىپادىسى:

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن – ساغلاملىق ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدۇ .

    ئاساسلىق كۈزىتىش نوقتىسى:

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن – ساغلاملىق ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدۇ .

    3.كەيپىيات

    ئاساسلىق ھەركەت ئىپادىسى:

    ئۆزىنى چۈشىنىش ، ئۆزىنى قوبۇل قىلىش ، ئۆزىگە ئوبىكتىپ باھابىرىش ،ئۆزىگە تولۇق ئىشىنىش .

    داۋاملىق ئاكتىپ ، خۇشال كەيپىيات ھالىتىنى ساقلاش .

    موھىتقا ئاساسەن ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى مۇۋاپىق ئىپادىلەش ۋە كونتىرول قىلىش .

    ئاساسلىق كۈزىتىش نوقتىسى:

    1.تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش ،پاسسىپ ،ئۈمۈتسىز بولماسلىق.

    2.ۋەقەگە يولۇققاندا سالماق بولۇش ،ئاسان ھاياجانلانماسلىق.

    3.ئاساسى ھەركەت ئىپادىسىدىكى مەزمۇن ئوخشاشلا كۈزىتىش نوقتقسى بولالايدۇ .

    4.ئىرادە

    ئاساسلىق ھەركەت ئىپادىسى:

    ئىش قىلغاندا ئاخىرگىچە چىڭ تۇرۇش ،يىرىم يولدا ۋاز كەچمەسلىك .

    سەمىمى پوزىتسىيە بىلەن ئىناق كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ساقلاش .

    رىئال موھىتنى ئوبىكتىپ تونۇش ، ئۆزىنى تەڭشىيەلەيدىغان بولۇش .

    ئاساسلىق كۈزىتىش نوقتىسى:

    ئاساسى ھەركەت ئىپادىسىدىكى مەزمۇن ئوخشاشلا كۈزىتىش نوقتقسى بولالايدۇ .

    ئىستىتىك ۋە ئىپادىسى

    1.گۈزەللىكنى ئىپادىلەش

    ئاساسلىق ھەركەت ئىپادىسى:

    روھى كۆتىرەڭگۈ،غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇش .

    سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ،ئۆزىگە ئىشىنىپ ئىپادىلەش .

    مۇستەقىل ھالدا موھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش.

    ئاساسلىق كۈزىتىش نوقتىسى:

    1.كىيىم –كىچىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالاھىيتىگە ماس كىلىش.

    2.ئاساسى ھەركەت ئىپادىسىدىكى مەزمۇن ئوخشاشلا كۈزىتىش نوقتقسى بولالايدۇ .

    ئىزاھات : 1، ئوخشىمىغان رايۇنلار ،شەھەر – يىزىلار ۋە ئوخشىمىغان مەكتەپلەر ئارىسىدىكى پەرقنى ئويلۇشۇش لازىم ..ئاساسى خاراكتىرلىك تەرەققىيات نىشانى ، باھالاش ئامىللىرى نىسپەتەن مۇقىم ھالەتنى ساقلىغان ئاساستا ”ئاساسلىق ھەركەت ئىپادىسى“ دىكى مەزمۇنلارنى ھەر قايسى مەكتەپلەر يولغا قويۇش جەريانىدا مەكتىۋىنىڭ ئەمىلىيتىگە ئاساسەن مىكرو جەھەتتىن تەڭشىسە بولىدۇ .

    2، جەدىۋەلدىكى”ئاساسلىق كۈزىتىش نوقتىسى “ دىكى مەزمۇنلاردىن مەكتەپلەر پايدىلانسا بولىدۇ . مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكى ۋە تەلىۋىگە ئاساسەن مۇۋاپىق كۆپەيتسە ياكى ئازايتسا بولىدۇ .

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us