• 2013-01-22

    ئۇنۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش لايىھىسى - [تەربىيلەش]

    ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش لايىھىسى

    (سىناق تەرەققىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)

    بىرىنچى، يىتەكچى ئىدىيە

    پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىنىغا ئاساسەن،«بارلىقىمىز ئوقوغۇچىلار ئۈچۈن» دىگەن مائارىپ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شەكىللەندۈرۈش خاراكتىرلىق باھالاش بىلەن خۇلاسە خاراكتىرلىق باھالاشنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك باھالاش بىلەن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى باھالاشنى ئاساسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باھالاش مەزمۇنىنىڭ تولۇق، ئوبىيىكتىپ، ئىلمىي، قىلىپلاشقان بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا شۇنداقلا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچۇلۇقلىرى ۋە توشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئەھمىيەت بىرىش، باھالاشنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ئىلمىي بولغان باھالاش سىستىمىسىنى تۇرغۇزۇش، باھالاش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تىخىمۇ چۈشۈنىش، ئۆزىنى بايقاش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش شۇنداقلا تەلىم تەرىيە ۋە ئوقۇتۇشنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.

    ئىككىنچى، باھالاش پىرىنسىپى

    1. تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاش پىرىنسىپى. باھالاشتا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا ئەھمىيەت بىرىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش.

    2. جەريان خاراكتىرلىق باھالاش پىرىنسىپى

    باھالاشتا ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا دىققەت قىلىپ، كۈندىلىك باھالاش، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ۋە پەنلەردىكى ئىمتىھان نەتىجىسىنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، يىزىقچە ئىمتىھان بىلەن تاپشۇرۇق، دەرسخانىدىكى ئىپادىسى، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەركەت ئىپادىسى، تەجىرىبە مەشغۇلاتى قاتارلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، باھالاش ئۇسۇلىنىڭ كۆپخىللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.

    3. ئىلھاملاندۇرۇش پىرىنسىپى

    باھالاشتا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئۈلگە تىكلەش، شۇ ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارىي قىلدۇرۇپ، يىتەرسىزلىكلىرىنى تۈزۈتۈپ، باھالاشنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدىكى ھەركەتلەندۈرۈش كۈچكە ئايلاندۇرۇش كىرەك.

    4.  ئىلمىي بولۇش پىرىنسىپى

    باھالاشنى مائارىپ قانونىيتىگە ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ روھىي-جىسمانىي تەرەققىيات قانونىيتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئىلمىي بولغان باھالاش سىستىمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىلمىي باھالاش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى نامايەن قىلىش ھەم ئۇلارنىڭ خاسلىقىنى، ئاتۇقچىلىقىنى، تەرەققىي قىلىشتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى نەمايان قىلىش كىرەك. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىكى ساپا تەرەققىيات ئۇچۇرىنى تولۇق ئىگىلەپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئالىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، باھالاشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كىڭەيتىش كىرەك.

     5. ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش خاراكتىرى پىرىنسىپى

    باھالاشتا ئوقوغۇچىلارنىڭ غوجانلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى باھالاش، ساۋاقداشلار ئارا باھالاش، ئوقتقۇچى باھالاش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، باھالاشنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.

    ئۈچىنچى، باھالاش مەزمۇنى

    «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى باھالاش ۋە ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشنىڭ مەزمۇنى ئەخلاق پەزىلەت، پۇقرالىق ساپاسى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق، ھەركەت ۋە ساغلاملىق، ئىستىتىك ۋە ئىپادىلەش قاتارلىق 6 جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ يۇقارقى 6 جەھەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى توغرا ۋە ئىلمىي ئەۆىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، ئىلمىي ۋە قوللىنىشچان بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يۇقارقى 6 جەھەت بىر قانچە تارماق باھالاش ئامىللىرىغا بۆلۈندى. مەكتەپ باھالاش كۆرسەتكۈچىدىكى ھالقىلىق ئىپادىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلمىغان ئاساستا، باھالاشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنى ۋە ھالقىلىق ھەركەت ئىپادىلىرىنى تىخىمۇ كونكىرتلاشتۇرۇپ باھالاش ئىلىپ بارسا بولىدۇ.

    تۆتىنچى، باھالاشنىڭ جەريانى ۋە ئۇسۇلى

    باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ھەر ۋەمسۇم ئاخىرىدا بىر قىتىم باھالاپ بىكىتىلىدۇ. 6-يىللىقنىڭ 2- مەۋسۇم ۋە 9-يىللىقنىڭ 2- مەۋسۇمدا، باشلانغۇچتىكى 6 يىللىق، تولۇقسىزدىكى 3 يىللىق ئەھۋالىغا قارىتا  بىر قىتىملىق خۇلاسە خاراكتىرلىق باھالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇشتا ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ پايدىلىنىش ئاساسى قىلىنىدۇ. ھەر قىتىملىق باھانى ئوقوغۇچىنىڭ ئۆزى، ئاتا ئانىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ پىككىر تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىش كىرەك. مەكتەپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش نەتىجىسىنى مەخسۇس مەسئۇل خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ ياخشى ساقلاش ۋە باشقۇرۇش كىرەك.

    باھالاشنىڭ كونكىرت جەريانى ۋە ئۇسۇلى

    (1) تەشۋىقات ۋە تەييارلىق

    1.باھالاش توغرىسىدىكى تەشۋىقات

    مەكتەپ ھەر مەۋسۇمدا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشتىكى باھالاش مەزمۇنلىرىنى، باھالاش ئۇسۇللىرىنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارغا بىلدۈرۈش كىرەك. مەكتەپ «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلار قائىدى»، «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى» دىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرۈپ، باھالاش ئامىللىرىنى تەشۋىق قىلىشى، باھالاش مەزمۇنلىرىنى، تۈرلۈك قائىدە تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەلەشتۈرشى كىرەك. مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە بۆلۈم، سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھلاپ بىكىتىشتىكى مۇھىم ئامىللاردىكى كۆرسەتكۈچلەر بويىچە تەرەققىي قىلىشقا يىتەكلەش، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىشى كىرەك.

    ئاتا-ئانىلار يىغىنى، ئاتا-ئانىلارغا ئۇقتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارغا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشنىڭ مەخسىدى، ئەھمىيىتى، مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيلەش ئىلىپ بىرىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك. شۇ ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، باھالاش خىزمىتىنىڭ ئوقۇشلۇق، ئىلمىي ئىلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كىرەك.

    2. مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تەربىيەلەش

    مەكتەپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كۈچ تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانا، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى، سىنىپ مۇدىرلىرى، سىنىپلارنى بىرلىك قىلغان باھالاش گۇرۇپىلرىنى تەربىيەلەپ، تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىشى، باھالاش خىزمىتىنىڭ ئادىل، ئوچۇق ئاشكارە، ئىلمىي ئۈنۈملۈك ئىلىپ بېرىلىشىغا پۇختا ئاساس سېلىشى لازىم.

    (2) باھالاش ئۇسۇلى

    1. مەۋسۇملۇق باھالاش:

    سىنىپنى بىرلىك قىلغان باھالاش گۇرۇپپىسى سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلارنى ئۆز ئۆزىنى باھالاش، ئۆز ئارا باھالاشقا تەشكىللەپ، باھالاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ بىر مەۋسۇملۇق تۈرلۈك ئىپادىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ باھا سۆزىنى تەييارلايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سىنىپ مۇدىرى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋرسال ساپاسىنى باھالاش قەغىزىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىل تولدۇرۇشى لازىم.

    1) ئۆز ئۆزىنى باھالاش: سىنىپ مۇدىرى ئوقوغۇچىلارغا ئۆز ئۆزىنى باھالاش جەدىۋىلىنى تارقىتىدۇ، ئوقۇچى كورسەتكۈچلەر بويىچە ئۆز ئۆزىنى باھالاپ چىقىدۇ.

    2) ئۆز ئارا باھالاش: ئوقوغۇچىلارغا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆز ئارا باھالاش جەدىۋىلىنى تاقىتىپ، ھەر ئوقوغۇچىنىڭ باھالاشقا تولۇق قاتنىشىشىغا، باھالاش دەرىجىسىنىڭ توغرا بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئوقوغۇچىلار باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك كاتاكچىلەرگە «» قويۇپ باھالاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، سىنىپ مۇدىرى باھالاش گۇرپىسىنى ئوقوغۇچىلارنىڭ باھالانىش ئەھۋالىنى سىتاستىكىلاشقا تەشكىللىشى كىرەك.

    سىنىپ مۇدىرى ئوقوغۇچىنىڭ مەلۇم باھالاش ئامىلىدا ئىرىشكەن دەرىجىسىدىكى ماس نومۇرىنى ئۆز ئارا قوشۇپ سىنىپتىكى باھا بېرىشكە قاتناشقان ئومومىي ئوقوغۇچى سانىغا بۆلۈپ، شۇ ئوقوغۇچىنىڭ ئومومىي نومۇرىنى بىكىتىپ چىقىدۇ. ئومومىي نەتىجە 85-100 گىچە بولسا A، 70-84 گىچە بولسا  B، 60-70 گىچە بولسا C، 60 تىن تۆۋەن بولسا D دەرىجە قىلىپ بىكىتىلىدۇ.

    باھالاشتا ئوقوغۇچىنىڭ ئۆز ئۆزىنى باھالىشى %20 نى، ئاتا-ئانىسىنىڭ باھاسى %10 نى، ساۋاقداشلىرىنىڭ باھاسى %30 نى، ئوقۇتقۇچىنىڭ باھاسى %40 نى ئىگىلەيدۇ.

    باھالاشتا A ،  B ، C ، D دەرىجىگە ئىرىشىدىغانلارنىڭ نىسبىتىنى بەلگىلىك نىسبەتتە كونتۇرۇل قىلىش يەنى A دەرىجىنى %15 پىرسەنت،  B دەرىجىنى %30 ،  C دەرىجىنى%50، D دەرىجىنى %5 ئەتىراپىدا كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. 

    3) باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6- يىللىق 2- مەۋسۇم، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9-يىللىق 2-مەۋسۇم ئاخىرىدا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 12 مەۋسۇم، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 6 مەۋسۇملۇق ئومومىي نەتىجىسىنى قوشۇپ، 12 گە ياكى 6 گە بۆلۈپ، چىققاندىكى نەتىجىنى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ياكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ساپا باھاسى قىلىپ بىكىتىش لازىم.

    4) خۇلاسە خاراكتىرلىك باھالاش:

    بۇ خىل باھالاشنى، 6-يىللىقنىڭ 2-مەۋسۇمى ۋە 9-يىللىقنىڭ 2- مەۋسۇمى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، سىنىپنى بىرلىك قىلغان باھالاش گۇرۇپپىسى (باھالاش گۇرۇپىسىدىكىلەر ئەڭ ئاز بولغاندا 5 ئادەمدىن تۆۋەن بولماسىقى لازىم) ئىشلەيدۇ. خۇلاسە خاراكتىرلىق باھالاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىكى مەۋسۇملاردىكى باھالاش نەتىجىسىنى ئوقوغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەھەتتىكى ئىپادىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، باھالاش ئىلىپ بېرىلىدۇ. باھالاش نەتىجىسىگە باھالاش گۇرپىسىدىكى ئەزالار ئىمزا قويىدۇ. ئەگەر باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالار ئارسىدا چوڭراق ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ بىرلىككە كىلەلمىسە، مەكتەپ باھالاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بەرسە بولىدۇ.

    5) پەنلەردىكى نەتىجىسىنى دەرىجە بويىچە باھالاش

    ھەر قايسى مەدەنىيەت پەنلەردىكى نەتىجىسى ئادەتتىكى، باسقۇچلۇق، مەۋسۇملۇق نەتىجە دەپ 3 تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، A ،  B ، C ، D تۆت دەرىجە بويىچە باھالىنىدۇ.

    باھالاشتا A ،  B ، C ، D دەرىجىگە ئىرىشىدىغانلارنىڭ نىسبىتىنى بەلگىلىك نىسبەتتە كونتۇرۇل قىلىش يەنى A دەرىجىنى %15 پىرسەنت،  B دەرىجىنى %30 ،  C دەرىجىنى%50، D دەرىجىنى %5 ئەتىراپىدا كونتۇرۇل قىلىش كىرەك.

    (3) باھالاش نەتىجىسى

    باھالاش نەتىجىسى ماھىيەت جەھەتتە 2 تۈرلۈك بولىدۇ. بىرسى مەۋسۇملۇق باھالاش نەتىجىسى؛ يەنە بىرسى خۇلاسە خاراكتىرلىك باھالاش نەتىجىسى. مەۋسۇملۇق باھالاش نەتىجىسى خۇلاسە خاراكتىرلىق باھالاشنىڭ پايدىلانمىسى قىلىنىدۇ. خۇلاسە خاراكتىرلىق باھالاش نەتىجىسى ئوقوغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ياكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاشقا بولغان ئوموملاشتۇرۇش خاراكتىرلىق باھالاش ھىسابلىنىدۇ.

    باھالاش نەتىجىسى شەكىل جەھەتتە ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى بولسا ئۇنىۋېرسال خاراكتىرلىق باھا سۆزى، بۇنى سىنىپ مۇدىرى يېزىق ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش قەغىزى ئۈستىدىكى ماس ئورۇنغا تولدۇرىدۇ. ئىككىنچى خىلى بولسا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرگە A، B ، C ، D دىن ئىبارەت دەرىجە باھا بىكىتىشتىن ئىبارەت.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us