-
2012-12-01
ئاپتونوم رايۇننىڭ خەنزۇتىلى مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاندى - [تەربىيلەش]
ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىلىپ بارغان 2012-يىللىق مىللىي ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىلگەن خەنزۇ تىلى دەرس ئۆلچىمى بويىچە تەربىيەلەش ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشى مۇھاكىمە يىغىنى 2012-يىلى 11-ئايىڭ 27-كۈنىدىن29- كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە قەشقەر شەھەرلىك 8-باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قىتىمقى تەربىيەلەش پائالىيىتىگە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىن كەلگەن 450 دىن ئارتۇق خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم مەكتەپ رەھبەرلىرى قاتناشتى. بۇ قىتىمقى پائالىيەتتە بىر يىرىم كۈن مۇتەخەسىسىلەر لىكىسىيە سۆزلەش ئارقىلىق يىڭى دەرس ئۆلچىمى، خەنزۇ تىلى يېڭى دەرس ئىدىيىسى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلدى. يىرىم كۈن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ بۆلىگى بويىچە ئايىرىم-ئايرىم 2 سائەتتىن جەمئىي 6 سائەت كۆرەك دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى بۇ دەرسلەرنى سىنئالغۇغا ئىلىپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئۆز تەنەرقى بويىچە تارقىتىپ بەردى. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرسنىڭ سىن تەخسىسىنى ئېلىشقا ئۈلگىرەلمەي قايتىپ كىتىپ قالدى. ھەم ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى يىغىنغا قاتنىشالمىغان باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولىشنى نەزەردە تۇتۇپ، دەرسنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تورغا يوللاپ قويدۇم. ئورتاق پايدىلانغايسىلەر.
توردىندىن چۈشۈۈش ئادىرىسى:
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس 1 نى چۈشۈرۈش
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس 2 نى چۈشۈرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپ دەرس 1 نى چۈشۈرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپ دەرس 2 نى چۈشۈرۈش
收藏到:Del.icio.us