-
2012-10-20
«تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق» پەن ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيتى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3- نۆۋەتلىك مىللىي ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق» پەن ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيتى قەشقەر شەھرىدە مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاندى
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك مىللىي ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق» پەن ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيىتى 2012-ىيىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى باشلىنىپ، 18-كۈنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاندى. بۇ قىتىمقى پائلىيەتتە باشلانغۇچ مەكتەپ قىسمى قەشقەر شەھەرلىك 18-باشلانغۇچ مەكتەپكە، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىسمى قەشقەر شەھەرلىك 10 –ئوتتۇرا مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قەشقەر شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەقىقات ئىشخانىسى، قەشقەر شەھەرلىك 18-باشلانغۇچ مەكتەپ، قەشقەر شەھەرلىك 10-ئوتتۇا مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلار پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى، ئۇلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمىز!
بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلەردىن دەرس ئاڭلاشقا 122 نەپەر ئوقۇتقۇچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا 43 نەپەر ماھىر قاتناشتى. پائالىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئاساسىي بىلىم سەۋىيىسىنى سىناش، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىلمىي ماقلىسى ئوقۇش ۋە باھالاش، تەنتەربىيە ئەمەلىىيەت ئىقتىدارىنى سىناش، نەخ مەيداندا دەرس ئۆتۈش، ئۆتكەن دەرىسىدىن دەرس ئايان قىلىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ماھىرلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى سىناش ئارقىلىق، ھەر قايسى تۈردىكى نەتىجىسىنى ئوموملاشتۇرۇپ، ئىرىشكەن نەتىجىسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن، ئوقۇتۇش ماھىرى، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا 1- دەرىجە، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا 2- دەرىجە دەپ ئۈچ دەرىجە بويىچە تۈرگە ئايرىپ، نەخ مەيداندا دەرىجىسى ئىلان قىلىندى. دەرس ئۆتكەن ماھىرلار پائالىيەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ھەر قايسى تۈرلەردە ئۆز تالانتىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايەن قىلدى. دەرس ئاڭلاشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ دەرس جەريانىدا، باشتىن ئاخىرى پائالىيەتكە تولۇق قاتنىشىپ، ئاڭلىغان دەرىسىدىن تولۇق خاتىرە قالدۇرۇپ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئاڭلىقلىقنى نامايەن قىلدى. ئۇلارنىڭ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىغا ئالاھىدە رەخمەت ئىيتىمىز.
بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە ماھىرلار ۋە باھالىغۇچىلار 10-ئاينىڭ 13-چىسلا چۈشتىن كىيىن تىزىمغا ئالدۇرۇدى. تىزىملاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن باھالىغۇچىلار تۈرلۈك باھالاش كۆرسەتكۈچلىرىنى تولۇق ئۆگىنىپ تەربىيەلەندى. پائالىيەت جەريانىدىكى رەت تەرتىپىگە چەك تارتىش ئارقىلىق ماھىرلارنىڭ رەت تەرتىپى بىكىتىلدى ۋە پائالىيەت جەريانىدىكى تۈرلۈك تەلەپلەر ئۇقتۇرۇلۇپ تەربىيلەندى.
10-ئاينىڭ 14-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن، ماھىرلارنىڭ كەسپىي ئاساسىي بىلىم سەۋىيىسىنى سىناش، ئىلمىي ماقالە ئوقۇش قاتارلىق تۈرلەر ئىلىپ بىرىلدى. چۈشتىن كىيىن ئەمەلىيەت ئىقتىدار سېنىقى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ تۈردىمۇ ماھىر لار چەك تارتىش ئارقىلىق ئىقتىدار سىنىقى تۈرىنى بىكىىپ، شۇ تۈر بويىچە سىناشقا قاتناشتى.
10-ئاينىڭ 15-چىسلا ماھىرلار چەك تارتىش ئارقىلىق بىكىتىلگەن دەرس تىمىسىغا ئاساسەن دەرس تەييارلاش قىلدى. دەرس ئاڭلاشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار تىزىمغا ئالدۇردى.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەندە، پائالىيەتنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمى قەشقەر شەھەرلىك 18-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مەمەتساۋۇت ھەسەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم تەبىرىك سۆزى قىلدى.ئۇ مۇنداق دىدى: تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق بىىر پەن، شۇنداقلا ساپا مائارىپىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى، ئۇ ئادەمنىڭ ساپاسىنى ئومومىيۈزلۈك يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تەلىم تەربىيە خىزمىتىدىن ئىبارەت. تەنتەربىيە دەرسى ئوقوغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىرادىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يىتىلدۈرۈشتە، ئومومى خەلق ساغلاملىق ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئوقۇتۇشى «ساغلاملىق بىرىنچى» دىگەن يىتەكچى ئىدىيەگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاساس بولۇش ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان دەرس نىشان سىستىمىسى ۋە تەرەققىيات خاراكتىرلىك باھالاش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ ئاساسلىقى، تاللىنىشچانلىقى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركەت قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق بىلىملىرى، ئاساسلىق ماھارەت ۋە ئۇسۇللارنى ئىگىلەشكە يىتەكلەپ، ئۇلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىرادە پەزىلەت، ھەمكارلىشىش روھى ۋە ئالقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆۈمۈرلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سېلىش لازىم. قانداق قىلغاندا ئوقوغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىق سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى شاللىنىپ كەتمەي، تەرەققىياتقا ئىرىشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش، بىزنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۆۋەتتە تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسىنىڭ پۇقرالارنىڭ تەن ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتىكى تەربىيە رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.
ئاخىرىدا ماھىرلار ۋە دەرس ئاڭلىغۇچىلارغا پائالىيەت جەريانىدا دىققەت ئقىلىشقا تىگەىشلىك ئىشلار توغرىسىدا بىر قانچە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىچىلىش مۇراسىمىدىن كىيىن، پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە قەشقەر شەھەرلىك 18-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپكە بۆلىنىپ دەرس ئۆتۈش، دەرس ئايانى قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى تاماملىدى.
收藏到:Del.icio.us