-
2012-11-17
مۇزىكا ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيىتى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاندى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3- نۆۋەتلىك ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيىتى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاندى
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3- نۆۋەتلىك ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيىتى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە يەكەن ناھىيىسىدە مۇۋاپىقىيەتلىك ئىلىپ بېرىلدى. بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە 300 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى قاتنىشىپ، بىر قىتىملىق ئادىل رىقابەتلىشىىش ۋە ئۆز ئارا ئۆگىنىش پائالىيىتى بولۇپ ھىساپلاندى.
بۇ قىتىمقى پائالىيەت قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ بىۋاستە تەشكىللىشىدە، يەكەن ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قوللشىغا ئىرىشتى. ناھىيلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ قوللىشى ۋە يەكەن ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، 5- ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە كوناشەھەر باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ياخشى بولغان پائالىيەت سورىنى بىلەن تەمىنلىشى نەتىجىسىدە، پائالىيەت تۈرلۈك پائالىيەت مەزمۇنلىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاپ، 8 –چىسلا غەلبىلىك ئاياقلاشتى. بىزنى قوللىغان يۇقارقى ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەخمىتىمىزنى بىلدۈرۈمىز.
ماھىرلار ۋە باھالىغۇچىلار 3-چىسلا چۈشتىن كىيىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەر ئۇقتۇرۇلدى. ماھىرلار پائالىيەت رەت تەرتىپ چىكىنى تارتىپ بولغاندىن كىيىن، ئەتىدىكى پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 4-چىسلا ماھىرلار كەسپىي ئاساسىي بىلىمدىن ئىمتىھان بىرىش، نەخ مەيداندا ماقالا ئوقۇش، ئەمەلىي ئىقتىدار سىنىقىغا قانتنىشىش قاتارلىق ۇچ تۈردىكى پائالىيەت تاماملاندى.
5-چىسلا دەرس ئۆتىدىغان ماھىرلار دەرس تەييارلاش بىلەن مەشغۇل بولدى. دەرس ئاڭلاشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچلار تىزىمغا ئالدۇردى.
6-چىسلا ئەتىگەن پائالىيەتنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمى يەكەن ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ زالىدا ئىلىپ بىرىلدى. يىغىنغا قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئابلىمىت، يەكەن ناھىيسىنىڭ مائارىپقا مەشئۇل ھاكىمى جېڭ پىڭ، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارسىنىڭ باشلىقى نىجات مۇھەممەت، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زەيدىن ھاجى قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئابلىمىت تەبىرىك سۆزى قىلىدى ۋە سەنئەت ئوقۇتقۇشىغا بولغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىچىلىش مۇراسىمىدىن كىيىن، ئوقۇتقۇچىلار پەن تۈرى ۋە ئوقۇتۇش بۆلىكى بويىچە مەكتەپلەرگە بۆلۈنۈپ، دەرس ئۆتۈش ۋە دەرس ئايان قىلىش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.
بۇ قىتىمقى پائالىيەتتە باھالىغۇچىلار ئادىل ھەققانىي باھالاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بالاش كۆرسەتكۈچى بويىچە باھالاش ئىلىپ باردى. ھىرىپ چارچاشتى قورۇقمىدى.ماھىرلار ئۆزىنىڭ تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جاپادىن ھىرىپ چارچاشتىن قورۇقماي تۈرلۈك مەزمۇنلار بويىچە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، دەرس ئاڭلاشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارغا ئەڭ ياخشى سوغاتلىرىنى تەقدىم ئەتتى. دەرس ئاڭلاشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ، باشتىن ئاخىرى پائالىيەتكە تولۇق قاتنىشىپ، ياخشى خاتىرە قالدۇرۇپ، ماھىرلارنىڭ تەجىرىبىللىرىنى ئۆگەندى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز.
تۆۋەندە دەرس ئاڭلاشقا كىلەلمىگەن كەسىپداشلارنىڭ پائالىيەت جەريانىدىن ئازراق بولسىمۇ خەۋەردار بولۇپ قىلىشىنى مەقسەت قىلىپ، ئۆزۈم سۈرەتكە ئالغان كۆرنۈشلەرنى يوللاپ قويدۇم، ھوزۇرلانغايسىلار!
پائالىيەتتىن جەريانىدىن كۆرنىشلەر
收藏到:Del.icio.us