• 2012-10-02

    بىر سائەتلىك تىل – ئەدەبىيات دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك - [ئەدەبىيات دەرسلىرى]

    بىر سائەتلىك تىل – ئەدەبىيات دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك

    قەشقەر ۋىلايەتلىك 6- ئوتتۇرا مەكتەپتىن: رىزۋانگۇل مۇھەممەت

    1. بىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈشتە ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ يېڭى دەرسلىك ئالدىدا يېڭى ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى سەمىمىيلىك بىلەن ھېس قىلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ قېتىمقى ئىسلاھات نۇقۇل دەرسلىكتىكى ئىسلاھاتلا بولۇپ قالماي، ئالدى بىلەن ئىدىيەدىكى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش جەريانى شۇنداقلا ئوقۇتۇش پوزىتسيىسىدىكى ئىسلاھات بولۇش بىلەن بىرگە، پۈتكۈل ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىدىكى ئىسلاھاتتۇر. بۇ خىل ئىسلاھات ئىچىدىكى تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ نەزىريىۋى بىلىم چۈشەنچىسى ئۇللۇق رول ئوينىسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەپەككۇر ئۆزگىچىلىكى بۇرما مىخلىق رول ئوينايدۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا تىل سەنئىتىنىڭ يۇقۇرلىقى تىرمومىترلىق رول ئويناپ كەيپىياتنى تەڭشەشكە پايدىلىق. يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ئوقۇتۇش ماھارىتى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ھەم ئۆزگەرتمەي بولمايدىغان قاتلامدۇر. ئۇلارنىڭ ئىسلاھات تەلىپىگە ماس ئۆزگىرىشى ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىنىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلىنىپ ماس قەدەملىك ئالغا بېسىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن يېڭى دەرسلىك ئوقۇتۇشى جەيانىدا ئوقۇتقۇچىلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش بىلەن بىرگە ئۆزئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇشقا، كۆڭلىدىكىدەك چىققان دەرسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە قوللانغان ئۇسۇللارنى باشقىلارغا ئاكتىپلىق بىلەن تونۇشتۇرۇشقا، ئىمكان بولسا دەرس ئاڭلاشقا دەۋەت قىلىپ ياخشى ئۇسۇللاردىن ئورتاق پايدىلىنىپ كەسىپتە ئورتاق ئالغا بېسىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىشىنى خوشال قىلىدىغان ئىشتۇر.

     2.دەرسلىكىنى قېتىرقىنىتىپ تەتقىق قىلىش كېرەك.

    دەرسلىكنىڭ تۈزۈلۈشى – قانچە بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان؟ ھەر قايسى بۆلەككە كىرگۈزۈلگەن قايسى خىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئوقۇتۇش تېكىستى قايسىلار؟ ئوقۇتۇش تېكىستلىرىنىڭ ھەجىمى، قىيىنلىق دەرىجىسى ھەمدە بۇ تېكىستلەرنىڭ قايسى خىل نەزەريىۋى بىلىم بىلەن باغلىنىلشىق ئىكەنلىكى، نەزەريەۋى بىلىم بىلەن تېكىستنى قانداق باغلاش، قايسى دەرىجىدە باغلاش مەسلىسىنى چىقىش قىلىپ ھەر بىر تېكىستنى قانچە دەرس سائىتى ئىچىدە تاماملىسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى، ھەر بىر بۆلەكنىڭ ئومۇمىي دەرس سائىتى ئىچىدە ئوقۇتۇش تېكىستلىرىنىڭ ئىگىلىگەن دەرس سائىتى قانچە سائەت بولۇشى كېرەك؟ ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنىڭ ئىگىلىگەن دەرس سائىتى قانچە سائەت بولۇشى كېرەك؟ ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى قانداق تەرتىپتە ئۆتۈش، مەشىقلەندۈرۈشنى قانداق ئېلىپ بېرىش، تاپشۇرۇقنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش بۆلىكىدە قايسى خىل يېزىقچىلىق قاتلىمىنى چىقىش قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، قايسى قىسىمنى سىنىپ ئىچىدە لىكسىيە قىلىش، قايسى مەشىقلەرنى سىنىپ ئىچىدە مەشىقلەندۈرۈش، قايسى قىسىملارنى تاپشۇرۇق شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە ياخشى كېڭىشىش ئېلىپ بارغان ئاساستا بىر چارەكلىك ئوقۇتۇش سۈرەت كالىندار پىلانى تۈزۈش، كالىندار پىلان ئاساسىدا سائەتلىك پىلان تۈزۈش ئارقىلىق ئىككى پىلاننىڭ ماس قەدەملىك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، تېكىست ئوقۇتۇشى بىلەن ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى يەتكۈزۈش ۋە مەشىقلەندۈرۈشنى، يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بىلەن تەھلىل ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى بىردەك يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.

    ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بويىچە تېكىست ئوقۇتۇشىغا كۈچەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەريىۋى بىلىمىنىڭ كېڭىيىپ بېرىشىغا سەل قاراشقا؛ نەزىريىۋى بىلىم ۋە تارىخىي بىلىملەرنى ئالىي مەكتەپ تەكرارىدەك سېستىملىق ، تولۇقى بىلەن يەتكۈزۈشكە كۈچەپ قېلىپ تېكىست تەھلىلىنىڭ يۈزەكى قاتلامدا بوپ قېلىشىغا ؛ نەزىريىۋى بىلىم بىلەن تېكىست ئوقۇتۇشىنىڭ مۇۋازىنتىنى تەڭشەشكە كۈچەپ، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى يەتكۈزۈش ھەم مەشىقلەندۈرۈشكە ۋاقىت چىقىرالماي قىلىشقا، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەل قاراپ قىلىشقا ياكى ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئوقۇتۇش پىلانىنىڭ 9 ھەپتە، 36 سائەت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

    كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش جەريانىدا ئايرىم مەسىلىلەردە قاراش ھەم ھۆكۈمدە پەرقلەر كۆرۈلگەندە، ياكى دەرسلىكنىڭ كەم، ناتوغرا جايلىرى بايقالغاندا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنمىسا، ئالدىنقى تېكىستنىڭ بايان تەرتىپى، ژانىرى، سوژىت بۆلىكى ، شېئىر شەكلى، ۋەزىن تۈرى.. . قاتارلىقلارنى دېگەن بۇ تېكىستنىڭكىنمۇ  چوقۇم « XX » دەپ ھۆكۈم قىلىپ بەرمىسەم بولمايدۇ،دەپ تۇرۋېلىپ ئۆزىمىزنى قايىل قىلغان ھۆكۈمنامە ياكى دەستۇرگاھتىكى قاراشنى يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىش سەۋەبلىك دەرس مەزمۇنىدىكى ئايرىم پەرقلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، پەرق كېلىپ چىققان مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېيىنكى مەزگىللىك ئوقۇتۇش جەريانىدا ئىزاھات شەكلىدە تولۇقلىما قىلىشنى چىقىش قىلىپ ۋاقتىنچە قالدۇرۇلسا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار سوئال قويسا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىردەك ئىزدىنىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويسا بولىدۇ.

    يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن:

    (1) يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىدىدە بېرىلىدىغان تاپشۇرۇقلارنى پىلانلاپ، نورمالنى ئوقۇتۇش پائالىيىتى جەريانىدا سىڭدۈرۋىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدا ئىلگىرىكى تاپشۇرۇق بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ،« ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش» بۆلىكىنى سۆزلىگەندە بىر تەرەپتىن يېزىش ماھارىتىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرقىدا كۆرۈلگەن تىپىك نۇقسانلارنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ كۆرسەتمە بەرگىلى ۋە قاراتملىققا ئىگە ئاساستا يېتەكلىگىلى بولىدۇ. ئوقۇتۇچى چوقۇم تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە ھەر قېتىملىق تاپشۇرۇقتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر خاتىرىسىنى ياخشى قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، ياخشى ئىشلىگەن ئوقۇغۇچىلاردىكى ئارتۇقچىلىقلارنىمۇ خاتىرلەپ زۆرۈر تېپىلغاندا سىنىپ ئىچىدە ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتسە ياكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا ئۆزئارا كۆرۈپ ئۈلگە ئېلىشىغا كۆرسەتمە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

    (2) ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن تېكىست ئوقۇتۇشنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. يەنى ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى قانچە دەرس سائىتىدە يەتكۈزۈلىدۇ، قايسى مەزمۇنلار بىر مەزمۇن بۆلىكى قىلىنىدۇ، بۇ مەزمۇنلارنى « ئوقۇش ۋە ھوزۇرلىنىش » بۆلىكىنىڭ قايسى قىسمىغا كىرىشتۈرلىدۇ؟ قايسى تېكىستلەردىن پايدىلىنىپ قايسى بىلىم نۇقتىسى ئىقتىدار قاتلىمىغا كۆتۈرلىدۇ؟ ئۇيغۇر تىلىدىن قانداق تاپشۇرۇقلارنى لايھىلەش مۇۋاپىق ؟ دېگەندەك مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىۋالغاندا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى ماس قەدەملىك بىرلىككە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچىلار ھەر بىر ئوقۇغۇچىدا ئىككى تاپشۇرۇق دەپتىرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەش نىشانى ئەتراپىدا ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىپ، ئومۇمىي پىلاننىڭ ئورۇنلانماي قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

    (3) تېكىستلەرنى ئالدىن ئوقۇش ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن كۆنۈكمە ۋە مۇھاكىمە سوئاللىرى ئاساسىدا تەھلىلگە تەييارلىق قىلىشقا كۆندۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ « دەرسخانىدىكى  تىل – ئەدەبىيات » كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى تىل – ئەدەبىيات دەرسىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تەھلىل تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردا تىل – ئەدەبىيات مەشىق دەپتىرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر.

    3. كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

    كوللىكتىپ دەرس تەستىقلاش –« دەرس تەييارلىقىنىڭ بىر خىل يېزىلىشى» غا قارىتىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. دەرس تەييارلىقى ئوقۇ – ئوقۇتۇش پائالىيتىنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى ئۇلۇغۋار پىلانى – كارتىنىسىغا ئايلىنىغىنى ياخشى. بۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭچە كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش جەريانىدا مەزكۈر دەرسنىڭ دەرس سائىتى، ھەر بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ۋەزنى، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرى، يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ئېغىزى، بۆسۈپ چىقىش نۇقتىسى، ئىقتىدار قاتلىمى، ئەخلاقى تەربىيە نىشانى قاتارلىقلاردا بىرلىككە كېلىش بىلەن بىرگە، يەتكۈزۈلمەكچى بولغان بىلىم نۇقتىلىرى، ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار، جۈملىدىن مۇھاكىمە قاتلىمى قاتارلىقلاردا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى بىلىم قۇرۇلمىسى، نەزەريىۋى چۈشەنچىسى، ئىجتىمائىي جۇغلانمىسى، ئوقۇتۇش سەنئىتى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى تەشكىللەش جاريانىنى مۇھىمى ئۆزى دەرس بېرىۋاتقان سىنىپلارنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلگىنى مۇۋاپىق. شۇنداق بولغاندا ئوقۇتقۇچى دەرس تەييارلىقىنىڭ بىرلىككە كەلگەن بولۇشى، سېستىمىلىشىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، مۇھىمى پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۆزىنىڭ بىلىم جۇغلانمىسى بىلەن ئوقۇتۇش سەنئىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن دەرس تەييارلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىشى، ئوقۇتۇش مېتودىنىڭ ئىندىۋىداللىشىشىغا تولىمۇ پايدىلىق.

    ناۋادا دەرس تەييارلىقىغا سەل قارالسا :

    (1)دەرس تەييارلىقىنىڭ بىر خىل يېزىلىشى پەقەت يازمىچە تەييارلىقنىڭ ھادىسىۋي بىر خىللىقى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر دەرس تەييارلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ خاس ئىجادىي تەپەككۇرى ۋە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى، دەرسلىك ھەم ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلمىسا، ئۇنداقتا دەرس تەييارلىقى پەقەت دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇنقى يول خېتى، سىنىپ ئىچىگە ئېلىپ كىرمىسە بولمايدىغان دەپتەرلا بوپ قالىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى تەشكىللەشتىكى كارتىنىلىق رولىنى جارى قىلدۇرالماي قالىدۇ.

    (2) دەرس تەييارلىقى ئوقۇتۇش پروگراممىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ زىچ بىرلىكىگە ئايلانمىسا،دەرس مەزمۇنى  ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز بىلىمىگە ئايلىنالماي قالىدۇ-دە، ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا تەپەككۇر ھەم ئوقۇتۇش سەنئىتىدە ئەركىنلىك ئالىمىدە تۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپلا چىقىرىپ قالماستىن، مۇھىمى ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي بىلىم قۇرۇلما جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىشى، ئوقۇتۇش مېتودىنىڭ ئىندىۋىدالىققا ئىگە بولالماسلىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    (3) دەرس تەييارلىقى پۈتكۈل ئوقۇتۇش پائالىيتىنىڭ كۆسەتمە ئورگىنالى ۋە يېتەكچىسىگە ئايلىنالمىسا، دەرستىن كېيىنكى تەھلىل ئارقىلىق تەجىربە – ساۋاقلارنى ئىلمىي ئاساستە يەكۈنلىگىلى، ئوقۇتقۇچىنىڭ تىتىملىق دەرس ئۆتۈشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستىلىك دەرسكە ئىشتىراك قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايلا قالماستىن، بىلىم بېرىش بىلەن ئادەم تەربىيلەشنى بىرلەشتۈرۈشمۇ ئېغىزدىكى گەپ بوپ قالىدۇ.

    4. بىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن ھەر سائەتلىك دەرسنىڭ قاتلىمى ئېنىق بولۇشى كېرەك.

    ھەر بىر سائەتلىك دەرسنىڭ مۇھىم ھەم قىيىن نۇقتىلىرىنى بېكىتكەندە ئوقغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرىتقى پائالىيىتى بىلەن دەرسخانا پائالىيىتىنى قانداق بېكىتىشنى ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تەرتىپى ۋە تەدبىرى ھەققىدە ئېنىق پىلان بولۇش كېرەك. ئۇندىن باشقا ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي بىلىم قۇرۇلمىسى ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارغا قايسى مەزمۇنلار بويىچە ئۇچۇر يەتكۈزۈش، قايسى نۇقتىلار بويىچە نەزەرىيەۋى چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،قايسى ئىقتىدار قاتلىمى بويىچە  يېتەكلەش، قايسى مۇھىم نۇقتىنى چىقىش قىلىپ مۇھاكىمىگە يېتەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى ۋە تۇرمۇش قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ قانداق ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش،  دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى ـ پىكىر قىلغۇچىسى، قول سېلىپ ئىشلىگۈچىسىگە ئايلاندۇرۇشنى ياخشى پىلان قىلىش كېرەك.

    دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا دەرس بايلىقىنى بايقاش، قېزىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشكە بولىدۇ، ئەمما دەرس بايلىقىنى ئاساسى دەرسنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    5. بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن مەسىلە قويۇپ يېتەكلەش سوئاللىرى مۇۋاپىق ھەم ۋەزمىنلىك بولۇش بىلەن بىرگە، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمۇ دەرسخانا ئەمەلىيىتى، دەرس سائىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس تاللىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ھەر سائەتلىك دەرسنىڭ  ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇنلىرى، چۈشىنىش قىيىن بولغان نۇقتىلارنىڭ يەتكۈزۈلۈش جەريانى دوسكا لايھىسى شەكلىدە لايھىلىنىشى ھەمدە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا مەزكۈر كۆرسەتمە ئاساسىدا دوسكىدا ئىپادىلىنىشى كېرەك.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us