• 2011-07-18

    دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

    نۆۋەتتە يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قۇيۇلۇپ، ئىدىيە ئازات بولۇپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاش،21-ئەسىرگە لايىق پەن-تېخنىكا بىلىم ئىگىلىرىدىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىش داۋاملىق تۈردە چۇڭقۇر ئىزدىنىش،دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭ باراۋەرلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش يۈكسەك دەرىجىدە تەكىتلىنىۋاتىدۇ.مانا مۇشۇنداق يۇقىرى تەلەپ، پارلاق نىشان ئاستىدا مەن بىر مائارىپچى، خەلق ئوقۇتقۇچىسى،تەربىيلىگۈچى ھەم يىتەكچىلىك قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مائارىپنىڭ بىز ئوقۇتقۇچىلاردىن كۈتكەن تەلىپىنى يۇقىرى سۈپەت، ياخشى ئۈنۈم بىلەن ئادا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۇڭقۇر تۇنۇپ يىتىش بىلەن بىرگە دەۋىرگە لايىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىش ھەم ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىشتا ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاش ھەم ئەلالاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.

    تۈۋەندە مەن ئۈزۈمنىڭ خىزمەت تەجرىبىسىگە شۇنداقلا دەرس ئىسلاھاتىنىڭ نىشان باسقۇچلىرىغا سېلىشتۇرۇپ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك بىر قانچە نوقتىنى تەكىتلەپ ئۆتىمەن.

    ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى نۆۋەتتىكى مائارىپ ئەمەلىيتىگە ماس ھالدا ساغلام بولغان ئوقۇتۇش ئىدىيسىنى يىتىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

    دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ياخشى ھەم ئىلغار بولغان، قىزغىن ھەم جۇشقۇن بولغان دەرسخانا مۇھىتى يارىتىش بىلەن بىرگە ئۈزى بىرىۋاتقان پەننىڭ مەقسىتىنى شۇ پەننىڭ مەزمۇنىنى ئۈزىگە ياخشى ئۆزلەشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ دەرس مەزمۇنىغا چېتىشلىق بولغان باشقا پەنلەرنىمۇ ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ ئۆز بىلىمىگە ئايلاندۇرۇش، قۇشۇمچە ماتىرىياللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، شۇ پەنگە نىسبەتەن نەزىرىيۋى بىلىمى ھەم قوللىنىش دائىرىسىنى چۈشىنىش، چۇڭقۇرلىشىش ئىنتايىن مۇھىم.

    يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋى شۇنداقلا يېڭى دەرس مەزمۇنىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش بىلەن بولغان باغلىنىشى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۇرۇپ دەرس سۆزلىشى، دەرس سۆزلىگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇشغا، ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ تۇنۇش بولغان تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىشقا ئەھمىيەت بىرىش. ئەمەلىي قوللىنىشنى رۇشەن گەۋدىلەندۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقى جەلپ قىلىشقا، قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىشى كىرەك.

    دەرسنىڭ ماھىيتىنى ياخشى ئىگەللەش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجابىي پىكىرى ھەم تەپەككۇرىغا ھۆرمەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇجايىنلىق ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش، داۋاملىق تۈردە ئىلھاملاندۇرۇپ ئالغا ئىلگىرلەشكە يىتەكلىشى كىرەك.

    دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى ئىنتايىن جانلىق ھەم چۈشىنىشلىك بولغان تىل سەنئىتى، شۇنداقلا دەرس مەزمۇنىغا ماس بولغان چىراي ئىپادىسى، جۇشقۇن، روھلۇق بولغان بەدەن ھەرىكىتىنى گەۋدىلەندۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.

    دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ھەم كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىىپ ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ ئوبرازلىق كۆرۈنىشلىك، چۈشىنىشلىك گەۋدىلىنىشكە ياخشى ئاساس سېلىشقا تىرىشىش لازىم.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىرىنى بۇغۇپ قويماستىن ئۇلارنى ئەركىن پىكىر قىلىشقا، قانچىلىك بىلسە شۇنچىلىك ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا ئىلھاملاندۇرىشى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.

    دەرس تەييارلاش ۋە دەرس ئۆتۈشتە ئەستايىدىل بولۇپ، كىتاۋى بىلىملەرگىلا ئېسىلىۋېلىشتىن خالىي بولۇپ، ھەر تەرەپتىن ئىزدىنىش، شەكىلۋازلىق قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كىرەك.ھەر بىر پەننىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رۇلىنى ياخشى چۈشىنىپ، ئۇنى كەڭ ئاممىغا،ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي ھىس قىلدۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلاردا شۇ خىل پەننى ئۈگىنىشكە نىسبەتەن ئىھتىياج تۇيغۇسى شەكىللەندۇرۇپ، بۇئارقىلىق ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ ئۈگىنىش مۇھىتى يارىتىش كىرەك.

    دەرس لاھىيسى تۈزىشتە گۇرۇپپىلار ئارا مۇزاكىرە، مۇلاھىزە قىلىپ ئەڭ ياخشى بولغان دەرس لاھىيسىنى شەكىللەندۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىش، ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىش ئىنتايىن زۆرۈر.

    دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانىدا ئىزاھلاشقا تىگىشلىك تەرەپلەرنى چۇقۇم ئىزاھلاپ مېڭىشقا ئەھمىيەت بىرىش، مۇھىم قىيىن نوقتىلارنى ئېنىق گەۋدىلەندۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.


    收藏到:Del.icio.us