-
2011-07-20
مائارىپىمىزدا بىلىم كرىزىسى - [تەرمىلەر]
مائارىپىمىزدا بىلىم كرىزىسى
ئابدۇقادىر جالالىدىن
كىتاب مېنىڭ دۇنيانى كۆزىتىشتىكى ۋاستەم بولۇپ قالدى. گەرچە بۇ ئۈزۈل – كېسىل ھەم ئەمەلىي كۆزىتىشكە كىرمىسىمۇ، ھەرھالدا ئاز – تولا قىممەتكە ئىگە كۆرۈش بۇلۇڭى بولالايدۇ. پەخەس بولمىغاندا، مەتبۇئات كىشىنى تۇيۇق يولغا، ئۆلۈك پىكىر ئادىتىگە باشلاپ قويىدۇ. ئەمما ۋىجدان، مەسئۇلىيەت ۋە ئۆتكۈر سەزگۈرلۈكىنى يوقاتمىغان ئادەم مەتبۇئاتلار دىن پايدىلىق ئېلېمېنتلارنى قوبۇل قىلالايدۇ، ئۇلارنى تەپەككۇر ۋە ھاياتلىق ھەرىكىتىنىڭ خام ئەشياسى قىلالايدۇ. ھەممە ئىقلىملارنى بىۋاسىتە ئارىلاش، يېڭى ئالامەتلەرنى ئۆز دىتى بىلەن تاسقاش، ئىنسانىيەتنىڭ مۆجىزىلىرىگە كەڭ – كۇشادە نەزەر سېلىشتىن مەھرۇم ھالدا، بىلىم ۋە ئۇچۇر قورۇمىچىلىقىنىڭ ئىسكەنسىجىسىدە روھى قاغجىراۋاتقان ئادەم ئۈچۈن پەقەت كىتابلا كۆزنەكلىك رول ئوينايدۇ. كىتاب مەن بىلەن كۆزىتىش نۇقتىسى ئارىلىقىدىكى بوشلۇقنى سۇبيېكتىپنىڭ تۇمانلىرى بىلەن تولدۇرۇۋەتسىمۇ، ئەقىل ھامان ئۆزىگە تېگىشلىك پائالىيەت مۇھىتى يارىتالايدۇ. ئەقىل كۆزى خىرەلەشمىسىلا، ھەرقانداق شارائىتتا مۆجىزىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. پىكىر قىلىش ئەقىل گىمناستىكىسىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن جەمئىيەتشۇناس ئەمەس، جەمئىيەتنى سىستېمىلىق كۆزىتەلمەيمەن، ئەمما مەندە بىر ئەدەبىياتشۇناستا بولۇشقا تېگىشلىك ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش كۈچى ۋە ھالال يۈرەك بار، يەنە بىر مائارىپچىغا خاس مەسئۇلىيەت ۋە يېنىپ تۇرغان ۋىجدان بار. مانا مۇشۇلار ۋۇجۇدۇمنىڭ كۆلىگە تاش ئېتىپ تىنماي داۋالغۇتۇپ تۇرىدۇ. بەزىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان شىددەتلىك بورانلار مېنى لەرزىگە سالىدۇ.
بۇنداق چاغدا، مەن ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا قولۇمغا قەلەم ئالىمەن، پۈتۈپ چىققانلىرى بەزىدە شېئىر، بەزىدە نەسر، بەزىدە پوبلىستىك ماقالە بولۇپ چىقىدۇ. بۇلار مەن ئۈچۈن بەرىبىر، مەن شۇ ئارقىلىق ئازراق يەڭگىللىسەملا بولغىنى. يېزىپ بولغانلىرىم مەن ئۈچۈن روھىمنىڭ قاسراقلىرى سۈپتىدە ئەينى مەزگىلدىن ئاز – تولا دېرەك بېرەلەيدۇ، خالاس. مېنىڭ يازغانلىرىم پىكىر قىلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ مەھسۇللىرى، ھەرگىزمۇ ئابىدە تىكلەشكە ئۇرۇنۇشنىڭ مەھسۇللىرى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانىيەتىڭ قەھرىمانلارغا چوقۇنۇش دەۋرى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن.
بىز 21 – ئەسىرگە كەتمەن بىلەن كاۋاپداننى كۆتۈرگەن ھالدا كىرىپ كەلدۇق. ئىنتېر تورى ئارقىلىق سېكۇنتىغا 10 مىليون ئۇچۇر ئالىمىشىپ تۇرۇۋاتقان مۇشۇ كۈندە، زىيالىيلىرىمىز ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئايىغى چىقماس يىغىلىشلاردا، چوڭ – كىچىك چاي سورۇنلىرىدا ئۆتكۈزمەكتە. ۋاقىت سېكۇنت بىلەن ئۆلچىنىۋاتقان شارائىتتا، كېۋەزلىكتىكى ئاتا – ئانىلىرىمىز ۋاقىتنى كۈن بىلەن ئۆلچەيدۇ. كۈن بولسا قۇياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. غەربتە ۋاقىت گويا نۇر تېزلىكىدە چاپماقتا، بىزنىڭ بۇ يەردە ۋاقىت توختاپ قالغاندەك، تارىخنىڭ ئۆزىمۇ قىمىرلىماي يېتىۋالغاندەك بىلىنىدۇ.بىزدە ئەسىر ئالىمىشىشقا دائىر يىرىك مۇلاھىزىلەر بولمىدى. كېلەچەكنىڭ قىياس خاراكتېرلىك تەسۋىرىنى سىزىپ بېرىدىغان كىشىلەر غەرب ئىقلىمىلىرىدا شۇنچە كۆپ بولۇشىغا قارىماي، قىزغىن ئېتىبارغا سازاۋەر. ئەكسىچە، بىزدە ئىغىۋاگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار شۇنچە مۆتىۋەر. بۇ بىلىم ئەھلىنىڭ جەمئىيتىمىزدىكى ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ شائىر فۇرقەتنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ: چەرخى كاج رەپتارنىڭ بىر مېۋىسىدىن داغمەن،ئەيشنى نادان سۈرۈپ، دەردىنى دەنا تارتىدۇ.(مەنىسى: پەلەكنىڭ مۇنۇ قىلمىشىدىن داغ–ھەسرەتكە گىرىپتارمەن، زاماننىڭ راھىتىنى نادانلار سۈرۈپ، دەردىنى دانالار تارتىدۇ.) 21- ئەسىر ئەقىل دەۋرى، لېكىن بىز ئۇنىڭغا ھېسسىيات مىللىتى سۈپتىدە كىرىپ كەلدۇق. 21 – ئەسىر رىقابەت دەۋرى، لېكىن بىز ئۇنىڭغا تايىنىشچان مىللەت سۈپىتىدە كىرىپ كەلدۇق. 21 – ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى، لېكىن بىز ئۇنىڭغا بېكىندۈرمە مىللەت سۈپىتىدە كىرىپ كەلدۇق.20- ئەسىردە غەرب ئەقىدىسىنى مەنبە قىلغان قىممەت قاراشلىرىنىڭ قارىمۇ قارشى قۇتۇپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارنى كۆردۇق، بۇ ئۇرۇشلار جاھاننىڭ بارلىق “ئۇنتۇلغان بۇلۇڭ” لىرىغا ئۆز تەسىرىنى ئېلىپ كەلدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىنگلىز يازغۇچىسى كىپلىڭ (1865- 1936): “شەرق دېگەن شەرق، غەرب دېگەن غەرب، ئۇلار مەڭگۈ كېلىشەلمەيدۇ، پەرۋەردىگار ئاسمان بىلەن يەرنى ئۆز ئورنىغا بېكىتىۋەتكەندەك ئۇلار مەڭگۈ ئاشۇنداق تۇرىدۇ” دېگەندە، بۇنىڭغا جاۋابەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھىندىستان شائىرى تاگور (1861- 1941) مۇنداق دېگەنىكەن: “ئادەم دېگەن ئادەم، ماشىنا دېگەن ماشىنا، بۇ ئىككىسى مەڭگۈ سىغىشالمايدۇ”. روشەنكى، غەرب قىممەت قارىشى ماددىنى، شەرق قىممەت قارىشى روھنى نېگىز قىلغان. بىراق 20 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، غەرب مەدەنىيىتى شىددەتلىك پارتلاپ ھە دېسىلا تېشىغا كېڭەيدى. تاگورنىڭ ۋەتىنى بۈگۈنكى كۈندە غەرب قىممەت قارىشىنىڭ زىلزىلىسىدە قالدى. بىزمۇ قەدىمكى شەرقنىڭ چۈشكۈنلەشكەن پېرسوناژى سۈپىتىدە بۇلۇڭ– پۇچقاقلاردا رول ئېلىپ، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرقى بېكەتلىرىگە ئايلاندۇق. غەرب مەدەنىيىتى 20 – ئەسىردە ھە دېسە تېشىغا پارتلىدى، بىز بولساق ئىچىمىزگە پارتلاپ كەلدۇق. غەرب مەدەنىيىتىدىكى پارتلاشنىڭ ئەۋجى يېتىپ كېلىۋاتقان 21 – ئەسىردە مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ قانداق شەكىلدە بولۇشى بىز ئۈچۈن ئەڭ ماھىيەتلىك سوئال. بۇ سوئال خۇددى سىفنىكىسىنىڭ تېپىشىمىقىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش–بېرەلمەسىك ھاياتىمىزغا بېرىپ تاقىلىدۇ.ئارقىدا قالغانلارنىڭ دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلىرى ھەممىدىن كۆپ بولىدۇ. چۈنكى تەرەققىيات ئۆزىنىڭ ئەخلەتلىرىنى ئارقىدا قالغانلارنىڭ دۇنياسىغا تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارقىدا قالغانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچى ۋە تېشىنى پاكلىمىسا بولمايدىغان بىر باسقۇچ كېلىپ چىقىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ باشقىلار زېرىكىپ تاشلىۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ مىراسخورى بولۇپ قېلىشىمىز يۇقىرىقىنىڭ بىر پاكىتى. بۇ خۇددى تېنى ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئادەم ئاسان كېسەل بولغاندەك بىر ئىش. 21 – ئەسىر بىزگە يەنە قانداق مەسىلىلەرنى يۈكلەيدۇ؟بۇ مەسىلىنى ھەممىمىز ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان نۇقتا، كەسىپ، ئارزۇ – يۆنىلىشلەر بويىچە تەتقىق قىلغاندىلا يورۇتۇپ بەرگىلى بولىدۇ. ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ قىرلىرى بولىدۇ، ھەر بىر قىر مەلۇم كەسىپ ۋە بىلىملەر ئاساسىدىكى رېئال ھالەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنى ئەنە شۇ ساھەنىڭ ئادەملىرى يېتەرلىك سەزگۈرلۈك ۋە ئىدراك بىلەن تەھلىل قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە ئىلغار ئىدىيە، جانلىق مېتود كېتىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى زىيالىي قۇرۇلمىمىزدا “ئاڭ فورمىسى زاپچاسلىرى” مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار راستىنى ئېيتقاندا، ئاڭ فورمىسى كۈتكەن ئۈمىدنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان كېرەكسىز “زاپچاسلار” بولۇپ، ئەينى دەۋرلەرنىڭ قالدۇق “تەۋەرۈك”لىرى. مانا بۇ ئىجتىمائىي پەن ئۈچۈن تېگىشلىك بولغان مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ دىئاگىنوزسىز قېلىشىدىكى بىر سەۋەب. پەن – تېخنىكىنى يېتەكچى ئورۇنغا قويغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادنى نېگىز قىلغان ئىجتىمائىي ھالەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلغاندا، بىزدە ھەرخىل ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۆتكۈر پەن – تېخنىكا خادىملىرى يوقنىڭ ئورنىدا. بۇ ئەھۋاللار جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرگە توغرا، ئىلمىي جاۋاب تېپىپ، ئۆزىمىزنى تۈزەشنىڭ قىينچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ئاتوم فىزىكىسى ئاتوم دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئېلېكترون ۋە ئۇچۇر تېخنىكىلىرى ئۇچۇر دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ دەۋرلەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشى دۇنيانىڭ سىياسىي تەرتىپىنى غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. بۇ دەۋرلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن يۇقىرىقى ساھەلەر بويىچە يېتىلگەن ئالىملارنىڭ، باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ، پەيلاسوپلارنىڭ، تارىخچىلارنىڭ، مەدەنىيەتشۇناسلارنىڭ ۋە تۈرلۈك سىياسىي تەھلىلچىلەرنىڭ ماسلاشما ئەمگىكى تەلەپ قىلىنىدۇ. لېكىن بىزدە بۇنداق ئىلمىي قۇرۇلمىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇنداق شارائىتتا، كەلكۈن ئېقىنى نەگە باشلىسا شۇ يەرگە قاراپ ئېقىپ يۈرگەن سەرسان ئالىمدەك ياشاش كېلىپ چىقىدۇ.يېقىندا مەن ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس دانىئىل بىللنىڭ “كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى” ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنزۇچىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ئاپتور 1973 – يىلى يازغان بۇ ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە “كېيىنكى 30 – 50 يىل ئارىلىقىدا كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىمىز” دېگەنىكەن. ئىنسانىيەت دانئىل بىلل بەرگەن بېشارەتنى مانا ئەمدى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەكتە. بىلل كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇنۇ گرافىك ئارقىلىق تەسۋىرلەيدۇ. كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەرمەركىزىي ئوق پرىنسىپى:نەزەرىيىۋى بىلىملەرنىڭ جۇغلىنىشى ۋە كونكرېتلىشىشىئاساسلىق ئورگان: ئىقتىساد ئۇلى: ئاساسلىق مەنبە:سىياسىي مەسىلىلەر:قۇرۇلما مەسىلىسى: ئىجتىمائىي تەبىقە: نەزەرىيە مەسىلىسى: ئىجتىمائىي ئىنكاس:ئالىي مەكتەپلەر ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى تەتقىقات شىركەتلىرى پەننى ئاساس قىلغان سانائەت ئەمگەك كۈچى كاپىتالى پەن سىياسىتى مائارىپ سىياسىتى شەخس بىلەن ئاممىۋى ئورۇنلارنىڭ مۇۋازىنىتىئاساس – تېخنىكا جەريان – مائارىپ”يېڭى تەبىقە”نىڭ ئىچكى جۇغلانما كۈچى بيۇروكراتلىشىشقا قارشى تۇرۇش مەدەنىيەت قارىمۇ قارشىلىقىبىلل يۇقىرىقى گرافىكنى ئىزاھلاپ، كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۇچۇر، بىلىم، تېخنىكا، كەسپىي خادىم، رىقابەت، ئۇچۇر، كېلەچەك قاتارلىق نۇقتىلىق ئىبارىلەرگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كېيىنكى سانائەت دەۋرىدە بىلىم ئەھلى جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق قاتلىمىغا، مائارىپ ۋە بىلىم مۇئەسسەسىلىرى جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىغا ئايلىنىدۇ. “بىلىم ھەممىگە قادىر” دېگەن سۆز “ھوقۇق ھەممىگە قادىر” دېگەن سۆزنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەت يۇقىرىقىلارنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا باشلىدى. كىشىلەر دانىئىل بىلل تەسۋىرلىگەن جەمئىيەتنى “بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى” دەپ قوبۇل قىلىشتى. مانا ھازىر “بىلىم ئىگىلىكى”گە ئائىت ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىك ئوقۇشلۇقلار ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىشخانىسىدىكى كىتاب ئىشكاپىدا ئاز – تولا پەيدا بولدى، ئۇ ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە نۇقتىلىق مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلاندى.دانىئىل بىلل يۇقىرىقى ئەسىردە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىگىلىك تەرەققىياتىنى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەن.ئالدىنقى سانائەت جەمئىيىتى جىسمانىي ئەمگەك ئارقىلىق تەبىئەتتىن خام ئەشيا ئېلىش. مەسىلەن، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، كانچىلىق، بېلىقچىلىق دېگەنلەردەك. ئەنئەنىگە ۋە ئۆتمۈشكە سېغىنىش ئاساسىي ئېقىم. كىشىلەر يەرگە باغلانغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىش دائىرىسى تار مەھەللە ياكى رايون بىلەن چەكلەنگەن بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمى پەسىل، يېغىن، سۇ مەسىلىلىرىگە زىچ چېتىلغان بولىدۇ.سانائەت جەمئىيىتى تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەز قىلىپ تەشكىللەنگەن جەمئىيەت. مەسىلەن، ياساش، ئىش قوشۇش دېگەنلەردەك. بۇ دەۋردە ماشىنا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، تۇرمۇش رىتىمى ماشىنا بىلەن باغلانغان بولىدۇ، ئېنېرگىيە جىسمانىي كۈچنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۆسۈشىگە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ.
بىز يۇقىرىدىكى گرافىكتا كۆرسىتىپ ئۆتكەن جەمئىيەت بولۇپ، كەسپىي خادىملار ۋە تېخنىك خادىملار يېتەكچىلىك ئورنىدا تۇرىدۇ.شائىر نىمشېھىت بىلىم بولسا يەر شارىنىمۇ توپ قىلىپ ئوينىغىلى بولىدۇ، دېگەنىدى. دەرۋەقە، يەر شارىنى كىملەرنىڭ توپ قىلىپ ئويناۋاتقانلىقى بىزگە ئايدىڭ بولۇپ قالدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى بوسۇغىمىزغا كېلىپ قالدى.يۇقىرىقى جەمئىيەت ئەندىزىلىرى ئەمدىلىكتە بىر قىياس ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت بولۇپ قالدى. بىز بۇ ئەمەلىيەتكە قانداق يۈزلىنىشىمىز كېرەك؟رايونىمىز پايانسىز كەتكەن خام ئەشيا بازىسى بولۇپ، دېھقانچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېھقانچىلىق ۋاسىتە جەھەتتە تراكتور قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەندەك قىلسىمۇ، كەتمەن يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ساقلاپ كەلدى. گەرچە ۋاسىتىلەر قىسمەن ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئىگىلىكنىڭ ماھىيىتى ئوتتۇرا ئەسىردە شەكىللەنگەن ئەنئەنىنى مەزمۇن قىلدى. دېھقانلار ئەنئەنىدىن كەلگەن دېھقانچىلىق تەدبىرلىرى ۋە ساۋاتلىرى بويىچە تىرىكچىلىك قىلىدۇ، زامانىۋى جەمئىيەت كىشىلىرىگە خاس ئاڭ ئۇلاردا شەكىللەنمىدى. تېلېۋىزورنىڭ ئۇلارغا بەرگەنلىرى، ناخشا – ئۇسسۇل، ھىندىستاننىڭ بىر خىل قېلىپتىكى ئاشىق – مەشۇق ھېكايىلىرى، ۋۇسۇڭنىڭ ئاجايىپ چامباشچىلىقى بولدى.نەچچە ئەسىرلەر ئىلگىرى ياغاچ ئات، تۆمۈر بېلىق قاتارلىق فانتازىيىلىك خىياللارنى سۈرگەن بۇ خەلق ئۆزىنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك ئازۇرلىرىنىمۇ تونۇماس بولۇپ كەتتى. تەييار ماللارنىڭ بازارلارنى ئىگىلىشى ئارقىسىدا، ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە شەكىللىنىپ، سىستېمىلاشقان قول ھۈنەرۋەنچىلىك شاللىنىش جەريانىدا كېتىپ بارىدۇ.چەت ئەلنىڭ كىيىملىرىنى قاملاشتۇرۇپ كىيىۋالغان، لېكىن، زامانىۋى ئىلىملەردىن خەۋرى يوق ھالدا شاھادەتنامە ئالغان ستۇدېنت يىگىت بىلەن ئۆزىنىڭ چورۇقىنى ئۆزى تىكىپ كىيگەن دېھقاننىڭ روھىنى سېلىشتۇرغاندا قانداق خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىن؟ ئۆزى سالغان كەپە باشقىلار سېلىپ بەرگەن شاھانە قەسىردىن نەچچە ھەسسە ئەلا. چۈنكى ئاشۇ كەپىدە ئىجادكارلىق ۋە ھالال مېھنەت بار. مېھنەت بىر خىل ئالىي ھوقۇق.جەمئىيەت بىلەن مەكتەپ ئەسلىدىلا بىر گەۋدە. ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى بىلىملىرى تەبىئەتتىن، جەمئىيەتتىن كەلگەنىدى. مەكتەپلەر بارغانسېرى ئايرىم بىر قورۇ بولۇپ، جەمئىيەتتىن ئۆزىنى ئايرىم تۇتىدىغان بولدى. مەكتەپتىكى بىلىملەر تەبىئەت ۋە جەمئىيەت بىلىملىرىنىڭ فوكۇس نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتنى ئەۋزەل غايە ۋە ۋاسىتىلەرگە ئىگە قىلىدۇ. مەكتەپلەر بارچە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلارنىڭ غۇرۇرى ۋە نوپۇزلۇق ئورگىنى. ئوقۇتقۇچىلار ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ھەم تەرەققىياتىنىڭ خەۋەرچىلىرى ۋە لايىھىچىلىرى. ئەمما بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز جەمئىيەتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ چاقىرىقلىرىنى ئەڭ كېچىكىپ ئاڭلايدىغان، جەمئىيەتتىكى ئورنىنى دىپلومغا تايىنىپ تىكلىگۈچى جان باقارلارنى تەربىيىلەيدىغان خىلۋەت قولتۇققا ئايلىنىپ قالدى.رايونىمىزدىكى مەۋجۇت ئىگىلىك ئەنئەنە رەۋىشىدە بولغاچقا، مەكتەپلەرگە ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويۇشتىن يىراق. ساۋاتسىز بىر يېزا باشلىقى ياكى كەنت باشلىقى خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان ئەھۋالدا، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ زامانىۋى بىلىملەرگە تەقەززا بولۇپ كېتىشى ناتايىن. باشقا تەرەپلەرنى قويۇپ تۇرغاندىمۇ، ئالىي مەكتەپ تەتقىقات