-
2011-07-18
ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇقۇتقۇچىلار قانداق ساپانى ھازىرلىشى كىرەك - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى پۈتكۈل مائارىپ سېستىمىسىدىكى ئۇل خاراكتىرلىك مائارىپ بۇلۇپ تەربىلەنگۈچىلەرنىڭ دەسلەپكى بىلىم ئاساسى،ئىلىم-پەن كۆزقارىشى،قىممەت قارشى،كىشىلىك تۇرمۇش قارشىنى يىتىلدۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.بۇ باسقۇچتا تەربىلەنگۈچىلەرنى مەكتەپ تەربىيسىگە ماسلاشتۇرۇش ۋە يىتەكلەپ مېڭىشتا زور تىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كىلىدۇ. شۇنداقلام ئۇقۇتقۇچىلاردىن يۇقۇرى بىلىم ساپا ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي يەنە ئۆز كەسپىنى، ئۇقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۈيۈشنى ،ئۇلارغا كۆپرەك كۈيۈنۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىللىرى ئۆزكەسپىنى ياخشى ئىشلەيمەن.ئۇقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق بىلىم ساپاغا ،گۈزەل ئەخلاققا ئىگە ياراملىق ئىز باسار قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىمەن دەيدىكەن چۇقۇم ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىشى كىرەك . مەن 20يىلغا يېقىن ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئىگىلىگەن تەجىربىللىرىمگە ئاساسەن ئۇقۇتقۇچىلار ئۈزىدە تۈۋەندىكىدەك ساپانى يىتىلدۈرسە بۇلدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىقتىم.
1-مائارىپ خىزمىتىگە چۇڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان بۇلۇشى كىرەك
ھەربىر ئادەم ئۈزىنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشقا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغاندا شۇ ئىشتىن زور نەتىجە ھاسىل قىلالايدۇ. بۇلۇپمۇ ئۇقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى شۇغۇللىنىدىغان كەسىپنىڭ ئەھمىيتى ۋە رۇلىنى چۇڭقۇر چۈشۇنىشى،ئۈزىدە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا نىسبەتەن ئىشتىياق باغلىغان بۇلۇشى لازىم ھەم يۈكسەك ئىرادە تۇرغۇزشى، ئۆز خىزمىتىگە نىسبەتەن ئۇلۇغۋار پىلاننى تۈزۇشى ،ۋەتەن خەلىق ئۈچۈن ئۈزىنى بېغىشلاشتەك شەخسىيەتسىز رۇھى بۇلۇشى كىرەك.
2- ئۇقۇتقۇچى يۇقۇرى بولغان كەسپى بىلىمگە ئىگە بۇلۇشى كىرەك
ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىلەيمەن ئۇلارنى مول بىلىمگە ئىگە قىلىمەن دەيدىكەن چۇقۇم ئۈزىدە چۇڭقۇر،ئەتراپلىق كەسپى بىلىم يىتىلدۈرۈش كىرەك. بۇنۇڭ ئۈچۈن ئۆزلىكسىز بىلىم تۇلۇقلاپ تۇرشى،ئۆز كەسپى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىشى،دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى قايتا-قايتا تەھلىل قىلىشى،مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى دەرس مەنبەلىرىنى قېزىپ چىقىرىشى،ئۇقۇتۇش ئۆلچىمىنى ھەرۋاقىت ئۈزىگە ماياك قىلىشى ھەم ئۇنى دەرسخانا ئۇقۇتۇشىنىڭ تەلىپى، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك .شۇنۇڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى پەن دەرسلەرنىڭ باغلىنىشى ئۈستىدە باشقا پەن دەرس ئۇقۇتقۇچىللىرى بىلەن ھەمكارلىششى كىرەك.
3- ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋدۇئاللىقنى بايقاشقا ۋە يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرش لازىم
ھەربىر ئۇقۇغۇچى ئۈزىگە خاس ئىندۇۋدۇئال ئالاھىدىلىككە ئىگە.ئۇقۇغۇچىلاردىكى بۇخىل ئالاھىدىلىكنى ئۇقۇتقۇچى بايقاپ شۇ ئالاھىدىلىككە خاس ئىلھاملاندۇرۇش ۋە قوزغۇتۇش ئېلىپ بارسا ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرىگە ئىشەنچ تۇرغۇزالايدۇ،ھەم ئۈزىنىڭ ئىندىۋدۇئاللىقى ئاساسىدا ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرالايدۇ. شۇڭا ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋدۇئاللىقىنى بايقاشقا ئەھمىيەت بىرىشى ھەم ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە خاس ئىلھاملاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كىرەك.شۇنداقلا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە خاتالىقىنى تۈزتىشكە پۇرسەت يارتىپ بىرىشى كىرەك.
4- ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ماسلىشش ۋە ھەمكارلىششقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم
ئائىلە ئۇقۇغۇچىلار تەربىلىنىدىغان تۈنجى مەكتەپ. ئۇقۇغۇچلار ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىكى باشقا ئەزالار بىلەن ئۇچۇرشش ۋاختى بىر قەدەر ئۇزۇن بۇلىدۇ.بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىنمۇ ئائىلە تەربىيسى ئۇلارنىڭ تەربىلىنىشىگە داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىدۇ ، شۇنۇڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچى ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش ئەھۋالى،پىسخىك ھالىتى،بىلىم-ئىختىدار يىتىلدۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتتە ئۆز-ئارا ماسلىشش ۋە ھەمكارلىششنى ئېلىپ بارغاندا ئاندىن ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىينى قاراتمىلىققا،بىردەكلىككە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ھەم تەربىينىڭ ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۈتەرگىلى بۇلىدۇ.
5- ئۇقۇتقۇچىلار چۇقۇم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى دوستى بۇلۇش لازىم
ئۇقۇتقۇچى يۈكسەك دەرجىدىكى مىھرىبانلىقىنى ئۈزىگە مۇجەسسەملىشى تۇلىمۇ زۈزۈر. مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇقۇغۇچىلار بىلەن ھەرۋاقىت ئىناق ئىتتىپاق،دوستانە ئۆتىشى، ئۇلارغا قېرىنداشلارچە مىھرىبانلىقىنى يەتكۈزىشى،ئەڭ يېقىن دوستىدەك سېردىششى، ئۇلارنىڭ رۇھى ھالىتىنى كۈزتىشى،كۆڭلىدىكى خۇشاللىق ۋە قېيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلىشى،ئۇلار بىلەن دائىم پاراڭلىششىپ ھەقىقى كۈڭۈل بۈلدىغانلىقى ۋە كۈيۈندىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارغا يۇقۇرى تەلەپ قۇيالايدۇ ،ئۇقۇغۇچىمۇ يىتەكلەشكە ماسلىشىپ يۇقۇرى تەلەپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيدۇ.
6-ئۇقۇتقۇچى ئەخلاقى پەزىلەتتە ئۇقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ياخشى ئۈلگە بۇلۇش لازىم
ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن بىرى دوراشقا ھېېرىسمەن بۇلىشدۇر.تۈرلىك ئىش پائالىيەتلەردە كۆرگەن ئىش ھەركەتلىرىنى قىلىپ باققىسى كىلىدۇ.ئۇقۇتقۇچىلار يۇقۇرقى ئالاھىدىلىكنى چۇڭقۇر تەھلىل قىلغان ئاساستا ئۇقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىنى ئۆلچەم قىلىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى- پەزىلەتتە ياخشى ئۈلگىسى بۇلۇش لازىم.
ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقى دېگىنىمىز ، ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغاندا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ھەركەت ئۆلچىمى ۋە ھازىرلاشقا تىگىشلىك پەزىلەتلەرنىڭ يېغىندىسىدۇر. ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئالى جاناپ پەزىلەتكە ئىگە بۇلۇشى بولماسلىقى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇلام قالماي پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجىتمائى تەرەققىياتىغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۇقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ئەخلاقى ئۇقۇتۇش پائالىيتى جەريانىدا ئىپادىلنىپلا قالماي يەنە ئۇنۇڭ باشقا پائالىيەتلىرىدىكى سۆز ۋە ھەركىتىدىمۇ ئىپادىلنىدۇ. شۇڭا ئۇقۇتقۇچى مەكتەپتە،جەمئىيەتتە تۈرلىك ئىش پائالىيەتلەر جەريانىدا ئۈزىنىڭ سۆز ھەركىتى،يۈرۈش تۇرشى،كىشىلەرگە بولغان پۇزۇتسىيەسى ۋە مۇئامىلىسى جەھەتلەردە ئۈزىنىڭ ياخشى بولغان پەزىلىتىنى نامايەن قىلىپ ئۇقۇغۇچىلارنى پائال يۇقۇرى ئۆرلەشكە يىتەكلەيدىغان مەنىۋى كۈچ بۇلۇشى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە دوستلىرىغا ،خوشنىللىرىغا ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئۈلگە بۇلىشى كىرەك
قىسقىسى،ئاساسى مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇقۇتقۇچى ، ئۇقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىلەش ئۈچۈن كەسپى بىلىم جەھەتتىن ئۈزىگە يۇقۇرى تەلەپ قۇيۇپ ،مائارىپ خىزمىتىنى ، ئۇقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۈيۈپ ،گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بۇلۇپ، ئۈزى تەربىلەۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارنى چۇڭقۇر چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بىرىپ ئۇلارنى ھەرقايسى تەرەپلەردىن ماسلاشتۇرۇپ تەربىلەش يىتەكلەشنى ئېلىپ بارسا تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ.