-
2011-07-18
ئوقۇتقۇچىلار ـــ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ئوبرازىنى قانداق تىكلىشى كېرەك؟ - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ئادەمنىڭ ئوبرازى – شۇ ئادەمنىڭ سۈپىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ھەمدە شۇ ئادەمنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنىنىڭ يۇقۇرى- تۆۋەنلىكىنى بەلگۈلەيدىغان مۇھىم نوقتا ھىساپلىنىدۇ. ”ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى“ دىگەن بۇ سۆز دەل بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىنى ئىپادىلەيدىغان ئالى سۈپەت، يۇقۇرى باھا بولۇپ، بىز بۇ سۈپەت ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمىزدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز. لىكىن ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئىيىتقاندا شۇنى چوقۇم ئويلۇنۇش لازىمكى، بىز بۇ سۈپەتكە لايىقمۇ؟ بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى، جەمئىيەتتىكى ئوبرازىمىز قانداق؟ بىز پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى قانچىلىك ئاقلىيالىدۇق؟
مەن ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلدىمكى، ئوبراز دىمەك ھۆرمەت دىگەنلىك بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ۋە جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنداقتا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ۋە جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كىرەك؟
1. بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان كەسپى ساپا بولۇش كېرەك. بەلگۈلۈك كەسپى ساپاسى بولمىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ئىقتىدارىمۇ، بىلىم بىرىش سەنئىتىمۇ ئاجىز بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق، مۇكەممەل ۋە پۇختا بىلىم بىرىش تەلىپىنى تولۇق ئورۇندىيالمايدۇ، بۇ خىل ھالەت ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ياخشى ئوبراز تىكلىشىگە تەبىئى تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ”تىشى پال- پال، ئىچى غال- غال“، ”ئارمانغا چۇشلۇق دارمان يوق“ دىگەندەك نام- ئاتاقلارغىمۇ قىلىشى تەبىئى ئەھۋال. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ۋە جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن چوقۇم ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشى، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئىددىيىسىنى تىكلىشى، ئۆزىنىڭ كەسپى ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم.
2. قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان ئۇنىۋىرسال ساپاغا ئىگە بولۇش لازىم. بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ نام- ئابرويلۇق، يۇقۇرى ئىناۋەتلىك بولۇشى ئۈچۈن يۇقۇرى بولغان كەسپى ساپانىڭ بولۇشى كۇپايە قىلمايدۇ، بىلىم ساپاسى بولۇش بىلەن بىرگە باشقىلارنى قايىل قىلالايدىغان ئوقۇتۇش ماھارىتى، يىتەكلەش ماھارىتى، سۆز ماھارىتى، تەشكىللەش ماھارىتى ۋە باشقا ماھارەتلەرنىمۇ يىتىلدۈرۈشى، ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلىۋاتقان” بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر“ ئوقۇتقۇچى بولۇش تەلىپىگە يەتكەن بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندىلا ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىمۇ، مەكتەپ ئىچى- سىرتىدىمۇ ياخشى ئوبراز تىكلىيەلەيدۇ، يۇقۇرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ.
3. ئوقۇتقۇچىغا خاس گۈزەل ئەخلاق- پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈش لازىم. گۈزەل ئەخلاق ۋە پەزىلەت- ياخشى ئوبراز، يۇقۇرى ئىناۋەتنىڭ ئاساسى. بولۇپمۇ ”ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى“ دەپ تەرىپلىنىدىغان بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئىيىتقاندا، ئوقۇتقۇچىغا خاس گۈزەل ئەخلاقى- پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى پۈتكۈل جەمئىيەت بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ئەخلاقى- پەزىلەتنىڭ ئۈلگىلىرى، ئەخلاقى- پەزىلەتنىڭ تاراتقۇچىلىرى، ئەۋلاتلارغا گۈزەل ئەخلاقى- پەزىلەت ئۆگەتكۈچىلەر دەپ قارايدۇ ۋە بىزگە ئىشىنىدۇ، پەرزەنىتلىرىنى بىزگە خاتىرجەم تاپشۇرىدۇ، بىزدىن زور ئۈمىتلەرنى كۈتىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئوبرازىمىزنى خۇنۇكلاشتۇرىدىغان چاكىنا ئارزۇ- ھەۋەسلەردىن يىراق تۇرىشىمىز، ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا زىت بولغان ئىش- ھەركەتلەردىن خالى بولۇشىمىز، ئۆزىمىزدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىددىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋەتەننى، يۇرىتنى سۆيۈش، قانۇن- ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، خىزمەت ئورنىنى، كەسىپنى قەدىرلەش، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنى مۇستەھكەملەپ، سۆز- ھەركەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولۇشىمىز، ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىشىمىز، يالغان سۆزلەش، سۆز بىلەن ھەركىتى بىردەك بولماسلىقتىن ساقلىنىشىمىز؛ كىيىنىشتە رەتلىك، پاكىز، ئاددى- ساددە بولۇشىمىز، مەكتەپ ئىچى- سىرتىدىكى تاشقى قىياپەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز، ئاياللار قىنىق گىرىم قىلىشتىن، چاكىنا كىيىنىشتىن، ئەرلەر چاچ- ساقال ئۆستۈرۈۋىلىشتىن، رەتسىز كىيىنىشتىن، قالايمىقان سورۇنلاردا يۈرۈشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.
4. ئوقۇتقۇچىدا ئۆزىنى بىغىشلاش روھى بولۇش كېرەك. ھەر قانداق ئىززەت- ھۆرمەت مىھنەتسىز قولغا كەلمەيدۇ، شۇنداقلا مىھنەتسىز ئىرىشكەن ھۆرمەت خۇددى سۇدىكى كۆپۈككە ئوخشاش قەدىرسىز بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىگى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنى تىكلەشتىكى ئاساس، شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچى چوقۇم ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمۈدى بولغان ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەش يولىدا ئۆزىنى بىغىشلاش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى، ئۆزىنىڭ بىلىم بىرىش، ئادەم تەربىيىلەش مەسئۇلىيىتىنى بىجانىدىل ئورۇندىشى، جاپالىق ئەمگىكى ۋە يۈرەك قىنى ئارقىلىق ئۆز ئوبرازىنى تىكلىشى لازىم.
5. ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى لازىم. بۇرۇنقىلار ” ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپىسەن“ دەپ توغرا ئىيىتقان. بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئىيىتقاندا، ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ياخشى ئوبراز تىكلەش ئۈچۈن ئوقوغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش، ئوقوغۇچىلار بىلەن باراۋەرلىك ئاساسىدىكى، ئىناق دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئىنتايىن مۇھىم. مەيلى دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدا بولسۇن، مەيلى تۈرلۈك ئىجتىمائى پائالىيەتلەردە بولسۇن، ئوقۇتقۇچى ئالاھىدە بولۇۋالماسلىقى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى سىرلىقلاشتۇرۇۋەتمەسلىكى، خاتالىق سادىر قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىتلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا قاتتىق ئىھتىياتچان بولۇشى، سۆزگە، سورۇنغا، كەيپىياتقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئۇسۇلدا ئىلمى، ھەققانى بولۇشى، ئوقۇتقۇچىلىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى، ئۇلارنى خالىغانچە ھاقارەتلىمەسلىكى، غۇرۇرىغا تەگمەسلىكى، خالىغانچە تەن جازاسى بەرمەسلىكى، ئۆگەتكۈچى ۋە ئۆگەنگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى نورمال پەرقنى ساقلاش ئاساسىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقانلىق ئالاھىدىلىكىنى، ئۇلاردىمۇ ئۆزىگە خاس غۇرۇر ۋە ئىززەت- ھۆرمەت تۇيغۇسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم.
6. ئوقۇتقۇچى چوقۇم مىھرى- مۇھەببەتلىك بولۇشى لازىم. دۇنيا مىھرى- مۇھەببەت بىلەن گۈزەل. مىھرى- مۇھەببەت ئادەمنى ئادەمگىلا ئەمەس، بەلكى ھايۋانلارنىمۇ ئادەمگە يىقىنلاشتۇرالايدۇ. مىھرى- مۇھەببەت ئارقىلىق ئادەملەر بىلەن ئادەملەر، ئادەملەر بىلەن تەبىئەت، ئادەملەر بىلەن بارلىق جانلىقلار ئىناق، ئىجىل ياشىيالايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئىيىتقاندا، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مىھرى- مۇھەببەتلىك بولۇش- ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ۋە جەمئىيەتتە ياخشى ئوبراز تىكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ دىگەنلىك ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلەپنى بوشاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچى نىمە قىلسا يول قويۇش دىگەنلىك ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىچە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تەلەپچان بولۇش، ھەممىگە ئوخشاش كۆزدە قاراش، ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئىتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇلاردىكى ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاشقا ئەھمىيەت بىرىش، ئادەمگە ۋە ئەھۋالغا قاراپ يىتەكلەشكە ماھىر بولۇش، تەنقىتلەش بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشنى، تەربىيەلەش بىلەن يىتەكلەشنى ماسلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا خۇددى مىھرىبان ئانا، كۆيۈمچان ئاتىلاردەك مۇئامىلە قىلىش، بولۇپمۇ مىيىپ، ئاجىز ، يىتىم، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە مۇئامىلىدە بولۇش، ئۇلارغا ئۆز پەرزەنىتلىرىدەك كۆيۈنۈش، بۇنى نام- ئابروي ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خالىس، ھەقىقى، چىن كۆڭلىدىن قىلىش، ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش لازىم.
7. تۇرلۇك ئىشلاردا ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئۈلگە بولۇشى لازىم. ئوقۇتۇش ۋە تەلىم- تەربىيە ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك تەلەپلەر قويۇلىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇندىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ جەرياندا بىز چوقۇم ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتكەن تەلەپلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ- يوق؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشɉگە پايدىلىقمۇ- يوق؟ شۇ تەلەپلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇنداش ئىقتىدارى قانچىلىك؟ دىگەنلەرنى ئويلىشىمىز، ئوقۇغۇچىلاردىن قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز قىلىشىمىز، تۈرلۈك ئىجتىمائى پائالىيەتلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ئۆلگە بولۇشىمىز، ئوقۇغۇچىلارنى خۇددى كۈچلۈك ماگىنىتتەك ئۆزىمىزگە مايىل قىلىشىمىز، ئۇلارنى ئۇيۇشۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان كوللىكتىپ قىلىپ تەشكىللىشىمىز لازىم.
بىز ئوقۇتقۇچىلار يۇقارقى تەلەپلەرنى تولۇق ئورۇندىيالىساق شۈبھىسىزكى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن ئىلىپ، جەمئىيەتتە يۇقۇرى ئىناۋەتكە سازاۋەر بولۇش بىلەن بىرگە ۋەتەننىڭ لاياقەتلىك پۇقراسى بولالايمىز.