- شەرەپ
- 1884
- توردا
- 495 سائەت
- تەڭگە
- 2500
- تۆھپە
- 2957
- قىزغىنلىق
- 12299
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-2
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- تېما
- 135
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 17145
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 1553
      
- تەڭگە
- 2500
- تۆھپە
- 2957
- قىزغىنلىق
- 12299
- شەرەپ
- 1884
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-2
- تېما
- 135
- جۇغلانما
- 17145
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- يازما
- 1553
|
Apple TV دەپ بىر نەرسە بار. كۆپىنچە دوستلار بىلسە كېرەك. بۇ ئوقەت ئارقىلىق ئايفون، ئايپەد ۋە Mac كومپىيۇتېرلىرىنى سىمسىز ھالەتتە تېلېۋىزۇرغا ئۇلاپ كۆرسىتەلەيمىز. ياكى ئايفوندىكى ئاۋازلىق، سۈرەتلىك نەرسىلەرنى سىمسىزلا تېلېۋىزۇرغا يوللىيالايمىز. iPhone ۋە iPad نىڭ بۇ ئىقتىدارىنى بىز AirPlay دەپ ئاتايمىز.
AirPlay نى قوللايدىغان نۇرغۇن قويغۇچلار بار. بىز بىلىدىغان 优酷,PPTV ۋە QQ قويغۇچ دېگەندەك ناھايىتى كۆپ ساندىكى قويغۇچلار AirPlay نى قوللايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا AirPlay ئارقىلىق ئاۋازلىق ۋە سۈرەتلىك نەرسىلەرنى قوللاپلا قالماستىن AirPlay ئارقىلىق ئويۇن ئوينىغىلىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، تۆۋەندىكى رەسىمگە قارىساق بۇ ئويۇن AirPlay نى قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئايپەدنى بىر كونتروللىغۇچقا ئايلاندۇرىمىزدە، باشقا سۈرەت تېلىۋېزۇردىن چىقىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە تېلېۋىزۇر بىلەن ئايفوننى ئۇلاپ بېرىدىغان Apple TV دەپ بىر قاتتىق دېتال بولىشى كېرەك. لېكىن Apple TV نى 7~8 يۈز يۈەنگە سېتىۋېلىپ يۈرمىسەكمۇ تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئايفوننى ئاۋال كومپىيۇتېرغا، ئاندىن TV غا يوللىيالايمىز.
تۆۋەندە AirPlayer دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قورال چۈشەندۈرۈلگەن فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى.
ئۈستىدىكى بۇ ئامال سىزگە كېرەكمۇ؟ ئۇنداقتا AirPlayer دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قورالنى چۈشۈرۈڭ. چۈشۈرۈش ئادرېسى :
http://dl2.iTools.hk/airplayer/AirPlayer.zip
چۈشۈرۈپ بولۇپ ئاچىمىز. بۇنى قاچىلاش كەتمەيدۇ. پەقەت ئىككى چېكىپلا ئىجرا قىلىمىز. كومپىيۇتېرىمىز بىلەن ئايفون\ئايپەد چوقۇم بىر سىمسىز توردا بولىشى كېرەك. كومپىيۇتېر سىملىق، ئايفون سىمسىز ئۇلانغان بولسىمۇ مەيلى. پەقەت ھەر ئىككى ئۈسكۈنە بىر تال روتېرغا باغلانغان بولىشى كېرەك.
ئاچقاندىن كىيىن بۇ كۆزنەك كۆرىنىدۇ.
بىز ئەمدى ئايفوننىڭ قايتىش Home كونۇپكىسىنى ئىككى بېسىپ، ئاستىدىكى ئىجرا بولىۋاتقان ئەپلەر كۆرىنىدىغان جاينى ئوڭ تەرەپكە سۈرىمىز. قارىساق، ئاۋاز كونترول قىلىدىغان جاينىڭ يېنىدا TV ئېكرانىنىڭ ئاستىدا ئۈستىگە قارىتىلغان ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك بىر نەرسىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. (ئېسىمىزدە بولسۇن، بۇ iOS ۋە Mac سېستىمىسىدا ئايفوننىڭ ئاۋاز ياكى سىن ئۇچۇرلىرىنى باشقا نەرسىگە يوللاشتا ئىشلىتىدىغان ئورتاق بەلگىسى. ئەلۋەتتە، AirPlay مۇ مۇشۇ ئىقتىداردىكى نەرسە بولغاچ بۇ بەلگە كۆرىنىدۇ.)
شۇنى باسساق iPhone ۋە ئۇنىڭ ئاستىدا iTools دەپ ئاخىرىدا سىزنىڭ PC رىڭىزنىڭ ئىسمى قويۇلغان بىر قۇر خەت كۆرىنىدۇ. شۇنى تاللاپ ئاستىدىكى 镜像 نى ئېچىپ قويىمىز. ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ.
ئايپەد ئىشلەتكۈچىلەر تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ
ئەمدى كومپىيۇتېردىكى AirPlayer گە قاراڭ. ئايفونىڭىزنىڭ ئېكرانى كومپىيۇتېر ئېكرانىدا پەيدا بوپتىمۇ؟ ئەمدى سىز خۇددى بىر تال Apple TV سېتىۋالغاندەكلا ئايفون\ئايپەدتىكى ئاۋازلىق، سۈرەتلىك ۋە باشقا ئويۇنلىرىڭىزنى AirPlay ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كومپىيۇتېرىڭىزدىن چىقىرالايسىز. تۆۋەندىكىسى ئايفوننىڭ كومپىيۇتېردىكى AirPlayer گە ئۇلانغاندىكى ھالىتى.

خوش، كومپىيۇتېردىن چىقتى. ئەمدى TV گە قانداق ئۇلايمىز؟ سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزنى بىۋاستە TV گە ئۇلىغىلى بولىدىغان بولسا شۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇلاپ، TV نىڭ ئېكرانىنى قوشۇمچە ئېكران قىلىپ تەڭشەپ، كومپىيۇتېردىكى AirPlayer دېگەن بايىقى دېتالنى قوشۇمچە ئېكران (TV) غا سۆرەپ ئاپىرىپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
بەزى كومپىيۇتېرنىڭ سىنكارتىلىرى HDMI ئېغىزىنى قوللايدۇ. يېڭى تىپتىكى تېلېۋىزۇرلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ساندىكىسى بۇ خىل ئېغىزنى قوللايدۇ. سىز بىر تال HDMI ئېغىزى ئارقىلىقلا كومپىيۇتېرىڭىز بىلەن TV نى ئۇلىيالايسىز. HDMI ئېغىزى ھازىر لەپتوپلاردىمۇ بار بوپ كەتتى.
كومپىيۇتېرنى TV غا ئۇلاشتا تۆۋەندىكى رەسىمدىن پايدىلىنىڭ.
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : شەرەپ + 20
تەڭگە + 8
تۆھپە + 20
قىزغىنلىق + 10
باھا خاتىرىسى
|