بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەھرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-12 23:02
iOS 6.X سېستىمىلىرىنى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قوللانمىسى
بىز ئالما ھەۋەسكارلىرى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتكەن iOS 6.X سېستىمىلىرىنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ئاخىرى ئېلان قىلىندى ، ئاتاقلىق ئالما خاككىرى planetbeing بىلەن pod2g بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ بۇ قېتىملىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى سىناقتىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، ئىلگىرى نەچچە كۈن بۇرۇنلا پۈتۈن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بولغان ئىدى ھەم قىزىقارلىق بولىشى ئۈچۈن ئورگان توربېتىگە (evasi0n.com) تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى يېڭىلىنىۋاتقان پىرسەنت ئارقىلىق چىقىرىپ قويغان ئىدى . بەلكىم كۆپىنچە تورداشلار ماڭا ئوخشاش بۇ پىرسەنتكە ئىشىنىپ راس تەتقىق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالغان بولغىيسىلەر، ئەسلى ئۇ پىرسەنت بەلگىسى پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى ئىپادىلەيدىكەن ئەمەسمۇ . بۇمۇ iDevice لارنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش تارىخىدىكى بىرىنجى قېتىم ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى بېكىتىۋەتكەن قورال ھېساپلىنىدۇ .
بۇ قېتىم خاككېرلار ئېلان قىلغان تۇرمىدىن قاچۇرۇش قورالىغا Evasi0n دەپ ئىسىم قويغان بولۇپ ، تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن ئەۋۋال تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلغايسىلەر :
سەمىمىي ئەسكەرتىش :
1. Evasi0n تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى iOS 6.0.1 , iOS 6.0.2 , iOS 6.1 سېستىمىلىرىنى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرالايدۇ . ماس كېلىدىغان ئەسۋابلار : iPhone 3GS、iPhone 4、iPhone 4S、iPhone 5 iPad 2、iPad 3、iPad 4、iPad mni、iPod Touch 4、iPod Touch 5
2. ئەسۋابىڭىزنى iOS 6.1 گە كۆتۈرۈپ بولغان بولسىڭىز iOS 6.1 سېستىمىسىنىڭ SHSH رىڭىزنى ئىتتىك زاپاسلىۋېلىڭ . Redsn0w دېتالىدىن پايدىلىنىپ زاپاسلىسىڭىز بولىدۇ .
redsn0w 0.9.15b3 دېتالىنى چۈشۈرۈش ئادېرىسى : چۈشۈرۈش
3. ئىنكانقەدەر ئەسۋابىڭىزنى ئورگان تەرەپ سېستىما بولىقىدا بىر يېڭىلىۋېتىپ (قايتا سېستىما يېزىش) سېستىما يېڭى پېتى تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ، ئەسۋابىڭىزغا ئېكران قۇلۇپى سالماڭ ، بار بولسا بىكار قىلىۋېتىڭ ھەم تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىدا تەخىر قىلىپ ساقلاڭ ، ئامال بار كومپىيوتېردىكى iTunes ياكى Xcode دېتاللىرىنى ئاچماڭ .
ئالدىنقى تەييارلىقلار :
1. يەنە شۇ كونا پاراڭ ، تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن ئەسۋابىڭىزدىكى مۇھىم دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى iTunes غا ۋە ياكى iCloud رىڭىزغا زاپاسلىۋېلىڭ . (ئەلۋەتتە ، تۈرمىدىن قاچۇرسىڭىز ماتېرىياللىرىڭىز يوقاپ كەتمەيدۇ ، شۇنداقتىمۇ ئېھتىيات ئۈچۈن زاپاسلاپ قويۇڭ) .
2. كومپىيوتېرىڭىزدىكى iTunes چوقۇم ئەڭ يېڭى بولسۇن . بۇ يەرنى چېكىپ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈڭ !
3. بۇ قېتىملىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ، يەنى Evasi0n نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرلىرىنى مانا بۇ يەردىن ئىسسىقىدا چۈشۈرىۋېلىڭ .
1.5.3 Windows Evasi0n نۇسقىسى : چۈشۈرۈش
Mac Evasi0n 1.5.3 نۇسقىسى : چۈشۈرۈش
خوش قېنى ئەمسە ، گەپنىڭ مېغىزىغا كىلەيلى ! تۆۋەندە مەن iOS 6.X سېستىمىسىنى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي ( بۇ قېتىممۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى ناھايىتى ئوڭاي ) :
تەپسىلىي باسقۇچلار :
1. Evasi0n نى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، باشقۇرغۇچى (管理员模式) ھالىتىدە ئېچىڭ . ئەسۋابىڭىزنى كومپىيوتېرغا ئۇلاڭ .
2. ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك Jailbreak كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ .
3. ئەمدى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۆزلىكىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ .
4. بىر-ئىككى مىنۇتتىن كېيىن Evasi0n دېتالى سىزنىڭ ئەسۋاب ئېكرانىدىكى ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغان Jailbreak ناملىق ئايكوننى بىرنى چېكىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ ، دېگىنىدەك قىلىڭ ، ئاندىن داۋام .
5. يەنە بىر-ئىككى مىنۇت ساقلىسىڭىز رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تۈرمىدىن قاچۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىدۇ . پۈتكۈل جەريان مۇشۇ بەش مىنۇت ئىچىدە پۈتەلەيدۇ .
ئىشلار تامام !
ئۇزۇندىن بېرى خىزمەت ئالدىراش تۈپەيلىدىن مۇنبەرگە تۈزۈك چىقالمىدىم ھەم يازمىلىرىم كەم بولۇپ قالدى ، قېرىنداشلار ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىزلەر . تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە سوئاللار بولسا ، ئىنكاس قالدۇرۇپ سوراڭ ، ھەممىمىز بىرلىكتە مۇنازىرلىشەيلى .
مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلانلارنى چېكىپ قويۇڭ . كۆپ رەھمەت!
|