بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەھرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-20 00:21
iPhone 5 لەرگە تېلېگراف كارتىسىنى تونۇتۇش ئۇسۇلى
بۈگۈن كۆپىنچە تورداشلار قىزىقىدىغان تېما بولغان iPhone 5 لەرگە تېلېگراف كارتىسىنى تونۇتۇش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتەي ...
iPhone 5 بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان ، ئالما شىركىتى يەنە بىر قېتىم ياخشى باھالارغا ئېرىشتى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە يامان باھالارغىمۇ ئېرىشتى . ئەلۋەتتە ، مەيلى ياخشى باھا ياكى يامان باھا بولسۇن ، ھەممىسىنىڭ ئورۇنلۇق تەرەپلىرى بار . ئەنە شۇ ياخشى تەرەپلىرىنىڭ بىرى بولغان iPhone 5 نىڭ ئۇچۇر ئالاقىلىشىش ئۈچۈن سەپلەنگەن قاتتىق دېتال قىسمىنى ئېلىپ ئېيتقاندا ، بىر قىسىم iPhone 5 لەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقىلىشىش تىپى A1428 ئىكەن ، يەنە كۆپ قىسىم iPhone 5 لەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقىلىشىش تىپى A1429 بولۇپ ، بۇ A1429 خىلدىكى iPhone 5 لەر ئۈچ تورنىڭ ھەممىسىنى قوللاشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە (ئۇچۇر ئالاقىلىشىش تىپىنى يانفوننىڭ كەينىدىن تەكشۈرگىلى بولىدۇ ، A1428 بىلەن A1429 نىڭ قالغان تەپسىلاتى، قوللايدىغان دائىرلىرى ۋە پەرقلىرىنى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇيەردە ئۇزۇن چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرماي ، بۇ جەھەتكە قىزىقىدىن تورداشلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ سورىسىڭىز بولىدۇ ) .
ئىلگىرى تورداشلارنىڭ ئىگەللىگەن ئەھۋالى ئاساسىدا شۇنىڭغا ھۆكۈم قىلساق بولىدۇكى ، ئامېرىكا AT&T نەشىرىدىكى iPhone 5 لەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقىلىشىش تىپى بولسا A1428 ، ئامېرىكا Verizon نەشىرىدىكى iPhone 5 لەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقىلىشىش تىپى بولسا A1429 بولىدۇ . دېمەك ، Verizon نەشىرىدىن سىرت ، خوڭكوڭ نەشىرىغا ئوخشاش A1429 تىپىدىكى قۇلۇپسىز iPhone 5 لەر تېلېگراف ئىدارىسى بىلەن توختام تۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ ماھىيەت جەھەتتىن تېلېگراف كارتىسىنى تونۇيدۇ ، پەقەت ئالما شىركىتى ئۇنىڭغا يۇمشاق دېتال ئارقىلىق چەكلىمە بېرىۋەتكەن .
تۆۋەندە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغىنىم دەل مۇشۇ چەكلىمىنى يېشىپ ، قۇلۇپسىز iPhone 5 لەرگە تېلېگراف كارتىسىنى تونۇتۇش ئۇسۇلى .
بىلىشكە ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :
خۇددى يۇقارىدا دېيىلگەنگە ئوخشاش ، بۇ ئۇسۇل پەقەت ئۇچۇر ئالاقىلىشىش تىپى A1429 بولغان iPhone 5 لەرگىلا ماس كېلىدۇ . ئامېرىكا Verizon نەشىرىدىكى iPhone 5 لەرنىڭ تېلېگراف كارتىسىنى تونۇتۇش چەكلىمىسى يوق ، ئەسلىدىنلا قوللايدۇ . بۇنىڭدىن سىرت ، بىزگە نىسبەتەن قۇلۇپسىز بولغان خوڭكوڭ نەشىرىدىكى iPhone 5 لەر ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق نەشىرىدىكى iPhone 5 لەرگىمۇ تېلېگراف كارتىسىنى تونۇتقىلى بولىدۇ ، ئىگەللىشىمچە بۇ ئىككى خىلدىكى قۇلۇپسىز iPhone 5 لەرنىڭ %99 پىرسەنتىنىڭ ئۇچۇر ئالاقىلىشىش تىپى A1429 ئىكەن . شۇڭا قولىڭىزدىكى iPhone 5 مۇشۇ ئىككى خىلدىكى iPhone 5 نىڭ بىرسى بولسا ھەم A1429 بولسا مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە يانفونىڭىزدىمۇ تېلېگراف كارتىسىنى ئىشلىتەلەيسىز . مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن ، ئەڭ مۇھىمى iPhone رىڭىزدىكى مۇھىم ھۆججەت ، سۈرەت ياكى ئۇچۇرلار بولسا دەماللىققا كومپىيوتېرىڭىزدا زاپاسلىۋېلىڭ ، ھەمدە تەپسىلىي باسقۇچلارغا بىر كۆز يۈگۈرىتىپ چىقىڭ .
تەپسىلىي باسقۇچلار:
1. ئەڭ ئالدى بىلەن كومپىيوتېرىڭىزغا iOS 6.0.1 ياكى iOS 6.0.2 نىڭ ئورگان تەرەپ سېستىما بولىقىنى چۈشۈرۈڭ .
iOS 6.0.1 : چۈشۈرۈش iOS 6.0.2 : چۈشۈرۈش
2. يانفونىڭىز چوقۇم ئاكتىپلانغان بولىشى شەرت ، iPhone رىڭىزدىكى كارتىنى ئېلىپ چىقىرىپ ، تېلېگراف كارتىسىنى سېلىڭ . ئاندىن ئۇچۇش شەكلىنى ئىككى قېتىم ئېچىپ يېپىڭ (بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى iPhone نى سېگنال تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ) .
3. سېگنال ئىزدەپ بولغاندىن كېيىن ، كومپىيوتېردا iTunes نى ئېچىڭ (كومپىيوتېرىڭىز چوقۇم تورغا ئۇلانغان بولىشى شەرت ) ، iPhone نى iTunes ئۇلاڭ ، بۇ ۋاقتىدا iPhone رىڭىزدا "无服务" دەپ چىقىۋېلىشى مۇمكىن ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا iPhone رىڭىزدا 228* غا تېلفون قىلىڭ (* بولسا تېلفون ئۇرۇش كۇنۇپكىسى قېشىدىكى يۇلتۇز بەلگىسى ) ، بىر نەچچە سېكۇنت ساقلىسىڭىز iPhone رىڭىزدا "中国电信" دەپ چىقىدۇ ، ئېسىڭىزدە بولسۇن ، تېلفوننى ئۈزۈۋەتمەي تۇرۇڭ .
4. ئەمدى كومپىيوتېردىكى iTunes نىڭ ئىچىدىكى "更新" كۇنۇپكىسىنى سول تەرەپ Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن چېكىڭ ، بۇ جەريان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ، توغرا ، بۇيەردىن iOS 6.0.1 ياكى iOS 6.0.2 نىڭ ئورگان تەرەپ سېستىما بولىقىنى تاللاپ ئاندىن سېستىما يېڭىلايمىز (بۇ باسقۇچنى ئامال بار ئىتتىكرەك مەشغۇلات قىلىڭ ، چۈنكى سېگنال ئۆچۈپ كېتىشى مۇمكىن) .
5. سېستىما يېڭىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، iPhone رىڭىزغا سېگنال كەلسە ، تېلېگراف كارتىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تونۇتقان بولىسىز ، ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى ، لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئاز ئەمەس . مەسىلەن ، Facetime بىلەن iMessage مۇۋاپىقىيەتلىك ئاكتىپلانمىسا iPhone رىڭىزنى قايتا قوزغاتسىڭىز ئاندىن ئاكتىپلىغىلى بولىدۇ .
خۇلاسە :
تېلېگراف كارتىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ، مەيلى تېلفون ئۇرۇش جەھەتتىن بولسۇن ، ياكى مەيلى 3G تورىغا چىقىشتا بولسۇن ، يانفون ھەرجەھەتتە نورمال ئىشلىدى . ئەگەر GSM كارتىنى ياكى WCDMA كارتىنى قايتا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئۇدۇللا كارتا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ ، لېكىن تېلېگراف كارتىسىنى قايتا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز چوقۇم يۇقارقى باسقۇچلارنى قايتىدىن مەشغۇلات قىلىشىڭىز لازىم . نۆۋەتتە ، iOS 6.0.1 ۋە iOS 6.0.2 لار ۋە شۇنداقلا iOS 6.1 Beta4 نىڭ ھەممىسىدە سىناقتىن ئۆتتى ، شۇڭا خاتىرجەم ئىشلىتىڭ .
نەزەرىيىۋى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، A1429 تىپىدىكى iPhone 4S لەرگىمۇ تېلېگراف كارتىسىنى تونۇتقىلى بولىدۇ ، لېكىن مەندە iPhone 4S بولمىغاچقا بۇنى سىناق قىلالمىدىم ، شارائىتى يار بېرىدىغان تورداشلار بولسا ، سىناق قىلىپ نەتىجىسىنى مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس قىلىپ يوللاپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
تامام !
مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلانلارنى چېكىپ قويۇڭ . كۆپ رەھمەت! |