پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتىدىغان جۇڭگولۇقلار

ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتىدىغان جۇڭگولۇقلار

چېن زىجىيەن

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

دۆلىتىمىز جۇڭگو ھەممىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان دۆلەت، ئەمما بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، مىللىتىمىز ھاقارەتلىنىشكە، تاجاۋۇز قىلىشقا ئەڭ باب كېلىدىغان مىللەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

كوڭزىنىڭ « كىچىك ئىشلاردا سەۋر- تاقەتلىك بولمىساڭ، ئۇلۇغۋار پىلان بۇزۇلىدۇ» دېگەن گېپى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان. چۈنكى ئۇ كىشىلەرگە: «كىچىك ئىشلاردا سەۋر- تاقەتلىك بول. ھوقۇقۇڭ باراۋەر بولسىمۇ، لېكىن چوڭ پىلانىڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ كىچىك ئىشلارنى كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋەت» دەپ نەسىھەت قىلاتتى. مۇبادا قارشى تەرەپ سىزنى ئۇلۇغۋار پىلانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى قويمىسا، ئۇ ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس. ئەگەر سىزدە ئادىمىيلىك قېنىلا بولىدىكەن، بۇنىڭغا سەۋر- تاقەت قىلىپ تۇرالمايسىز. كوڭزى بۇنداق دىگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ ھەمىشە غەزەبتىن ساقاللىرى تىتىرەپ كېتەتتى. ئالايلۇق، ئۇ لۇ دۆلىتىدە دەۋران سۈرۈۋاتقان لى شى تۆرىنىڭ ئۆيىدە پەقەت تەڭرىقۇتلا ھۇزۇرلىنىشقا مۇناسىپ كېلىدىغان نەغمە- ناۋا ۋە ئۇسسۇلىدىن ئۆزى يالغۇز ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا: «بۇنىڭغا چىداش كېرەكتە! بۇنىڭغا چىدىماي نە چارە!» دېگەن. يەنە بىر قېتىم چى دۆلىتى لى شىغا بىرنەغمىچى ئايالنى تارتۇق قىلغان. لى خېڭزى بۇ ئايال بىلەن ئەيىش- ئىشرەت قىلىش بىلەن ئەس- ھوشىنى يوقىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئۈچ كۈن كارى بولمىغان. نەزىر- چىراغ قىلغاندا، نەزىر گۆشىدىن كۇڭزىغىمۇ بىر ئۈلۈش ئاپىرىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغان. بۇنىڭدىن كۇڭزىنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلەپ، پېشىنى قېقىپ چىقىپ كەتكەن، ھەتتا قىلىۋاتقان ئەمەلدارلىقىنىمۇ چۆرۈپ تاشلىغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، كۇڭزىنىڭمۇ تېخى پىشمىغان تەرەپلىرى بار.

بەش دەۋر ۋاقتىدا، فېڭ داۋ كوڭزىنى ئۆزىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىق يېتىلدۈرۈشكە سەرپ قىلغان ۋاقتىنى كوڭزىنىڭكىدىن ئۇزۇن دەپ قارىغان. ئۇنىڭغا ۋەزىرلىك پەرمانى چۈشكەندە، بىر كىشى كوچىدا بىر ئېشەكنى يېتىلەپ ماڭغان. ئۇ لاتىغا « فېڭ داۋ» دېگەن خەتنى يېزىپ، ئېشەكنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويغان. بۇ ئېنىقكى ئۇنى مەسخىرە قىلغانلىق ئىدى. ئۇ بۇنى كۆرۈپ قىلچە پەرۋا قىلمىغان. بىر دوستى ئۇنىڭغا: «بۇ ئىشقا قۇلىقىڭنى يوپۇرۇۋېلىپ يۈرۈۋەرمە» دېگەندە، ئۇ: «جاھاندا ئوخشاش ئىسىملىكلەر دېگەن كۈرمىڭ. فېڭ داۋ ئىسىملىك ئادەم يالغۇز مەنلا ئىدىممۇ؟ خەقلەر بىرەر ئېشەكنى تېپىۋالغان بولسا، ئېشەكنىڭ ئىگىسى تېپىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغاندۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

كونىلاردا: «ۋەزىرلەرنىڭ قورسىقىدا كېمە قاتنايدۇ» دەپ گەپ بار. قورسىقى تار بولسا، ھېچنىمىگە سەۋر- تاقەت قىلالمايدۇ. ئۇنداق ئادەم ۋەزىر بۇلۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لۇشىدى ئىسىملىك بىر ۋەزىر بولغان. ئۇ ئۆزى ئىنىسىنى دەي ئايمىقىنىڭ تۇتۇق بەگلىكىگە تەيىنلىگەن. ئىنىسى ماڭار چېغىدا، ئۇ ئىنىسىگە تاپىلاپ: «مېنىڭ قۇربىتىم چەكلىك بۇلۇپ قالدى، مۇشۇ يەردە ۋەزىرلىك ئورنىنى ئىگىلەپ تۇراي. سەن ھالا بۈگۈن بىر ئايماقنىڭ تۇتۇقبېگى بولدۇڭ، جەمەتىمىزنىڭ شۆھرىتى زىيادە، بۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقى قوزغالماي قالمايدۇ. شۇنداق ئىشقا دۇچ كەلسەڭ قانداق قىلىسەن؟» دېگەن. ئىنىسى: «بۈگۈندىن ئېتىبارەن بىراۋ يۈزۈمگە تۈكۈرسە، مەن غىڭ- پىڭ قىلماي يۈزۈمدىكى تۈكۈرۈكنى سۈرتۈۋېتىمەن. بۇنداق قىلسام، ئاغامغا باش ئاغرىقى تېپىپ بەرمىگەن بولمامدىمەن؟» دېگەن. لۇشىدى: «بۇ دەل مېنىڭ بېشىم ئەڭ قاتىدىغان ئىش. بىراۋنىڭ يۈزۈڭگە تۈكۈرگەنلىكى ساڭا ئاچچىقى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىراۋ يۈزۈڭگە تۈكۈرسە ھەرگىز سۈرتمە، تۈكۈرۈك ئۆزلۈكىدىن قۇرۇپ كەتسۇن. سەن نېمىشقا بۇ ئىشنى كۈلكىگە زورلاپ ئۆتكۈزۈۋەتمەيسەن؟» دېگەن. ئىنىسى: «ئاغامنىڭ يوليورۇقىنى جېنىم بىلەن بەجا كەلتۈرىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. مانا بۇ لۇشىدىنىڭ «يۈزدىكى تۈكۈرۈك ئۆزلۈكىدىن قۇرۇپ كېتىدۇ» دېگەن ھېكايىسىدۇر. بۇ ھېكايە ئەمەل- مەنسەپ ئۈچۈن ھەرقانداق خورلۇققا چىداشتىن ئايانماسلىق پىسخىكىسىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن.

مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ زىيالىي بەي شا تەقسىر سەۋر- تاقەت توغرىسىدىكى مۇنداق ھېكمەتلەرنى قالدۇرغان: « تەمە- غەزەبنىڭ مەنبەسى. غەزەب ئوتى لاۋۇلدىغاندا ئۇنى سەۋر- تاقەت بىلەن بېسىش كېرەك. سەۋر- تاقەت قىلغانسېرى كىشى شۇنچە قەيسەرلىشىدۇ. كىشى قانچە سەۋر- تاقەت بولسا، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە شۇنچە سازاۋەر بۇلىدۇ. چوڭ ئىشلارغا پۇتلاشمىسا، سەۋر- تاقەت قىلغاننىڭ زىيىنى يوق. ئەگەر كىشى سەۋر- تاقەتلىك بولمىسا، مەغلۇبىيەتكە قاراپ يول ئالىدۇ!» ئۇ سەۋر- تاقەت قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولماقچى بولغان. ئەپسۇس، ئۇ لۇشىدى، فېڭ داۋ قاتارلىقلارغا ئوخشاش ۋەزىر بولۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن دۆلەت باشقۇرۇپ باقمىغان. پەقەت سەۋرچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇشنىلا ئۆگەنگەن. ئائىلدىن دۆلەتكىچە «سەۋرچانلىق» دېگەن بۇ سۆزدىن ئايرىلالمايدۇ. سەۋر- تاقەت قىلىشتا جۇڭگولۇقلارنى دۇنيادىكى ئەڭ سەۋرچان مىللەت دېيىشكە بۇلىدۇ.

سەۋرچانلىقنى بىزنىڭ بىردىنبىر دۆلەت گۆھىرىمىز دىيىشكە بۇلىدۇ. سەۋرچانلىق پەلسەپىسىنى تەرىقەتچىلەر ئەڭ بۇرۇن ئىجاد قىلغان، ئۇ تېخى پاتنېت ھوقوقىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىنمىدى. لاۋزىنىڭ مۇنازىرىلەشمەسلىك مەسلىكى دەل ئۇنىڭ سەۋر- تاقەت قىلالايدىغانلىقىدا. ئۇ: «دۇنيادا مۇنازىرىلەشكۈدەك ھېچنىمە يوق» دېگەن. بۇنى ئۇنىڭ نەيرىڭى دېيىشكە بولىدۇ. تەرىقەتچىلەر ھەمىشە خۇاڭدىنى لاۋزى بىلەن تەڭ ئورۇندا قۇيۇپ، «خۇاڭدى- لاۋزى ئىلىمى» دەپ ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ توغرا ئەمەس. خۇاڭدى دۆلەت قۇرۇشتا ھەممىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇرۇشخۇمارلىق ئارقىلىقلا ھەممىدىن غالىب كەلگەن. ئۇ چى يوۋنى قوغلىۋېتىپ، ياتلارنى يوقىتىپ بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئىچكى ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ، قالتىس بىر مەملىكەت قۇرغان. لاۋزى ئۇرۇش قىلىشنى ئەمەس، مۇلايىم، ئاجىز بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ مۇشۇ تەشەببۇسى بىلەن خۇاڭدىنىڭ كوڭزىچە ئىلىم ئىدىيىسى سىستېمىسىغا ۋارىسلىق قىلمايلا قالماستىن، ھەتتا خۇاڭدىنىڭ ئەۋلادى بۇلۇشقىمۇ مۇناسىپ كەلمەيدۇ.

بۇددا دىنى پەلسەپىسى جۇڭگوغا تارقالغاندىن باشلاپ لاۋزىنىڭ پەلسەپىسى يەنە بىر ياردەمچىگە ئېرىشتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ساكيامونى ھەزرەتلىرى لۇبىلىق ئەۋلىيا بۇلۇپ، ھەمىشە بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا مىدىر- سىدىر قىلماستىن ئستىقامەتتە ئولتۇرىدىكەن. بىر كۈنى بىر قۇش ئۇچۇپ كېلىپ ئۇنى ياغاچ ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ بېشىغا تۇخۇم تۇغۇپ قويۇپتۇ. ئۇ ئىستىقامەتتىن پارىغ بولۇپ، بېشىدا قۇش تۇخۇمىنىڭ بارلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇ، ئەگەر ئورنۇمدىن تۇرسام قۇش ئىككىنچىلەپ بېشىمغا قونمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇشنىڭ تۇخۇمى سېسىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلاپ، تاكى تۇخۇمدىن چۈجە چىقىپ ئۇچۇرما بولغۇچە يەنە ئىستىقامەتتە ئولتۇرۇپتۇ. بۇ ھېكايىنىڭ راست بۇلۇشى ناتايىن بولسىمۇ، لېكىن بۇددا دىنى تەرغىپ قىلىدىغان سەۋر- تاقەتلىك بولۇش بىزنىڭ تەرىقەتچىلەرنىڭ تەشەببۇسىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئالتە سۇلالە دەۋرىدىكى تەرىقەتچى بۇددىستلارنىڭ ئىدىيىسى بەك كۈچلۈك ئىدى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە جۇڭگو مىللەتلىرىنى ئەڭ پالاكەت باسقانىدى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كوڭزى ئىدىيىسى ئەڭ يۇقىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى تەرىقەتچىلەر بېشىغا كوڭزىچىلارنىڭ قالپىقىنى، ئۈستىگە بولسا بۇددىست تەرىقەتچىلىرىنىڭ ئىچ كىيىمىنى كىيگەن. ئۇلار مۇنازىرىگە ماھىر ئىدى، ئەمما ئەمەلىي ماھارىتى يوق ئىدى. «مۇنازىرە تۈگىگۈچە لەشكەرلەر دەريادىن ئۆتۈپ بوپتۇ» دېگەن بۇ ماقال قەدىمدىكى مەشھۇر قارا يۇمۇر بولۇپ قالغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەرىقەتشۇناسلىق ئوتتۇرا گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان. ئاتالمىش كوڭزىچىلار ئېقىمى يەنىلا بۇددىزم ۋە تەرىقەتچىلەرنىڭ « مېلىنى» ساتاتتى، يەنى ئۇ پاسسىپ پەلسەپە، ھورۇنلۇق پەلسەپىسى، بىر ئىزدا توختاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان پەلسەپە ئىدى. گەرچە ۋاڭ ياڭمىڭ كېرەكسىز تالىپ سانالسىمۇ، لېكىن ۋاڭ ئىلىمىنىڭ ئاخىرقى ئېقىمى تەلۋىلەرچە ئىستىقامەتتە ئولتۇرۇشقا يۈز تۇتقان. مىڭ سۇلالىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو مىللىتىنى يەنە 300 يىل پالاكەت باستى. مەن 2000 يىلدىن بېرى يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ پالاكەت باسقانلىق مەسئۇلىيىتىنى بىراقلا كوڭزى تەرىقەتچىلىرىگە ئىتتىرىپ قويماقچى ئەمەس بولساممۇ، لېكىن بۇ ئۈچ مەزھەپنىڭ ئىدىيىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ قان- قېنىغا سىڭىپ كەتكەن. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن ئۈچ مەزھەپ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سەۋرچانلىق تېخىمۇ ئۇچىغا چىقىپ، بارا- بارا يىمىرىلمەس مىللىيلىككە ئايلانغان. شۇ ۋەجىدىن جۇڭگولۇقلار دۇنيادىكى ئەڭ سەۋرچان، ھاقارەتلىنىشكە ۋە تاجاۋۇز قىلىنىشقا ئەڭ مۇناسىپ كېلىدىغان مىللەت بولۇپ قالغان.

موزىچىلارغا تەۋە دەپ قارىلىدىغان بىر پەيلاسوپ: «ھاقارەتلىنىشكە پىسەنت قىلمايدىغانلار دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسىدۇر» دېگەن. ھەممىگە سەۋر- تاقەت قىلىپ تىنىچ- ئەمىنلىكنى تەشەببۇس قىلىش نەقەدەر ئۇلۇغ تىنىچلىقپەرۋەرلىك- ھە! ئېسىمدە قېلىشىچە، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كوڭزىچى جاڭ پېيرېننىڭ «خۇشپۇراق ھۇجرىدىكى پاراڭلار» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق بىر ئابزاس گەپ بار:

سەۋر- تاقەت- دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گۆھەردۇر. مەسىلەن، كىشىلەر بىلەن ھەق- ناھەق ئۈستىدە تالاشقاندا، سەۋر- تاقەت دېگەن بۇ گەپكە ئەھمىيەت بېرىلسە، قانچە ئېغىز گەپ ئاز دېيىلەر- ھە! نازىنىنلار بىلەن تۆشەكتە بىللە ياتقاندا، شەھۋەت دۇلدۇلىنىڭ چۇلۋۇرىنى چىڭ تارتىپ سەۋر- تاقەت قىلغاندا، قانچىلىك زېھىن خوراپ كەتمەس… ئومۇمەن پانىي ئالەمدە نۇرغۇن ئىشلار بولىدۇ، شۇ نۇرغۇن ئىشلارغا تۇشلۇق ھەرخىل ئوي- خىياللار بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغدا سەۋر- تاقەت بىلەن ئىش كۆرمەك ۋاجىپتۇر. يەنە مىسال، ئات مېڭىشتىن توختىۋېلىپ راھەتلىنىشنى ئىستىسە، ئۇنىڭغا قامچا ئۇرماق لازىمدۇر. بۇنداقتا قانچىلىك ئىش قىسقىرار- ھە! ئەمما سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن، دەيدۇ. بۇ يەنە رايىشلىق دېگەن سۆز بىلەن مەنىداشتۇر. رايىشلىق بىلەن سەۋر- تاقەت بىللە كەلسە، سۇنى پىچاق بىلەن كەسكەندەك ھېچقانداق زەرەرسىز ئىش بولىدۇ. رايىشلارنى خالايىق گالۋاڭلىق دەپ قارىسا، مەن ئۇنى باھار شامىلىنىڭ ئىللىقلىقىغا ئوخشىتىمەن. خالايىق، ئۇنىڭغا غەزەپ- نەپرەت ئوقلىرىنى ئاتسا، مەن ئۇنى تىنىچ- ئەمىنلىك، رايىشلىق دەپ قارايمەن.

بۇمۇ سەۋر- تاقەت بىلەن رايىشلىقنى بىر- بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەتتۇر. شۇڭا جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ جاھاندىكى ھەممە ئىشقا سەۋر- تاقەت قىلىدىغان، شۇنداقلا دۇنيادىكى تىنىچلىقنى ئەڭ سۆيىدىغان ئۇلۇغ مىللەت ئىكەنلىكى بىكار ئەمەس.

چېن زىجەننىڭ «سەۋر- تاقەت ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىدىن

[تەقرىز]

جۇڭگولۇقلار دۇنيا بويىچە ئەڭ سەۋرچان، سەۋر- تاقەت قىلىشقا ئەڭ ماھىر. ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى چوڭ سەۋەبى بار: بىرى، نەچچە مىڭ يىللىق پادىشاھلىق ھوقوق مۇستەبىتلىكىگە كىم ھۆتۆت- پۆتۆت قىلالايدۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭغا سەۋر قىلمىسا، كاللا كېتىدىغان گەپ. «ھورۇن تاپلارچە ياشاش گاڭگۇڭلارچە ئۆلۈشتىن ئەۋزەل.» بۇنىڭغا چىداش كېرەك. بىر ئۆلىما شۇنداق دېگەن: «ھۇزۇرلانغىلى بولمايدىغان بەخىت بار بولسىمۇ، چىدىغىلى بولمايدىغان ئازاب يوق.» يەنە بىرى، كوڭزى ئىدىيىسى ـ پادىشاھلىق ھوقوق مۇستەبىتلىكنىڭ روھىي كىشىنىدۇر. ئۇنىڭ يادروسى دەرىجە+ ئىتائەت قىلىش، يەنى ئاۋام- پۇقرا پادىشاھقا باش ئۇرىدۇ، بالا ئاتىغا باش ئۇرىدۇ، ئايال ئەرگە باش ئۇرىدۇ. شۇڭا جۇڭگو پەرزەنتىلىرىنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ بىرىنچى بولۇپ ئۆگىنىدىغىنى سەۋر- تاقەت قىلىش بىلەن ئىتائەت قىلىشتۇر. ئۇ پەرزەنت ئاتا بولغاندىلا ئاندىن ئۆز پەرزەنتىنى ئىتائەت قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل ئۆز ھەيۋىسىنى كۆرسىتىۋالىدۇ. بۇ خۇددى «نەچچە يىل ئېرىنىڭ دەشنىمىنى ئىشىتىپ، دەردىنى تارتىپ مىڭ بالالىقتا قېينىئاپا بولغۇچى ئايال» نىڭ كېلىنىگە تېخىمۇ قاتتىق زۇلۇم سالغانلىقىدەك، ئۆزىنىڭ ئايال ۋاقتىدا تارتقان دەرد- ئەلىمىنى كېلىنىدىن ئالماقچى بولغاندەك بىر ئىش. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، ئۇزۇن مەزگىل سەۋر- تاقەت قىلىپ ياشاش پىسخىك نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنى جىمى پۇرسەتلەرنى ئۆزىدىنمۇ ئاجىز، بىقۇۋۇل ئادەملەردىن ئىزدەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. زالىم پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشايدىغان خەلق تېخىمۇ رەھىم- شەپقەتسىز بولىدۇ. زالىم ئاتا تەربىيىسىدە چوڭ بولغان بالا تېخىمۇ قاتتىق قول بولىدۇ.

بۇ ماقالە «جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد» ناملىق كىتابىتىن تەرجىمە قىلىنغان

مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10368

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-02
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: