پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

گۇگۇلنىڭ روھى چاپلاشقان پويىز

گۇگۇلنىڭ روھى چاپلاشقان پويىز

 زىۋېي جۇجىن

 تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇنئاي ئابلەت

تونىل ئاغزىدا غايىپ بولۇش

1931-يىلى، روسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى گۇگۇلنىڭ جەسەت سۆڭىكىنى يۆتكەپ باشقا جايغا قايتا دەپنە قىلىش جەريانىدا، ئېھتىياتسىزلىقتىن باش سۆڭىكى يوقاپ كىتىدۇ. نۇرغۇنللىغان ئەگرى – توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ بىر تۇققىنى ئۇ باش سۆڭەكنى تېپىپ چىقىپ ئەينى چاغدا شۇ يەردە ئورۇنلىشىپ مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان ئىتالىيەگە ئېلىپ كىلىدۇ. 1933- يىلى باھاردا، گۇگۇلنىڭ بۇ  تۇققىنى باش سۆڭەك قاچىلانغان ساندۇقچىنى بىر ئىتالىيە ئوفىتسېرىگە بېرىپ، ئۇنى ئاپىرىپ روسىيەدىكى بىر ئادۋۇكاتقا تاپشۇرۇپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىدۇ.ئىتالىيەلىك بۇ ئوفىتسېر ئىنىسى تونى ۋە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە سەپەرگە ئاتلىنىدۇ.

سەككىز ياشلىق تونى پويىزدا ھاياتىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىمەنە چاقچاق قىلىدۇ. ئۇ باش سۆڭەك قاچىلانغان ساندۇقنى ئوغۇرلاپ كىلىپ، پويىز تونىلدىن ئۆتكەن چاغدا ئۇنى شىرەگە تىزىپ قويۇپ، پويىز يورۇققا چىققاندىن كىيىن كۆپچىلىكنى بىر قورقۇتۇپ قويماقچى بولىدۇ.

پويىز تونىلغا كىرىشكە يەنە ئون نەچچە مىتىر قالغان چاغدا، تونى تۇيۇقسىزدىن يۈرىكى سىقىلغاندەك بولىدۇ. ئاكىسى ۋە دوستلىرىنىڭمۇ چىرايى تاتىرىپ، كۆزلىرى قورقۇنچقا تولىدۇ.

تونى بارغانسىرى يېقىنلاپ كىلىۋاتقان قاپ – قاراڭغۇ تونىلغا قاراپ، خۇددى غايەت زور بىر مەخلۇق قانغا تولغا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئۇنى يۇتۇۋەتمەكچى بولغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالىدۇ. نىمىشقىكىن، دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ قەلبىدىن شۇنداق بىر سادا كىلىپ ئۇنى ئالدىرىتىدۇ: چاققان بۇ يەردىن كەت، تېز ماڭ !  شۇنىڭ بىلەن ئۇ چاققانلىق بىلەن ئىچىدىن قېچىپ چىقىپ، ۋاگۇننىڭ تۇتاشقان جايىغا كىلىۋالىدۇ ۋە پويىز سۈرئىتىنى ئاستىلاتقان دەقىقە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تىترىگەن ھالدا پويىزدىن سەكرەيدۇ.

كىيىۋالغان كىيىملىرى قېلىن بولغاچقىمىكىن، پويىزدىن سەكرىگەندە تونى بەختىگە يارىشا يارىلانمايدۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغاندا پويىز ئەمدىلا تونىل ئاغزىغا كىلىپ قالغان ئىدى، دەل شۇ چاغدا بىر توپ قويۇق ئاق تۇمان پويىزنى ئورىۋالىدۇ. بىر نەچچە دەقىقە ئۆتكەندىن كىيىن، ئەتراپ تىمتاس جىمجىتلىققا چۆكىدۇ، پويىزنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىمۇ تۇيۇقسىزدىن يوقاپ كىتىدۇ. ئۇ سەل غەيرەتكە كىلىپ يۈگىرەپ بارغىنىچە تونىلنىڭ ئىچىگە قارايدۇ، ئاق تۇمان ئاللىقاچان تارقاپ كەتكەن بولۇپ، تونىلنىڭ ئىچى قۇپقۇرۇق، پويىزمۇ كۆرۈنمەيتتى.

شۇ چاغدا تونىغا ئوخشاشلا يۈرىگىنىڭ تۇيۇقسىز سېلىپ كىتىشى سەۋەپلىك پويىزدىن سەكرەپ چۈشۈۋالغان ياش قىزچاق ئالدىغا يۈگىرەپ كەلگەندىلا، ئاندىن تونى ئۆزىنىڭ چۈش كۆرمەيۋاتقانلىقىنى بىلىپ يىتىدۇ. ئىككەيلەن ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىن، ئاندىن ساقچى ئىدارىسىغا كىلىپ بولغان ئەھۋالنى  مەلۇم قىلىدۇ. ساقچىلار بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي ئۇلارنى باشلاپ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا قايتا كىلىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر نەچچە كىلومىتىر نېرىسىدا كىلەركى بىكەتنىڭ بارلىقىنى، ئەمما پويىزنىڭ ئۇ يەردىن ئۆتمىگەنلىكىنى ئېنىقلايدۇ. ساقچىلار تونىلنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەردە ھېچقانداق ئىزنىڭ يوقلۇقىنى، ھەتتا كۆمۈر كۆيدۈرگەندە قېلىپ قالىدىغان بىرەر تال كۆمۈر ئۇۋىقىنىڭمۇ يوقلۇقىنى بايقايدۇ. شۇنداق قىلىپ پويىزدىكى 104 نەپەر يولۇچىنىڭ ھەممىسى پويىز بىلەن تەڭ ئاشۇنداق ئاساسىزلا يوقاپ كىتىدۇ.

خەلق ئارىسىدا شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر خىل گەپلەر ئېقىپ يۈرىدۇ. بەزىلەر: ئۇلۇغ ئۇستاز گۇگۇل ئۆزىنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ ئوغۇرلانغىنىدىن نارازى بولۇپ، ئۇ دۇنيادىن قايتىپ كىلىپ ئۆزىنىڭ باش سۆڭىكى ۋە پۈتۈن پويىزنى قوشۇپ ئېلىپ كەتكەن دىيىشىدۇ؛ يەنە بەزىلەر بۇ تونىلدا جىن بار ئىكەن….دىگەندەك گەپلەرنى قىلىشىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ تونىل تاقىلىپ پويىزنىڭ مېڭىشى چەكلىنىدۇ.

ياش قىزنى بىر تۇققىنى ئىتالىيەگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كىتىدۇ. ئەمما تونى يۈز بەرگەن ئىشلارغا تەن بەرگۈسى كەلمەي،  سۆۋىت ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قالىدۇ. ئاكىسى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىسى بولغاچقا، ئۇ پۈتۈن ئۆمرۈم كەتسىمۇ پويىز يوقاپ كىتىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىمەن دىگەن قارارغا كىلىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئىجتىھات بىلەن مەكتەپتە  ئوقۇيدۇ، تىرىشىپ پۇل تاپىدۇ، بىكار ۋاقىتلىرىدا دائىم ھېلىقى تاقىۋىتىلگەن تونىلنىڭ قېشىغا بېرىپ ئاكىسىنىڭ روھىنى يوقلاپ تۇرىدۇ.

پەيدا بولۇشى ۋە يوقاپ كىتىشى سىرلىق پويىز

1942- يىلى 3-ئاينىڭ ئىللىق بىر چۈشتىن كىيىنكى ۋاقىتتا تونى يەنە بىر قېتىم ھېلىقى تونىلنىڭ قېشىغا كىلىدۇ. ئۇ رېلىسنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، يوغان قورام تاشلاردىن كىسىپ ياسالغان بۇ تونىلغا قاراپ جىمجىت تۇرۇپ كىتىدۇ.

ئەمما ئۇزاق ئۆتمەيلا تونىغا تۇيۇقسىزدىن پويىزنىڭ گۈرۈلدىگەن ۋە رېلىسنىڭ تىترىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. ئۇ ھەيرانلىقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىدۇ. تونىل تاقىلىپ كەتكەندىن بىرى، بۇ بۆلەك رېلىس ئاللىقاچان تاشلىنىپ قالغان  ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا گىرمانىيە ئارمىيىسى سۆۋىت ئىتتىپاقى بىلەن تىركىشىش ئۇرۇشى قىلىۋاتقان بولۇپ، گىرمانىيە  ئارمىيىسى دائىم دىگۈدەك مۇشۇ ئەتراپقا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلاتتى، ئەھۋال شۇنداق تۇرسا پويىزلار قانداقمۇ بۇ يەرگە يۈرەكلىك كىلەلىسۇن؟ ئەمما، بىر پويىز راستىنلا ئۇنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ. تونى كۆزلىرىنى ئۇۋلىۋىتىپ قاراپ، بۇ پويىزنىڭ بىر يەرلىرىنى ئۆزىگە تونۇشتەك ھېس قىلىدۇ.

دەل شۇ چاغدا، ھاۋادىن ئايرۇپىلاننىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. گىرمانىيەنىڭ بىر ئايرۇپىلانى يەر يۈزىدىكى بۇ پويىزنى كۆرۈپ، زەربە بىرىدىغان نىشان پەيدا بولغان ئوخشايدۇ دەپ قېلىپ تۆۋەنگە قاراپ شۇڭغۇيدۇ.

تونى ئالدىراشلىق بىلەن پويىزغا قول شىلتىپ توختاڭلار، ئالدىڭلاردىكى تاقىۋىتىلگەن تونىل دەپ ۋاقىرايدۇ. ئەمما  شوپۇر بۇنى ئاڭلىمىغاندەك يەنىلا پويىزنى ھەيدەپ تونىل تەرەپكە قاراپ مېڭىۋىرىدۇ.

تونى ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئۆزىنى بۇراپلا يولنىڭ ھۇلىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. پويىز پۇشقۇرتقان ھالدا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، گىرمانىيە ئارمىيىسى بىر دانە بومبا تاشلايدۇ.

پويىزنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قالىدۇ. تونى بېشىنى ئىتتىك كۆتۈرىشىگىلا ھېلىقى پويىزنىڭ تونىلغا ئون مىتىرچە ئارىلىق قالغان جايدا سەۋەپسىزلا يۇقاپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ.

پويىز تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بومبا ئاللىقاچان تاشلىنىپ بولغان ئىدى. گىرمانىيە ئۇچقۇچىسىمۇ بەلكىم ئىنتايىن ھەيران قالغان بولۇشى مومكىن، ئايرۇپىلان  بېشىنى تېخى ئاسمانغا كۆتۈرمەي تۇرۇپلا تونىلنىڭ ئۈستىدىكى تاغقا قاراپ ئۇچىدۇ.

بىرتال بومبا تونىلنىڭ ئاغزىغا يېقىنلا جايغا چۈشۈپ، ئارقىدىنلا غايەت زور گۈمبۈرلىگەن ئاۋاز چىقىدۇ. ئارقىدىنلا يەنە شۇنىڭغا ئوخشاشلا يەنە بىر غايەت ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، گىرمانىيە ئايرۇپىلانى تونىلنىڭ ئۈستىدىلا پاچاقلىنىپ كىتىدۇ.

تونى يولنىڭ بىر تەرىپىگە ئۆتۈۋالغان بولغاچقا ئۇنىڭغا ھېچنىمە بولمايدۇ. چاڭ – توزانلار بېسىققاندىن كىيىن، ئۇ تونىلنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، ئايرۇپىلان قالدۇقلىرىنىڭ يەنىلا كۆيۈۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، ھېلىقى پويىزدىن ھېچقانداق ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، ئۇ قانداق سىرلىق پەيدا بولغان بولسا، يەنە شۇنداق سىرلىق غايىپ بولغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كىيىن، روھ چاپلاشقان بۇ پويىز پات – پات پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. 1955- يىلى، بىر كىشى ئۇ پويىزنىڭ كىرىمىيا يېرىم ئارىلىدا پەيدا بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىر كونا دەريا قېنىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى، ئەمما ئۇ پويىزنىڭ خەتەرلىك بوشلۇقتىكى ئىگىز كۆۋرۈكتىن قانداق ئۆتكەنلىكىنى ئەقلىگە سىغدۇرالمىغانلىقىنى ئېيىتىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىنكى يىللاردا، يەنى 1975- يىلى، 1981- يىلى، 1986- يىلى، 1991- يىلى، 1992 –يىللىرى  ئايرىم – ئايرىم ھالدا  ئوخشىمىغان كىشىلەر بۇ روھ چاپلاشقان پويىزنىڭ موسكوۋا ئەتراپىدا پەيدا بولغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ.

يەشمەك قىيىن تېپىشماق

ئۇرۇشتىن كىيىن، تونى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىقا تايىنىپ خېلى پۇل تاپىدۇ، ئۆيلىنىپ بالىلىق بولىدۇ. ئەمما ئۇ باشتىن ئاخىر ھېلىقى روھ چاپلاشقان پويىزنى ئۇنتۇپ كىتەلمەيدۇ. كىيىنچە ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئوغلى ئالىكىساندىرمۇ بۇ روھ پويىزىغا ئىنتايىن قىزىقىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاۋۋال موسكۇۋا ئۇنىۋېرسىتىتىغا كىرىپ فىزىكا ئۈگىنىدۇ، ئاندىن كىيىن، ئوكراينا پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە كىرىپ مەخسۇس تەبىئەتتىن  ھالقىغان ھادىسلەرنى تەتقىق قىلىدۇ.

ئالىكىساندىر ئۇزاقتىن بېرى روھ چاپلاشقان پويىزىنىڭ  سىرىنى ئىلىم – پەن قانۇنىيەتلىرىگە تايىنىپ يەشكىلى بولىدىغانلىقىغا  قەتئى ئىشەنسىمۇ، لىكىن ئەزەلدىن ئۇ  پويىزنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، ھەم پەقەت دادىسىنىڭ ئاغزىدا دەپ بەرگەنلىرىگە تايىنىپلا تەتقىقات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقىلى بولمايتتى. شۇڭا ئۇ دائىم رىۋايەتلەردىكى روھ چاپلاشقان پويىز كۆپ قېتىم پەيدا بولغان ھېلىقى  يول ئېغىزىغا كىلىپ كۈتىدۇ.

ئالىكىساندىرنىڭ جاپالىق كۈتۈشلىرى بىر نەچچە ئاي داۋاملىشىدۇ. تىرىشقان يەردە قالماپتۇ دىگەندەك، 1991- يىلى 9- ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتە، ئاچال يۆتكەش ئىشچىسى سىسۇيى بېكەتنىڭ دىجۇرنىلىك ئۆيىدىن ئالىكىساندىرنى تاماققا چاقىرماقچى بولۇپ چىقىۋاتاتتى. پويىز يولىغا  30- 40 مىتىر كىلىدىغان جايغا كەلگەندە، ئۇ ئالىكىساندىرنىڭ رېلىسنىڭ ئاستىغا ياتقۇزىدىغان شېغىلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇۋېلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن خاتىرە قالدۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. دەل شۇ چاغدا رېلىستىن ” گۈلدۈر- گۈلدۈر “ قىلغان ئاۋاز كىلىدۇ -دە، ئارقىدىنلا كونا پاسۇندىكى بىر پويىز رېلىس ئۈستىدە پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ قانداقسىگە پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.

سىسۇيى بىر نەچچە دەقىقە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىنلا ئاندىن، ھېلىقى ”گۇگۇلنىڭ روھى چاپلاشقان پويىز“ نىڭ يەنە پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتىدۇ. بۇ چاغدا ئالىكىساندىر دەپتەر – قەلىمىنى يىغىشتۇرۇپلا پويىزنىڭ قۇيرۇقىدىكى رېشاتكىغا ئېسىلىۋالىدۇ ۋە ئىككى سەكرەپلا ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋاگۇنغا چىقىۋالىدۇ.

سىسۇيى بۇ پويىزغا مۇناسىۋەتلىك شۇم خەۋەرلەر ۋە 50 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يوقاپ كەتكەن يولۇچىلارنى ئېسىگە ئېلىپ، دەرھال قول شىلتىپ ئالىكىساندىرنى سەكرەپ چۈشۈۋال دەپ ئىشارەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاللىقاچان كىچىككەن ئىدى، روھ چاپلاشقان بۇ پويىز سىرلىق پەيدا بولۇپ 15 دەقىقە ئۆتمەستىنلا يەنە بوشلۇقتا غايىپ بولىدۇ. پويىز يوقاپ كىتىدۇ، ئالىكساندىرمۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرۈنمەيدۇ………ئۇ ئىككىنچىلەپ پەيدا بولمايدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن ئالىكىساندىر ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئىز – دېرەكسىز يوقالغان دەپ ئېلان قىلىنىدۇ.

سىسۇيى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىر نەچچە كىشى ئوخشاش ۋاقىتتا تەڭلا ئالىكىساندىرنىڭ پويىزغا سەكرەپ چىققانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇپ، ” گۇگۇلنىڭ روھى چاپلاشقان پويىز“ ۋەقەسى شۇنىڭدىن باشلاپ سىرلىق ئەرۋاھ ۋەقەسىگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن، بۇ روھ چاپلاشقان پويىز بىر نەچچە قېتىم پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچىلەپ ھېچكىم ئۇنىڭغا سەكرەپ چىقىشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ. ھەم ھېچكىمنىڭ پويىزدىن چۈشكىنىنىمۇ كۆرمەيدۇ، نۇرغۇنللىغان كىشىلەر پويىزدىكى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى  ئۆلۈپ كەتكەن  بولۇشى مومكىن دەپ پەرەز قىلىشىدۇ.

موسكۇۋا ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى فىزىكاشۇناس ئالىم ئىۋان ئىلگىرى تۆمۈر يول مۇتەخەسىسلىرى، پەلسەپىچىلەر ۋە باشقا كەسپى جەھەتتىكى ئالىملارنى باشلاپ روھ پويىزى كۆپ قېتىم پەيدا بولغان جايغا كىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. ئۇلار روھ پويىزى ۋەقەسىنى سىرلىق ئەرۋاھ ۋەقەسى ئەمەس، بەلكى بىر خىل فىزىكىلىق ھادىسە، يەنى زامان – ماكاننىڭ بۇرمىلىنىش ھادىسىسى دەپ قارايدۇ، يەنى بۇنداق دىگەنلىك بوشلۇقتا مەلۇم بىر خىل نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، يەر شارىنىڭ  مەلۇم بىر جايىدىكى مەلۇم بىر نەرسىنىڭ باشقا بىر زامان –  ماكانغا چۈشۈپ ( يەنى تۆت ئۆلچەملىك دۇنيانى كىسىپ ئۆتۈپ ) كىتىپ، يەنە رىئاللىقتىكى زامان – ماكانغا قايتىپ كىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

پويىزدىكى يولۇچىلار بەلكىم ئۆلۈپ كەتمىگەن بولۇشى مومكىن. ۋاقىتنىڭ كۆپۈش ئېففېكتى سەۋەبىدىن، يولۇچىلارنىڭ نەزىرىدە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ئىشلارغا، رىئاللىقتىكى زامان – ماكاندا بولسا نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ، شۇڭا مەلۇم بىر ئادەم 2009 – يىلى پويىزدا ئۈستىگە 20 – ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان ئايالنى ئۇچرىتالايدۇ. نۆۋەتتە، ئىلىم  – پەن ساھەسىدە زامان – ماكاننىڭ بۇرمىلىنىش نەزەريىسىگە قارىتا تەتقىقات يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرماقتا، شۇڭا ھېچكىممۇ گۇگۇلنىڭ روھى چاپلاشقان ھېلىقى  پويىزنىڭ كېلەر قېتىم يەنە قەيەردە، قانداق ۋاقىتتا پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق پەرەز قىلالمايدۇ.

بۇ ئەسلى 《 كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ھېكايىلەر 》 ناملىق كىتاپقا بېسىلغان  ماقالە بولۇپ، شۇ جۇەن ئىسىملىك ئاپتۇر تەرىپىدىن 《پەن ۋە تۇرمۇش》 ژورنىلىنىڭ 2011- يىللىق 3- سانىغا تاللاپ بىرىلگەن.

 

(تەرجىمان: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10309

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-19
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: