پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئېكولوگىيە پەلسەپىسى تەتقىقاتىدىكى بىر قانچە دېئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەت

ئېكولوگىيە پەلسەپىسى تەتقىقاتىدىكى بىر قانچە

دېئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەت 

ئوۋ ياڭكاڭ

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2015- يىللىق 1- ساندا ئېلان قىلىنغان)

ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇش كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلىنىپ قالدى. يېڭى بىر خىل ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى جەھەتتە تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك زور مىقداردىكى تەتقىقات تېمىسى پەيدا بولدى. ئېكولوگىيە پەلسەپىسى تەتقىقاتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە بىز دۇچ كەلگەن بىر مۇھىم تەتقىقات تېمىسى دەل بىر يۈرۈش دېئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتۇر.

ئېكولوگىيە بىلەن مەدەنىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتى

ئەسلى مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېكولوگىيە ـــ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى، ھەتتا ئىپتىدائىي بولغان تەبىئىي مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھالەت ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ يەر شارىدىكى تەبىئىي شەكىللىنىشى، كۆپىيىشى ۋە ئۆزگىرىشى، تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېتەكچى رول ئوينايدىغان قانۇنىيەت ـــ ياخشىلىرىنىڭ تاللىنىپ ناچارلىرىنىڭ شاللىنىشى، تەبىئىي تاللىنىش قانۇنىيىتىدۇر. دارۋېننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ بىر مۇھىم ئەھمىيىتى دەل ئۇنىڭ مۇشۇ قانۇنىيەتنى ئېچىپ بەرگەنلىكىدە.

مەدەنىيلىك مەخسۇس ئىنسانىيەتكە ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيتىگە خاس نەرسە بولۇپ، تەبىئىيلىكتىن ھالقىپ، سۈنئىي ۋە ئادەملەشكەن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يېتىشنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئادەم ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدە بىر خىل مەۋجۇدىيەت شەكلى ۋە فورمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدىن ھالقىپ چىقىش جەريانىدۇر. ئىنسانىيەت تەن قۇرۇلمىسى، تەپەككۇر ئىقتىدارى، تىل قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەبىئىي پەيدا بولمايدىغان ماددا، مۇناسىۋەت، تۈزۈم ۋە ئىدىيە قاتارلىقلارنى بارغانسېرى كۆپلەپ بەرپا قىلدى. بۇلار ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مول مەزمۇنىنى شەكىللەندۈردى.

كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، مەدەنىيلىك ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇش ھالىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ، ئېكولوگىيە بىلەن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتكەن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت. بىز ھازىر بۇ زىددىيەتلىك ئۇقۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى دېگەن نېمە؟ ئۇ بىر خىل تەبىئىي مەدەنىيەتمۇ؟ تەبىئەت مەدەنىيىتىمۇ ياكى بىر خىل ئىجتىمائىي مەدەنىيەتمۇ؟ ئادەملەشكەن مەدەنىيەتمۇ؟ ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى قۇرۇش جەريانىدا ئېكولوگىيە بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟» دېگەندەك بىر قاتار پەلسەپىۋى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. روشەنكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ـــ ئېكولوگىيەلىك قىممەتكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى تەكىتلەشتۇر. ئۇ بىزدىن ئىنسانلار مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېكولوگىيە ۋە تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىگە سەل قارىماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەي تەبىئىي بولغان تەبىئەت دۇنياسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇشىمىزنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەستۇر. شۇ ۋەجىدىن، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇش ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر خىل ئېكولوگىيەلىك قىممەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەتتۇر. بۇ ـــ پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان كۆز قاراش ۋە مېتودقا، يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە بىلەن مەدەنىيەتنىڭ دېئالېكتىكىلىق بىرلىكىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئېھتىياجلىق.

ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى

ئېكولوگىيەنى پەلسەپىسى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلغاندا، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى كۈچلۈك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بۇرۇن: «ئادەم ـــ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ روھى. ئىنسانلار تەبىئەتنى بويسۇندۇرىمەن دەيدىكەن، چوقۇم تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىشى كېرەك» دېگەنىدۇق. مانا ئەمدى قارايدىغان بولساق، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتى تەبىئەتكە تايىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش ۋە تەبىئەتكە خوجا بولۇش غەرىزى تەبىئەت دۇنياسىنى خالىغانچە بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. شۇڭا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭىباشتىن تونۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

كۆپ يىللاردىن بېرى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئىنسان مەركەزچىلىك مەسلىكى ۋە ئىنسانىيەت مەركەزچىلىكىگە قارشى تۇرۇش مەسلىكى ياكى ناتۇرالچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىزملىق تالاش- تارتىش ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇ ئىككى خىل تالاش- تارتىشتىكى يادرولۇق مەسىلە: «ئادەمنىڭ پائالىيىتى تەبىئىيلىكنى مەركەز قىلامدۇ ياكى سۈنئىيلىكنى مەركەز قىلامدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتنى قوغدىشى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈنمۇ ياكى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈنمۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت. بىز ئىنسانلارنىڭ گۈزەل بىر مۇھىت بەرپا قىلىشىنىڭ يالغۇز ئۆسۈملۈك، ھايۋانات قاتارلىقلارغا ئوخشاش تۈرلۈك تەبىئىي مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ- يېتىلىشى ۋە ياشىشى ئۈچۈنلا بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈپ يىلتىزىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى تېخىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. بەلكىم، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىدىن چىقىپ تۇرۇپ مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشى مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتۇر. شۇڭا بىزنىڭ قارشى تۇرىدىغىنىمىز تار، رادىكاللارچە ئىنسانلار مەركەزچىلىكى بولۇشى؛ تەشەببۇس قىلىدىغىنىمىز مۇۋاپىق يوسۇندىكى ئىنسانلار مەركەزچىلىكى بولۇشى كېرەك.

ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە يەنە زامانىۋى ئىستېمال نۇقتىسىدىن قاراشقىمۇ بولىدۇ. زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شۇنىڭ بىلەن ماس ھالدىكى زامانىۋى ئىستېمالنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئىستېمال ئادەمنىڭ راھەتلىك تۇيغۇسى ۋە بەختىنى مەقسەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەممىسى دېگۈدەك تەبىئىي بايلىق مەنبەسىنى خورىتىشنى شەكىل ۋە ۋاسىتە قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئىستېمالغا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكمۇ ياكى ئېستېمالنى چەكلەش كېرەكمۇ؟ زامانىۋىلاشقان تۇرمۇش بەكرەك بەختلىك بولامدۇ ياكى تەبىئىي ھالەتتىكى تۇرمۇش بەكرەك بەختلىك بولامدۇ؟ ئاددىي- ساددىلىق ئادەمگە بەختنى بەكرەك ھېس قىلدۇرامدۇ ياكى ھەشەمخورلۇق ئادەمگە بەختنى بەكرەك ھېس قىلدۇرامدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىدراكىي تەپەككۇر يۈرگۈزۈشىمىزگە ۋە ئىلمىي تاللىشىمىزغا مۇھتاج.

ئادەملەشكەن تەبىئەت بىلەن تەبىئىي تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى

ئېكولوگىيە بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەت ۋە ئىپادىگە ئىگە بولىدۇ. بىر تۈپ يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى ئادەملەشكەن تەبىئەتنىڭ ئۈزۈكسىز كېڭىيىشى ۋە تەبىئىي تەبىئەتنىڭ ئۈزۈكسىز تارىيىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. چارۋىچىلىق جەمئىيىتى ۋە تېرىقچىلىق جەمئىيىتىدە ھايۋانلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە مەۋجۇت بولىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. ئىنسانلار جەمئىيىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەبىئىي تەبىئەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەكرار ئىشلەپچىقىرىشىغا تايىنىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى بىلەن تەبىئىي قانۇنىيەت ئىنسانلارنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك ئورنىغا نىسبەتەن تۈپ خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ.

يېقىنقى زاماندىن بۇيان، بۇنداق ھالەتتە بارغانسېرى كۆپ ئۆزگىرىش بولدى. زامانىۋى پەن- تېخنىكا ۋاسىتىسى، بولۇپمۇ ماشىنىلاشقان بۈيۈك سانائەتنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنىڭ ياردىمىدە ئىنسانلار تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىستەك ۋە كۈچلۈك كۈچ- قۇدرىتىنى نامايان قىلدى. تەبىئەت دۇنياسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئادەملەشتى ۋە ئىجتىمائىيلاشتى؛ ئادەملەشكەن تەبىئەتنىڭ ساھەلىرى ۋە دائىرىسى مىسىلسىز كېڭەيدى. ئىنسانلارنىڭ تېخنىكىدىن پايدىلىنىش قۇدرىتى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان چوڭ مۇھىت (مەسىلەن، سۇ ئامبىرى)، كىچىك مۇھىت (مەسىلەن، ھاۋا تەڭشىگۈچ)، يېڭى ماددىي ئەشيا (مەسىلەن، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى)، يېڭى تۈرلەر (مەسىلەن، گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەر)، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى (مەسىلەن، يادرو ئېنىرگىيەسى) قاتارلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى- يۇ، تەبىئىي بايلىق مەنبەسىنى ئىستېمال قىلىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىيولوگىيەلىك زەنجىرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەبىئىي تەبىئەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئغېىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. تەبىئىي تەبىئەت بىلەن ئادەملەشكەن تەبىئەتنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى قارىمۇ قارشىلىقى ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانلارنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشتىكى ئېكولوگىيەلىك ئاساسىدىن مەھرۇم قىلدى. شۇڭا ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى زامانىۋىلىشىش ھەققىدە قايتا ئويلىنىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىگە، تەبىئىي تەبىئەت بىلەن ئادەملەشكەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى تەتقىقاتقا مۇھتاج.

تەبىئەتكە قايتىش بىلەن تەبىئەتتىن ھالقىشنىڭ مۇناسىۋىتى

زامانىمىزدىكى جۇڭگو زامانىۋىلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغان. شۇڭا ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى بىر مۇھىم رېئال تېما دەل زامانىۋىلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتۇر. ئېكولوگىيە پەلسەپىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ، تەبىئەتكە قايتىش ۋە تەبىئەتتىن ھالقىش مۇناسىۋىتى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.

تەبىئەتكە قايتىش دېگىنىمىز ـــ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇش ئىدىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ئومۇمىي گەۋدىلىك مۇساپىسىگىچە سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈ ئايرىلالمايدىغان ماددىي ۋە ئېنىرگىيە ئاساسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈش كېرەك. تەبىئىي قانۇنىيەت يەنىلا ئادەمنىڭ ياشىشى، پائالىيەت قىلىشى ۋە تەرەققىياتىنى نېگىزىدىن چەكلەپ تۇرىدۇ؛ تەبىئىي بايلىق مەنبەسى يەنىلا ئىنسانلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھەمدە ناھايىتى چەكلىك بولغان قىممەتلىك بايلىقىدۇر؛ ئىنسانلار يەنىلا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، ئۇ يەنىلا تەبىئەت دۇنياسىغا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا، تەبىئەتكە ھۈرمەت قىلىش ـــ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. تەبىئەتكە ماسلىشىشتا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ تەبىئەت دۇنياسىنى قوغداش ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپكى بوشلۇقى.

تەبىئەتتىن ھالقىش دېگىنىمىز ـــ تەبىئەتكە قارىغۇلارچە بويسۇنۇش ۋە تەبىئەتنى قارىغۇلارچە بويسۇندۇرۇشتەك ئىككى خىل رادىكال روھىي ھالەت ۋە ئۇسۇلنى يېڭىپ، يېڭى تىپتىكى زامانىۋىلاشقان، سانائەتلەشكەن يول ھەققىدە پائال ئىزدىنىشنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى تىپتىكى زامانىۋىلىشىش، سانائەتلىشىش تەبىئەت دۇنياسىغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلمايدۇ، بەلكى تەبىئەتكە ھۈرمەت قىلىش، ماسلىشىش ۋە تەبىئەتنى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشنى، يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولى ھەققىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بوشلۇق ۋەزىيىتى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، بايلىق تېجەش تىپىدىكى ۋە دوستانە مۇھىت تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ.

تەبىئەتكە قايتىش ۋە تەبىئەتتىن ھالقىشتىن ئىبارەت دېئالېكتىكىلىق بىرلىكتە چىڭ تۇرغاندىلا ئاندىن ھەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە تەبىئىي بايلىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىيالايمىز، ھەم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرىلىتىپ، ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

(«شىنخۇا تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2014- يىللىق 20- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)


يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=12093

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2015-02-27
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تارىخ- پەلسەپە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: