پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1965- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى شولوخوفنىڭ نادىر ھېكايىسى: مەڭ

مەڭ

مېخائىل شولوخوف (سوۋېت ئىتتىپاقى)

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

مىخايىل شولوخوف (1905- 1984) سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى، دون دەرياسى بويىدىكى بىر كازاك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبلىك 14 يېشىدا داۋاملىق ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، ئۆزى مۇستەقىل تىرىكچىلىك قىلىشقا كىرىشكەن. 1923- يىلى ئەدەبىيات ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، ئۆز يۇرتىغا چوڭقۇر بېكىنىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، «تىنچ دون»، «يېڭى ئېچىلغان زېمىن»، «ئۇلار ۋەتەن ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ» (تولۇق پۈتمىگەن رومان) قاتارلىق رومانلىرى، «دون دەرياسى ھەققىدە ھېكايىلەر»، «بىر ئادەم ئۇچرىغان كۈلپەتلەر» ناملىق پوۋېست- ھېكايە توپلاملىرى كەينى- كەينىدىن ئېلان قىلىنغان. بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەشھۇر ئەسەر سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇلغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى نەچچە يىل ئۆتىگەن. تراگېدىيەلىك ئېپوس ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك بولۇپ، 1965- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

«مەڭ» (1924- يىل) ناملىق بۇ ھېكايە يازغۇچىنىڭ تۇنجى ھېكايىسى. ھېكايىدە مۇنداق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ:

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۇرتىدىن ئايرىلغان بىر كازاك نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئاقلار ئارمىيىسىگە ئاتامان بولۇۋالىدۇ، يۇرتىغا قايتاشىدا قىزىل ئارمىيەنىڭ بىر كوماندىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئۇ ئۆزى ئېتىۋەتكەن كىشىنىڭ پۇتىدىكى مەڭدىن ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالىدۇ- دە، قاتتىق ئازابلىنىپ ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالىدۇ. ھېكايە ۋەقەلىكى تولىمۇ ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن يازغۇچىنىڭ ئىپادىلەش، باش تېما ۋە پېرسۇناژ تەسۋىرى جەھەتتە مۇھىم بىر رېئاللىقنى تىراگېدىيە نۇقتىسىدىن يورۇتۇپ بېرىشتەك ئۆزگىچە تالانتى نامايان قىلىنغان.

1

ئۈستەلدە پوروخ ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان ئوق خالتىسى، قوينىڭ ئۇستىخىنى، ھەربىي خەرىتە، ئات- ئۇلاغلارنىڭ سېسىق تەرى پۇراپ تۇرىدىغان نۇختا- جابدۇقلار، سىتاتىستىكا جەدىۋىلى ۋە بىر پارچە بولكا تۇراتتى. زەيلىشىپ كەتكەن تامغا يۆلەپ قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئاتلىق ئەسكەرلەر كوماندىرى نىگورا كىسىۋوي مۇزلىغىنىدىن قولاشماي قالغان بارماقلىرىدا بىر تال قېرىنداشنى تۇتقىنىچە دېرىزە تەكچىسىگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. ئالدىدىكى ئۈستەلگە كونا لوزۇنكا بىلەن بىر بېتى تولدۇرۇلغان بىر پارچە تەرجىمىھال جەدىۋىلى يېيىپ قويۇلغانىدى. ئۇ ئالدىدىكى يىرىك قەغەزگە قاغا پۇتىدەك سەت خەتلىرى بىلەن «كىسىۋوي نىگورا، ئاتلىق ئەسكەرلەر كوماندىرى، دېھقان، كومسومول» دېگەن خەتلەرنى يېزىۋاتاتتى.

ئۇ « يېشى» دېگەن كاتەكچىگە كەلگەندە ئون سەككىز ياش دەپ يازدى. يەلكىلىرى كەڭ كەلگەن نىگوركانىڭ[1] بۇ تۇرقى قارىماققا ئۆز يېشىغا تازا ماس كەلمىگەندەك كۆرۈنەتتى. كۆز جىيەكلىرىگە بالدۇرلا ئىنچىكە قورۇقلار چۈشكەن بۇلۇپ، بوۋايلارغا ئوخشاش مۈكچىيىپ قالغانىدى.

-ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان بالىكەنغۇ بۇ تېخى-، ئاتلىق ئەسكەرلەر ئارىسىدىن چاقچاق كۆتۈرۈلدى،- ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا بىرى بولغان بولسا، كىممۇ مۇشۇنداق چىقىم تارتماي ئىككى باندىتنى يوقىتالايتتى، كىممۇ ئاتلىق ئەسكەرلەرگە باش بۇلۇپ يېرىم يىل ئۇرۇش قىلالايتتى؟ بۇ باتۇر بالا ھەرقانداق بىر پىشقەدەم قومانداندىن قېلىشمايدۇ!

نىگوركا ئون سەككىز ياش بۇلۇپ قالغانلىقىدىن ھەمىشە خىجىل بولاتتى. ھەر قېتىم ئاشۇ نەس باسقۇر «يېشى» دېگەن كاتەكچىنى تولدۇرىدىغان چاغدا، قېرىنداشنى ئاستا قويۇپ قوياتتى ۋە ئەپسۇسلىنىشتىن ئىككى مەڭزى قىزىرىپ كېتەتتى. دادىسى كازاك بولغاچقا، ئۇمۇ كازاك ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ بەش- ئالتە ياش ۋاقىتلىرى ھېلىمۇ خىرە- شىرە ئېسىدە. دادىسى ئۇنى دائىم ئۆزىنىڭ جەڭ ئېتىغا مىندۈرۈپ ئوينىتاتتى.

-ئاتنىڭ يايلىنى چىڭ تۇتۇېال، ئوغلۇم!- دەپ ۋارقىرايتتى دادىسى. ئانىسى ئاشخانا ئىشىكىدە ئوغلىغا مەستلىكى كەلگەن ھالدا كۈلۈپ قاراپ قوياتتى. ئوغلىنىڭ ئاتنىڭ ئۈستىدە چىڭ چاپلىشىپ ئولتۇرغان ھالىتىنى ۋە يۈگەننى تۇتۇپ تۇرغان ئېرىنى كۆرگىنىدە بولسا، قورققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتەتتى.

بۇ خېلى بۇرۇنقى ئىشلار ئىدى. گېرمانىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش[2] ئاياقلاشقاندىن كېيىن، نىگوركانىڭ دادىسى بىر كەتكىنىچە ئۈن- تىنسىز يوقاپ كەتتى. ئانىسىمۇ ئۈلۈپ كەتتى. نىگوركا دادىسىغا ئوخشاشلا ئاتقا ھېرىسمەن ھەم شۇنچىلىك باتۇر چوڭ بولدى. ئۇنىڭ سول پۇتىنىڭ تاپىنىنىڭ سەل ئۈستى تەرىپىدە كەپتەر تۇخۇمى چوڭلۇقىدا، دادىسىنىڭكىگە ئوخشاش بىر تال مەڭ بار ئىدى. ئۇ ئون بەش ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن ئۇياقتىن- بۇياققا قاتراپ يۈرۈپ، ئىش تېپىپ قىلدى. كېيىن ئۇ كازاكلار بازىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، فلانگىرنىڭ قىزىل ئارمىيە قىسمىدىن ئۇزۇن بىر ھەربىيچە پەلتو تېپىپ كەلدى. بۇيىل يازدا، نىگوركا ھەربىي ئىشلار كومىسسارى بىلەن دون دەرياسىدا سۇغا چۆمۈلدى. مېڭىسى سىلكىنىپ يارىلانغان ھەربىي ئىشلار كومىسسارى نىگوركانىڭ ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن ۋە سەل مۈكچىيىپ قالغان دۈمبىسىنى سىلىغىنىچە:

-سەن نې…نې…نېمىدېگەن بەخىتلىك! مەڭ دېگەن بەخىتنىڭ سىموۋولى، راستىنلا بەخىتلىك جۇمۇ سەن!- دېدى كېكەچلەپ.

ئاچچىقىدىن چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتكەن نىگوركا سۇغا شۇڭغىدى ۋە يەنە سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىپ ۋارقىرىدى:

-جۆيلۈمەڭ، تازىمۇ قىزىق ئادەمكەنسىز! كىچىكىمدىن تارتىپ يېتىمچىلىكتە چوڭ بولدۇم. پۈتۈن ھاياتىم خىزمەت دەپلا ئۆتۈپ كەتتى، شۇنىمۇ بەخىت دېگىلى بولامدۇ!

2

 

نىگوركا تۇرۇۋاتقان قىشلاق دون دەرياسىنىڭ تىك قىرغىقىغا جايلاشقانىدى. دېرىزىدىن مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان كۆپكۆك دون دەرياسىنى كۆرگىلى بولاتتى. ھەركۈنى ئاخشىمى دەريا سۈيى دولقۇنلىنىپ، ھەر تەرەپكە چايقىلاتتى، دېرىزە قاپقىقى دەريانىڭ چايقىلىشىدىن بىزار بولغاندەك تۇرۇپ- تۇرۇپ غىچىرلاپ قوياتتى. بۇنداق چاغلاردا نىگوركا دەريا سۈيى پولنىڭ يېرىقلىرىدىن ھېلىلا ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك، دەريا شاۋقۇنى توختىغاندا بولسا، پۈتۈن قىشلاق چايقىلىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.

ئۇ باشقا قىشلاققا كۆچۈپ كەتمەكچىمۇ بولدى. لېكىن، كۈز كىرگۈچىمۇ كۆچۈپ بولالماي، يەنە شۇ بۇرۇنقى قىشلاقتا تۇرۇپ قالدى. كۈزنىڭ تازا سوغۇق بىر ئەتىگىنى، ئات تاقىلىغان ئاۋاز جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى. نىگوركا پەلەمپەيدىن ئۆتۈپ، گىلاسلىققا كەلدى ھەم ئاپئاق شەبنەم يالتىراپ تۇرغان چىملىققا ئۆزىنى تاشلىدى. ئايال خوجايىننىڭ كەپىدە سىيىرنى جىم تۇرغۇزالماي ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئانىسىنى ئېمەلمىگەن موزاي يېلىنىپ مۆرەيتتى. سېغىلىۋاتقان سۈت جىرتىلداپ كىچىك چېلەككە چۈشمەكتە ئىدى. ھويلىدىكى قاشا ئىشىكنىڭ غىچىرلاپ ئېچىلىشى بىلەن تەڭ ئىتمۇ قاۋاشقا باشلىدى، ئارقىدىن پەيجاڭنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

-كوماندىر ئۆيدىمۇ؟

نىگوركا جەينىكىگە تايىنىپ ئۆرە تۇردى:

  -مەن شۇ! ئۇ تەرەپتە نېمە ئىش بوپتۇ؟

  -بازاردىن خەۋەرچى كەپتۇ،- دېدى ئۇ،- بىر توپ باندىت سالسكا مىللىي رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، گرۇۋىسكىي دېھقانچىلىق مەيدانىنى تارتىۋاپتۇ.

-ئۇنى بۇ يەرگە باشلاپ كىرىڭ.

خەۋەرچى قارا تەرگە چۆمگەن ئاتنى ئات ئېغىلىغا يېتىلەپ كىردى. ئات ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە ئالدى پۇتى تىزلىنىپ قالدى ۋە بىر ياققا يىقىلدى. ئاندىن ئۈزۈپ- ئۈزۈپ پۇشقۇرۇپ قويۇپ بولالماي ئۆلدى. ئاتنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىدە زەنجىردە باغلاپ قويۇلغان، توختىماي قاۋاۋاتقان ھېلىقى ئىتقا تىكىلىپ قالغانىدى. ئەسلىدىكى نورمىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق يۈك ئارتىلغان ئات مۇشۇنداق ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ قىرىق رۇس چاقىرىم[3] يولنى توختىماي چېپىپ كەلگەچكە، ئاخىر ئۆلۈپ قالغانىدى.

   خەتتە رەئىس نىگوركاغا ئاتلىق ئەسكەرلەرنى باشلاپ يارەمگە بېرىشىنى بۇيرۇغانىدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ خۇشياقمىغان ھالدا قىلىچنى ئالدى ۋە: «قەيەرگە بېرىپ ئوقۇسام بولار، لېكىن بۇ يەردە باندىتلارنى يوقاتمىسام بولمايدۇ…. ھەربىي ئىشلار كومىسسارى تېخى مېنى، خەتنىمۇ ئوڭلاپ يازالمىغان نېمىسىگە ئۆزىنى ئاتلىق ئەسكەر دەۋالغىنىنى، دەپ زاڭلىق قىلىۋاتىدىيا… ئوقۇش رايونى مەكتىپىنى پۈتتۈرۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدىم، بۇنىڭغىمۇ مەن ئەيىبلىكمۇ؟ تازىمۇ قىزىق ئادەمكەن ئۇ… بۇ يەردە باندىتلارنى يوقاتمىسام تېخى… يەنە قان تۆكۈلىدىغان بولدى- دە، بۇنداق تۇرمۇشتىن ئاللىبۇرۇن تويۇپ كەتكەنمەن….» دېگەنلەرنى خىيال ئېكرانىدىن ئۆتكۈزدى.

   ئۇپەلەمپەيدىن چۈشكەچ مىلتىقىنى ئوقلىدى. خىيالى بولسا « قايسى شەھەرگە بېرىپ ئوقۇش» تىلا ئىدى.

   ئۇ ھېلىقى ئۆلۈك ئاتنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئات ئېغىلىغا كىردى. ئۇنىڭ ئېتى بۇرنىدىن قان سىرغىغان ھالدا يەردە ياتاتتى. ئېتىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن نىگوركا كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى.

3

 

يازدا، بۇ ئوڭغۇل- دوڭغۇل يوللاردىكى ماشىنا ئىزلىرى شامال چىقسىلا يوقاپ كېتەتتى. يوللارنى قويۇق لويلا، ئوت- چۆپلەر قاپلاپ كەتكەن بۇلۇپ، توپ- توپ قوڭۇر تۆمۈر تۇمشۇقلار يول ئۈستىدە دانلاپ يۈرەتتى. تۈپتۈز كەتكەن بۇ يولغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر دۆڭلۈككە بىر رەت سىتولبا قادالغانىدى. سىتولبىلار كۈزنىڭ گۇگۇملىرىدا غۇيۇلداپ ئاۋاز چىقىراتتى. باندىتلار ئاتامانى دون دەرياسىنى بويلاپ ئەللىك كازاكنى باشلاپ قاترىسىغا سىتولبا تۆۋرۈكلىرى تىزىلغان يولدا چېپىپ كەلمەكتە ئىدى. باندىتلار ئاتامانى ئۈركىگەن بۆرىدەك گاھ چەت يوللاردا، گاھ ئادەم ئايىغى تەگمىگەن چۆللۈكلەردە ئۈچ كېچە- كۈندۈزدىن بېرى قېچىپ يۈرمەكتە ئىدى. نىگورا كىسىۋوينىڭ قىسمىلىرى بولسا باندىتلارنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ قوغلىماقتا ئىدى.

باندىتلارنىڭ ھەممىسى سېسىق نامى پۇركەتكەن ھەربىيلەر ئىدى. ئاتامان بولسا يەنىلا چوڭقۇر خىيالىدىن نېرى بولالمايتتى. ئۇ ئاتنىڭ ئۈزەڭگىسىدە ئۆرە تۇرۇپ، كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، يايلاققا قاراپ تۇراتتى ۋە كۆڭلىدە دون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ئورمانلىققا يەنە قانچىلىك مۇساپە قالغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا ئىدى.

باندىتلار يەنە قېچىشقا باشلىدى. نىگوركا كىسىۋوينىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىمۇ باندىتلارنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ قوغلاشقا باشلىدى.

دون دەرياسى ساھىلىدىكى ھاۋا تازا ئوچۇق ياز كۈنلىرى ئىدى. ئالىقانچىلىكمۇ بۇلۇت يوق سۈزۈك ئاسمان ئاستىدىكى زېمىنىدا كۈمۈش قوڭغىراقلار جىرىڭلىماقتا ئىدى. بۇ يىغىم پەسلىدىن ئىلگىرىكى مەزگىللەر ئىدى. بۇ دەل قويۇق باش ئالغان بۇغدايلارنىڭ قىلتىرىقى قارىدايدىغان، دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئادەم بويىدىنمۇ ئېگىز ھەم بولۇق ئۆسىدىغان پەيتى ئىدى.

ساقال قۇيۇۋالغان كازاكلار قۇم دۆڭلىرى ئوراپ تۇرغان چارۋىچىلىق مەيدانىنى چۆرىدەپ توسالغان توساقلارنىڭ ئەتراپىغا پاكار زىرائەتلەرنى تېرىۋەتكەن ئىدى. زىرائەتلەر ھېچقانچە ئۆسمەي تۇرۇپلا ئورۇۋېلىنغاچقا، بىرمو يەردىن ھېچقانچە ھوسۇل ئالغىلى بولمايتتى. بۇ زىرائەتلەرنى تېرىشتىكى مەقسەت ئاق ھاراق ئىشلەشتىنلا ئىبارەت ئىدى. بۇ قەدىمدىن قالغان كونا ئادەت بۇلۇپ، كازاكلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى، ئەجداتلىرىنىڭ ھەممىسى ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرەتتى. ھەتتا دون دەرياسى ئارمىيىسى تاقىۋالىدىغان ئىزناكقىمۇ ھاراق ئىچىپ مەسىت بۇلۇپ قالغان كازاكنىڭ ھاراق تۇڭىدا قىپيالىڭاچ ئولتۇرغان ھالىتى ئۇيۇلغان ئىدى. ھەر يىلى كۈزدە كازاكلار كەنتىدىكى ۋە بازارغا يىغىلغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھاراق ئىچىپ غېرىق مەسىت بولاتتى. شۇنداق بولغاچقا، ھەتتا ھېلىقى باندېتلار ئاتامانىنىڭمۇ بىرەر كۈن مەسىت بولمايدىغان كۈنى يوق ئىدى. ھارۋىكەشلەر بىلەن توپچىلارنىڭ ھەممىسى مەستچىلىكتە قوش ئات قېتىلىدىغان چىدىر ھارۋىلىرىغا ئۆزىنى تاشلاپ، قىڭغىر- سىڭغىر يېتىپ كىتىشەتتى.

باندىتلارنىڭ ئاتامانى يەتتە يىلنىڭياقى بۇياقلارغا ئۆتۈپ بولمىغان بولغاچقا، يۇرتىنى تازا سېغىنغان ئىدى. ئۇ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، ئوتتەك ئاپتاپ قىزىتىپ تۇرغان كونىستانتتىن قەلئەسى، تۆمۈر سىملار بىلەن قورشالغان ئەسىرلەر لاگىرى، تۈركىيىنىڭ تۇزلۇق قارىماي يالىتىغان ئۈچ يەلكەنلىك كېمىسى، ھۆپپىدە گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن كۇبان قۇمۇشلۇقلىرى ۋە باندېتلار ئارىسىدا ياشىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بەكمۇ تاش يۈرەكلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدىن دائىم ئۆزىمۇ چۈشىنىپ بولالمايدىغان ئاجايىپ بىر خىل ئازاپ ئېتىلىپ چىقاتتى. پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىرخىل بۇرۇقتۇرمىچىلىققا تولغاندەك بولاتتى. ئۇ ھەرقانداق ئائىلە ياسىغان ئاق ھاراقمۇ ئۆزىدىكى بۇنداق ئۇچىغا چىققان ۋەھشىيلىكنى يوقىتالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. دون دەرياسى ساھىلىدىكى يايلاقلاردا، ئاشۇ رەھىمسىز قارا زېمىن زىرائەتلەرنى يۇتۇپ كىتىدىغان چاغدا، ھەرقايسى كەنىت- بازارلاردىكى مەڭىزلىرى ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن مومايلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ئاق ھاراقنى ئىشلەپ چىقىراتتى. بۇ خىل ئاق ھاراق بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك بۇلۇپ، بەكمۇ ئىچىشلىك بولاتتى. شۇڭلاشقا باندېتلار ئاتامانى دائىم ھاراق ئىچەتتى. ئۇنىڭ مەسىت بولمايدىغان بىرمۇ كۈنى يوق ئىدى.

4

كەچ كۈزنىڭ ئاخىرلىرى، ھەرتەرەپكە پەلەك تاشلاپ ئۆسۈپ كەتكەن، خازان بولاي دەپ قالغان قار لەيلىسىنىڭ شاخ يوپۇرماقلىرى كۈمۈچ رەڭ تۈس ئالغان ئىدى. لۇزىچ سەھەردىلا تۈگمەن تېشىغا يەنە چىرىمتالدەك رەڭمۇ رەڭ نېپىز بىر قەۋەت مۇز تۇتقىنىنى كۆردى. لۇزىچ يېققىندىن بېرى سەل ساقسىز بۇلۇپ قالدى. بەللىرى سىرقىراپ ئاغرىپ ئارام بەرمەيتتى. ئىككى پاچىقى خۇددى تاش ئېسىپ قۇيۇلغاندەك ئېغىر ئىدى. ئۇ ئېغىر تېنىنى تەستە يۆتكەپ، مۈكچەيگىنىچە تۈگمەندە مېڭىپ يۈرەتتى. بىر توپ چاشقان تۈگمەن تېشى ئۈستىدە ۋېچىرلىشىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ پىلدىرلاپ قالغان كۆزلىرى تورۇسنىڭ لېمىغا قونۇۋېلىپ، ئۈزۈپ- ئۈزۈپ بۇقۇلداۋاتقان كەپتەرگە چۈشتى. بوۋاينىڭ دېمىغا سېسىق سۇنىڭ ھېدى بىلەن تارتىلغان ئاشلىقنىڭ ھېدى ئۇرۇلدى. بوۋاي تۈگمەن كويلىسىدىكى سۇنىڭ شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان ئاۋازىنى تىڭشىماقتا ئىدى. گاھىدا نېمىدۇر بىر نەرسىنى خىيال قىلغاندەك تۇرۇپ –تۇرۇپ ئۇزۇن ساقاللىرىنى سىلاپ قوياتتى.

لۇزىچ ھەسەل ھەرىسى بېقىش مەيدانىغا كەلدى. بىردەم ئارام ئېلىۋىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى يەرگە تاشلىدى ۋە چاپىنىنى بېشىغا قۇيۇپ سوزۇلۇپ ياتتى. ئۇنىڭ ئېغىزى يوغان ئېچىلىپ قالغان بۇلۇپ، جاۋغىيى ئەتراپىدىكى ساقاللىرى شۆلگەيلىرىدە ھۆل بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. گۇگۇم پەيتى بولغاچقا بوۋاينىڭ كەپىسى يىراقتىن غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئاپئاق تۇماندا تۈگمەنمۇ توختاپ قالغان ئىدى.

بوۋاي ئويغۇنۇپ تۇرىشىغا ئورمانلىقتىن ئات مىنىۋالغان ئىككى ئادەم چىقىپ كەلدى ۋە ئارىدىن بىرى ھەسەل ھەرىسى بېقىش مەيدانىدىن چىقىپ كىلىۋاتقان بوۋايغا ۋارقىرىدى.

-بۇياققا كىلىڭ،بوۋا!

لۇزىچ تەشۋىش ئىلىكىدە قەدىمىنى توختاتتى. مالمانچىلىق بۇلىۋاتقان بۇ يىللاردا ئۇ قوراللىق ئادەملەرنى دائىم كۆرۈپ تۇراتتى. ئۇنداق ئادەملەر بوۋايدىن سورىمايلا يەم- خەشەك ۋە ئاشلىقلارنى خالىغانچە ئىلىپ كىتىشەتتى، شۇڭلاشقا ئۇ بۇنداق ئادەملەرنى زادىلا ياقتۇرمايتتى.

-تېزرەك بول، قېرى ئەبلەخ!

لۇزىچ ئۇششاق تۆشۈكلىرى بار ھەسەل ساندۇقلىرى ئارىسىدا قەدەملىرىنى ئاستا يۆتكەيتتى. شۆلگەيلىرى ئېقىپ تۇرغان ئاغزىدا توختىماي غۇدۇرايتتى. ئۇ كەلگەنلەرگە يىراقتىن سىنچىلاپ قارىدى.

-بوۋا، قورقماڭ….بىز قىزىل ئارمىيە،- بوغۇق ئاۋازدا ۋارقىرىدى باندىتلار ئاتامانى،- قوشۇندىن چۈشۈپ قالدۇق…. تۈنۈگۈن بىر توپ ئەسكەرلەرنىڭ بۇ يەردىن ئۆتكىنىنى كۆردىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى دوستانە قىياپەتتە.

-ھەئە، كۆردۈم.

-ئۇلار قايسى تەرەپكە كەتتى، بوۋا؟

-بىلمەيمەن.

-ئۇلارنىڭ بىرەرىمۇ تۈگمىنىڭىزدە قېلىپ قالمىدىمۇ؟

-ياق،- ئاددىيلا جاۋاب بەردى لۇزىچ ۋە كەينىگە بۇرۇلدى.

-توختاپ تۇر، قېرى،- باندىتلار ئاتامانى ئاتتىن سەكرەپ چۈشتى. ئۇ غەرق مەسىت بولغاچقا، يەردە رۇس تۇرالماي، سەنتۈرۈلۈپ كەتتى. ئارقىدىن قولىدىكى يەرلىك ئاق ھاراقتىن بىر يۇرتۇم ئىچىۋەتكەندىن كېيىن:

-بوۋا، ئاڭلاپ تۇر. بىز كوممۇنىستىك پارتىيىنى يوقىتىۋاتىمىز…مانا مۇشۇنداق!… لېكىن سېنىڭ بىزنىڭ كىملىكىمىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن!- ئۇ پۇتلىشىپ كېتىۋىدى، ئاتنىڭ تىزگىنى قولىدىن چىقىپ كەتتى،- سەن ھازىر بىزگە يەتمىش ئاتقا يەتكۈدەك يەم- خەشەك تەقلەپ بېرىسەن! لېكىن تىۋىش چىقارمايسەن…. قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى!… چۈشەندىڭمۇ؟ ئاشلىقلىرىڭ قەيەردە؟

-مەندە ئاشلىق يوق،- دېدى لۇزىچ ۋە يېنىغا قاراپ قويدى.

-بۇ ئامباردا نېمە بار؟

-ھەممىسى كېرەكسىز نەرسىلەر… ئاشلىق ئەمەس!

-ئۇنداقتا ياخشى، بىز قاراپ باقايلى!

باندىتلار ئاتامانى بوۋاينىڭ گەجگىسىدىن تۇتۇپ، تىزى بىلەن ئۇنى ئىتتىرگىنىچە قىيسىيىپ قالغان ئامبارغا قاراپ ماڭدى. ئامبارنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. ئاشلىق باداڭلىرىغا سۆكسۆك بىلەن بۇغداي قاچىلانغانىدى.

-بۇ ئاشلىق بولماي نېمە؟ قېرى ئەبلەخ!

-شۇنداق، بۇ ئۇن تارتقان چاغدا جان بېقىش ئۈچۈن سۈپۈرۈۋالغان ئازغىنا كېپەك ئىدى. سىلەرگە لازىم بولسا ئاچىقىپ ئاتلىرىڭلارغا بېرىڭلار…

-سېنىڭچە قانداق قىلساق بولاتتى؟ ئاتلىرىمىزنى ئاچلىقتىن ئۆلسۇن دەمسەن؟ قىزىل ئارمىيىگە يان بېسىپ ئۆلگۈڭ كەپتۇ- دە، سېنىڭ.

-مەن بىچارىنىڭ ئۇنداق قىلمىشىغا ھەددىم ئەمەس. نېمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟- لۇزىچ بېشىدىن يىرتىق بۆكىنى ئېلىپ تىزلاندى ۋە باندىتلار ئاتامانىنىڭ يۇڭلۇق قوللىرىغا سۆيۈشكە باشلىدى…

-ئېيتە، قىزىل ئارمىيىنى ياخشى كۆرەمسەن؟

-مەندەك بىر كېسەلچان قېرىغا كەڭچىلىك قىلسىڭىز! مېنىڭ مۇشۇ بالا تەگكۈر زۇۋانىمنى كەچۈرۈڭ. ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئۆلتۈرمىسىڭىز،- بوۋاي ئاتامانىنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، يالۋۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى.

-قىزىل ئارمىيىگە يان باسمايمەن دەپ قەسەم قىل… كرېسىت سىزىشىڭغا رۇخسەت يوق. مېنىڭ ئالدىمدا بۇ توپىنى يەيسەن!…

بوۋاي كۆز يېشى بىلەن نەمدەلگەن بىر سىقىم توپىنى چىشلىرى چۈشۈپ ماكىلداپ قالغان ئاغزىغا سالدى.

-ياخشى، ئەمدى ساڭا ئىشەندىم. تۇرە ئورنۇڭدىن قېرى ئەبلەخ!

بۇنىڭدىن مەمنۇن بولغان ئاتامان قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە بوۋاينىڭ ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىغا تايىنىپ قانداق ئۆرە تۇرىدىغانلىقىغا قاراپ تۇردى. ئىككى ئادەم ئاشلىق ئامبىرىدىكى بۇغداي بىلەن ئارپىنىڭ ھەممىسىنى ئاچىقىپ، ئاتلىرىنىڭ ئالدىغا تۆكۈپ بەردى. ھويلىنىڭ ھەممە يېرىگە ئاشلىق چېچىلىپ كەتكەنىدى.

5

قۇيۇق، نەمخۇش تۇمان ئارىسىدىن تاڭ نۇرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. لۇزىچ قاراۋۇللارنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، چوڭ يولدا ماڭماي ئورمانلىقتىكى پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان چىغىر يولنى بويلاپ ماڭدى. ئۇ تىمتاس ئورمانلىقنى ۋە جىلغىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇششاق قەدەملەر بىلەن كەنتكە تېز- تېز كىرىپ كەتتى.

لۇزىچ مېڭىپ- مېڭىپ، بىر بوران ئېغىزىغا كېلىپ قالدى. ئۇ ئوچۇقچىلىققا بۇرۇلاي دەپ تۇرۇشىغا، كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىز بىرنەچچە قاپقارا كۆلەڭگە پەيدا بولدى.

-كىم؟- ئەنسىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.

-مەن… –ھېچنىمنى ئىلغا قىلالمىغان لۇزىچ شۇنداق جاۋاب بەردى ۋە پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ، لاغىلداپ تىترىگىنىچە جايىدىلا تۇرۇپ قالدى.

-نېمە ئادەمسەن؟ يول خېتىڭ بارمۇ؟ بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلدىڭ؟

-تۈگمەنچىمەن… مۇشۇ يەردىكى سۇ تۈگمىنىنىڭ ئىگىسى، بىر ئىش بىلەن كەنتكە ماڭغان.

-نېمە ئىشىڭ بولسا، كوماندىرغا دېسەڭ بۇلىدۇ! ئالدىڭغا ماڭ…- ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئات مىنىۋالغان بىرى ۋارقىرىدى.

لۇزىچ ئاتنىڭ ئىسسىق تىنىقىدىن بويۇنلىرىنىڭ قىزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە دىڭگۇسلىغىنىچە كەنتكە كىرىپ كەتتى.

ئۇلار بىر كاھىش ئۆينىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى. بوۋاينى يالاپ كەلگەن ئادەم پۇشۇلدىغىنىچە ئاتتىن چۈشتى ۋە ئېتىنى چىتلاق تامغا باغلاپ قويدى.

-كەينىمدىن ماڭ!…

ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن چىراغ يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇلار ئۆيگە كىرىشتى.

لۇزىچ بىر تال تاماكا ئوراپ چېكىۋالغاندىن كېيىن، بۆكىنى سېلىۋەتتى. ئاندىن ئالدىدىكى ئوچۇقچىلىققا كرېسىت بەلگىسى سىزىشقا باشلىدى.

-بىر قېرىنى توسۇۋالدۇق، كەنتكە كىرىمەن دەيدۇ.

چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن نىگوركا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇيقۇلۇق ئەمما كەسكىن ئاۋازدا سورىدى:

-نەگە بارىسىز؟

لۇزىچ ئالدىغا بىر قەدەم ماڭدى ۋە خۇشاللىقىدا دەماللىققا گەپ قىلالماي قالدى.

-خۇداغا شۈكۈر، ئەسلى ئۆز ئادەملىرىمىزكەنغۇ. مەن يەنە تېخى ھېلىقى دۈشمەنلەرگە ئۇچراپ قالدىممىكىن دەپ قاپتىمەن… قورقۇپ جېنىم چىقاي دەپ قالدى…. مەن- سىلەر مىتىرويىن ئورمانلىقىدىن مېنىڭ تۈگمىنىمگە بارغان چېغىڭلاردا، سىزنى سۈت بىلەن باققان ھېلىقى تۈگمەنچى ئەمەسمۇ. ھەي، باتۇر يىگىت… مېنى ئۇنتۇپ قاپسىز- دە؟….

-سىز زادى نېمە دېمەكچى؟

-ھۆرمەتلىك كوماندىر، تۈنۈگۈن ئاخشام ھېلىقى باندىتلار تۈگمىنىمگە كېلىپ، ئاشلىقلارنى بىر تالمۇ قويماي ئاتلىرىغا يېگۈزۈپ بولدى… ئۇلار مېنى بەك بوزەك قىلدى… مېنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا، ھەتتا توپا يېيىشكە مەجبۇرلىدى.

-ئۇلار ھازىر قەيەردە؟

-ئاۋۇ تەرەپتە. بۇ پەسەندىلەر ۋودكا كۆتۈرۈشۈپ كىلىشىپتىكەن. مېنىڭ ئۆيۈمدە ھازىر ھەدەپ ئىچىشىۋاتىدۇ. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇ ئىشنى سىلەرگە دوكلات قىلغىلى كەلدىم. سىلەر ئامال تېپىپ، ئۇلارنى باستۇرمىساڭلار بولمايدۇ.

-ئاتلار تەييارلانسۇن،- نىگوركا بوۋايغا كۈلۈپ قويدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇيقۇلۇق ھالەتتە ھەربىي پەلتوسىنى كىيدى.

                6

   تاڭ ئاتتى. تۈزۈككىنە ئۇخلىمىغىنىغا نەچچە ئاخشام بولغان نىگوركا پۈتۈن غەيرىتى بىلەن پىلىموت قويۇلغان ھارۋا تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.

-ئۇرۇش باشلانغان ھامان بىز دۈشمەننىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بېرەيلى….

ئارقىدىنلا ئۇ تارىلىپ كەتكەن ئاتلىق ئەسكەرلەر تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى.

قۇرۇپ قاقشال بۇلۇپ كەتكەن كاۋچوكلۇق تەرەپتىكى يولدا ئاتلىق ئەسكەرلەر پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ ھەر تۆتى بىر رەت تىزىلغان بۇلۇپ، ئوتتۇرىسىدا پىلىموت ئورنىتىلغان ئۈستى يېپىق ھارۋا بار ئىدى.

-بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتەيلى،- دەپ ۋارقىرايتتى نىگوركا. ئۇ كەينىدىكى ئاتلارنىڭ تېخىمۇ تېز چېپىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ئېتىغا بىر قامچا سالدى.

ئورمانلىق تەرەپتىن بىر پىلىموت قەھر بىلەن ئوت ئېچىشقا باشلىدى. چوڭ يول تەرەپتىكى ھېلىقى ئەسكەرلەر مانېۋىر قىلىۋاتقاندەك تېزلىك بىلەن تارقىلىشتى.

شامالدا قۇمۇرۇلۇپ كەتكەن ئورمان ئارىسىدىن بىر بۆرە يۈگۈرۈپ چىققان پېتى قاراۋۇلخانا تەرەپكە قاراپ قېچىشقا باشلىدى. بۆرىنىڭ ئۈستىۋېشىغا تىكەن- چاتقاللار چاپلىشىپ قالغانىدى. بۆرە بېشىنى تىك تۇتۇپ، ئەتراپنى تىڭشىماقتا ئىدى. يېقىنلا جايدىن تاتاتلاپ ئېتىلغان مىلتىق ئاۋازى بىلەن تەڭ بۆرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھۇۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

قىزىل تېرەكلىك تەرەپتىن <<گۇم>> قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ قاراۋۇلخانا تەرەپتىنمۇ ئەكىس سادا ياڭرىدى. بۆرە جايىدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئالاقىزادىلىك بىلەن تار جىلغا تەرەپكە قاراپ بەدەر قاچتى، ئاندىن تېخى ئورۇلمىغان ساپسېرىق چۆپلۈكنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتتى….

-قاچۇرۇپ قويماڭلا!… ئۈستى يېپىق ھارۋىنى قولدىن چىقىرىپ قويماڭلار!… ئورمانلىققا…. ئورمانلىققا كىرەيلى. ئاناڭنى!… –ئاتنىڭ ئۈزەڭگىسىدە ئۆرە تۇرۇۋالغان باندىتلار ئاتامانى ھەدەپ ۋارقىرايتتى.

ھارۋىكەش بىلەن پىلىموتچى ئۈستى يېپىق ھارۋىنىڭ ئەتراپىدىكى ئارغامچىلارنى ئۈزۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى.

ئاتامان كەينىگە ئۆرۈلۈپ، ئاتنىڭ ئۈستىدە قىلىچىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى ۋە بوينىغا ئېسىۋالغان دۇربۇن بىلەن كىگىز قالپاق كىيىۋالغان ئادەمنى كۆزىتىشكە باشلىدى. ئاتامان كۆڭلىدە رەقىبىنىڭ ئادەتتىكى ئەسكەر ئەمەسلىكىنى جەزم قىلدى ۋە ئېتىنىڭ يۈگىنىنى تارتتى. ئاتامان يىراقتىن تېخى بۇرۇتى خەت تارتمىغان بىر بالىنىڭ غەزەپلىك كۆزلىرىنى ئۆزىگە تىكىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئاتاماننىڭ ئېتى جىم تۇرماي مۆڭكۈلى تۇردى. ئۇ بېلىگە چىڭ قىستۇرۇۋالغان ماۋزۇرىنى ئېلىپ ۋارقىرىدى:

-ئاتتىن چۈشە، ئىتنىڭ بالىسى!… ئاتتىن چۈش! بولمىسا ھازىرلا جەھەننەمگە ئۇزىتىپ قۇيىمەن!….

ئاتامان نىگوركانىڭ قارا قالپىقىنى كۆرۈش بىلەن تەڭ بىر پاي ئوق ئۈزدى. نىگوركانىڭ ئېتى ئانچە ئۇزاققا بارمايلا يەرگە يېقىلدى. نىگوركا قالپىقىنى چۆرۈۋېتىپ، ئوق ئۈزگەچ ئاتاماننى قىستاپ كەلدى…

ئورمانلىق تەرەپتىن كىمدۇر بىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارا بۇلۇت ئاستا- ئاستا قۇياشنى توسۇۋالدى. ئوتلاقتا، يولدا ۋە كۈز شامىلىدا يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كەتكەن دەرەخلەر ئارىسىدا بىرىنىڭ كۆلەڭگىسى پەيدا بولدى.

<<مۇشۇ ھالىڭغا قەھرىمان بولماقچىمۇسەن، بۇ قېتىم قولۇمدىن تىرىك چىقىپ كەتكىنىڭنى بىر كۆرەي ئەبلەخ>> دەپ ئويلايتتى ئاتامان كۆڭلىدە. رەقىبىنىڭ ئوقى قالمىغانلىقىنى كۆرگەن ئاتامان رەقىبىگە قاراپ ئۇچقاندەك ئېتىلدى.

ئاتامان قىلىچىنى نىگوركاغا بىر شىلتىۋىدى، ئات ئۈستىدە ئولتۇرغان نىگوركا ئۆزىگە بىر نەرسە تەگكەندەك بولدى ۋە پۈتۈن ئەزايى لاسسىدە بوشىشىپ، پۇت- قوللىرى دەرمانسىزلىنىپ، يەرگە يىقىلدى. ئاتامان ئۆلۈكنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى ۋە ئۆلۈكنىڭ يېنىدىن دۇربۇننى ئېلىۋالدى. ئاندىن ئۆلۈكنىڭ تارتىشىپ قالغان پۇتلىرىغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۆتۈكىنى سالدۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ بىر پۇتى بىلەن ئۆلۈكنىڭ تىزىنى دەسسەپ تۇرۇپ، ناھايتتى چاققانلىق بىلەن بىر پاي ئۆتۈكنى سالدۇردى. يەنە بىر پاي ئۆتۈكنى خېلىغىچە ھەپىلىشىپمۇ سالدۇرالمىدى. ئۇ ئاچچىقىدا ئۆلۈكنى تىللىغاچ ئۆتۈكنى كۈچەپ بىر تارتىۋىدى، ئۆتۈك ئاخىر پايپاق بىلەن بىللە سۇغۇرۇلۇپ چىقتى. دەل شۇ چاغدا، ئاتامان ئۆلۈكنىڭ تاپىنىدىكى كەپتەر تۇخۇمى چوڭلۇقىدىكى بىر تال مەڭنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئۆلۈكنىڭ تىرىلىپ قېلىشىدىن قورققاندەك ئۆلۈكنىڭ ئاللىبۇرۇن سوۋۇپ كەتكەن بېشىنى ئاستا ئۆزىگە قاراتتى ۋە قوللىرى بىلەن ئاغزىدىكى قاننى سۈرتۈۋېتىپ، سىنچىلىپ قارىدى. قارىدىيۇ، قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. ئۇ شۇھامان ئۆلۈكنى قۇچاقلىدى ۋە بوغۇق ئاۋازدا ۋارقىرىدى:

-ئوغلۇم!…. نىگوروشكا…. جېنىم بالام!… يۈرەك پارەم….

ئۇ ئەسەبىيلەرچە يىغلاشقا باشلىدى:

-نېمىشقا بۇنداق بۇلىدۇ؟ زادى نېمىشقا؟

ئۇ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، نۇرسىز كۆزلىرىنى يوغان ئاچتى. قان تولغان كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ، ئاللىبۇرۇن سېزىمىنى يوقاتقان جەسەتنى مىدىرلىتىشقا باشلىدى… نىگوركا يەردە كۆكىرىپ كەتكەن تىلىنى چىڭ چىشلىگىنىچە، گويا ناھايتتى مۇھىم بىر ئىشنى دەۋېتىشتىن ئەنسىرگەندەك ياتاتتى.

ئاتامان ئوغلىنىڭ ئاللىبۇرۇن سوۋۇپ كەتكەن قوللىرىنى كۆكرىكىگە باستى ۋە يېنىش- يېنىشلاپ سۆيۈشكە باشلىدى. ئاندىن تەر تامچىلاپ تۇرغان داتلاشماس ماۋزۇرىنى چىشلەپ تۇرۇپ ئوق سالدى ۋە تاپانچىنىڭ تەپكىسىنى باستى.

كەچقۇرۇن، ئورمانلىق تەرەپتىن ئاتلىق ئەسكەرلەر چىقىپ كەلدى. مەيىن شامال يىراقتىن كىشىلەرنىڭ گەپلەشكەن ئاۋازىنى، ئاتنىڭ كىشنىگەن ئاۋازى ۋە ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلىگەن ئاۋازىنى ئەكېلەتتى. شۇ ئەسنادا بىر قۇماي تۇيۇقسىز ئاتاماننىڭ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن بېشىنى يېنىدىن قىيماسلىق بىلەن ئۇچۇپ كەتتى ۋە قاراڭغۇ بوشلۇقتا غايىب بولدى.

(خەنزۇچە «20-ئەسىردىكى دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەر خەزىنىسى» ناملىق كىتابنىڭ 1-تومىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى ژورنىلى» نىڭ 2000-يىللىق 3-سانى


[1]  نىگوركا بىلەن نىگروشكا نىگورانىڭ ئەركىلەتمە ئىسىمى.

[2]  1- دۇنيا ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

[3]  بىر رۇس چاقىرىم 1.06 كېلومېتىرغا تەڭ.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10258

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-07
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: