بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆكتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-7 11:09
شۈنچىنجى ھەسرەت
مەن كەلدىم
قاپقاراڭغۇ كېچىلەر
مىۋىلەرنىڭ تۆكۈلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم
ئاقار يۇلتۇز ئورنىغا قايتتى
ئىھ قانداقمۇ ئۇخلىغانسەن ؟
ۋىسالدىن تاڭ ئاتمامدۇ ؟
كۆزۈڭدىن ئۇچقان سوغۇق نىگاھىڭ
ئالەمنى مۇز ئىراغا ئايلاندۇرۇپ قويدى
مەن قانداق مىڭىۋاتىمەن ھازىر؟
بىئىلاج قارىشىڭدىن يۈرىكىم ئاغدى
قانچىلىك ئۆمىدتە كەلگەنىدىم ھە
قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكۈم بارئىدى
لىۋىمنى لىۋىڭگە يىقىپ ئۇزاق
سېنى ماڭا قاندۇرغۇم بار ئىدى
بىلدىم خاتا ئويلىغانلىقىمنى بىلدىم
ئەمەسكەن ئىشلار مەن ئويلىغاندەك
بۇباشىمنى جېنىمنى نەدە قويايمەن
بىريىگىتكە غۇرۇرئار-نۇمۇس كىرەك
ئەمدى بۇيەردە تۇرىشىمغا باھانەم يوق
كېتىشىم كىرەك ئاستا-ئاستا ئۇزاپ
رەت-رەت ھەسرىتىم بىلەن مەغرۇر
تۇرىنىلاردەك قاتار-قاتار ئەڭ يىراق...
سەن يوق سېغىنمايدىغان بىريەرگە
شۇنداقلا ھىچكىم يوق بارلىق بىريەرگە
چاڭقاپ چاك-چاك يىرىلغان شۇيەرگە
سۇكىلەرمۇ قايتىدىن چوڭقۇرشىرىنغىنە ...
قارىما كەتتىم مەغرۇر ئېچىمدە مىڭ ئەلەم
كەتتىڭ يۈزۈڭدە بىچارىلىكنىڭ ئالامىتى
چىدىماق تەس بولدى كۆڭۈللەردىن كېتىشلەرگە
گۈپپىدە يىقىلدى بىشىم ئاسماندىكى
كەتتىڭ كېتىشىڭ بەلكىم توغرا
ھچنىمە بولمىدى بىزلەرگە
ئەمما بۇكېتىش يالغۇزلۇقنى
بەخىش ئەتتى يۈرەكلەرگە
گۈللەرنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى كىچىكتى
سۆيگۈمىزدە قايتاباھار بولمىدى
سۆيۈلۈشلەر قايتىلانمىدى
پاختىدەك ئېچىلىشلار داۋاملاشتى
يالغۇز يول مىڭىش قىيىنلاشتى
كېچىلەر قاراڭغۇلاشتى
ئەتىلەر ئىنىقسىزلاشتى
پىكىرلەر مەنىسىزلەشتى
مۇھەببەت مەۋقىسىزلەشتى
بولدۇم تۆت تامنىڭ مىڭ يىل ئاۋازى
تۆت تامنىڭ ئېچىدە مۇتەللىپ مەغرۇر تۇراتتى...
چوقۇم
سەنسىز گۈزەل بىرئەتە مەن ئۈچۈن بار
-مۇتەللىپجان نۇرمۇھەممەت كۆك |