بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-16 17:54
مېنىڭ ئىسمىم قەيس
كېچە ۋەكۈندۈزدىن ئىشىپ
تۇتىيا كوچاڭدىن ئۆتتۈم
ئىزىڭنى كۆردۈم
كۆزۈمگە رەھناما قىلدىم
مۇھەببىتىڭگە كەتتىم
مۇشەققىتىڭگە يەتتىم
سەۋدالىقىم لەڭ-لەڭ
ئۆزۈمدە قاينىدىم تاشتىم
سېنى كۆرمىدىم...
سېغىندۇردۇڭ شۇقەدەر
كېلىشىڭنى بىررەت كۆرمىدىم
ئەسەبى بىرتۇيغۇنىڭ ئىسكەنجىسىدە
ئۆتتۈم يەنە، كوچاڭدىن ئۆتتۈم
چىقىپ كېلىشىڭنى كۈتتۈم
مەندىن باشقا بىركىم ئۆتمىدى
مەندىن باشقا بىركىم كۈتمىدى
مەندىن باشقا …
قار ياغدى
ۋەدارىخ سغىنىدۇرۇپ كەلمىگىن ئەمدى
بۇ ھالىتىم مەجنۇن بولسۇن
سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى
كوچىلاردىن ئۆتكەنلەر بىلسۇن
قارئاتسۇن ماڭا قار ئاتسۇن
ئىسمىم مېنىڭ قاربوۋاي بولسۇن
يۈرۈپ كىتەي تولاپ ئىسمىڭنى
ئىچىمدىن تىشىمغا قارلار توزىسۇن...
سېغىندۇرۇپ كەلمە
كىشىلەر مىنى ساراڭ دىدى
ساراڭ....
|