پاھ تىخى قايرىلىپ قارىشىم دەپ ....
سۆيگۈلۈك بىر سۆز
قايرىلىپ قارىشىڭ مەڭگۈلۈك سۆيگۈ
مەن تېخى ھىچكىمگە ئېيتىپ باقمىدىم.
يۈرەكتە ئورنىدى نەفىس بىرسەزگۈ
مە ن تىخى قۇرلارغا پۈتۈپ باقمىدىم .
تۇنجى قار ياغقان ئاپئاق كېچىدەك
ۋە ياكى بىرگۈزەل مۇڭ مۇزىكىدەك
تۇنجى ۋەئاخىرقى سۆيگۈنۈم سەن بوپ
يۈرەككە پۈتۈلدۈڭ يىزىپ باقمىدىم
كېلىسەن ئازادە شۈنچىلىك لىۋەن
يۈرەكنى تۇيدۇرماي ئىلىپ كېتىسەن
سەن-مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈك ۋەتەن
دەپ ساڭا بۇگەپنى ئىيتىپ باقمىدىم
كېلىشىڭنى كۆرسەم تىلىم تۇتۇلۇر
ساڭا دەيدىغان گىپىم غايىپ بولۇر
ئىرىيمەن، ئاستا كەتمىشىم باردۇر
دەپ ساڭا بىرە خەت يىزىپ باقمىدىم
ئوڭۈمدىن چۈشۈمدىن بولمايسەن نىرى
كۆزۈمگە كۈن-كۈنلەپ كۆرۈنمىگەنسىرى
كۆزۈمنىڭ ،كۆڭلۈمنىڭ بولدۇڭسەن نورى
سەۋدامەن ،گادامەن چېنىپ باقمىدىم
قايرىلىپ -قايرىلىپ قاراشلىرىڭدىن
كۆڭۈل كۆڭۈلگە تۇتاشتى چىڭ-چىڭ
مۇڭدىشايلى قانغۇچە ئەي سۆيۈملۈكۈم
كەل يۈرەككە مەن ساڭا قېنىپ باقمىدىم
تارتىنىش كەتسۇن يىراق ئۆتكەنگە
ھچنىمە بولماسسەن مېنى سۆيگەنگە
كەل سۆيگۈنىڭ تارىخى يىزىلسۇن تەنگە
كۆزۈم تويدى كۆڭلۈمدىن تويۇپ باقمىدىم