بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆكتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-14 03:06
كېچىدە يېتىش
تەڭ كېچە
خورازنىڭ چىللاشلىرىنى ئاڭلىدىم
ئۇيقۇم كېلىۋاتاتتى
شۈنچە بىئاراملىق بىلەن
ئۇياق بۇياققا ئۆرىلگىنىمنى ھىسابقا ئالمىغاندا
مەن ناھايتى جىم ...
بىشىم چىڭقىلىپ تۇراتتى
كۆزۈم يۇمۇلاتتى
خىيالىم بىرنوقتىدا ئولتۇراتتى
تۇيغۇمدا ئىپادىلەنمەيدىغان مەجھۇل ئۇقۇملار
ساڭا كىلىپلا سوقۇلاتتى
يۇلتۇزنىڭ يالت قىپ پارلىشىدەك
نامايان بولاتتىڭدە يوقىلاتتىڭ
ماڭا قالىدىغىنى بىركېچە سېغىنىش بولاتتى...
مەن نىمە قىلىش ھەققىدە ئويلىناتتىم
ئۇزاق ئويلانساممۇ بىقارار بولاتتىم
ۋە بۇكېچىنىڭ
ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەنلىكى ھىس قىلاتتىم
شۇنىڭ بىلەن مېنى قورقىنچ باساتتى
قىستاپ كەلگەن ئەسەبىيلىك بىلەن
يوتقانغا چىڭ تۇگىلىۋىلىپ
سېنى ئويلاشقا باشلايتتىم
ھەم ھەممىنى ئۇنتۇپ قالاتتىم
يوتقان ئېچىلىپ كەتسە
كېچە ئىزادىن ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالاتتى
جانغا پاتقان بۇ شېئىر
ساڭىمۇ ئوخشاش پاتاتتى
شېئىرغا كۈلۈپ كىرەتتىڭ
يىغلاپ قاچاتتىڭ
مەن قالاتتىم جاراھەتلەرنى تاتىلاپ مۇھەببەتتىكى...
سۆيگۈ قىيامغا يەتكەن پەيتىدە
نىمە ئارزۇ بولسۇن لەززەتتىن باشقا
ئايرىغاندىكىن ۋىسال بىزنى ....
ئۇلۇغ بىرنى تىنىۋەتتىم
كۆكسۈمدە ياتقان كېچە
چۈشىدىن ئويغىنىپ كەتتى...
مۇتەللىپجان نۇرمۇھەممەت كۆك |