بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-7 14:25
شۇم پەلەك
(مۇسەددەس)
نېمشىھىت
پاتتى كۆكسۈمگە زەھەر تىرناقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك،
ئۇردى قانلىق قامچاسىن ئالچاقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك،
قاقشتىپ يۇتتى مەنى پاتقاقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك،
ئالدى گۈل كەينى تىكەن-يانتاقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك،
قان شوراپ چاقتى - زۈلۈك چاققاقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك،
ھەر قەدەمدە مىڭ تۇزاق-قىلتاقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك.
قايسى بىر نەس كۈنىكىم مەن تۆرەلدىم زىمىنگە؟!
قايسى بىر دۇنيا جەھەننەم ئوخشاغاي بۇ تۈرمىگە؟!
قان يۇتۇپ ھەر دەم زەھەر-زەقۇم يەدىم مەن كۈنىگە،
مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ يول تىرىلدىم چەرخى بىدات زۇلمىگە.
باستى باشىمنى بۇ زۇلمەت تاغلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك،
بارمىكىن دۇنيادا ئادىل چاغلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك؟!
ئۇچتى شەمى كۆزلەرىمدىن ئۇچتى ئۈمىدنىڭ نۇرلارى،
كەتتى سەۋرى ئىلكىمىزدە ئۆتتى ھۆرلۈك كۈنلەرى،
قايدا بارسام زۇلمى بىداد نالە-پەرياد ئۈنلەرى،
كۆزىمىزنى باستى زۇلمەت قاپ-قاراڭغۇ تۈنلەرى.
قان بىلەن ئالۇدە قول-بارماقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك،
بەلكى قول-پۇتتۇر ساڭا قورچاقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك.
كىمگەدۇر روزى-ساپا، كىملەرگەدۇر زۇلۇم- سىتەم،
كىمگەدۇر بايراملارىڭ، كىملەرگەدۇر چەكسىز ئەلەم،
بىز نىچۈن تەڭلىك سۈيىدىن بەھرى ئالماي قەترە ھەم،
سۈرسە شۇملار ئەيشى-ئىشرەت، بىز نىچۈن تەشنا شۇ دەم؟!...
يوق ئىكەن ئەدلىڭ بىلەن ئىنساپلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك،
بوغۇزىمىزغا سۈردى تىغ قاسساپلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك.
بولدى زۇلمىڭدىن جۇدا گۈلزارىدىن بۇلبۇللارى،
بىگۇناھ چۈشتى قەپەسكە قىرىلىپ نۇرغۇنلارى،
بى ۋەتەن بولدى قاچىپ يۇرتىدىن ئوغۇللارى،
بولدى خار بويۇن قىسىپ يېتىم-يېتىمە تۇللارى.
چىقمىدى دەردىڭ بىلەن ئارمانلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك،
قايدىدۇ ئەخلاق يەنە ۋىجدانلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك؟
قانمىدۇ، مارجانمىدۇ، يا قەترە شەبنەم ياشىمىز،
تاشمىدۇ، يا تاغمىدۇ، قايغۇدا ياتقان باشىمىز،
يوقمىدۇ دۇنيادا بىزنىڭ ئىچ كۆيەر يولداشىمىز،
دائىما قايغۇ-ئەلەم، ھەسرەتمىدۇ قۇرداشىمىز.
سورۇلۇپ باش ئۈستىگە تۇپراقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك،
بولدىغۇ زىندان كەبى ھەرياقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك.
ۋاھ... ئەجەب قۇش ئۇۋاسىغا شۇم يىلان «مېھمان ئىكەن»!
بىلمىدۇق ئاۋۋال دىلىدا بىر غەزەل پىنھان ئىكەن،
ئالدانىپ قىلتاققا چۈشتۇق --- ھىلەگەر دەۋران ئىكەن،
ياكى قىسمەتنى ئەزەلدە موللاسى يازغانمىكەن؟!...
زەپمۇ پاتتى بوغۇزىمىزغا قارماقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك،
بىگۇناھلار كۆكسىنى يارماقلارىڭ ئەي شۇم پەلەك.
نە گۇناھلىق بەندە بىز زۇلمەتتە قالدۇق ناگىھان،
جايىمىز پۇرقەتكە تولدى، داغ بىلەن قىينالدى جان،
يوق ئاداۋەت-گىنە بىرلە بىزگە بولدۇڭ بەدگۇمان،
كۆرمىگەندۇ شۇڭغاچە ھېچكىم بۇ ئىشنى ھېچقاچان.
كۆزلەرىڭ كوردۇر سەنىڭ قورساقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك،
قان-يىرىڭ-زەرداپقا تولغان دوۋساقلارىڭ، ئەي شۇم پەلەك.
|