ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1415|ئىنكاس: 60
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شائىرىمىز نىمشىھىت ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

          داڭلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيت مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن "بىلىم ئىشقىدا "ناملىق ناخشىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرمايدىغانلار بولمىسا كېرەك.مەن بۈگۈن  دوستلارغا شۇ ناخشنىڭ تېكىسىتىنى يازغۇچى شائىرىمىز نىمشېھىت ھەققىدە ئازىراق تەرمىلەرنى ئېلىپ كەلدىم.قېنى مەرھەمەت..........

نىمشېھىت ( ئارمىيە ئىلى سايرامى ) ( 1904 – 1971 ) ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق پېشۋالىرىدىن بىرى. مەشھۇر شائىر، مائارىپچى، ژۇرنالىسىت ۋە جامائەت ئەربابى. ئۇ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر–بىرىگە تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك» دېگەن پەخىرلىك نامغا ئىگە.
نىمشېھىت كىچىكىدىنلا زۇلۇمغا، جاھالەتكە قارشى ئىسيانكار خارەكتېرىنى يېتىلدۈرگەن ھەم بۇ خىل روھنى ھۆرلۈككە ئېرىشىشنىڭ، مەرىپەتلىك بولۇشنىڭ، يۈكسەك ۋەتەنپەۋرەرلىكنىڭ خورىماس ئېنىرگىيسىگە ھەم ئىجادىيەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرغان. ئۇ يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ساۋات چىقارغاندىن كېيىن، 1922- يىلدىن 1928– يىلغىچە باي ۋە كۇچادىكى مەدرىسلەردە ئوقۇغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە يازغان «بازار ۋە مازار» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى قوليازما ھالەتتە ئەل ئىچىگە تارقالغان. 1929- يىلى ئۇ قەشقەرگە بېرىپ شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى «خانلىق مەدرىسە» دە ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ «مادارا ئەئزەم» (چوڭ ياراشتۇرۇش) ناملىق شىئېرلار توپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان «ئەنۋارۇلھۇدا» ( ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق قەسىدىسىنى روياپقا چىقىرىپ، تالانتلىق شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان.
1933- يىلى قەشقەردە زۇلۇمغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىنى پارتىلاتقاندا، ئارمىيە ئىلى ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقان ھەم بىر قېتىملىق جەڭدە بوينىغا ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان. شۇڭا، ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن يازغان شېئىرلىرىنى «نىمشېھىت» ( يېرىم جان ) دېگەن تەخەللۇس بىلەن ئېلان قىلغان. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېڭىچە مائارىپ ۋە ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. 1936- يىلى 2– ئايدا «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق مەشھۇر شىئېرىنى يېزىپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا زىلزىلە پەيدا قىلغان.
نىمشېھىت 1936- يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن 1945- يىلى 1– ئايغىچە «ئاقسۇ ئۇچۇرى» ( كىين «ئاقسۇ گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن ) تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى توپلاش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» ناملىق مەشھۇر داستاننى يېزىپ، دۇنياۋى ئۇلۇغ شائىر نەۋائىدىن كېيىن بۇ ئۆلمەس تېمىنى ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە بەدىئىي ئىستىدات نۇرى بىلەن يورۇتقان.
نىمشېھىت 1945- يىلى 10- ئايدا، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن قىسمى بىلەن بىللە غۇلجىغا چقىپ كەتكەن ھەم مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى تەشكىل قىلغان «تارىخ يېزىش» ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. 1948- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئىلىدا «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا، ئۇ «ئىتتىپاق» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ نەشىر ئەپكارى بولغان «ئىتتىپاق» ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. بۇ مەزگىلدە، ئۇ «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» داستانىنى تولۇقلاپ يېزىپ، «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ھەم ئۆز خىراجىتى بىلەن 3000 نۇسخا باستۇرۇپ تارقاتقان. ئۇ بۇ جەرياندا شېئىرىيەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي، يەنە سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ ھېچقانداق ئەمەل ۋە ئىمتىياز تەمەسىدە بولماي، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئاددىي پۇقرالىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن ھەم داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1956- يىلى جۇڭگو ھەج ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە 10 غا يېقىن دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان. شۇ قېتىمقى سەپەر جەريانىدا، ئۇ «سېغىندىم» ناملىق مەشھۇر شېئىرىنى يېزىپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.
نىمشېھىت 1960- يىلىدىن باشلاپ بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ مول ھەم يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ قەدەم تاشلىغان. «ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئارزۇ ۋەزىنىلىك شېئىر شەكلىنى مەزمۇن جەھەتتە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىرىنى كۈيلىگەن. ئۇنىڭ شىئېر–داستانىلىرى تىلىنىڭ راۋانلىقى، چۈشنىشلىكلىكى، تۇراق ۋە رېتىملىرىنىڭ تەڭكەشلىكى، قاپىيىلىرىنىڭ توق ۋە گۈزەللىكى جەھەتتە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈچۈن ياخشى نەمۇنە بولغان. شائىر ھەرخىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلنىپ، ئۆز پىكرىنى چوڭقۇر شېئىرىي ھېسسىيات ۋە جانلىق شېئىرى ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. ئۇقۇملاشتۇرۇش، قېلىپبازلىق، شۇئارۋازلىق، كالىندارچىلىقتەك خاھىشلاردىن تىرىشىپ ساقلانغان. نىمشېھىت شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن دېموكراتىك ئىدىيە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك روھ ئۇنىڭ ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر شائىر، يېڭى دەۋرنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلايدۇ. شائىرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بىر قولىغا قەلەم، بىر قولىغا ئەلەم ئېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى ئۇنىڭ كۈرەشچان، جەڭگىۋار ھاياتىنىڭ تىمسالى…».
ئەپسۇسكى، شائىر زور ئىجادىي قىزغىنلىق بىلەن «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» داستانىنى ئاخىرقى قېتىم تولۇقلاپ يېزىپ بولۇپ، «گۆر ئاغزىدىن يانغاندا» ناملىق شىئېرىي رومانى ۋە «يۈسۈپ – زىلەيخا» داستانى ئۈستىدە جىددىي ئىشلەۋاتقان پەيتتە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن ئىبارەت تەتۈر قۇيۇن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك ئىجادىي ئەمگەكلىرى ۋەيران قىلىۋىتىلدى ۋە ئۆزىمۇ مىسلىسىز ئېغىر خورلۇق ۋە ناھەقچىلىق تۈپەيلىدىن، 1971- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى.
شائىر ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ يەرلىكىدە ئارامخۇدا يېتىش ئەركىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇنىڭ مۇردىسى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىدى. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى تېزەكقاغۇدا يېتىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسىمۇ، ئارزۇسىغا يېتەلمىدى، ئۇنىڭ ئايالى بۇ ئەقەللىي ۋەسىيەتنى ئورۇنداشقىمۇ ئامالسىز ئىدى. ئۇ زار-زار يىغلىغان ھالدا ئەترەت كاتىۋاشلىرىغا تاۋۇت ۋە نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىككە قويۇشقا ئادەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئۇ چاغلاردا مەسچىتلەر چېقىپ تاشلانغاچقا، تاۋۇت ئەترەت ئىسكىلاتىدا ساقلىناتتى. يۈرىكى قازاننىڭ كۈيىسىدەك قارىداپ كەتكەن بىر نادان :
-تاۋۇتنى بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى تاۋۇت زەھەرلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتىنى قەبرىستانلىققا قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۆلۈكلەرنى زەھەرلەيدۇ، -دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بىردىنبىر مۈلكى بولغان كارىۋاتنىڭ پۇتى ئېلىپ تاشلىنىپ تاۋۇت قىلىندى، «زەھەرلەنسىمۇ مەيلى» دەپ قارالغان «تۆت خىل ئۇنسۇر» دىن ئۈچ – تۆتى تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ، مەھەللە ۋە قەبرىستانلىققا يىراق بولغان چۆل تاغ باغرىدىكى يۇلغۇن تۈۋىگە ئېلىپ باردى. مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە يەرلىك ئېلىنماستىن ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئۆرەك كولىنىپ مۇردا قويۇلدى. ئاندىن ئۈستى گەمە ياپقان شەكىلدە ئېتىپ كۆمىۋىتىلدى….
يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلغان ئىمىرنىساخان بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، قاراڭغۇ زەي، غېرىپ كەپىسىگە قايتىپ كەلدى. لېكىن، يورۇق كۈن ئۇنىڭغىمۇ نېسپ بولمىدى. 1975- يىلى 6– ئاينىڭ 29– كۈنى جەبىر–جاپا، دەرت–ئەلەم دەستىدىن بەللىرى مۈكچەيگەن بۇ ئانا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

مەنبە:ئىزدە تورى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2014-5-21 01:43:37 | ئايرىم كۆرۈش
بىلىم ئىشقىدا دىگەن بۇ غەزەلنى مەن تولىمۇ ياقتۇرىمەن.  بۇرۇن تولۇق يادلىغان بولساممۇ ھازىر ئۇنتۇپ كېتەي دەپ قالدىم.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-5-21 10:59:11 | ئايرىم كۆرۈش
رەسىمگە ھەجەپ چىرايلىق چۈشۈپتىكەن ھە

25

تېما

420

يازما

2549

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 47
يازما سانى:
420
تىللا:
2005
تۆھپە:
36
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
816 سائەت
ئاخىرقى:
2015-2-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر ئاتىسىسۆيۈملۈك ئەزاكۆيۈمچان تىخنىك

يەر
ۋاقتى: 2014-5-21 13:27:21 | ئايرىم كۆرۈش
خاككىر يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 10:59
رەسىمگە ھەجەپ چىرايلىق چۈشۈپتىكەن ھە

چۈشكەن رەسىم ئەمەس ، سىزغان رەسىم ئۇ  .

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
5#
ۋاقتى: 2014-5-21 13:54:04 | ئايرىم كۆرۈش
دىلشىر يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 13:27
چۈشكەن رەسىم ئەمەس ، سىزغان رەسىم ئۇ  .

سىزسىمۇ شۇ رەسىمگە چۈشكەندەك جىم تۇرغاندا ئاندىن سىزغىلى بۇلا

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

6#
ۋاقتى: 2014-5-21 14:06:08 | ئايرىم كۆرۈش



بىلىم ئىشقىدا

نىم شېھىت


جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتقان بولۇر ئۇ گاھىدا بار يوق.

قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ شۇئان تاشلايدۇ ھېچ ھار يوق.

كىرىپ كەينىڭگە نەپسىڭنىڭ بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر،ئۇ چاغ سەن كەبى خار يوق.

قۇلاق سالغىن مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادىغا،
يۇتۇپ زەرداپ،پىراقتىن داد دىمەكتىن باشقىچە زار يوق.

تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئوقۇپ ئىشقى ئەسەرلەرنى ھەردەم،
قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.

يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزدەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
خالايىق ئالدىدا يۈرسەم ،مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.

پاراغەت ئىزلىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما،
سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.

ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،
قەيەرگە بارسا باش قاتماس بىلىمدەك ئاڭا غەمخار يوق.

بىلىمسىز ساق تىنىڭ مەجرۇھ ھەمىشە نالە پەريادتا،
جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.

بىلىمگە ئاشنا بول ھەم ئوقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول،
ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىدەك ياخشى گۈلزار يوق.

جاھاننىڭ قايسى يوچۇق_پۇچقىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ،
بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا ھېچ بىر كىمگە ئەغبار يوق.

بىلىم روھى ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ئەگەر بىلسەڭ،
بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى ئۆلمەس ،بۇنىڭغا ئىنكار يوق.

چاپان ھۆرمەتلىرى چېھقاچان چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
كېتەر پۇل بىلەن يېقىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە ئەسرا يوق.

چاپان بىلەن ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچى سەن،
بىلىم ئەسىرى بۈگۈن ،سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.

بۇلاردىن بولغا كەلگەن ئامەت جىننىڭ چۈشى ئوخشاش،
خىيالى بۇ تىلەكتە سەن كەبى باخشىغا جىندار يوق.

ئۈمۈد قىلما پەلەك ھەرگىز سېنىڭ بەختىڭگە چۆرگىلىمەس،
بۈگۈن باي،ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق قەرزدار يوق.

بىلىمدىن پەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاھاننىڭ جاپاسىدۇر،
جېنىڭغا جەبرى قىلماققا بىلىمسىزدەك ھەمكار يوق.

بىلىمدىن ھەممە ئىش روياپقا چىققان بىر ئەسىردۇر بۇ،
بىلىش لازىمكى بۇ كۈندە بىلىمسىزلەرگە خۇشتار يوق.

بىلىمدىن باتنىڭ نۇرلانمىسا كۆڭلۈڭ گويا قاراڭغۇ تۈن،
قۇياش نۇرىغا مۇنشىركە پەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق.

زىمىننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق گۇمان قىلما،
ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش كەمىكتەك جادۇ-ھەييار يوق.

ئەجەبلەنمە بىلىم نۇرىدا نۇرلانسا كىشى كۆڭلى،
ئۇنىڭغا كۆكتە،سۇ،تاغ دېڭىزدا يۈرسە دىشۋار يوق.

بىلىملىك تاغنى باغ ئەيلەشتە ھېچقانداق جاپا كۆرمەس،
بىلىمسىز قان يۇتار نادان كىشىلەردەك جاپاكار يوق.

ئۆزۈڭنى نىم شېھىت ئۇشبۇ پىكىرگە تەلكىن قۇربان،
بىلىمدىن رىشتە ئۈزگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق.

باھا سۆز

ئەجەب ياخشى كىرىشتۈرۈپ قويۇپسىز  ۋاقتى: 2014-5-26 19:36
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

7#
ۋاقتى: 2014-5-21 14:17:46 | ئايرىم كۆرۈش
نىمشىھىتنىڭ  كۈلكىنىڭ مەھەللىسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەنمەن

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

8#
ۋاقتى: 2014-5-21 14:18:37 | ئايرىم كۆرۈش
مۇناجات يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 14:06
بىلىم ئىشقىدا

نىم شېھىت

ماۋۇ ناخشىنى ئەسئەتمۇ يامان چىرايلىق ئوقۇپتۇ ، ھوشۇر قارىمۇ ياخشى ئىيىتقان ئىدى. ئابدۇرىھىم ھىيىتقا ئەسلا گەپ كەتمەيدۇ .

14

تېما

551

يازما

2529

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 403
يازما سانى:
551
تىللا:
1858
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
117 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-31

كۆيۈمچان ئەزا

9#
ۋاقتى: 2014-5-21 20:06:19 | ئايرىم كۆرۈش
نىمشىھېتنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكلا ياقتۇرىمەن...

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2014-5-21 21:00:31 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ شائىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تىلى بەك ئۆتكۈر.....بەك قايىل مەن .
مۇشۇنداق  ئەدىبلىرىمىز بىلەنمۇ تۇنۇشۇپ قويايلۇق،
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:10 , Processed in 0.152867 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش