چىقسام ناگاھ ئىشىككە
چىقسام ناگاھ ئىشىككە،
كۆرۈندى بىر جانان قىز،
كۆزلىرى گۆھەر يەڭلىغ،
يۈزى ماھى تابان قىز.
تىكىلىپ قاراپ قالدىم،
بىر نەپەس ئارام ئالدىم،
جىلۋە بىرلەن كۆز ياشلاپ،
قىلىپ كەلدى جەۋلان قىز.
ھا… ھا… قىلىپ ئۈن چىقتى،
ئىككى ياقتىن كۈن چىقتى،
قاشلىرى قەلەم ئوخشاش،
سۇمبۇل چېچى رەيھان قىز.
يېتىپ كەلدى بىر پەستە،
«ياخشىمۇسىز؟!» دېدى تەستە،
سۆزلىيەلمەي قېتىپ قالدىم،
بولدى ماڭا ھەيران قىز.
لېۋىدە تەبەسسۇم بار،
كۆڭلىدە تەرەھھۇم بار،
ئەمما كۆزى قىيمايدۇ،
قىلدى مېنى ۋەيران قىز.
ئۆتۈۋراق كۈلۈپ قويدى،
كۆچ قىرىن سېلىپ قويدى،
مۇردا تەنگە جان بېرىپ،
قىلدى خەير-ئېھسان قىز.
كۆكرىكىدىن ئوت چىقتى،
ماڭا تەگدى دۇت چىقتى،
ئىشق ئوتۇڭدا ئۆرتىنىپ،
يۈرەك بولدى بەريان قىز.
«مۇھەببەت» دەپ تۇغۇلدۇم،
پىراقىڭدا بوغۇلدۇم،
كىبرى بىلەن پەرۋاسىز،
يۈردۈڭ خۇلقى شەيتان قىز.
نە بولغاي بېقىپ كۈلسەڭ،
ئىشقى شارابىن سۇنساڭ،
ئىلكىڭدىن ئېلىپ ئىچسەم،
يۈرىكىمگە دەرمان قىز.
ئەي لېۋى قىزىل ياقۇت،
قىلمىغىن مېنى نابۇت،
سەن ئۈچۈن تۇغۇلغانمەن،
ئىشق ئەھلىگە سۇلتان قىز.
يۈزلىرى قىزىلگۈلدەك،
مېنى قىلدى بۇلبۇلدەك،
قۇلىقىدا نە سىر بار؟!
ئاڭلىمايدۇ نالان قىز.
لەيلى سەنۇ - مەجنۇنمەن،
جامالىڭغا مەپتۇنمەن،
ھىجرىڭدا ئېلىپ جاننى،
قىلماسسەنمۇ پۇشايمان قىز.
تاھىر بىلەن زۆھرەدەك،
ۋامۇق بىلەن ئۇزرادەك،
جېنىمنى پىغان بىلەن،
قىلاي ئەمدى قۇربان قىز.
قېشىڭنى قىلىپ مېھراب،
باش قوياي ساڭا يىغلاپ،
«تەلۋە!» دەپ نەزەر سالماي،
كېتەرسەنمۇ خەندان قىز.
ھىجرىڭ بىلەن داغلاندىم،
زۇلپۇڭ بىلەن باغلاندىم،
ئەقلىمنى ئېلىپ قاچتىڭ،
كۆڭلۈم ئىچرە پىنھان قىز.
قامىتىڭ ئەجەپ زىبا،
كۆيمىگەن ساڭا كىم بار؟!
ھەممىسى لېكىن مەندەك،
بولمىغاندۇ سەرسان قىز.
سىڭمەيدۇ يېگەن ئېشىم،
ئۆيدە يوق سۆيۈكدېشىم،
كۈندۈز غەمدە تۈن بىدار،
شەھلا كۆزى چولپان قىز.
لېۋىڭنى دېسەم نەشپۈت،
كۆڭلىكىڭ ئىكەن مەشۇت،
ئەۋرىشىم بويۇڭغا مەن،
چىرمىشىپ تىلەي جان قىز.
ئۆمرۈم زارۇ-گىرياندىن،
كېچەي مەن ئەزىز جاندىن،
يادلايمەن گۈل ئۇزارىڭنى،
مەن كېتەي باياۋان قىز.
دۇنيانى قىلىپ روشەن،
چۆللەرنى قىلىپ گۈلشەن،
سەن كەبى بۇ ئالەمگە،
كەلمەس ھۆرۇ غىلمان قىز.
چۈشۈڭمۇ بۇزۇلغاندۇر،
يۈرىكىڭمۇ تۇيغاندۇر،
مەقسىتىڭ نېمە زادى؟!
باقمايسەن خىرامان قىز.
ساقىلىمنى «چال!» دېسەڭ،
«تۇر، جايىڭدا قال!» دېسەڭ،
بويايمەن گىرىم بىلەن،
بولىدۇ سىيادان قىز.
سەسكەنسەڭ ساقالىمدىن،
يىرگەنسەڭ خىيالىمدىن،
غىردايمەن مېنوت ئۆتمەي،
چارىسى بەك ئاسان، قىز.
يىگىتلىك تالاشمايمەن،
ياشلاردىن قېلىشمايمەن،
يېشىمدىن سۇئال سورىماي،
باق ھالىمغا، نادان قىز.
جان-تەندىن ساڭا كۆيدۈم،
چىن دىلدىن سېنى سۆيدۈم،
ئەمدى كۆڭۈل بەرمەيمەن،
كەلسە باشقا چەندان قىز.
ئوقۇپ كۆرسەڭ خېتىمنى،
نىمشېھىت دەر ئېتىمنى،
يىغلاتما مەن يىتىمنى!
مەنمۇ بۇندا مېھمان، قىز.
1955-يىل ئاپرىل. ئۈرۈمچى
مۇھەببەت ئىپادىسى
دىلبەرنى بىر كۆرەي دەپ،
مەن ناتىۋانۇ-خەستە،
بىلمەي ئېتىن سوراقلاپ،
يۈردۈم بازارۇ-رەستە.
گۈلشەن ئىچىدە ناگاھ،
بۇلبۇلنى قىلىپ ئاگاھ،
گۈل ئاشىقى ئەگەر سەن،
سەۋتىڭنى قىل ئاھىستە.
مەھكۇمى ئەمرى بولدۇم،
گوياكى قەبرى بولدۇم،
جان تەنگە سىغمىدى ھېچ،
بۇلبۇل كەبى قەپەستە.
مەن نەۋباھار چېغىمدا،
غۇنچە ئېدىم بېغىمدا،
ھەيرانۇ-زار پەرىلەر،
ماراپ مېنى ھەۋەستە.
مەن خۇددى گاس كىشىدەك،
نالە ئۇلار ئىشىدەك،
مەغرۇر لاچىنغا ئوخشاش،
بولماس ئېدىم شىكەستە.
باققاندا ئۆتمۈشۈمگە،
گاھى كىرەر چۈشۈمگە،
رەھىمسىزلىك سازاسى،
مىڭ توۋا ھەر نەپەستە.
كىبرىلە غەمزە قىلسام،
قاش بىلەن رەمزە قىلسام،
نازۇ-كەرەشمىلىكلەر،
گۈللەر سۇناردى دەستە.
زۇلپى قاراڭغۇ تۈندەك،
مەڭزى گوياكى كۈندەك،
ئول چاچ قاراسى قۇندۇز،
ياقۇت لېۋى جىنەستە.
قىيغاچ قېشى يېڭى ئاي،
مەن كىم بېرىپ يېلىنماي،
مەجنۇن كەبى يۈگۈرسەم،
چۆل دەشتتە، دۆڭ ۋە پەستە.
يىغلايمەن ھېچ يېتەلمەي،
ياكى يېراق كېتەلمەي،
ئەمدى تۆگە باقايمەن،
مەشرەپ بولۇپ تېكەستە.
مۇمكىنمىدۇ ۋېسالىڭ؟!
يە باشقىمۇ خىيالىڭ؟!
رەت قىلما نىمشېھىتنى،
تاپتى بۇ يولنى تەستە.
1955-يىل دېكابىر. باي
|