| 
 ئوقۇغىلى كەتكەن ئىنىمغا خەت 
 
 نىمشېھىت 
 
چىمەنلىكتە بۇلبۇل ئەركىن سايرىشىپ كەتسۇن ، 
ئانا ۋەتەن قۇچىقىدا يايرىشىپ كەتسۇن ، 
چوغلۇق دىلغا باھار بۇلۇتى ئەتىرلەر سەپسۇن، 
ئىرپان سۈيى ئەلەمزادىلەر قەلبىگە يەتسۇن، 
ئوقۇش ئۈچۈن كەتكەن ئىنىم مۇرادىغا يەتسۇن . 
 
ئىلمۇ - ئىرپان دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرماقتا، 
تەشنا لەۋلەر بەھرىلىنىپ سىراپ بولماقتا، 
شۇم قۇش ئۇۋىسى بىر تەرەپتىن چۇۋۇلماقتا، 
ئوقۇش - ئۆگىنىش خەلقىمىزگە زۆرۈر بولماقتا، 
قانلار يۇتۇپ شەيتان لەئىن دوزاخقا كەتسۇن . 
 
ئۆلكەم ئىدى ئون يىل بۇرۇن مەيدە ئاغرىقچان، 
خەلقىمىزمۇ ھەيكەل بولۇپ قالمىغانتى قان ، 
شۇم بويىلار تېگىدە بېسىلىپ قالغانتى رەيھان، 
بولمىغان نان ياكى تەندىن چىقمىغان بۇ جان، 
تازىلانغان بۇ ئىللەتلەر قايتىپ كەلمىسۇن. 
 
ئۇ كۈنلەردە قۇرۇق سۆڭەك گەۋدىلىك دېھقان، 
چۈنكى خەلقنىڭ كۆپى كېسەل ، قالغىنى نىمجان، 
ئەڭ يۇقۇرى دورا بولۇپ «كىرگۈزەتتى جان ... 
يالپۇز بىلەن يۇمغاقسۈت ،ئارپا بېدىيان ......» 
كۆز كۆرمىسۇن ، ئىبرەت ئۈچۈن قۇلاق ئىشىتسۇن. 
 
ئۇزاق ئۆتمۈش مۇدھىش ئىدى ، شۇنداق بەك يامان ، 
ھالسىز بەدەن ، قانسىز چىراي سارغايغان سامان، 
كۆزىمىزگە تار كۆرۈنگەن كەڭرى بۇ جاھان، 
ئېسىت !...بىزنى ئەزگەن ئىكەن شۇم دەھشەت زامان، 
كۈلى ئۆچسۇن كۆككە مەڭگۈ، ئەمدى كەلمىسۇن . 
 
زۇلۇم شۇنداق چەككە يەتكەن ، مەن ئىدىم بىتاپ، 
تۇيۇقسىزدىن ئەلدىن كەلدى : 
                     -ئويغان!-دەپ خىتاپ، 
ئەل ئويغاندى ،جانلار ئازاد بولدى مىھىساب، 
دېدى خەلقىم چىن كۆڭلىدىن : 
                      - ھۈرلۈك ياشىسۇن!- 
 
جاھالەتنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ تاشلىدى ، 
ئوقۇش ئۈچۈن ھەممىمىزگە كەڭ يول باشلىدى، 
خەلقىمىز شاد،دۈشمەنلەرنىڭ كۆزىن ياشلىدى، 
نادانلىقنىڭ تورلىرىنى يىرتىپ تاشلىدى ، 
بۇ يول بىلەن بارلىق خەلقىم مەقسەتكە يەتسۇن . 
 
ئوقۇ ئىنىم ، مىنۇت چېغىڭ بوشقا كەتمىسۇن! 
جەمئىيەتنىڭ كۈتكەنلىرى بىكار كەتمىسۇن ! 
ھورۇنلۇقتىن سڭا كېيىن ئەلەم يەتمىسۇن ! 
خىجىللىقتا يەرگە پېتىپ ، بېشىڭ قاتمىسۇن ، 
تىرىشچان بول !خەلق ساڭا رەھمەتلەر ئېيتسۇن . 
 
جەمئىيىتىم ئايرىدى ساڭا بىر بۆلۈم خىزمەت ، 
مۇمكىن ئەمەس ئورۇندىماي ،ئاڭا قىل دىققەت ! 
قايتماس روھ بول !كۈرەش ئۈچۈن توپلىغىن غەيرەت ،  
مەيۈسلەنمە ، تاغ - داۋاندىن ئاتلا ! قىل جۈرئەت، 
ئالى غايەڭ خانتەڭرىدىن ئۈستۈنرەك بولسۇن . 
 
مەخسۇس ئەمەس بۇ ئېيتقىنىم ئىنىمغا تامام، 
قۇلاق سالسۇن ئوقۇش ئۈچۈن بارغان خاسئام، 
تەسىرلەنسۇن بارچە مىللەت پەرزەنتى ئۇكام ، 
ياش يۈرەكلىك قېرى ئاكاڭ يوللايدۇ سالام ... 
ئەل خىزمىتى كۆڭلۈڭلەردە يىلتىزلار تارتسۇن . 
 
 
 
1944-يىل ماي ،ئاقسۇ  |